akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1753|ئىنكاس: 30

خوتەننىڭ كۈچلۈك كوماندىسى «ئىلچى»ۋەيران بولدى !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-30 08:22  

1TSEN0
B_DQX`V_1%IX@[0E7O5P[XJ.jpg

خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئىشتىن سىرتقى كوماندىلارغا نىسبەتەن ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا ھىسابلىنىدىغان «ئىلچى» كوماندىسى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئىسسىق سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، بۈگۈنگىچە  ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى خوتەن خەلقىگە بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
ئىلچى كوماندىسى  خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە كۆپ قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن .
بۇ كوماندا خوتەن ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ غوللۇق كوماندىلارنىڭ بىرى ھىساپلىناتتى . ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى بۇكوماندا بۇ پەسىللىك خوتەن ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتنىشالمىدى .

بۇ كوماندىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى : كوماندا ئەزالىرى بىرلىككە كىلەلمەسلىك ، كوماندىدا ھەقىقى مەنىدىكى كاپىتان بولماسلىق ، ئىشتىن  سىرتقى كوماندا بولغاچقا كوماندا ئەزالىرىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان كوماندىنىڭ روھى تۆرىكى يوق بولۇش . كوماندا ئەزالىرى يوقىلاڭ ئىشلارنى زىدىيەت دەپ بىلىش ،،، مانا مۇشۇنداق ئاددى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ كوماندا ۋەيران بولۇپ خوتەن بىرلەشمىسىدىن غايىپ بولدى . بۇ كوماندىنى قوللايدىغان شېركەتلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى ...
بۇ كوماندىنىڭ ماھىرلىرىنى باشقا كوماندىلار تالىشىپ تۇرۇپ ئۆزىگە قېتىۋالدى ... گەرچە ئىلچى رايۇنىدىن ئىلچى رىقابەت كوماندىسى كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان بولسىمۇ ئىلچى كوماندىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى ئىلچى رايونىغا نىسبەتەن، جۈملىدىن خوتەن پۇتبولچىلىقىغا نىسبەتەن  چوڭ يوقۇتۇش بولدى . ئىلچى دېربىسىنى كۆپ كۆرمەي تۇرۇپلا چوڭ ئىلچى خوتەن بىرلەشمىسىدىن  غايىپ بولدى ، ئىلچى كوماندىسىنىڭ غايىب بولغانلىقى ئۈچۈن خوتەن بىرلەشمىسىدىكى بارلىق تەنھەركەتچىلەر ۋە تاماشىبىنلار قايغۇردى . چۈنكى ئەمدى بىز ئىلچى روھىنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇق !
ئىلچى كوماندىسىنىڭ قايتىدىن بىرلىككە كىلىپ كىلەر پەسىلدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تېخى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-30 20:37:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روھلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-30 20:39  

بىر كوماندىنى ئۇزاققا  چاپتۇرماق ئۇنداق ئاسان ئېش ئەمەس  كوماندىغا مەبلەخ ناھايىتى كوپ بولغان تەغدىردىمۇ كوماندىدا بىردەكلىك بولمىسا يەنىلا توزۇپ كىتىدىغان گەپ  بىر كوماندىدىكى ھەممەيلەن چوڭلا كىچىكلەنى ئېززەتلەپ كىچىكلە چوڭلانى ھورمەتلەپ  بىر بىرى بىلەن ئوز ئاكا ئۇكىدەك مۇناسىۋەت ھاسىل قىلىپ ھەممە ئېشلادا ئورتاق بىردەكلىككە كىلىپ كوماندىنى چىن يۇركىدىن سويۇپ ماڭالىغاندا ئاندىن ھەرقانچە توزىتىۋىتىمەن دىگەنلەمۇ مۇمكىن ئەمەس توزىتىپ بولالمايدۇ .  ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
dilmurat. + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-30 19:50:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كوماندىنىڭ تېرىنىرى بولۇپ خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيون بولغان ۋاقتىمنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-30 19:47:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما  خەقنى شۇ ئۇششاق ئىشلار ئۈچۇن كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغۋار ئىشلارنى يوق قىلپتۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-30 19:48:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى كوماندىغا مەنىۋى تۈۋرۈكتىن بىرى بولمىسا بىكار جۇمۇ ،،، ھەي ئىسىت ،،، شۇنچە يىللاردىن بۇيان خوتەندىكى كۈچلۈك سانىلىۋاتقان كوماندا بۈگۈنگە كەلگەندە مۇشۇنداقلا ۋەيران بولدىما ؟؟؟    ئىلچى كوماندىسىنىڭ قايتىدىن بىرلىككە كىلىپ پۇتبول دەپ چاڭقىغان دىللارغا مەلھەم بولۇشىنى ۋە بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك كوماندا بولۇپ چىقىشىنى تىلەيمەن .......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-30 19:49:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلچى كوماندىسىنىڭ ۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن كوماندىنىڭ ھەر بىر تەنھەركەتچىسى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ خىزمەت ئىشلىگەن بولساممۇ ھەممەيلەن ماڭا ناھايىتى ياخشى گەپلەرنى قىلدى ، كوماندىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان بولدۇق .... لىكىن ئۇلار بىر يەرگە كەلگەندە بىر-بىرىنىڭ زىتىغا تىگىدىغان گەپلەرنى قىلىپ يەنىلا بىرلىككە كىلەلمىدى . ئىلچى كوماندىسىنىڭ غايىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ بەك قايغۇرغان ئادەم مەن بولۇپ قالدىم... چۈنكى بۇ كوماندىنى خان مادرىتتىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتىم ... مەن بۇ مۇنبەرگىمۇ مۇشۇ كوماندا سەۋەبىدىن ئەزا بولغان ئىدىم ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-30 20:15:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-30 20:16  

بىرلىك بولمىسا ، تۇزۇيدىغان گەپ !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-30 20:21:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلچى دىگەن بۇ گەپ ماڭا بەك يارايتى ئەپسۇس...بولسا دىلمۇرات كوماندىنى قايتا تەشكىللەشكە كۈچەپ بىقىڭلار...قەدىمىي ئۇدۇن بىرلەشمىسىگە ھۆرمەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-30 20:27:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر دىگەن ئۇيۇشماق دەيتۇق بولمىسا.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-30 20:34:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا  قايتا بىر رەتلەشكە كۈچەپ بىقىڭلار.   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-30 20:40:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-8-30 05:37
بىر كوماندىنى ئۇزاققا  چاپتۇرماق ئۇنداق ئاسان ئېش ئەمە ...

ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىنكاس بوپتۇ كۆڭلۈمدىكىدەكلا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-30 20:48:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilmurat. يوللىغان ۋاقتى  2014-8-30 20:40
ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىنكاس بوپتۇ كۆڭلۈمدىكىدەكلا ...

بۇنداق ئېشلار ھەرقانداق بىر كوماندىنىڭ بىشىغا كىلىدىغان ئېش شۇڭا  بىر كوماندا ئەڭ باشتا مۇشۇ ئېشتىن باشلىشى كىرەك ھەرقانچە ياخشى توپچىلانى يىغىۋالغان بىلەن بىر بىرىنى ھورمەتلەش  بىر بىرنىڭ گپىنى يەپ سوز پىكىرنى ھورمەتلەپ  بىردەكلىككە كىلەلىسە ئۇزەققا  ماڭالايدۇ ، بىردەكلىككە كىلەلمىسە ئاخىردا قورۇلغىنى ھەرقانچە ئۇزاق مەزگىل بولۇپ كەتكەن يۇز ئابىرويلۇق كوماندا بولسىمۇ توزۇپ كىتىدىغان گەپ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-12 01:10

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش