ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3842 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا c.ronaldo77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-9 19:10
خانلىق مادرىد ۋە گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ھېسابلىنىدىغان قېدرا دۇنيا لوڭقىسىغا ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ئېغىر يارلىنىپ دوختۇر تەرىپدىن 6 ئاي دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن مادرىد تەرەپ ئاز بولمىغان تۆلەمگە ئېرشتى. شۇنداقلا مودرېچ ئۇنىڭ ئورنىنى خېلى ياخشى ئويناۋاتىدۇ. لېكىن يەنىلا قېدرادەك ئىپادىسى ئىزچىل تۇراقلىق ئەمەس. مادرىد تەرەپ قېدرانىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا ناھايتى دېققەت كىلىپ كىلىۋاتىدۇ. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ئۇنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ناھايتى تېز بولىۋېتىپتۇ.
گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى تېرنىرى لېۋمۇ ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا دېققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنىلا قېدرانىڭ ئاساسلىق ئەزا قىلىپ مەيدانغا چۈشۈرگۈسى بار ئىكەن. قېدرا ئۆزىمۇ مۇخپىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يارىسى ھەققىدە سۆز قىلغان. ئۇ ‹‹ مەن كىسەلنىڭ ئازابىنى خېلى تارتتىم، ئارامىنىمۇ يەتكۈچە ئېلىۋالدىم. ھازىر مېنىڭ ئەسلىگە كىلىىشم ناھايتى تېز بولىۋاتىدۇ. ئەگەر مېنىڭ موشۇ ھالىتىم داۋاملاشسا چوقۇم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىمەن. مېنڭچە ھەرقاندا بىر توپچى بىرازىلىيەگە بېرىشنى خالايدۇ.››
يەنە بىر مەسىلە شۈكى گېرمانىيە كوماندسى تېرنىرى راستىنلا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت يارلىنىش سەۋەپلىك مەيدان كۆرمىگەن قېدرانى ئاساسلىق ئەزا قىلىپ مەيدانغا چۈشۈرەمدۇ؟ ئەگەر قېدرا ئەڭ تېز ھالەتتە ئەسلىگە كەلگەن تەقدرىدىمۇ ئۇ دۇنيا لوڭقىسىغا بىر ئايچە ۋاقىت قالغاندا ئاندىن ساقىيالايدۇ. يارلانغان توپچىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەسلى ھالىتنى تېپىش ئۈچۈن بۇ ھەرگىزمۇ يېتەرلىك ۋاقتى ئەمەس. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن بىز قېدرانىڭ تېزدىن ساقىيىپ دۆلەت ۋە كۇلۇب ئۈچۈن كۈچ قوشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاخىرىدا بارلىق مادرىد مەستانىللىرىغا ۋاكالىتەن قېدرانىڭ تېزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|
|