akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 659|ئىنكاس: 6

شىرئەلىجاننىڭ خوتەندىكى مۇسابىقە سېن فىلىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 1-ماي خەۋىرى؛   2014-يىلى5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ،  خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن  « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »  خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا داۋاملىق ئىلىپ بىرىلدى.
    بۇ قىتىمقى ئەل ئىچى تەكلىپ مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان،  قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز تەكلىپ قىلغان كوماندىلارغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.
  بۈگۈن كەچ  ئىلىپ بىرىلغان  ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە  شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان، خەنلىي يىتەكچىلىگىدىكى  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى 71-67 نەتىجە  بىلەن مەردان تۇرسۇن يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسىنى، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسى 63- 58 نەتىجە بىلەن خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
    مۇسابىقە ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىۋى بۇيىچە، 2-ماي ئۇرۈمچى ۋاختى كەچ 00؛7 - 30؛10 غىچە يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدۇ.


  شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىگىدىكى  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى بىلەن  مەردان تۇرسۇن يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقە پۈتۈن مەيدان سېن فىلىمى

  بىرىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى



ئىككىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى



ئۈچۈنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى



تۆتىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى



قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسى بىلەن خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقە سېن فىلىمى





مۇسابىقىگە ئالاقىدار سۈرەتلەر

2345_image_file_copy.jpg 2345_image_file_copy.jpg 2345_image_file_copy.jpg 2345_image_file_copy.jpg 2345_image_file_copy.jpg 2345_image_file_copy.jpg

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-2 11:20:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-2 14:17:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىدە بىرخىل كەيپىيات سۇسلىقى بارمۇ قانداق . بەك جىمجىت.تاماششىبىنلار  ھېچقايسى  كوماندىغا نەدەت بەرمىگەندەكلا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-2 16:23:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلسە خەلقىمىزنىڭ تەنتەربىيە گە بولغان قىزقىشى تىخىمۇ ئاشىتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-3 13:47:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەييارە يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 14:17
مۇسابىقىدە بىرخىل كەيپىيات سۇسلىقى بارمۇ قانداق . بەك  ...

ئۇندامۇ ئەمەسقۇ مەن قارىسام شىرئەلىجان مۇراتلارنى ناھايىتىمۇ قىزغىن ئالقىشلار بىلەن كۈتىۋاپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-3 13:49:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەندىكى مىللىي كارخانىلارغا تەشەككۈر  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-3 15:34:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى قىزىغاندەك قىلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-1 18:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش