akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 889|ئىنكاس: 24

بارسىلونا ھۇجۇم سېپىدىكى يېڭى مېھمان : نېيمار ......

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-29 19:27:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

   ئەسسلامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ! خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن بۇ تۈردىكى تېمىلىرىم توختاپ قالغىلى ئۇزۇن بوپتۇ . بۇگۈنكى نۆۋەت بارسىلونا يېڭى يولتۇزى نېيمارغا كەپتۇ . تۆۋەندە نېيمار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز . قېنى كەتتى ئەمسە ....

1.jpg


   ئىسىم - فامىلىسى             :     نېيمار . داسېلۋا
   
   دۆلەت تەۋەلىكى                :     بىرازىلىيە

   مىللىتى                            :     بىرازىلىيان

   تۇغۇلغان ئورنى                 :     بىرازىلىيە سان پاۋلو

   تۇغۇلغان ۋاقتى                 :     1992-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

   بوي ئېگىزلىكى                 :     1 مېتىر 74 سانتىمېتېر

   ئېغىرلىقى                        :     65 كېلوگىرام

   توپ تەپكەن كۇلۇبلىرى      :     سانتوس كۇلۇبى  ،  بارسىلونا كۇلۇبى

   كىيىم نومۇرى                  :     11- نومۇر  ( كۇلۇب )  ، 10-نومۇر  ( دۆلەت كوماندىسى )

   ۋەكالەتچىسى                 :     ۋاگنا . رىبېرو

   مەيداندىكى ئورنى          :     ھۇجۇمچى ، سايە ھۇجۇمچى ، كىراي

2.jpg

   نېيمار بىرازىلىيىلىك پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ ، ھازىرقى پۇتبول ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . پۇتبول شاھى پېلى ، روبىنھولاردىن كېيىنكى سانتوس كۇلۇبىدىن چىققان يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئالتۇن ئۆسمۈرنىڭ بىرى . ئۇ 13 ياش ۋاقتىدىلا يېڭى پېلى دەپ نام ئالغان ۋە كىشىلەر نەزىرىدە پېلىنىڭ ئىز باسارى دەپ تەرىپلەنگەن .

3.jpg

   تەرجىمھالى

   نېيمار 1992-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرازىلىيىنىڭ سان پاۋلودا دۇنياغا كەلگەن . ئۇ 2003-يىلى بىرازىلىيە زەردارى سانتوس پۇتبول كۇلۇبىغا قوشۇلغان بولۇپ ، ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشى بىلەن ، ئاخىرىدا سانتوس بىرىنچى كوماندىسىغا تاللانغان . 2009-يىلى نېيمار سانتوس بىرىنچى كوماندىسىغا ۋەكالىتەن بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىغان ۋە 2009-يىللىق ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى يۇلتۇز ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن . ئۈزلۈكسىز مۇسابىقە ئوينىشىغا ئەگىشىپ ، نېيمارنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى بارغانسىرى ئېشىپ ، 2010-يىللىق سان پاۋلو ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن ۋە بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . بىرلەشمىدىكى ئېسىل ئىپادىسى بىلەن 11 توپ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن ›› بولۇپ باھالانغان .
   نېيمار 2010-يىلى 60 مەيدان مۇسابىقىدە 46 توپ ئۇرۇپ ، كۇلۇبىنىڭ قوش لوڭقا كۆتۈرۈشىگە زور تۆھپە قوشقان . 2011-يىلىغا كەلگەندە سانتوس كۇلۇبى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈرگەن . شۇنداقلا جەنۇبى ئامرىكا ئازاد قىلغۇچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 13 مەيدان مۇسابىقىدە 6 توپ ئۇرۇپ ، كوماندىسىنىڭ لوڭقا كۆتۈرۈشىدە ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشقان . بۇ ھەم سانتوس كۇلۇبىنىڭ 1963-يىلىدىن بۇيان بىرىنچى قېتىم بىرلەشمە ۋە قىتئە دەرىجىلىك لوڭقىنى تەڭ ئېلىشى بولۇپ قالغان . نېيمار بولسا ‹‹ يىللىق مۇنەۋۋەر توپچى ›› بولۇپ باھالانغان . 2011-يىلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە نېيمار تېخىمۇ چاقناپ ، كۇلۇبى بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە كىرگەن . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گەرچە كۈچلۈك رەقىپ بارسىلونا كوماندىسىغا 0  :  4 پەرىق بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ لوڭقىدىن قۇرۇق قالغان بولسىمۇ ، نېيمارنىڭ ئىپادىسى ھەممىنى قايىل قىلغان ، شۇنداقلا ‹‹ مىس توپ ›› مۇكاپاتىغا نائىل بولغان .

4.jpg
5.jpg

   نېيمار 2010-يىلى جەنۇبى ئامرىكا پۇتبول ئەپەندىسىنى تاللاشتا 3-لىككە ئېرىشكەن . ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، يەنى 2011-يىلى 19 ياشلىق نېيمار 2011-يىللىق ‹‹ جەنۇبى ئامرېكا پۇتبول ئەپەندىسى ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن . 2011-يىلى نېيمار يەنە خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ‹‹ ئالتۇن توپ ›› مۇكاپاتى نامزاتى تاللاشتا ئىسمىنى ئاتاش شەرىپىگە ئېرىشىپ 10-ئورۇنغا تىزىلغان ۋە شۇ يىللىق خەلىقئارا پۇتبولى ‹‹ پۇسكاش مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشكەن . نېيمارنىڭ تېزلىكى ، تېخنىكىسى ۋە بۆسۈپ ئۆتۈپ ۋارتارغا توپ ئۇرۇشى ئالاھىدە بولۇپ ، توپ تېپىش ئۇسلۇبى ھەر قايسى كەسپى پىراففىسورلارنىڭ ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن . كىشىلەر نېيمارنى دائىم ئارگېنتىنا سەركىسى مېسسى ۋە پۇتبول شاھى پېلىلار بىلەن سېلىشتۇرىدۇ .
   نېيمار بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ماھىرىنىڭ بىرسى . ئۇ بۇندىن بۇرۇن دۆلەت 17 ياشلىقلار ۋە 20 ياشلىقلار  كوماندىسىغا ۋەكالىتەن توپ تەپكەن بولۇپ ، 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 18 ياش ۋاقتىدا ، ئامرىكا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىدە بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسغا ۋەكالىتەن بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىغان ۋە 28 مىنۇت بولغاندا بىر باش توپ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ، كوماندىسىنىڭ 0 : 2 ئۇتۇشىغا ئاساس سالغان . نېيمار يەنە 2011-يىللىق جەنۇبى ئامرىكا ياشلار چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى مەرگەن بولۇپ ، 9 توپ ئۇرۇپ ، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ مۇشۇڭ تۈردىكى مۇسابىقىدىكى 11-قېتىملىق لوڭقىسىنى ئېلىشىغا زور تۆھپىلەرنى كۆرسەتكەن .

6.jpg
7.jpg
8.jpg

   2013-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ، نېيمارنىڭ ئىسپانىيە زەردارى بارسىلونا كۇلۇبىغا رەسمىي قوشۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى . بارسىلونا مۇئاۋىن رەئىسى نېيمارنىڭ يۆتكۈلۈش باھاسىنىڭ 57 مىليون ياۋرو بولغانلىقىنى ، ئۇنىڭ توختام بۇزۇش ھەققىنىڭ 190 مىليون ياۋرو قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان . نېيمار 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى بارسىلوناغا يېتىپ كېلىپ ، توپ مەستانىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن .
   2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە ، ئۇيۇشما لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، كاسىللىياسنىڭ ۋارتارىغا كۈچ بىلەن ئۇرغان توپى پۇتۇن مەيداننى ، جۈملىدىن پۈتۈن بىرازىلىيەنى شاتلىققا چۆمدۈرگەن . 57 مىليون ياۋرو باھا بىلەن بارسىلوناغا قوشۇلغان ، ئۇيۇشما لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن ۋە ئۇيۇشما لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ‹‹ ئالتۇن توپ ›› ساھىبى نېيمارنىڭ بارسىلوناغا كېلىشىنى كىشىلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى .

9.jpg
10.jpg

   ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى

   نېيمار بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلودا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، دادىسى دا سېلۋانىڭ ئىز باسارى . نېيمارنىڭ دادىسىمۇ كەسپى توپچى بولۇپ ، ئۇ نېيمارنىڭ باشلانغۇچ ئۇستازى ھېسابلىنىدۇ . شۇنداقلا نېيمارنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئەڭ موھىم شەخىس ھېسابلىنىدۇ . نېيمار بۇندىن بۇرۇن دادىسىغا مۇنداق باھا بەرگەن : ‹‹ مېنىڭ دادام كىچىكىمدىن باشلاپلا ماڭا ھەمرا دائىملىق ھەمرا ئىدى ، مېنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىمدىن ۋە مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالاتتى . ›› . نېيمار كوچا پۇتبولىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ ، كوچا پۇتبولىنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى .
   1992-يىلى نېيمار ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە سان ۋېنىستغا كۆچۈپ كېلىدۇ . 2003-يىلىغا كەلگەندە ئۇلار يەنە پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن  سانتوسغا كۆچۈپ كېلىدۇ . ئارقىدىنلا نېيمار سانتوس كۇلۇبىغا قوشۇلىدۇ . نېيمارنىڭ پۇتبول ھاياتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا ئەگىشىپ ، نېيمار ئائىلىسى ئۆزىگە تەۋە بولغان بىرىنچى ئۈيىنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئائىلە شارائىتىمۇ ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ . نېيمار 15 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ، نېيمارنىڭ مۇئاشى 10 مىڭ بىرازىلىيە لىراسى بولۇپ ، 16 ياشقا كىرگەن يىلى مۇئاشى 25 مىڭ بىرازىلىيە لىراسىغا ئۆسىدۇ . 17 ياشقا كىرگەن يىلى نېيمار سانتوس كۇلۇبى بىلەن كەسپى توختام ئىمزالايدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ سانتوس بىرىنچى كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ ۋە ياردەمچى كىرىمى بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ .

11.jpg
12.jpg

   پۇتبولچىلىق ھاياتى

   سانتوس ياشلار كوماندىسى

   2003-يىلى نېيمار سانتوس ياشلار كوماندىسىغا قوشۇلۇپ ، سانتوس كۇلۇبىدىكى مەشىقىنى رەسمىي باشلايدۇ . سانتوس ياشلار مەشىق ئېنىستىتوتى دېگو ، ئالېكىس ، پېلى ۋە روبىنھولاردەك داڭلىق توپچىلارنى تەربىيلىگەن ۋە غەلبىلىك ھاياتىنىڭ باشلامچىسى بولغان داڭلىق مەشىق بازىسى . سانتوس مەشىق بازىسىدا نېيمار گانسو بىلەن تونۇشىدۇ ۋە يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ . نېيمار 14 ياش ۋاقتىدا خانلىق مادرېدقا كېلىپ سىناق مەشىقىغە قاتنىشىدۇ ۋە لاياقەتلىك بولۇپ ئۆتىدۇ . لېكىن سانتوس كۇلۇبى نېيمارغا 1 مىليون لىرا پۇل بېرىپ ئۇنى سانتوس كۇلۇبىدا ئېلىپ قالىدۇ ۋە 2009-يىلى سانتوس بىرىنچى كوماندىسىغا تاللايدۇ .

   2009-يىللىق مۇسابىقە پەسلى

   2009-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ، ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن نېيمار مۇسابىقە تۈگەيدىغانغا 13 مىنۇت قالغاندا سانتوس كوماندىسىدىكى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ سانتوس كوماندىسىدىكى بىرىنچى توپىنى ئۇرىدۇ . 2009-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە نېيمار 48 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 14 توپ ئۇرغان .

   2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلى

   2010-يىلى نېيمارنىڭ تېز ئىلەىرىلىگەن باسقۇچى بولۇپ ، بىرازىلىيە لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى گانىلا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ 5 توپ ئۇرۇپ ، رەقىبىنى 1  :  8 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن . 2010-يىلى سان پاۋلو بىرلەشمىسىدە ، نېيمار 19 مەيداندا 14 توپ ئۇرۇپ ، ‹‹ مۇنەۋۋەر توپچى ›› بولۇپ باھالىنىدۇ ۋە كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە چىمپىيونى بولىدۇ .
   2010-يىلى سانتوس كۇلۇبى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى غەربى ھام كۇلۇبىنىڭ 12 مىليون فۇنىستېرلىڭلىق باھاسىنى ۋە چېلسىي كۇلۇبىنىڭ 20 مىليون فونىستىرلېڭلىق باھاسىنى رەت قىلىدۇ . نېيمارمۇ سانتوستا توپ تېپىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
   نېيمار 2010-يىللىق جەنۇبى ئامرىكا پۇتبول ئەپەندىسى نامزاتىنى تاللاشتا 3-ئورۇنغا تىزىلىدۇ .

   2011-يىللىق مۇسابىقە پەسلى

   2011-يىللىق جەنۇبى ئامرىكا ئازاد قىلغۇچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ، نېيمار 6 توپ ئۇرۇپ كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ .
   2011-يىلى 9-ئايدا سانتوس رەئىسى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ، خانلىق مادرېدنىڭ ئىچكى جەھەتتىن نېيمارغا يېقىنلاشقانلىقى ۋە ئالدىن توختام تۈزمەكچى بولغانلىقى ئۈستىدىن ئەرىز قىلىدۇ . شۇ كۈنى نېيمار سانتوس كۇلۇبى بىلەن 2014-يىلىغىچە توختام ئۇزارتىدۇ . كۇلۇب نېيمارنىڭ مۇئاشىنى ئۆستۈرىدۇ .
   2011-يىلى نېيمار ‹‹ پۇسكاش مۇكاپاتى ›› غا نائىل بولىدۇ . 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ‹‹ جەنۇبى ئامرىكا پۇتبول ئەپەندىسى ›› بولۇپ باھالىنىدۇ .

   2012-يىللىق ۋە 2013-يىللىق مۇسابىقە پەسلى

   2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ، نېيمار بىرازىلىيە ‹‹ ئالتۇن توپ ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ . نېيمار 42 يىلدىن كېيىنكى ‹‹ concours hours  ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ . 42 يىلدىن بۇيان پەقەت پېلى بىلەن نېيمارلا بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولغان .
   2013-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ، بارسىلونا ئورگان تورى نېيمارنى 57 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى . توختام ۋاقتى 5 يىل بولۇپ ، مۇئاشى 7 مىليون قىلىپ بېكىتىلدى .
   2013-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ، نېيمار بارسىلونادىكى بىرىنچى توپىنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى .

13.jpg
33.jpg

   تېخىنىكا ئالاھىدىلىكى

   نېيمارنىڭ سۈرئىتى تېز بولۇپ ، بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى سەبداشلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ ئالاھىدە پەرىقلىق تۇرىدۇ . نېيمارنىڭ كۆز چاقنىتىدىغىنى ئۇنىڭ ئېسىل پۇت ئاستى ماھارىتى ، توپ ئېلىپ مېڭىشى ۋە بۆسۈپ ئۆتۈشى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىختىيارى توپ تېپىش ماھارىتىمۇ ئۆزگىچە . ئۇ ئوڭ سول كىراي ، ھۇجۇمچىسىمان ئوتتۇرا مەيدان ، سايە ھۇجۇمچى ۋە ھۇجۇمچىلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقىپ كېتەلەيدىغان ئىقتىدارلىق توپچى .
   نېيمارنىڭ تۇغما تالانتى كىشىنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ .

   ۋاتارغا توپ ئۇرۇشى          :     9 نومۇر
   تېخىنىكىسى                    :     10 نومۇر
   پاس تاشلىشى                 :     9 نومۇر
   باش توپ                        :     7.5 نومۇر
   توپ تالىشىش                  :     6 نومۇر
   تېزلىكى                          :     9.5 نومۇر
   كۈزىتىش دائىرىسى           :     9 نومۇر
   توپ كونتىرول قىلىشى       :     10 نومۇر

   ئېرىشكەن نەتىجىلىرى

   بارسىلونا كۇلۇبى

   2013-يىللىق ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى

   سانتوس كۇلۇبى

   2010-يىللىق بىرازىلىيە لوڭقىسى چىمپىيونى
   سان پاۋلو بىرلەشمىسى چىمپىيونى            (  2010 ، 2011 ، 2012  )
   2011-يىللىق جەنۇبى ئامرىكا ئازاد قىلغۇچىلار لوڭقىسى چىمپىيونى
   2011-يىللىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى 2-لىك

   دۆلەت كوماندىسى

   2011-يىلى جەنۇبى ئامرىكا ياشلار چىمپىيونلۇق لوڭقىسى چىمپىيونى
   2011-يىللىق جەنۇبى ئامرىكا دۆلەتلەر دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى
   2012-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 2- لىك
   2013-يىللىق دۇنيا ئۇيۇشما لوڭقىسى چىمپىيونى

   يەككە تۈر

   2009-يىللىق سان پاۋلو بىرلەشمە ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى يولتۇز ››  
   سان پاۋلو بىرلەشمە ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ››   (  2010  ، 2011  ، 2012  )
   سان پاۋلو بىرلەشمە ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى ››   (   2010  ، 2011  ، 2012  )
   2011-يىللىق جەنۇبى ئامرىكا ئازاد قىلغۇچىلار لوڭقىسى ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ››
   بىرازىلىيە بىرلەشمە ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى ››   (   2010  ،  2011  )
   2011-يىللىق بىرازىلىيە بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ‹‹ ئالتۇن توپ ››
   2010-يىللىق ۋە 2011-يىللىق بىرازىلىيە بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى ‹‹ كۆمۈش توپ ››
   2010-يىللىق ۋە 2011-يىللىق بىرازىلىيە بىرلەشمىسى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى ‹‹ ئالتۇن توپ ››
   2010-يىللىق بىرازىلىيە لوڭقىسى مەرگەن
   2011-يىللىق جەنۇبى ئامرىكا ياشلار چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مەرگەن
   2011-يىللىق خەلىقئارا پۇتبول كۇلۇبلار لوڭقىسى ‹‹ مىس توپ ››
   2011-يىللىق جەنۇبى ئامرىكا ‹‹ پۇتبول ئەپەندىسى ››
   2011-يىللىق خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ‹‹ پۇسكاش مۇكاپاتى ››
   2012-يىللىق سان پاۋلو بىرلەشمە مەرگەن
   2012-يىللىق جەنۇبى ئامرىكا ئازاد قىلغۇچىلار لوڭقىسى مەرگەن
   2013-يىللىق دۇنيا ئۇيۇشما لوڭقىسى ‹‹ ئالتۇن توپ ››
   2013-يىللىق دۇنيا ئۇيۇشما لوڭقىسى ‹‹ مىس كەش ››

34.jpg
14.jpg
15.jpg
34.jpg
17.jpg
18.jpg
19.jpg
20.jpg
21.jpg
22.jpg
23.jpg
24.jpg
25.jpg
26.jpg
27.jpg
28.jpg

   نېيمارنىڭ بۇندىن كېيىنكى پۇتبولچىلىق ھاياتىغا زور ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەرنى تىلەيمەن !!!

                                                                                                                                         تۈگىدى    (   نائىل   )

   
  
   

   

   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 20:02:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بارغانسېرى ئادەمنىڭ ئامراقلىقنى كەلتۈرۋاتىدۇ . ئىشقىلىپ مۇشۇنداق مېڭىۋەرسە كىيىنچە بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرشكۈسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 19:48:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ھالدا بىزنىڭ ساختا مالدىن ياخشى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 19:50:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ھىچكىم ساختا مال دىيەلمەيدۇ  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 19:54:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باساغا يارىشىپلا كەتتى بۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 20:02:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل تىپىپ رەڭ تۈزىگەن نىمىكە بۇمۇ ھە ،،،ئاۋۇ ياش ۋاقتىدىكى رەسىمى نىمانداق سەت ،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 20:02:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىتنىڭ  مىلى بولۇپ كەتكىلى تاس_تاس  قاپتىكەندە…  
ھەنىم  بولسا  سانتوسنىڭ  كاللىسى  ئىشلەپتىكەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 20:04:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ozili يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 20:02
پۇل تىپىپ رەڭ تۈزىگەن نىمىكە بۇمۇ ھە ،،،ئاۋۇ ياش ۋاقتى ...


توپ دىگەننى چىرايدا ئوينمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 20:09:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 20:04
توپ دىگەننى چىرايدا ئوينمايدۇ

كەلمىگەنلا بىر نەقىل بوپتۇ بۇ ،،،مەن يا سەت ۋاقتىدا توپ ئوينىيالمايتى دىمىسەم ،،،

توپنى چىرايدا ئوينىمايدىغانلىقىنى  بارسىلونانى تونىغاندىن بىرى ئىتراپ قىلىپ كىلىۋاتىمىزغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 20:09:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقا رەسىمگە چۈشسە داۋاملىق ئاغزىنى كالچايتىپ يوغان ئېچىۋالىدۇ دەيمەن، ئاۇۋ پېلى بىلەن چۈشكەن رەسىمدىكىدەك، خۇددى تىلى ئاغزىغا پاتمىغان ئادەمدەك،
لېكىنغۇ ئىپادىسى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، تاشقى قىياپەتتىمۇ خېلى تۈزۈلۈپ قالغان چىراي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 20:14:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 20:21:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئاداش لىكىن ، بارىسلونا ھەجەپ ياراشتى ، بۇرۇن مىسسى ئۇراتتى ، ئەمدى مائاداش كەلگەندىن بىرى ، كىمنىڭ ئۇرۇپ كىمنىڭ ئالدايدىغىنىنى بىلگىلى بولمىغۇدەك!

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 07:36

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش