ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 644 |
تۆھپىسى: سەر |
|
شۇنداق قىلىپ جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلانغىنىغا ئۈچ كۈن بولدى ،1-ئايلانمىمۇ تۈگىدى .ئەمدى 1-ئايلانمىدىكى مۇسابىقە نەتىجىلىرى ۋە باشقا مەلۇماتلارنى كۆرۈڭ:
شەندۇڭ لۇنېڭ 1-0 خاربىن يىتىڭ
3-ئاينىڭ7-كۈنى 2014 مۇسابىقە پەسلىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلدى ،يەنى ئالدىنقى پەسىلدە بىرلەشمىنىڭ 2-لىكىنى قولغا كەلتۈرگەن لۇنىڭ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا يىڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان خاربىن يىتىڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى .87مىنۇت بولغاندا لۇنىڭ كوماندىسىدىكى ئۇسوس بىرتوپ ئۇرۇپ لۇنىڭ كوماندىسى بىرنومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلبە قىلدى .
گۇاڭجۇ خېڭدا 3-0 خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يىڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان قۇرۇلۇش كوماندىسى خىڭدانىڭ مەيدانىدا مىھمان بولدى ،ئالدىنقى يىرىم مەيداندا بىرمۇ توپ چۈشمىدى .كىيىنكى يىرىم مەيداندا ئاۋال رېنىي بىر توپ ئۇردى ،ئۇنىڭدىن كىيىن يولداش فىڭ رىنلىياڭ ،دوڭ شۆشىنلار توپ ئۇرۇپ خىڭدا غەلبە قىلدى .
بىيجىڭ ئامانلىق 1-0 چاڭچۈن ياتەي
67مىنۇت بولغاندا باتارا جاڭ چىڭدوڭنىڭ بەرگەن پىسى ئارقىلىق بىرتوپ ئۇردى ،بىيجىڭ ئامانلىق ئۆزمەيدانىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈردى .
خاڭجوۋ يىشىل شەھەر 1-1 دالىيەن ئاربىن
جىياڭسۇ شۈنتىيەن 0-0 گۇيجۇ رىنخى
ئالدىنقى پەسىلدە ئاران دەرىجە ساقلاپ قالغان شۈنتىيەن كوماندىسى گۇيجۇ رىنخى كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ،ئىككى كوماندا ئاخىرىغىچە «تىركەشكەن»بولسىمۇ يەنىلا 0:0 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنى ئاياقلاشتۇردى .
لىياۋنىڭ خوڭيۇن 1-1 شاڭخەي شاڭگاڭ
ئەڭ ئاۋۋال ئولىس لىياۋنىڭ كوماندىسى ئۈچۈن گۇمانلىق توپتىن بىرنىڭ كىرگۈزدى(قولىغا تەگكەندەك قىلامدۇ...) ،45مىنۇت بولغاندا ۋۇپىڭ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ،مۇسابىقە ئاياقلاشقىچە نەتىجە ئۆزگەرمىدى .شۇنداق قىلىپ ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالدى .
شاڭخەي شېنشىن 0-2 شاڭخەي يېشىل زىمىن(شاڭخەي دىربىسى)
بۇمەيدان ئاتالمىش شاڭخەي دىربىسى ،ھەقىقەتەن دىربىدەكلا دىربى بولدى ،ئۆزىنىڭ ئىسمىنى گاۋدى دەپ ئاتىۋالغىنى 2توپ ئۇردى ،شېنشىن ئۆزمەيدانىدا ئۇتتۇرۇپ قويدى .
تىيەنجىن تەيدا 1-1 گۇاڭجۇ فۇلى
ئاۋال فۇلى كوماندىسىدىن داۋد بىرتوپ ئۇردى ،كىيىن تەيدادىن ۋاڭ شېنشىن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى .ئاخىرقى نەتىجە يەنىلا 1:1 بولۇپ ئاياقلاشتى .
|
|