بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-21 19:16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار: مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن بۇيان، نۇرغۇن دوستلىرىمىز تېمىغا يېزىلغان بەزى ئىنكاسلىرىدا ۋە ئۇچۇردا، چ چ دا، ئۈندىداردا ۋە تېلېفوندا مەندىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نېمىشقا بىرلەشمە مۇسابىقىلەرنى ۋە بەزى مۇسابىقىلەرنى ئۇلاپ تارقاتمايدىغانلىقىنى سورىدى. مەن بۇنىڭ جاۋابىنى ئىلگىرىكى دۇنيا لوڭقىسىنى ئۇلاپ تارقىتىش خىزمىتى ھەققىدىكى تېمامدا قىسقىچە ئېيىتقان بولساممۇ لېكىن بەزى دوستلار يەنىلا تولۇق چۈشەنمىگەندەك ھېس قىلدىم.
تۆۋەندىكىسى مېنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى 5 - قانالنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن يازغان ۋە يۇقىرىغا سۇنۇلغان دوكلاتىم. ئەمەلىيەتتە، 5 - قانالمۇ كېچە - كۈندۈز دېگۈدەك ھەر بىر تەنتەربىيە ھەۋەسكارىغا خىزمەت قىلىشنى ئويلايدۇ.
شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بەزى ئامىللار ۋە مەسىلىلەر چوقۇم ھەل بولۇپ، دوكلات - ئىلتىماسلارغا ھامان بىر كۈنى يوغان تامغا بېسىلغۇسى!!
شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى كىنو – تېلېۋىزىيە تىياتېر قانىلى ئۇلاپ ئاڭلىتىشقا بولىدىغان پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى ۋە ئىمكانىيىتى توغرىسىدىكى ئىلتىماس
دۇنيادىكى تەسىرى زور، تاماشىبىنى كۆپ، تېخنىكا سەۋىيىسى يۇقىرى بىرلەشمە مۇسابىقە ئاساسلىقى ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدۇر.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى كىنو – تېلېۋىزىيە تىياتېر قانىلى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ 5 – قانال دەپ ئېلىنىدۇ) ئۇلاپ تارقىتىشقا مۇۋاپىق، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قولايلىق، مەكىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى تەنتەربىيە، ساغلاملىق قانىلى ئۇلاپ كۆرسىتىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقىلەر ئاساسلىقى ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى (تەنتەربىيە، ساغلاملىق قانىلى ئۇلاپ تارقىتىدۇ) بىلەن گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى (مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلى ئۇلاپ تارقىتىدۇ) ھېسابلىنىدۇ.
ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ـــ پۇتبول مۇسابىقىسنى ئۇلاپ تارقىتىشتىكى بىرىنچى تاللاش
ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، كۈچلۈك كوماندىلار ئەڭ كۆپ، مۇسابىقە سەۋىيەسى يۇقىرى، رېتىمى تېز، ئۇلاپ تارقىتىش سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى بىرلەشمە مۇسابىقە بولۇپ قالدى. بۇ بىرلەشمە مۇسابىقىنى ئۇلاپ تارقىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مۇۋاپىقلىقلىقى تۆۋەندىكىچە:
1. بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى
باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمزدەك، ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى بۈگۈنكى زامان كەسپىي پۇتبولچىلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىرلەشمە مۇسابىقە. بۇ بىرلەشمە مۇسابىقىدە كۈچلۈك كوماندىلار، چولپانلار كۆپ. مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسابىقىلەر قىزىيدۇ، توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى، مۇسابىقە رېتىمى پەۋقۇلاددە تېز. بۇ دەل، ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىشتىكى مۇھىم ئامىل.
2. مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئىزچىللىققا ئىگە.
ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئاساسەن دېگۈدەك ھەر يىلى 8 – ئاينىڭ ئۈچىنچى ھەپتە ئاخىرى باشلىنىپ، كېلەر يىلى 5 – ئاينىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى ھەپتە ئاخىرىدا ئاياغلىشىدۇ. (2013/2014 – يىللىق مۇسابىقە پەسلى 2013 – يىلى 8 – ئاينىڭ 17 – كۈنى باشلىنىپ، 2014 – يىلى 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئاياغلىشىدۇ).
ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئىنگلاندنىڭ بىردىنبىر مۇسابىقىسى ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنگلاند چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى، بىرلەشمە مۇسابىقە لوڭقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەرمۇ ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈلگەچكە، بۇ مۇسابىقىنىڭ ئارام ۋاقتى ئاز بولغان. يەنە، يېڭى يىللىق، روژدېستېۋالىق، قىشلىق ئارام ئېلىش ۋاقتى ياۋروپادىكى باشقا بىرلەشمە مۇسابىقىلەردەك كۆپ، ئۇزۇن ئەمەس. پەقەت، خەلقئارالىق مۇسابىقە كۈنلىرىدىلا مۇسابىقە توختىتىلىدۇ. بۇ مۇسابىقىنىڭ ئىزچىللىقىغا پايدىلىق.
3. ئۇلاپ تارقىتىش ۋاقتى ئالتۇن ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ.
ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە مۇسابىقە ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى رايونىمىزغا ئەڭ ماس كېلىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يېقىنقى بىرقانچە يىللىق ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەر بىر ئايلانمىسىدىكى 10 مەيدان مۇسابىقە ئاساسەن شەنبە كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن 10 غىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەكشەنبە كۈنىگە سۈرۈلگەن مۇسابىقىلەرمۇ كەچ سائەت 6 -7 دىن 9 - 10 غىچە بولغان ۋاقىتتا باشلىنىدۇ. يېرىم كېچىدە ياكى ھەپتە ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلەر ناھايىتى ئاز. بۇ دەل تاماشىبىنلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرىدىغان ئالتۇن ۋاقتى بولۇپ، كۆرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
4. ئۇلاپ تارقىتىشقا قۇلايلىق.
ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى يېقىنقى 7 – 8 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى تەنتەربىيە، ساغلاملىق قانىلىدا ئىزچىل كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. بۇ ماھىيەتتە، 5 – قانالنىڭمۇ مۇشۇ مۇسابىقىلەرنى بىمالال ئۇلاپ تارقىتىشىغا ئاساس بولغان.
بۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، 5 – قانال 10 – قانالنىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ھەپتە ئارىلىقىدا تەشۋىقات، ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، مۇنتىزىم تەييارلىق قىلالايدۇ.
گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى
گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى يېقىنقى 5 – 6 يىلدىن بېرى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بىرلەشمە مۇسابىقە بولۇپ قالدى.
گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىزچىل ئۇلاپ تارقىتىدىغان مۇسابىقە بولۇپ كەلدى.
1. مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرمىسى
گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ياۋروپادىكى بىرقەدەر بالدۇر باشلىنىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئىككىنچى ھەپتە ئاخىرىدا باشلىنىدۇ. (2013/2014 يىللىق مۇسابىقە پەسلى 2013 – يىلى 8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى باشلىنىپ، 2014 – يىلى 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئاياغلىشىدۇ). ئىككىنچى يىلى 5 – ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتە ئاخىرىدا ئاياغلىشىدۇ.
2. مۇسابىقە ئۇلاپ تارقىتىش ۋاقتى مۇۋاپىق.
گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىمۇ خۇددى ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە ئوخشاشلا شەنبە كۈنىنى ئاساس قىلىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ.
گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى 9 مەيدان مۇسابىقە شەنبە كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 7 – 8 دىن 10 – 11 غىچە باشلىنىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسابىقە كەچ سائەت 8 دە باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىت دەل ئالتۇن ۋاقىتتۇر.
3. مۇسابىقە قىزىيدۇ، ئۇلاپ تارقىتىش سەۋىيەسى يۇقىرى.
گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىمۇ ناھايىتى قىزىيدىغان، ھۆكۈم قىلىش تەس، كومېدىيەلىك تۈسى قويۇق بىرلەشمە مۇسابىقە. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇسابىقىنىڭ ئۇلاپ تارقىتىش تېخنىكىسى پەۋقۇلاددە يۇقىرى بولۇپ، سۈرەت سۈزۈك، ئاۋاز ئېنىق، كىشىگە ناھايىتى ئازادە تۇيغۇ بېرەلەيدۇ.
ئەمدى، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىلىرىنى ئۇلاپ كۆرسىتە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى ئېيتىپ ئۆتىمىز.
ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇلاپ تارقىتىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى. بىراق، بۇ بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى تەكشىسىز. مۇسابىقىلەر شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9 دىن باشلاپ سەھەر ۋاقتى سائەت 3 گىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇلاپ تارقىتىشقا قۇلايسىز. كوماندىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ پەرقى چوڭ، غەلىبە ئاساسلىق بىرقانچە كوماندىغىلا مەركەزلىشىپ قالغان.
ئىتالىيە ئا دەرىجىلكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئىلگىرىكى سەلتەنىتىدە ئەمەس. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇلاپ تارقىتىش نىسبىتىمۇ كۈندىن – كۈنگە تۆۋەنلەپ كەتتى. ھەر يەكشەنبە كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 8 دە باشلىنىدىغان ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى.
ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ۋاقتى سەيشەنبە، چارشەنبە يېرىم كېچىدە بولۇپ، كۆرۈش نىسبىتىنى ساقلاش قىيىن. شۇڭا، ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى ئاساس، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى قوشۇمچە قىلىپ ئاڭلىتىش بىرقەدەر ئۈنۈملۈك، ياخشى چارە.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، NBA، بوكس، شىنجاڭ گۇاڭخۇينىڭ مۇسابىقىسىنى ئۇلاپ تارقىتىش ھەققىدىكى دوكلاتمۇ بار ئىدى، قىسقارتىلدى. |