elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2017|ئىنكاس: 34

رىئال مادىرىتتىكى ئاسساسلىق ئەزالار ۋە ئورۇندۇققا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   poyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 14:28  

                ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ،ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيىرلىك، بولسۇن كەمىنە پويولدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .
    پۇتبول ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ قارشى ئېلىندىغان تەنھەركەت .ئۇ ھەققىي ئەركەكلەر قىزقىدىغان تەنھەركەت .پۇتبول مەيداندىن تەرەققىي قىلىپ،مەلۇم بىر دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئەھۋالىغا ۋەككىلىك قىلالايدىغان ھالەتكە يەتتى دىسەك ئارتۇق كەتمەس. بىرازىليە پۇتبول بىلەن نام چىقارغان بولسا ،ئارگىنتىنا مارادونا،مىسسى قاتارلىق چولپانلىرى بىلەن پەخىرلەنمەكتە.
510151.jpg
پورتىگال بولسا كىرىستىيانو دەپ ۋارقىرماقتا.
ro.jpg
گىرمانلا ھىللا كوتۇرگەن لوڭقىسىنى كوز كوز قىلماقتا .ئىتالىيە كۇچلۇك مۇداپىئەسى بىلەن پۇتۇن پۇتبول مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇرماقتا مانا بۇ پۇتبول .يەر شارى پۇتبول دەپ ۋارقىرماقتا ....
ger.png
مەلۇم بىر كوماندىنىڭ نەتجىسىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى، شۇ كوماندىدا توپ تىپۋاتقان ئەزالارنىڭ، جاپالىق توختىماي مەشىق قىلىپ تىرشىشى، ئەڭ ئېسىل ماسلىشىشىى،مۇنەۋەر تېرنىرنىڭ ياخشى بولغان  تاكتىكىسدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە ..ئۇ يەنە ئو نوۋىتىدە ئەڭ ياخشى ماسلىشىشنىڭ مەھسۇلى ھىساپلىندۇ. مەيداندىكى 11 ئادەم بىر جان بىر تەن ھالەتكە يەتكەندە، غەلبە قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقرى بولدۇ ...
مەيداندىكى ھەر بىر ئەزا خۇددى شاھمات تاختسىدىكى ھەر بىر ئۇرۇققا ئوخشاش ئوزنىڭ موھىم رولنى جارى قىلدۇردۇ...

       ۋارتار بۇ ئورۇن موھىمنىڭ موھمى بولوپ ئۇ بىر كوماندىغا نىسپەتەن بىر مەيدان غەلبىلىك جەڭ قىلىشنىڭ كاپالىتى ئۇ ۋەزپىسىنى ئاشۇرۇپ ياخشى ئورۇندىغاندا مەيداندىكى باشقا ئەزالار خاتىرجەم ھۇجۇم ئۇچۇن كۇچ چىقىردۇ تىپىك مىسسالى 2014 دۇنيا لوڭقىسدىكى گىرمان .مادىرىد بۇ ئورۇننى ئوز ئوغلى كاسىلاسقا تاپشۇرغان بولوپ ئۇ ئۆزنىڭ كۇندىن كۇنگە ياخشى بولۋاتقان ئىپادىسى بىلەن بىزنى ۋە بارلىق مەستانىلەرنى خاتىرجەم قىلماقتا كاسسىلاس دىمەك مادىرىد دىمەك ئۇ ئاللىقاچان مادىرىدنىڭ بىر ماركىسغا ئايلاندى دىسەك ئارتۇق كەتمەس. ئۇ دۇنيا لوڭقىسىدىكى مەغلۇبىيەتلەنى ئۇنتۇپ پۇتۇن كۇچى بىلەن تىرشىپ بۇ دەرۋازىنى قوغداپ كەلمەكتە .كۇندىن كۇنگە ياخشى بولۋاتقان ئىپادىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىدا چاقنىغان ۋە ئالدىنقى پەسىل ئسپان بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋەر ۋارتارى بولغان كەيلور ناۋاسنى زاپاس قىلىپ قويدى ناۋاسنىڭ زاپاس بولشىنىڭ ئۆزىلا مادىرىتتىكى بۇ ئورۇندىن يەنە ئەنسىرەشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەكتە ...
kasi.jpg
ئوڭ مۇداپىئە .بۇ ئورۇندا بولسا ياش ئىستىقباللىق، مادىرىدنىڭ ۋە ئىسپاننىڭ كەلگۈسدىكى ئوڭ مۇداپىئەچى كارۋاخال -ئۆزىنىڭ ھۇجۇمدىكى ئالاھىدە تالانتى ۋە ئاكتىپ ماسلىششى ،مۇداپىئەنىڭ ھۆددىسدىن تولۇق چىقشى، بۇ ئورۇندىكى يەنە بىر ماھىر، 2012 ياۋرۇپا لوڭقىسدا ئىسپاننىڭ ئوڭ تەرپىنى ياخشى قوغداپ لوڭقا كوتۈرشىگە ئالاھىدە كۈچ قوشقان ئاربىلويانى زاپاس قىلپ قويدى. بۇ ئىككىسنىڭ بۇلشى، مادرىتتىكى بۇ ئورۇننىڭمۇ ناھايىتى مۇستەھكەم ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىۋاتدۇ ..ناۋادا بۇ ئىككىلسى يارلانسا ،بۇ ئورۇنغا كىم چۈشەر؟ بۇنى سورساڭلار ئەلۋەتتە مۇداپىئەچىلنىڭ سەركىسى، يول بوشچىسى- راموس بۇنىڭ ئەسلى ئورنى ھەممىزگە تونۇشلۇق بۇ ئورۇن ھەقىقەتەن ۋايىمدىن خالىي ئورۇن ھىساپلىندۇ ....
ar.jpg car.jpg
ئوتتۇرا مۇداپىئە - بۇ ئورۇندا ئوينايدىغانلادىن، مۇنبىرمىزدىكى بەزىلەنىڭ نەزىردىكى، ساراڭ تەلۋە، بەلكىم ئۇ ئادەم ئەمەستۇر پىپى. ئوتتۇرا مۇداپىئە، ئوڭ مۇداپىئە ئىككى ئورۇندا ئويناپ ئەڭ ئۇتۇق قازانغان، ئىسپان دولەت كوماندىسى ۋە مادىرىد مۇداپىئەسىنىڭ يۈركى، كوماندا ئۇچۇن ھالقىلىق توپلانى ئۇرۇپ، يار لىۋىدىن قۇتقۇزدىغان راموس .فىرانسىيەنىڭ پەخرى مادرىدنىڭ كەلگۈسى يۇلتۇزى، فىرانسىيە مۇداپىئەسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان پولات تام، ئۈمۈدلۈك چولپان ۋارانى .يېڭدىن كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان تالانىت ئىگسى، مادرىدنىڭ ياراملىق ئوقوغۇچسى ناچىئو. بۇ تۆتەيلەندىن تەشكىل تاپقان ئوتتۇرا مۇداپىئەنى، بىر مۇستەھكەم قۇرغان دىسەك ھىچ ئارتۇق كەتمەس .
pepe.jpg waran.jpg na.jpg
مۇشۇ يەردە مۇنبىرمىزدىكى بەزى باللاغا ئازراق گەپ قىلغۇم كىلۋاتدۇ. پىپى-ئۇ سىلەنىڭ نەزىرىڭلادا بەلكىم راسلا بىر ساراڭدۇر. سىلەدىن سوراپ باقاي، ھەممىڭلا مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، بىر كوماندىدا توپ تىپىپ باققان، قايسىڭلا مەن بىر كوماندىنىڭ ھەققىي يادروسى دىيەلەيسىلە .سىز بولمىسىڭىز كوماندىڭىزنىڭ نەتجىسگە تەسىر كورسىتىدىغان ئەھۋال بولۇپ باققان. ئويلاپ بىقىڭلار مادىرىد، بارسىلونا، بەيرىن، چىلسى قاتارلىق كوماندىلاردا ئاساسلىق ئەزا ئەمەس، بەلكى زاپاس ئەزا بوپ ئورۇندۇق ساقلاشنىڭمۇ ،قانچىلىك بەدەلگە كىلدىغىنى مەندىن ئوبدان بىلسىلە....
سول مۇداپىئە -بۇ ئورۇندا بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسنىڭ تۇنجى توپنى ئۇرغان، قارا قۇمچاق مايمۇنچاق، مۇداپىئەچى ياكى ھۇجۇمچىلىقىنى بىر قاراپ بىلگىلى بولمايدىغان مارىسلو، ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەممىزگە ئايان. بۇ ئورۇندا ئۇ بارلىق سول مۇداپىئەچىلەگە ئۇلگە بولالايدۇ. ئۇ مۇداپىئە ۋە ھۇجۇمدا تەڭ يىتىشكەن بىر مۇنەۋەر توپچى ،ياخشى بولغان پۇت ئاستى تىخنىكىسى ،ئاساسلىق ئەزا بولشىدىكى موھىم سەۋەپلەردۇر ..ئۇ يارلانسا ئورنىغا كىم چىقار؟ ياق ياق سىنى ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ. قاندامۇ ئۇنتۇپ كەتكىلى بولسۇن .2010 دۇنيا لوڭقىسى ھەممىزنىڭ تۈنۈگۈنكىدەك ئېسىمىزدە تۇرسا. شۇ ۋاقىتتىكى ئالاھىدە ئىپادەڭ سېنى بىرنابوغا باشلاپ كەلدى. ئەپسۇس كەلگەندىن بىرى يارلىنىشتىن قۇتۇلالماي كەلدىڭ. خەيىر بۇ كۈنلەمرۇ ئۆتۈپ كېتدۇ غەيرەت قىل ئالتۇنباش يىگىت كوئىنتىراۋ. ناۋادا مۇشۇ يارلانماي، ئەڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن مەيدانغا چىقسا ،بۇ تالانتىڭ بىلەن قارا قۇمچاقنى زاپاس قىلشىڭدا گەپ يوق. مۇشۇ ئىككىسى بار يەردە يەنە سول مۇداپىئەدىن ئەنسىرەش ئەلۋەتتە ئارتۇقچە. بۇندا ياخشى ئاساسلىق ئەزا ياۋرۇپادىكى خېلى كۇلوپلادا ريوق شۇڭا بىز خاتىرجەم ...
mar.jpg c.jpg

مانا كوماندىنىڭ چوڭ مىڭسى دەپ تەرىپلىنۋاتقان ئوتتىرا مەيدان. قىنى قاراپ باقايلى، مادىرىتتا كىملە بۇ يەدە ئاساسلىق ئەزا بولوش ئۇچۇن جان تىكدۇ .كوماندىنىڭ ھازىرقى سەپ شەكلى بويىچە توت ئوتتىرا مەيدان ئىلىندى .
مۇدىرىچ -كىرودىيەلىك سىھىرگەر ‹‹بەلكىم بۇ سىھىرگەر دىگەن ئىسىم پۇتبول دۇنياسىدا توڭكايدىن باشقىسىغا خاس ئەمەستۇر›› لىكىن سىنىڭ مەيداندىكى ئىپادەڭ توپ تارتقۇزماسلىقىڭ ھۇجۇمغا ئەجەلىك پاسلانى بىرشىڭ تەمكىن مەيدان تەشكىلىشىڭ .مۇداپىئەدە توپ تارتىۋىلىپ مۇداپىئەچىلەگە كىلدىغان بىسىمنى ئازايتىشىڭ سىنىڭمۇ بۇ ئىسىمغا ئارتۇق ئەمەسلىكىڭنى ئسپاتلاپ تۇرماقتا .بۇنىڭ ئورنىغا كىم تەييا بولغاندۇ ھەي بۇنىڭ زاپاس بوپ قىلىشنىڭ ئوزىلا بۇ ئورۇننڭمۇ ناھايىتى مۇستەكەم ئىكەنلەكىدىن خەۋەر بەرمەكتە گىرمانىيە دولەت كوماندىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان كوزور توپچىسى ‹‹سەمىي خىدىرا ›› زاپاس بولشىڭغا كوپ ئادەم ماڭا ئوخشاش ئەپسۇسلىندىغاندۇ ئىسىڭدە بولسۇن كۇچلۇكلە تاللىندۇ ئاجىزلا شاللىندۇ تىرىشقىن خىدىرا دىمەك بۇ ئورۇنمۇ ناھايىتى مۇكەمەل دىسەكمۇ بولدۇ ...
تونى كىروس-24 ياش دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولوش ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى بولوش ھەرگىزمۇ تەلەيگە كەلگەن نەتىجە ئەمەس.مەيداندىكى كۇچلۇك تەشكىللەش ئىقتىدارى خاتاسىز پاس يەتكۇزۇش بۇلۇڭ توپنى ئولچەملىك چىقرىش ھۇجمدىكى جانلىقلىق مۇداپىئەدىكى ئاكتىپلىق بەلكىم سەن مادىرىدنىڭ مەن كورگەن سودىللىرى ئىچىدىكى ئۇتۇقلۇق سودىلانىڭ بىرى .بۇنىڭ كىچىك يىشىلا مادىرىدنىڭ ئوتتىرا مەيدان ئەندشسىنى يوقتالايدۇ ..بۇ ئورۇندا نوۋەت كۇتۋاتقان توپچى بولسا ئىسپان ۋە مادىرىدنىڭ كەلگۇسى موھىم توپچىلىرىدىن بىرى بولغان ياش ىقتىدارلىق توپچى ئىللىرامىندى گەرچە بۇنىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كوپ بولمىسمۇ لىكىن بۇنىڭدىكى تىرىشچانلىق ئىقتىدار مادىرىدتا بىر كىشلىك ئورۇن ئىپ بولدى بۇ يەردىمۇ ئەنسىرگۇدەك ئىش قالمىدى .. modi2.jpg toni.jpg sami.jpg
سۇن ۋۇكۇڭ -بىل 100 مىليۇنلۇق ۋىلىشنىڭ گىگىستىن كىيىكى يەنە بىر پەخىرلىك توپچىسى .بۇنىڭ ئىقتىدارلىرى دەپ كەلسەك تىزسۇرئەتتە بىسىپ كىرىش ھالقىلىق ۋاقىتلادا كوماندىنى غەلبىگە باشلاش باشتا كەلگەندىكى نۇرغۇن غۇۋا خىياللا ۋاقىتنىڭ ئوتشى بىلەن ئوزلىكىدىن تۇگدى ئوزۇڭدىكى ئىقتىدار بىلەن ھەتتا 100 مىليوندىن كوپكىمۇ يارايدىغانلىقىڭنى ئىسپاتىلىدى شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچتىكى توپوڭلا يىتەرلىك ئسپات ئۇغۇنلۇق ھەل قڭلغۇچتىمۇ توپ ئۇردۇڭ تىخى سىنڭ مادىرىتتىكى  ھىكايەڭ ئۇزاق يىزىلدۇ رونالدودىن كىيىن سول يولدا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ .بۇنىڭ كەينىدە كىم بەدەن قىزىتىۋاتدۇ باشقا بىرى ئەمەس كىيىنكى ئىنىستا ئىسپانىيە ۋە مادىرىدنىڭ ئوتىرا مەيدان مىڭسى بىز ئامراق ئۆزىلنىڭ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان -ئىسكو ئوتكەن بىر يىل گەرچە ئىپادىسى ياىشى بولمىغان بولسىمۇ ئىسپان بىرلەشمىسى 10ئايلىق مۇنەۋەر سەپ شەكىلگە كىرىشنىڭ ئوزلا بۇنىڭ قابىليىتىگە بىرىلگەن باھا بۇ ئورۇندىن ئەنسىرەشكىمۇ ھىچ بىر ئالبىنى تاپالمىدىم ..
دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن ئاياغ ساھىبى كولومبىيە پۇتبولنىڭ يىڭى بىر ئەۋلاد ۋەكىلى -خامىس رودرىگىز يىڭى كەلگەندىكى ھۇدۇقۇش تەمتىرەشلە تۇگەپ ئەمدە ئوز ئىپادىسىنى تىپۋاتقان ياش چولپانغا ئايلىنىپ مادىرىد سودىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كىلۋاتقان ياش ئوڭ سول يولدا ئويناش 10 نومور ئورنىدا ئويناش كوپ ئورۇننىڭ ھوددىسدىن چىقىش يەنلە كىشلە قەلبىدىكى تۇمانلانى تاراتتى يىڭى ئالماشقاندا ئۇنچىلىك بولشى نۇرمال ‹‹لۇيىس سۇئارىز سەن ساختا مال ئەمەس ئاجاكىستىن باساغىچە ساڭا كىركى ۋاقىت ئادەم چىشلىمسەڭلا سەن بىر مۇنەۋەر پۇتبولچى›› يىڭى كەلگەندىكى بۇنچىلىك ئەخۋاللا بوپ تۇردۇ بۇنىڭ يىشىگا باققاندامادرد كەلگۇسنىڭ بۇنىڭ ئىكەنلىكىدە گەپ يوق تىرىش خامىس .نىيمار بىلەن جەنۇبىي ئامرىكىدلام ئەمەس بەلكى ياۋرۇپادىمۇ رىقابەتلىشىشىڭ كىرەك ...بۇنڭ ئورنىنى ئوينايدىغانلا دىسەڭلا بىل ئسكو بۇ ئورۇندىن ئەنسىرەش راسلا ئادەمنىڭ كۇلگۇسنى قىستاپ قويدىكىن ..
bel.jpg james.jpg esko.jpg
لىسابوندىكى يىتىمسىراشتىن مانچىستىردىكى گۇللىنىشقىچە مادىرىتككى بىرنابو شاھىنشاھىغا ئايلىنىشقىچە ئوخشاش بولمىغان ئىككى كولوپتا بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى كوتۇرۇش ئىككى قىتىم پۇتبول ئەپەندىسى بولوش ئۇزغۇنلۇق بىر پەسىلدە 17 تۇپ ئۇرۇپ تارىخ بىتىگە يىزىلىش بىرلەشمە 11 ئايلانمىدا 17 توپ ئۇرۇش مانا بۇ سان سىفىرلار يىتەرلىك مادىرىد دىمەك سەن دىمەك ‹‹ تىرىشچانلىق 99 پىرسەنىت تالانىت 1 پىرسىنت›› نىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى ئىسپاتلىغۇچىسى كىرىستىيانو رونالدو مەيداننىڭ ھەممە يىرىدە توپ ئويناش ھەرمەيداندا نەچچە ئورۇندا توپ ئويناپ ئۆزنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە بۇنىڭدىن ئايرىلغان مادرىدنىڭ كۇنى راسلا خىلى تەس مىسالى ئسپان 2 ئايلانمىدىكى مەغلۇبىيەت يۇقرى بولغان پۇت ئاستى تىخىنىكىسى پۇرسەت تۇتشى مەيداندىكى سەزگۇرلىكى مۇشۇ پۇتبول دۇنياسىدىكى داڭلىق چولپانغا ئايلاندۇردى مىنىڭچە بۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىغان كۇننى ھىچكىم بولوپمۇ مادىرىد ۋە پورتىگال مەستانىلىرى ئويلىمدى چۇنكى سەن ھەر بىر مەيدان جەڭدىكى غەلبىنىڭ كاپالىتى .ئەپسۇس ياش ئادەمگە باقمايدۇ ‹‹ ئولوم قىرى ياشقا ›› دىگەن ئەجدادلىرىمىز ..شۇنىڭ ئۇچۇن سىنىڭ ئورنۇڭغىمۇ بىرنى سەپلەش كىرەكتە يارلىنىپ قالساڭ بۇ ئورۇننى يەنلا ياردار بولسىمۇ ئىسىل ئىپادىسى  يۇقرى ماھارىتى بىلەن مەستانىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن چاقناۋاتقان ياش تالانتىلىق ماھىر بىرنابونىڭ يەنە بىر تالانتىلىق ماھىرى -خىسەي رودرىگىز بۇنىڭ يۇقرى سەزگۇسى ئورۇنى ياخشى ئىلش پۇرسەت تۇتشى كىرىستىياندەك بولمىسىمۇ كىيىن چوقۇم بۇنىڭدىن رونالدونىڭ سىماسىنى كورۇش مومكىن ناۋادا بۇمۇ بولمىسا بىلمۇ بۇ ئورۇندىن چاڭ چىقىرۋىتدۇ ئادەمنىڭ ئەنسىرگسىمۇ كەلمەيدىكەن ..
ronaldo.jpg hese.jpg
مادىرىتىكى بىردىنبىر مۇنەۋەر ئوتتىرا ھۇجۇمچى.زىداندىن كىيىنكى فىرانسىيەنىڭ مادىرىتتىكى ئوبرازى بىر تالمۇ نوقتا توپ تەپمەي تۇرۇپ قاتىل ھۇجۇمچى رونالدونىڭ يىنىدا يەنە پۇرسەت ئىچىدىن پۇرسەت تۇتۇپ 100 توپلۇق ئوتكەلدىن ئوتۇشنى پەقەت سەن قىلىدىڭ مانا بۇ-كەرىم بىنىزما ئۇنىڭ ئانچە مۇنچە پۇرسەت كەتكۇزشىنى ھىساپقا ئالمىغاندا سەپداشلىرىغا پۇرسەت يارتىشى كۇچلۇك ماسلىشىشچانلقى تىرىشچانلىقى مۇداپىئەدىكى ئاكتىپلىقى ئوخشاش ئورۇندىكى رەقىبلىرىنى يىڭىپ ئاساسلىق ئەزا بوپ ئوينىماقتا .بۇنىڭ زاپاس ئەزاسىغا قارايدىغان بولساق دەرجىدىن تاشقىرى زاپاس ئەزا نەگىلا باسا زاپاس بولدىغان پەقەت زەردارلارغىلا زاپاس بولدىغان -پۇرچاق بالا بۇنىڭ يىڭى يوتكىلىپ كەلگەن بىر توچىغا نىسبەتەن تاپشۇرغان نەتجىسى ئادەمنى راسلا رازى قىلدۇ بۇنىڭ بۇ ئىپادىسى بىنىزما يارلىنىپ قالسىچۇ دىگۇچىلاگە ئەڭ ياخشى بىرىلگەن جاۋاب تامام بۇ ئورۇنمۇھەر ھالدا ئادەمنى رازى قىلدۇ
ben.jpg
خاتا يەرلەر بولسا قىرىنداشلارنىڭ سەممىي تەكلىپىنى كۇتۇپ پويولدىن..ئازراق كوڭۇل سوۋغام سىلەگە ئازراق خۇشاللىق بىرەلىسە شۇنىڭدىن خۇشالمەن ...
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەردىكى مەندىن كوڭلى رەنجىگەن قىرىنداشلارنىڭ چىن كوڭلىدىن ئەپۇ قىلشىنى ئومۇد قىلمەن    .
2014 يىلى 11 ئاينىڭ 8 كۇنى
james.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +45 يىغىش سەۋەبى
januzay + 45 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-8 05:06:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوزۇم بىر دىۋاندىن ئورۇن ئالاي ئوف ئەجەپ تەستە پۇتتۇردۇم بىر يازسام ئوچۇپ كىتىپ بىر كىچە تۇنگەنگە لايىق ئىش بولدى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
جاغىستاي120 + 50 قالتىس!
Footballhumar + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 07:47:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتىىمۇ ئەتراپلىق ياخشى مۇلاھىزە بوپتۇ .ھەممىز نىڭ ئوي—پىكىرىمىز شۇنچىلىك يېقىن ئىكەن ، تېممىڭزدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يۇرتۇپ بىرىپسىز  ئەگەر ئىملاغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز چۇقۇم جەۋھەرلىككە تەۋسىيە قىلاتتىم.   ھېلىھەممۇ جەۋھەر بۇ  تېممىڭىز، ئىشقىلىپ  ماڭا ياقتى....
مادىرىتنى  چولپانلار كۇلۇبى دىسەك ھەقىقەتەنمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ . بۇيەر چولپانلارغا شۇنداق تۇيۇنغانكى ئۇلار ئۈزنىڭ مادىرىتتەك بىر كۇلۇبنىڭ ئورۇندىقىنى باققانلىقىدىنمۇ شۇنداق پەخىرلىنىدۇ !!
بۇيەر يەنە شۇنداق رىقابەتكە تولغانكى ھەممە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۆز ئورنىنى مۇستەكەملەشكە  ئىنتىلدۇ . شۇنداق بىر رىقابەت كۇچى  بۇلارنى كەسكىن بولغان ئۆز ئىچىلىك كۈرىشىگە سۆرەپ ئەكىرگەنكى بۇلار رەقىپلىرىنى يېڭىش ئۇچۇن ئاۋال سەپداشلىرىدىن غالىپ كېلىشنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارمايدۇ.  
مانا بۇ  مادىرىد ھەممە ئۆزى ئۈچۇن تىرىشۋاتقان ، دۈشمەنلىرى تىتىرەش ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقان مادىرىد!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-8 08:13:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tunjisi bunig den yahxe ede apsus ber bassam yok bop kitip uykuqelikta muxuni aran yazdim imla hataliki bakan ozra
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 08:13:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل  تېما  بوپتۇ   قۇلىڭىزغا  دەد كەلمىسۇن.    بىز  مەستانە  بولغان كۇلۇپ  ھەقىقەتەن  قالتىس  ئۇنىڭغا  گەپ  كەتمەيدۇ   .  سىزنىڭ  تېمىڭىز  بۇنىڭ  مىسالىدۇر.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 08:53:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 09:06:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما بۇپتۇ، كۆپ ئەجىر قىلىپسىز، بىر نەچچە رەسىم قىستۇرۇپ قويماي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 09:12:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما،  ئەنچىلودى ناۋاسقىمۇ مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتى بەرسە بۇلاتتى.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-9 19:12:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما مۇنبەر ئەمدى ئىچىلدى  2كۈننىڭ ئىچىلماي ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتتى دىسە  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-9 19:15:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگىيار يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 19:12
ما مۇنبەر ئەمدى ئىچىلدى  2كۈننىڭ ئىچىلماي ئىچىم بەك سىق ...

سىلىنىڭكىدىمۇ ئېچىلمىدىما ؟مەن تېخى كومپىيۇتېرىمنى  تەكشۇرۇپ كىتىپتىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-9 19:29:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئېچىلدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-9 19:30:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ئىچىلدى بۇمۇنبەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-24 10:36

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش