بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-10 20:48
ئۇ پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق «ئادەم سودىگىرى»، ئۇ قول ئاستىدا مورىنئو، C رونالدو قاتارلىقلارنى كونتىرول قىلىدۇ؛ ئۇ سول قولىدا جامىس رودىرىگىزنى سېتىۋېلىپ، ئوڭ قولىدا دىمارىيانى سېتىپ چىقىرىپ كەسپىي ھاياتىدىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان 100 مىليۇن فونىستېرلىڭلىق يۆتكىلىش سودىسىنى تاماملىدى؛ ئۇ ھەتتا ئابلاموۋىچ، فىلورىنتىنولارنىمۇ ئالقىنىدا ئوينىتالايدۇ؛ ئۇ دەل مېندېس، بۇ ئۆتمۈشتىكى بىر ئاددىي سىنئالغۇخانا خوجاينى قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ كامالەتكە يەتكەن ئىمپىريىسىنى قۇرۇپ چىقالىدى؟
پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق «ئادەم سودىگىرى»
پۇتبول ۋاستىچىسى دېگەن بۇ ئۇقۇم كۆپچىلىككە ناتونۇش بولمىسا كېرەك، پۇتبول تەرەققىي تاپقان پاۋروپا زېمىنىدا پۇتبول ۋاستىچىلىقىمۇ مۇھىم بىر كەسىپ قاتارىدا پۇتبول دۇنياسى ئىچىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. بىر ياراملىق ۋاستىچى مەلۇم بىر ئىقتىدارلىق پۇتبولچىنى پۈتۈن دۇنياغا تونىتىۋېتەلەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىمۇ ئارىدىن مۇئەييەن پايدىغا ئېرىشىدۇ. ۋاستىچىلارنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى بولسا ئۆزى ۋاستىچىلىق قىلۋاتقان شۇ توپچىنىڭ كۇلۇپلار ئارا يۆتكىلىش سودىسىنى پۈتتۈرۈشتىن ئىبارەت. ۋاستىچىلار خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان پۇتبول ۋاستىچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن ئۆزى توختاملاشقان تەنھەرىكەتچى ئۈچۈن كۇلۇپ يۆتكىلىش سودىسى ۋە باشقا ئىش-پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ۋاكالىتەن ئىش بېجىرەلەيدۇ. ھەر قانداق پۇتبولچى ياكى ھەرقانداق كۇلۇپ ۋاستىچىلىق سالاھىيتىگە ئىگە بولمىغان ئادەمنى ۋاستىچى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

يورگې مېندېس ھازىر ئاللىقاچان پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەمەلىي كۈچى ئەڭ يۇقىرى ۋاستىچىغا ئايلىنىپ بولدى، 2004-يىلىدىن باشلاپ ئۇ ياۋروپانىڭ يۆتكىلىش بازىرىنى كونتىرول قىلىپ كەلمەكتە، ئۇنىڭ قول ئاستىدا داڭلىق چولپانلاردىن C رونالدو، نانى، ئاندېرسىن، دېكو، پې پې، مۇرىنئو قاتارلىقلار بار. پەقەت 2007-يىلدىكى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ئۇ پۈتتۈرگەن يۆتكىلىش سودىسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئۆزىلا 150 مىليۇن ياۋرودىن ئاشقان، ئۆزى ئېرىشكەن شېرىنكانە پۇلىلا 15 مىليۇن ياۋروغا يەتكەن. قېنى ئەمسە، پۇتبول سەھنىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى بۇ شەخىس توغۇرلۇق ھېكايىمىزگە قىززىقسىڭىز نەزىرىڭىز داۋاملىق تۆۋەندە بولسۇن.

ئۆتۈپ كەتكەن 8 يىلنى ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيەگە مەنسۇپ چوڭ دەۋىر، شۇنداقلا پورتۇگالىيەنىڭ كىچىك دەۋرى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ياۋروپادا ئۈچ نەپەر پورتۇگالىيلىك «ئۈچ گەۋدە بىرلەشكەن» قورقۇنۇشلۇق ئەندىزىنى ھاسىل قىلغان، C رونالدونىڭ ئۇتۇقلىرى مېسسى بىلەن بىرلىكتە پۇتبول دۇنياسىدىكى تەڭداشسىز «جۈپ خەنجەر» ھاسىل قىلغان بولسا، مورىنئونىڭ ئۇتۇقلىرى ئىلاھىيلاشقان مەشقاۋۇل دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە، مېندېس بولسا ھەر قايسى زەردارلار ئارىسىدا قاتىراپ يۈرۈپ، كۈلكە-چاقچاق ئىچىدە يۆتكىلىش بازىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ كەلمەكتە.
2014-يىلى يازدا دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن يۆتكىلىش بولسا شەك-شۈبىھسىز دۇنيا لوڭقىسىدا بىر كېچىدىلا چاقناپ كەتكەن جامىس رودىرىگىزنىڭ 80 مىليۇن ياۋرو باھادا خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا يۆتكىلىشى بولۇپ قالدى، بىلىشىمىز كېرەككى، فىرانسىيە بىرلەشمىسىگە كەلگىنىگە تېخى ئارانلا بىر يىل بولغان، ئۇنىڭ ئالدىدا توپ تەپكەن پورتو كوماندىسى گەرچە يامان ئەمەس شانلىق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئاساسلىق بىرلەشمىگە تەۋە بولمىغان بىر نامسىز ياش پۇتبولچى مۇشۇنداق ئاسمان-پەلەك باھاغا ئەرزىمدۇ؟ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر گەرچە ئۇنى ئىنكار قىلسىمۇ، ئەمما يۆتكىلىش سودىسىدىكى 80 مىليۇننىڭ ئۆزى بىر ئەمىليەت. ھالبۇكى، بۇ سودىنى پۈتتۈرگەن كىشى بولسا پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق «ئادەم سودىگىرى»-مېندېس.

ئەمىليەتتە مېندېس بىر يىل ئىلگىرى جامىس رودىرىگىزنى 45 مىليۇن ياۋرو باھادا پورتۇ كۇلۇبىدىن فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار كۇلۇپ موناكوغا يۆتكەپ كەلگەن، بىر يىل ئۆتۈپلا جامىس رودىرىگىزنى 80 مىليۇن ياۋرو باھادا سېتىپ چىقاردى، ۋاستىچىلارنىڭ يۆتكىلىش سوممىسىنىڭ %10 تى بويىچە ئايرىۋالدىغان ئىش ھەققىنى ھېساپلاپ باقساق، جامىس رودىرىگىزنىڭ ئۆزىدىنلا بىر يىل ئىچىدە 8 مىليۇن ياۋرو كىرىم قىلغان.
جامىس رودىرىگىز قوشۇلغاندىن كېيىن، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ ئالدىنقى پەسىلدە قوش تاج كىيىشىگە ئەڭ كۈچ چىقارغان تۆھپىكار دىمارىيا كېتىشكە مەجىبۇرلىنىپ، 75 مىليۇن ياۋرو باھا بىلەن ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسىنى يارىتىپ مانچېستىر بىرلەشمىسىگە قوشۇلدى، ھالبۇكى دىمارىيانىڭ ۋاستىچىسى ئوخشاشلا مېندېس ئىدى. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مېندېس سول قولىدا جامىس رودىرىگىزنى خان جەمەتى مادىرىتقا سېتىۋېلىپ كىرگۈزگەن بولسا، ئوڭ قولىدا دىمارىيانى خان جەمەتى مادىرىتقا سېتىپ چىقىرىپ بەردى، بىرنى چىقىرىپ بىرنى كىرگۈزۈشتىن ھاسىل بولغان يۆتكىلىش سوممىسىنىڭ قىممىتى 150 مىليۇندىن ئېشىپ كەتتى، ھەم مېندېسنىڭ ئېرىشكەن شەخسىي پايدىسىمۇ 15 مىليۇن ياۋرودىن ئېشىپ كەتتى.
تېخى بۇنىڭ بىلەنلا تۈگكىنى يوق، جامىس رودىرىگىز ۋە دىمارىيادىن باشقا بۇ يىل يازدا يۆتكىلىش سوممىسى جەھەتتىن ئالدىنقى ئون نەپەر توپچىنىڭ ئىچىدىكى دىيېگو كوستا بىلەن مەنزۇجىچلارمۇ ئۇنىڭ كونتىروللىقىدىكى خېرىدارلار بولۇپ، پەقەت 2 ئاي ئىچىدە مېندېسنىڭ پۈتتۈرگەن يۆتكىلىش سودىسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىلا 200 مىليۇن فونىستېرلىڭغا يەتكەن. بۇنىڭغا تېخى فالكاۋنىڭ كەلگۈسىدە 51 مىليۇن 300 مىڭ فونىستېرلىڭ باھاغا سېتىۋېلىش پۈتۈشكەن يۆتكىلىش سودىسىنى قوشۇپ ھېساپلىمدۇق.
2013-يىلى دەل مېندېسنىڭ سودىلىشىشى بىلەن فالكاۋ 60 مىليۇن ياۋرو باھا بىلەن موناكو كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ، فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ قىممەت يۆتكىلىش رېكورتىنى ياراتقانىدى، ئەگەر مالىيە ئادىللىقى سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسى بولمىغان بولسا، مانچېستىر بىرلەشمىسى بۇ يىل يازدا 60 مىليۇن فونىستېرلىڭغا يېقىنلاشقان باھا بويىچە فالكاۋنى سېتىۋالغان بولاتتى، ئۇ چاغدا مېندېس يەنە بىر قېتىم «جامىس رودىرىگىز سودىسى» غا ئوخشاش پۇل تېپىش رىۋايىتىنى يارىتاتتى.
تاكى بۈگۈنگىچە مېندېسنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك پۈتتۈرگەن يۆتكىلىش سودىسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 1068370548 فونىستېرلىڭ. ۋاستىچىنىڭ ئارىۋالىدىغان 10 % ئىش ھەققى بويىچە ئاساسلانغاندا، مېندېس ۋاستىچىلىق كەسپىي ھاياتىدا ئېرىشكەن كىرىم 100 مىليۇن فونىستېرلىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
بۇ يىل يازدا مېندېس 20 مىليۇن فونىستېرلىڭدىن كۆپرەك ساپ كىرىمگە ئېرىشتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كىرىمى يالغۇز يۆتكىلىش سودىسىدىن پىرسەنىت بويىچە ئايرىۋالدىغان «شېرىنكانە» لا بولماستىن، ئۇنىڭ GestiFute شىركىتى يەنە تېخى 50 تىن ئارتۇق پۇتبولچى ۋە تېرنىرلارنىڭ بارلىق ھوقۇقىغا ئىگە. مېندېس بەش بالىنىڭ دادىسى، ئۇنىڭ تۆت يانفونى بار، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى ئەنگىلىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەر قانداق كۇلۇپتا ناھايتى كەڭرى. توپچىلارنى يۆتكەشتىن باشقا ئۇ يەنە باشقا ۋاستىچىلارغا مەسلىھەتچىلىك قىلىش ئارقىلىقمۇ ئوتتۇردىن كۆپ پايدىغا ئېرىشىدۇ.
مېندېسقا قارىتا كىشىلەر ئوخشاشمىغان كۆز قاراشقا ئىگە. بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيىتساق، ئۇ يۆتكىلىش بازىرىنىڭ ھارارىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. پەقەت توپچىلار تىرىشسىلا ۋە تالانتى بولسىلا، مېندېسنىڭ كۈچى ئارقىلىق مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە نۇرغۇن توپچىلارنى بىۋاستە كونتىرول قىلىدۇ، ھەم نۇرغۇنلىغان كۇلۇپلارنى ۋاستىلىك كونتىرول قىلىدۇ.
بۇ قانداقتۇر مېندېسقا چاپان ياپقانلىق ئەمەس، مېندېسنى چۈشىنىدىغانلار ئۇنىڭ بار كۈچى بىلەن توپچىلارنى ياردەم بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. «ئۇ ھەر دائىم توپچىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ناھايتى يىراقنى ئويلايدۇ، ھەرگىزمۇ كىم ئارتۇق سودىسىغا ئوخشاش بىر بولقا بىلەنلا سودا ئېلىپ بارمايدۇ»، ئۇنىڭ بىر كەسىپدىشى مېندېسقا مۇشۇنداق باھا بەرگەن. C رونالدومۇ مېندېسنىڭ ناھايتى ھەققانىيەتچى، سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
ئەينى چاغدا ھاكاۋۇر دەپ قارىلىدىغان C رونالدو بىلەن مۇرىنئو ئۇچىراشقاندىن كېيىن، بۇ ئىككى «ياخشى ئۇستاز، ئوبدان دوسىت» ئاخىرغا كەلگەندە مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ، ئۆز-ئارا «ھۇجۇم» قىلىشىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالدى، ئەمما ئۇلار ئىزچىل مېندېسنى ئەڭ ئىشەنچىلىك تايانچ قىلىشتا قىلچە تەۋرىنىپ قالمىدى. زادى قانداق سېھرى كۈچ مېندېسنى ئۇلارغا مەھلىيا قىلۋالدى؟ زادى قانداق سەرگۈزەشتە مېندېسنىڭ ۋاستىچىلىك ئىمپىريىسىنى بارلىققا كەلتۈردى؟
مېندېس لىسسابوندا چوڭ بولغان، ئۇنىڭ دادىسى بولسا بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى، ئاپىسى بولسا ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى بولۇپ، مېندېس 20 ياشتىن بۇرۇن مەلۇم بىر يېرىم كەسىپلەشكەن كوماندىدا سول ھۇجۇمچى بولۇپ توپ تەپكەن. كېيىن ئۇ سىنالغۇخانا ئاچقان، قاۋاقخانا ھەم كېچىلىك بەزمىخانىمۇ ئاچقان. 1996-يىلى مېندېس GestiFute شىركىتىنى قۇرغاندىن كېيىن، بىر نەچچە يىل سەرىپ قىلىپلا پورتۇگالىيە پۇتبول سەھنىسىنى مونوپول قىلۋالغان، ھازىر ئاللىبۇرۇن ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىنى بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى. كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ماھىرلىق، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان زېھىن-كۈچ، بولۇپمۇ ئالاھىدە بولغان سۆزمەنلىك ئىقتىدارى ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشتىكى مەخپىيتى ھېساپلىنىدۇ.
1996-يىلى مېندېس پورتۇ كۇلۇبىنىڭ زاپاس ۋاراتاسى نۇنونى لاكرونىيە كوماندىسىغا يۆتكەش بىلەن ۋاستىچىلىق كەسپى ھاياتىنى باشلىغان. كەينىدىنلا مېندېسىنىڭ ۋاستىچىلىقىدا ئىككى نەپەر پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندا ئەزاسى ئاندىراد بىلەن پوۋلىتتانىڭ كوماندىغا قوشۇلىشى ئەينى چاغدىكى لاكرونىيە كۇلۇپ رەئىسى لۈندويىرو بىلەن مېندېسنىڭ ھازىرغىچە ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كېلىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالغان. 2012-2013 مۇسابىقە پەسلىدە لاكرونىيە كۇلۇبى دەرىجە ساقلاپ قېلىش مۈشكۈلاتىدا قالغان، مېندېسنىڭ قولىدا ئۇ ۋاستىچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان 7 نەپەر پۇتبولچى بار ئەھۋال ئاستىدا لاكرونىيە كۇلۇبىغا 3 نەپەر توپچىنى ھەقسىز ئىجارىگە ئەكىلىپ بەرگەن، شۇنداقلا كۇلۇپ رەئىسى لۈندويىرونى باش مەشقاۋۇل ئوۋىرتىلانى ئىشتىن بوشۇتۇش ۋە ئۆزى ۋاستىچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان پاسىئېنىسئانى كۇلۇپقا مەشقاۋۇللىققا تەكلىپ قىلىشقا مەجىبۇر قىلغان. مېندېس شۇ چاغدا لاكرونىيە كۇلۇبىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك كونتىروللىقىغا ئېلۋالغانىدى.
ھالبۇكى 18 يىلدىن كېيىن ئىلگىرى مېندېسنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، ھازىرقى ۋالۇنسىيا كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇللىقىنى ئۈستىگە ئالغان نۇنو مېندېسنىڭ قولىدىكى 3 نەپەر ياش توپچىنى ئىجارىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا مەنپەئەت يەتكۈزدى. مېندېسنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش «يىراقنى كۆرەرلىك» ىنى كۆپ ئۇچىراتقىلى بولىدۇ.
2002-يىلى پورتۇ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى داكوستا مەقسەتلىك ھالدا مېندېسقا يار-يۆلەك بولۇپ، فىگونىڭ ۋاستىچىسى ۋېگانىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ۋېگا بولسا ئىلگىرى ليۇكسېمبورگ بانكىسىنىڭ ۋاستىچىسى بولۇپ، ئۆزىچە مەرتىۋىسىنى يۇقىرى دەپ ھېساپلايتى. بىر ئادەتتىكى سىنالغۇخانا خوجايىنىنىڭ ئۆزىدەك داڭلىق ۋاستىچىنىڭ ئېشىغا توپا سالغىنىغا چىداپ تۇرغىلى بولسۇنمۇ؟ 2002-يىلى بىر قېتىم ۋېگا بىلەن مېندېس لىسسابون ئايرىدىرومىدا بىر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قالىدۇ، ئىككىسى توشۇش ئاپتوموبىلىدا تىللىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا مۇشىت كۆتۈرۈشۈپ ئۇرۇشۇپ كېتىدۇ.
مېندېس ئەزەلدىن ۋېگانىڭ قول ئاستىدىن توپچى قېزۋالغان ئەمەس، ئەمما ئۇ ۋېئانا، كۇئارېسىما ۋە C رونالدونى تۇنجى بولۇپ قېزىپ چىققان. ئەڭ مۇھىم تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۇ خېسەي بايدىك ئىسىملىك بىر ۋاستىچىنىڭ قولىدىن بىر خېرىدارنى قېزىپ چىققان. بۇ خېرىدارنىڭ ئىسمى مورىنئو بولۇپ، مېندېسنىڭ كەسپىي ھاياتى شۇنىڭ بىلەن بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
مورىنئو پورتۇ كوماندىسىنى يېتەكلەپ ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىغا ئېرىشتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىل لىۋېرپولنى يېتەكلەشنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ كېلۋاتقانىدى. ئەمما دەل مېندېس مورىنئونى قايىل قىلىپ، لوندوندا تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئۇنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن. شۇنداق قىلىپ 2004-يىلى مېندېس C رونالدونى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا لىسسابوندىن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە يولغا سالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى نادىر ئەسىرىنى پۈتتۈرۈشكە باشلايدۇ.
2004-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، پورتۇنىڭ شىمالىغا 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى Viana do Castelo بازىرىدىكى Camelo رېستۇرانىدا 4 كىشى بىرگە ئولتۇرۇپ ئاددىي يوسۇندا غىزالىنىۋاتاتتى، بۇ 4 كىشى بولسا چېلسى كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى ئابلاموۋىچ، CEO كېننېن، پورتۇنىڭ مەشقاۋۇلى مورىنئو ۋە مېندېس ئىدى. بۇ قېتىملىق ئاددىي زىياپەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بولسا دەل مېندېس ئىدى. ئىككى كۈن ئىلگىرى مورىنئو پورتۇ كوماندىسىنى باشلاپ ياۋروپا مەيدانىدا لاكرونىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ئابلاموۋىچنىڭ مورىنئوغا شۇ چاغدا كۆزى چۈشىدۇ، كەينىدىنلا مېندېسنىڭ ۋاستىچىلىقى ئارقىسىدا ئابلاموۋىچ 6 مىليۇن ياۋرو خەجلەپ مورىنئونى چېلسىغا ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق مەشقاۋۇل يۆتكەش سودىسى بولۇپ قالىدۇ.
مېندېس سۆزگە ناھايتى ماھىر، كۆزى بەكمۇ ئۆتكۈر، سۆھبەتلىشىش قابىلىيىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 2004-يىلى دېكو پورتۇ كۇلۇبىغا كۈچ چىقىرىپ، كۇلۇپنى ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چوققىسىغا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، بارسىلونا كۇلۇبى دېكوغا كۆز تاشلايدۇ، ئەمما دېكونى رازى قىلىش-قىلالماسلىقتا ئىككىلىنىپ قالىدۇ. نەتىنجىدە مېندېس ئاۋۋال تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈپ: «سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىن 2 مىليۇن ياۋرو يىللىق مۇئاش بېرىسىلەر، ئەگەر روژىسىتۋا بايرىمىغىچە سىلەر ئۇنىڭدىن رازى بولمىساڭلار، مەن ئۇنى 22 مىليۇن ئەسلى باھا بويىچە باشقا كۇلۇپلارغا سېتىپ چىقىرىمەن. ئەگەر ئۇ سىلەرنى قايىل قىلسا يىللىق مۇئاشىنى 5 مىليۇن ياۋروغا ئۆستۈرۈپ بېرىسىلەر.» دېگەن. دېكو بارسىلوناغا مۇۋاپپىقىيەتلىك يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، 2005-يىلى 1-ئايغا بارمايلا بارسىلونا تەرەپ دېكوغا ئۇزاق مۇددەتلىك توختامنى سۇنغان.
2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا، مېندېس پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى مۇھىم توپچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاستىچىلىقىنى قولغا ئېلۋالغان بولۇپ، 23 كىشىلىك تىزىملىكتىكى 16 نەپەر توپچى مېندېسنىڭ كونتىروللىقىدا ئىدى، پورتۇگالىيە مەشقاۋۇلى سىككىلارىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
2007-يىلى مورىنئو 27 مىليۇن توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ چېلسىدىن ئايرىلدى، ئەمما مېندېس بىلەن ئابلاموۋىچ يەنىلا ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى، ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ مېندېس مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ خېرىدارى سىككىلارىنى چېلسىغا ئەكىلىپ بەردى. 2013-يىلىغا كەلگەندە بولسا مېندېس نام-شۆھرىتى ھەسسىلەپ ئاشقان مورىنئونى يەنە چېلسىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى. مانا بۇ مېندېسنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى.
ئەمىليەتتە مېندېس مورىنئونىڭ ئېنتىر مىلاندىن ئايرىلىپ، مادىرىدقا قوشۇلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئىلگىرى مورىنئو ئېنتىر مىلاننى يېتەكلەۋاتقان مەزگىلدە مېندېس قولىدىكى كوزۇر توپچىلاردىن دېكو، كارۋالو قاتارلىقلارنى ئېنتىر مىلانغا كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغان، ئەمما ئېنتىر مىلان سىنېيدىر، لۇسىيئو قاتارلىق توپچىلارنى سېتىۋېلىشنى تاللىغان. مېندېس دېكو، كارۋالو قاتارلىقلارنى كۇلۇپ ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۇل تېپىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، خۇپىيانە ھالدا مورىنئوغا ئېنتىر مىلاندىن ئايرىلىش نىيتىنى سىڭدۈرگەن، ئاخىردا يەنىلا ئەمىليەت ئىسپاتلىدىكى، مېندېس دەل شۇنداق قابىلىيىتى بار ئادەم.
مېندېس ھۆكۈمىرانلىقىدىكى ۋاستىچىلىق ئىمپىريىسىنىڭ تارىخىي خارەكتىرلىك ئەڭ زور نەتىنجىسى شەك شۈبىھسىز رونالدونىڭ 96 مىليۇن ياۋرولۇق تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش باھاسىدا مادىرىد كوماندىسىغا قوشۇلغانلىقى بولۇپ قالدى، بۇ يۆتكىلىشتىن مېندېسنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، قاتتىق قوللۇقتا مەشھۇر فورگىسون ئىلگىرى ھەتتا بىر تال ۋىرۇسنىمۇ مادىرىدقا سېتىپ بەرمەيدىغانلىقى توغۇرلۇق ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن، ئەمما مېندېس ئوتتۇرغا چۈشكەندىن كېيىن، فورگىسون قارارىنى ئۆزگەرتىپ، رونالدوغا كۆزى قىيمىسىمۇ، ئامالسىز سېتىۋېتىشكە مەجىبۇر بولدى. قولىدا مورىنئو ۋە رونالدونى كونتىرول قىلۋالغان مېندېس بولسا ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
مېندېسنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى كۈچ ۋە ھوقۇق جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك ۋاستىچى بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇ ئەزەلدىن ئادەمنى ئاساس قىلىپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئەزەلدىن چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدىيسى بولسا يۇقىرى تالانتلىق توپچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى توپچىغا ئايلىنىپ چىقىشىغا ياردەم قىلىش، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش.
C رونالدونىڭ پۈتكۈل دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى سودا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى توپچىغا ئايلىنىشىدا مېندېس ناھايتى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغان. ئۇنى C رونالدونىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش يولىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخىس دەپ قاراشقا بولىدۇ.
مېندېس ئاكتىپلىق بىلەن C رونالدونىڭ خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىدىكى شەخسىي مەنپەتنى قولغا كەلتۈرۈپ بەرگەن. ئۇ ئىلگىرى C رونالدونىڭ مادىرىدتا «خۇشال بولالماسلىق» ئىشىغا قارىتا فىلورىنتىنوغا بېسىم قىلغانىدى، فىلورىنتىنو ئاخىرى يۇمشاپ C رونالدونىڭ مۇئاشىنى ئۆستۈرۈپ دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى مۇئاشلىق توپچىغا ئايلاندۇغان.
مېندېس يەنە تېخى C رونالدو ئۈچۈن نۇرغۇن سودا پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم قىلىدۇ، C رونالدونىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى يىللىق مۇئاشى+يىللىق مۇكاپاتى 52 مىليۇن دوللارغا يېتىدۇ، سودا پائالىيەتلىرىدىن ئېرىشكەن كىرىمى 28 مىليۇن دوللار، جەمئىي بولۇپ C رونالدو ئالدىنقى يىلىدىكى ئومۇمىي كىرىمى 80 مىليۇن دوللار، بۇ سان بىلەن ئۇ كىرىم جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا، مېسسى يىللىق كىرىم 64 مىليۇن 700 مىڭ دوللار بىلەن 2-ئورۇندا.
C رونالدونىڭ ئېنگىلانىدتا «قۇرۇق سۆلەت بەگزادە»، «سۇغا سەكرەش شاھزادىسى» دېگەندەك سەلبىي ئوبرازلىرىمۇ كۆپ ئىدى، ئەمما مادىرىتقا كەلگەندىن كېيىن ئۇ سالاپەتكە تولۇپ، پات-پات خەيىر-ساخاۋەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، زور ئالقىشلارنى قولغا كەلتۈردى. بۇلار دەل مېندېسنىڭ رونالدوغا ياردەم قىلىپ «ئالتۇن توپ» نى قايتا قولغا كەلتۈرۈش پىلانىدىكى مۇھىم باسقۇچ ئىدى.
C رونالدو ۋە مۇرىنئونى ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرىۋاتقان مېندېس بېرنابۇنىڭ «كۆرۈنمەس خوجايىنى» غا ئايلىنىپ بولغانىدى، كەينىدىنلا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ۋاستىچىلىقى ئاستىدىكى ئەمەلىي كۈچى زور بولغان توپچىلارنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىمۇ يۇقىرى توپچىلارنى بېرنابۇغا ئېلىپ كەلدى. پې پېمۇ دەل شۇنىڭ ئىچىدە 30مىليۇن ياۋرو بىلەن مېندېسنىڭ ۋاستىچىلىقى ئاستىدا خان جەمەتى مادىرىتقا قوشۇلغان.

ئەينى ۋاقىتتا خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىدا مورىنئونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بەدەن مەشىقى تېرنىرى فارىيا، C رونالدو، دىمارىيا، پې پې، كونتىراۋ ۋە كارۋالونىڭ ھەممىسى مېندېسنىڭ ۋاستىچىلىقىدىكى خېرىدارلىرى ئىدى. خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى 4 يىل ئىچىدە مېندېسنىڭ توپچىلىرىغىلا 250 مىليۇن ياۋرو خەجلىدى، پۇ پۇل فىلورىنتىنونىڭ «سامانيولى جەڭ كېمىسى Ⅱ» قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلىغىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلەتتى. مېندېس بولسا ئارىدىن 35 مىليۇن ساپ كىرىمگە ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا جامېس رودىرىگىزنىڭ خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا قوشۇلىشىغا ئەگىشىپ، مېندېسنىڭ مادىرىدتىكى ھوقۇقىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئىسپانىيە مېدىئالىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، فالكاۋنىڭ ئەڭ ئاخىرغا كەلگەندە مادىرىتقا قوشۇلالماي قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا فىلورىنتىنونىڭ مېندېسنىڭ كۇلۇپتىكى ھوقۇق دائىرىسىنىڭ يەنىمۇ ئېشىپ كېتىشىنى خالىمغانلىقىدا ئىكەن.

مېندېس يالغۇز داڭلىق چولپانلارنىڭلا ۋاستىچىسى بولماستىن، يەنە ھەر قايسى چوڭ بىرلەشمىلەردە توپ تېپىدىغان ئوتتۇرا ۋە كىچىك كۇلۇپلار، بولۇپمۇ دەرىجە ساقلاش سىزىقىغا چۈشۈپ قالغان كۇلۇپلارنىڭ قۇتقازغۇچىسى. 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدە بىرلەشمىدە ئۇزۇن مەزگىل ئەڭ ئاخىرقى رەتتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان ساراگوسا كۇلۇبى مېندېسنىڭ قولىدىن 3 نەپەر توپچىغا توختام تۈزگەن. كېيىنكى يېرىم پەسىلدە بۇ 3 نەپەر توپچى كۇلۇپنىڭ دەرىجە ساقلاپ قېلىشىغا زور ياردەمدە بولغان.

مېندېس بولسا نۇرغۇن زەردار كۇلۇپلارنىڭ ئېھتىياجى چۈشۈپ تۇرىدىغان ئادەم، چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن پۇتبولچىلار بار، ئەمما ئۇ ئالدى بىلەن بىر سودىگەر، ماھىيتى تەرەپتىن ھېچقانداق ئوخشىماسلىقى يوق. 2010-يىلى مېندېسنىڭ مۇنداقلا ئويناپ سۆزلەپ قويغان سۆزى بىلەن، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھەقىقەتەنمۇ 9 مىليۇن ياۋروغا ھېچقانداق كەسپىي مۇسابىقە تەجىربىسى بولمىغان پورتۇگالىيلىك توپچى بې بې بىلەن توختام تۈزدى، مېندېس ئارىدىن 3 مىليۇن 600 مىڭ ياۋرو پايدىغا ئېرىشتى. فورگىسون كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بې بېنىڭ بىر مەيدانمۇ مۇسابىقە ئوينىغىنىنى كۆرۈپ باقماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توختاملاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگە بولغا مېندېس ئۆزىمۇ خالىمغان ھالدا بىر قىسىم كەسىپداشلىرىنىڭ غەزىپىگە ئۇچىراشتىن ساقلىنىپ قالالمىدى. مېندېس 2007-يىلى ۋە 2011-يىلى نانى بىلەن نې نې ئىككىسىنى ئۆزىگە مايىل قىلۋېلىپ، ئۇلارنىڭ مانچېستېرغا كېلىشتىن ئىلگىرىكى سابىق ۋاستىچىسى ئاننا ئارمېلدا بىلەن گونزالىس رېستىن ۋاز كېچىشىگە سەۋەپ بولغان.
بې بېنىڭ ئىلگىركى ۋاستىچىسى رېس بې بېنىڭ يۆتكىلىش ئىشىغا قارىتا: «مېندېس پەيدا بولغاندىن كېيىن، مەن قاتاردىن چىقىرۋېتىلدىم. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئەڭ يېرىم قىلدىغىنى ئۆزۈم بايقىغان پۇتبولچىغا زەردار كۇلۇپ قىزىققاندا، مېنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرالماسلىقىم بولدى» دەيدۇ ئەينى چاغنى ئەسلەپ. بې بې مانچېستېر تارىخىدىكى ئەڭ مەغلۇپ بولغان توپچى كىرگۈزۈش سودىسىنىڭ بىرى. مانچېستېر كوماندىسىغا قوشۇلغان 4 يىلدىن بېرى، بې بې ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە پەقەت ئىككى مەيدانلا زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقالىغان. بۇ يىل يازدا بې بې 3 مىليۇن ياۋرو باھادا بېنفىكا كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ كەتتى.
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى پورتۇگالىيە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە باش مىنىستىرى مىگېل رېۋالىس تەنتەربىيە تۆھپە مېدالىنى مېندېسقا ئاستى.
مانا بۇ زېرەك، ئىقتىدارلىق ئادەم، ئەينى يىللىرىدىكى كېچىلىك بەزمىخانىنىڭ خوجايىنى مېندېس ئۆزىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تالانتىغا، ئۆتكۈر كۆزلىرىگە، دەرىجىدىن تاشقىرى سۆزمەنلىكىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ «ئادەم سودىسى» ئىمپىريىسىنى قۇرۇپ چىققان، ئۇ پۇتبول دۇنياسىنىڭ گىگانىتلىرىدىن ئابلاباي، مەنسۇر باي، فىلورىنتىنو قاتارلىقلارنىڭ دائىملىق ئەزىز مېھمىنى، ئۇ شۇنداقلا يۆتكىلىش بازىرىنى مونوپول قىلۋالغان دەرىجىدىن تاشقىرى «چوڭ تىمساھ». ھازىرقى دەۋىردە مورىنئو، رونالدو ۋە مېندېس ئاللىقاچان پورتۇگالىيە دۆلىتىنىڭ پەخىرىگە ئايلاندى. ئەمما مېندېسنىڭ كونتىروللىقىدىكى توپچىلارنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ كۇلۇپلارغا نىسبەتەن ھوقۇق دائىرسىمۇ ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە بۇ خىل خېيىم-خەتەرگە تولغان ۋەزىيەت فىلورىنتىنونى ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈشكە مەجىبۇرلاۋاتىدۇ... مېندېس ۋاستىچىلىق ئىمپىريىسى قېنى كەلگۈسىدە يەنە قانداق تەرەققىياتلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ؟ بۇنىڭغا پەقەت ۋاقىتلا جاۋاپ بېرەلەيدۇ.
ئىسپانىيەدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار مېندېسنىڭ ۋاستىچىلىقىدىكى توپچىلاردىن بىر سەپ شەكلى تۈزۈپ چىققان.
مېندېسنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرى:
مېندېسنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەت ئون چوڭ يۆتكىلىش سودىسى
10. كارۋالو: 30 مىليۇن ياۋرو باھادا پورتۇ كۇلۇبىدىن چېلسى كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.
9. كونتىراۋ: 30 مىليۇن ياۋرو باھادا بېنفىكا كۇلۇبىدىن خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.
8. داننى: 30 مىليۇن ياۋرو باھادا لىسسابون رىقابەت كۇلۇبىدىن زېنىت كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.
7. پې پې: 31 مىليۇن ياۋرو باھادا پورتۇ كۇلۇبىدىن خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.
6. ئاندىرسون: 32 مىليۇن ياۋرو باھادا پورتۇ كۇلۇبىدىن مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.
5. فالكاۋ: 40 مىليۇن ياۋرو باھادا پورتۇ كۇلۇبىدىن مادىرىد رىقابەت كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.
4. جامېس رودىرىگىز: 40 مىليۇن ياۋرو باھادا پورتۇ كۇلۇبىدىن موناكو كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.
3. فالكاۋ: 60 مىليۇن ياۋرو باھادا مادىرىد رىقابەت كۇلۇبىدىن موناكو كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.
2. جامېس رودىرىگىز: 80 مىليۇن ياۋرو باھادا موناكو كۇلۇبىدىن خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.
1. كىرىستىيانو رونالدو: 96 مىليۇن ياۋرو باھادا مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىدىن خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.
—————————————————————————————————————————————————————
مۇنبىرىمىزدە پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل يازمىلار تېپىلىدۇ، ئەمما ھازىرغىچە پۇتبول ۋاستىچىلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئاساسىت مەقسەت قىلىنغان تېمىلارنى كۆپ ئۇچىرتىپ باقمىدىم. بىر ۋاستىچىسىنىڭ توپچىلارنىڭ كەسپىي ھاياتىدا قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى مۇشۇ تېما ئارقىلىق كۆرۈپ چۈشەندىڭلار ھەقىچان. مۇشۇ تېمام ئارقىلىق كەڭ توپ مەستانىلىرىگە يۈزەكى بولسىمۇ چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەلىگىنىمگە خۇشالمەن. ئاخىردا ھەممىڭلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ مەزكۇر تېمىنى كۆرۈپ چىققىنىڭلارغا رەھمەت!
|