|
بىر ئوبدان ئېۋىرتوننى تۇتىۋاتقان ئېدەم مانچىستىرنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، ئۆزىگە ۋە كوماندىغا ئىشىنىپ، 11يىللىق ئائىلىسىدىن كىچىپ، مانچىستىرغا باردى. مانا ئەمدى 1پەسىل بولا - بولماي ئىشتىن بوشاتسا، يا ئەمدى ئېۋىرتون يوق، يا مانچىستىر يوق مويىسقا نىسپەتەن سەل ئادالەتسىزلىكمۇ قانداق؟ بىر مەشقاۋۇلنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەنلىكى بىلەن ھەممىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن كوماندا مەنە ئەمدىلىكتە بىرەر يىللىق نەتىجىسىنىڭ ناچارلاپ كەتكىنىگە مەشقاۋۇللارنى خالىغانچە ئىشتىن بوشىتىدىغان كوماندىغا ئايلىنىپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىگە خىلاپلىق قىلغان بوپ قالماسمۇ؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئۆز شەرىپىنى ئۆزى نابۇت قىلغان بولماسمۇ؟ ئەجىبا مويىستىن باشقىلار تۇتقان بولسا، مۇشۇ توپچىلار بىلەن ھازىرقى پۇل كۆيدۈرمىسە پۇت تېرەپ تۇرغىلى بولمايدغان بوپ كەتكەن ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە دەماللىققا ئالاھىدە ياخشى نەتىجە قازىنىپ كىتەر بولغۇيمىتى؟ ياخشى نەتىجە قازىنىپ كىتەلەيتتى دىگەن تەقدىردىمۇ، مۇۋاپىقراق ياخشى نامزات بارمۇ؟ بەزىدە يەنە پات - پات مويىسنى ئىشتىن چۈشۈشى كېرەك دىگەنلەردىن سورىغۇم كىلىدۇ: مويىس ئىشتىن چۈشسە، ئورنىغا يېڭى مەشقاۋۇل چىقسىلا، مانچىستىر بىرلەشمىسىنى ئوڭشاپ، پەسىل ئاخىرغىچە تۆت كۈچلۈك قاتارىغا قايتۇرۇپ كىلىپ، ئۇزغۇنلۇق بىلىتى ئىپ كىتەرمۇ؟ شۇنداق ئادەم بار دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ كىم؟ ھازىرقى كوماندىسىدىن ئايرىلىپ مانچىستىرنى قولىغا ئىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ مىلانغا ئوخشاش ھېچقانداق مەشقاۋۇللۇق تەجىربىسى يوق تۆھپىكارلىرىدىن بىرەرىگە تاشلاپ بەرسە بولىدۇ تايىنلىق شۇ. يەكۇن شۇكى، ھازىر مەشقاۋۇل ئالماشقان تەقدىردىمۇ، پەسىل ئاخىرىغىچە مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئەھۋالى ھازىرقىدىن بەتتەر بولسا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ مەشقاۋۇل ئالماشتۇرۇپ دەماللىققا ياخشى نەتىجە قازىنالمايدۇ. شۇڭا ئورنىدا مەن بولسام، مەيلى قانداق نەتىجىلەر كىلىپ چىقىشدىن قەتئېينەزەر، ھېچ بولمىسا پەسىل ئاغىرغىچە مويىسنى ئالماشتۇرمايىتتىم. ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا يەنە بىر پەسىل پۇرسەت بىرەتتىم. چۈنكى بۇ ئۇخلاپ چۈشىدە قارا بىسىپ قالسا قوپۇپ، مەشقاۋۇلىنى ئىشتىن بوشىتىدىغان كوماندا ئەمەس، بەلكى مانچىستىر بىرلەشمىسى. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|