ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2386 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-26 02:33

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 0:00 دە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 9-ئايلانما مۇسابىقىسى بىر بۈلىكىدە ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد كۇلۇبى بوناۋۇ پۇتبول مەيدانىدا زەردار بارسېلونا كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى.
بارسېلونا تەرەپتىن ئۇزۇن مۇددەت مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن سۇئارىز ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ جەنۇبى ئامېرىكا ھۇجۇم سېپىنى ھاسىل قىلدى. خانلىق مادرىد تەرەپتىن ئېسكو داۋاملىق بېلنىڭ ئورنىغا ئاساسلىق بۇلۇپ مەيدانغا چىقتى ۋە يارلىنىپ ئارام ئېلىۋاتقان مۇئاۋىن كاپىتان راموسمۇ ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى.
مۇسابىقە 3-مىنۇتىغا قەدەمگە قويغاندا سۇئارىزنىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن ئۈمۈدلۈك چولپان نېيمار توپ ئۇرۇپ بارسېلونا ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقە 35- مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا مارسېلو چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە تەپكەن توپ پېكنىڭ قۇلىغا تىگىپ رىپىر نوقتا توپ ھۆكۈم قىلدى. كىرىستىيانو رونالدۇ بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مۇسابىقە 50-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا پېي پېي تونى كىروس كۈتۈرگەن بۇلۇڭ توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ خانلىق مادرىد كۇلۇبى ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقە 61-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ئىنىستانىڭ سەۋەنلىكى بىلەن ئېسكو قايتارما ھۇجۇمغا ئۈتتى، توپنى ئەپچىللىك بىلەن پاسلىشىپ بېنزىما توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نۇمۇر پەرقىنى 3:1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا توپ چۈشمەي مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.
مۇسابىقىدىكى يارقىن نوقتىلار:
1. قىسقا مۇددەت ئىچىدە توپ چۈشۈش. ( نېيمار، مۇسابىقە 3-مىنۇتىدا توپ ئۇردى )
2. مېسسى، نېيمارلارنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە سېرىق كارتا يىيىشى.
3. كارۋاخال بىلەن نېيمار ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىش.
4. رونالدونىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى يىقىلىشى. ( جەنجۈن بارسېلوناغا داراتمىلاپ ماز بىر چاقچاق قىلدى )
5. بېنزىمانىڭ ئارقا ئارقىدىن تۈۋرۈك سۇقىشى ۋە توپسىز ھالەتتە چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە يىقىتىلىشى.
6. مىسسىنىڭ ئۆز تالانتىغا مۇناسىپ بولمىغان ھالدا نۇمۇر پەرقىنى چوڭايتىش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قۇيىشى.
7. ئەنچىلودىنىڭ ئالماشتۇرىدىغان 3 ئەزا نامزاتىنى مۇسابىقە تۈگەشكە ئاز قالغاندا ئىشلىتىپ ۋاقىت سۇزىشى.
...
فىلەش:
|
|