elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 612|ئىنكاس: 10

ئۇزغۇنلۇق مۇنەۋۋەرلەر سەپ شەكلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



     كوماندا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى گېرمانىيىلىكلەرگە مەنسۇپ. بەيرىن بىلەن دورتمۇند ئاخىرى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم گېرمانىيە دۆلەت دېربىيسىنى بەرپا قىلدى، ئەمما شەخىس جەھەتتىن قارىغاندا گېرمانىيىلىكلەر ‹دۇنيانى بىرلىككە كەلتۈرەلمىدى›.

     ئەنگىلىيە ‹قۇياش گېزىتى› توپچىلارنىڭ شەخسىي سان - سېفىرلىرىغا ئىپادىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، يىرىم ھەل قىلغۇچ جەڭگىچە بولغان ئارلىقتىكى ئۇزغۇنلۇق مۇنەۋۋەرلەر سەپ شەكلىنى باھالاپ چىقتى، ئەمما 11 ئادەمنىڭ ئارىسىدا مىسسى يوق.

     سەپ شەكلى: 4-3-3 (تۆت مۇداپىيە، ئۈچ ئوتتۇرا مەيدان، ئۈچ ھۇجۇم)

     تۇرشاۋۇل(سول): كىرىستىيانو رونالدو (خانلىق مادرىد، 12مەيدان 12توپ)
     مادرىدنىڭ ئۇزغۇنلۇقتىكى ھەممە مۇسابىقىسىنى تولۇق ئوينىدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 90مىنۇتتا بىردىن توپ ئۇردى، ئەمما كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشكە ئامالسىز قالدى، بىراق ئۇششاق رونالدو بۇ قېتىملىقى ئۇزغۇنلۇقتىكى ئەڭ خەتەرلىك توپچى.

     تۇرشاۋۇل(ئوتتۇرا): بۇلاق يىلماز (غەلىتە ساراي، 9مەيدان 8توپ)
     كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ‹تۇلپار› ھۇجۇمچى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 95 مىنۇتتا بىر توپ ئۇرغان، يازدا بەلكىم نۇرغۇنلىغان كۇلۇپلارنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۋىلىشى مۇمكىن.

     تۇرشاۋۇل(ئوڭ): لېۋاندوۋىسكى (دورتمۇند، 12مەيدان 10توپ)
     ياۋروپا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى، مادرىدقا 4توپ ئۇرغان ۋاقتى بۇ نۆۋەتلىك ئۇزغۇنلۇقتىكى ئەڭ يارقىن نامايەندىسى، ناۋادا دورتمۇند ئۇزغۇن بوپ قالسا، شەك شۈبىھسىزكى لېۋاندوۋىسكى بۇنىڭدا ئىنتايىن مۇھىم شەخىس.

     ئوتتۇرا مەيدان: گۆتىز (دورتمۇند، 11 مەيدان 5 پاس)
     32مىليۇنلۇق يۆتكىلىش باھاسى بىلەن بەيرىنگە يۆتكىلىشى ئاللىبۇرۇن مۇقىملاشتى، ئۇنىڭ ئىجادچانلىق كۈچى دورتمۇندنىڭ ياللقۇنلۇق ئوت كۈچى، ئۇ ھەم ئۆزىمۇ توپ ئۇردى.

     ئوتتۇرا مەيدان: شىمىستايگىر (بەيرىن مىيۇنخىن، 11مەيدان 4پاس)
     بەيرىننىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسى، كۈچ ۋە تېخنىكىدا تەڭ يىتىشكەن، ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ئەڭ ئۈلگىلىك ئوتتۇر مەيدان توپچىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورۇن تولۇقلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، سەبداشلىرىنىڭ توپ ئۇرۇشىغا ياردەملىشەلەيدۇ ۋە ئۆزىمۇ توپ ئۇرالايدۇ.

     ئوتتۇرا مەيدان: شاۋى (بارسىلونا، 11مەيدان 4پاس)
     ھەر بىر ھازىرقى زامان كوماندىلىرى ھۇجۇم يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بىر پىشۋاغا مۇھتاج، شاۋى بولسا شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى بىرىدۇر، بۇ پەسىلدە شاۋىنىڭ ئۇزغۇنلۇقتىكى ئومۇمىي پاس سانى 1143 كە يەتكەن بولۇپ باشقا ھەرقانداق بىر توپچىدىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ، تۆت قېتىملىق ھالقىلىق پاس چىقىرىشى ئۇنىڭ پاسلىرىنىڭ نەقەدەر ئۆتكۈرلىكىنى نامايەن قىلىپ بەردى.

     باققاۋۇل(ئوڭ): لام (بەيرىن مىيۇنخىن، 11مەيدان 4پاس)
     يان مۇداپىيىچىنىڭ پاس چىقارمايدىغان دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، ھازىرقى يان مۇداپىيە ماھىرىنىڭ ھۇجۇمدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ جەھەتتە بەلكىم لام ئەڭ قالتىسى بولۇشۇ مۇمكىن.

     باققاۋۇل(ئوتتۇرا): ۋىلىگتون (مالاگا، 11مەيداندا 6توپ كەتكۈزگەن)
     بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق جېڭىدە، مالاگانىڭ مۇداپىيەسى ئومۇميۈزلۈك تۇراقلىق بولدى، بۇنىڭدا بۇ بىرازىلىيىلىكنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ مالاگاغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 11مەيدان جەڭدە، 7مەيداندا توپ كەتكۈزمىگەن، ئەگەر ئۇ ئۇزغۇنلۇق چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 2- ئۇچرىشىشىدا مەيدانغا چىقالىغان بولسا دورتمۇند بەلكىم مالاگا ئۈستىدىن يامان ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرالماسلىقى مۇمكىن ئىدى.

     باققاۋۇل(ئوتتۇرا): دەنتې (بەيرىن مىيۇنخىن، 11مەيداندا 10توپ كەتكۈزگەن)
     كېيىن يىتىلگەن تىپلاردىن، بىراق بەيرىنگە نىسپەتەن دەنتې ئىنتايىن مۇھىم، بۇ پەسىلدە ئۇ نۇرغۇن كوماندىدىكى ھۇجۇمچىلارنى ئەزرائىلدەك مۇداپىيە قىلىۋالدى، بارسىلونامۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

     باققاۋۇل(سول): خۇمىرىس (دورتموند، 12مەيدان 2پاس)
     لامغا ئوخشاشلا خۇمىرىسنىڭ ھۇجۇم قىلىش خەتىرى ئىنتايىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولدى، 1توپ كىرگۈزۈپ 2پاس چىقاردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ تۇراقلىق ئىپادىسى بىلەن يان تەرەپتە پەرۋاز قىلىپ يۈردى.

     قاپقاۋۇل: ۋىلى.كاۋالىرو (مالاگا، 11مەيداندا 7مەيدان توپ كەتكۈزمىگەن)
     بۇ پەسىل ئۇزغۇنلۇقتا ۋىلى مۇتلەق تونۇلدى، ئۇزغۇنلۇقتىكى 11مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت 7توپ كەتكۈزدى، ئارىسىدا يەنە تېخى 7مەيدان توپ كەتكۈزمىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-23 10:32:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇمرىس ئەمەس ئاۋۇ ، شىمزىر ... خۇمرىس دىگەن دورتمۇند كوماندىسىنىڭ ئوتتۇر بىكى .
بۇ شىمزىر دىگىنى يان بىك  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-23 10:54:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەيۋەندوۋىسكىنىڭ ئۈنىمى يەنىلا يىلىماغا يەتمەيىدكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-23 11:35:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى دىگەن مەردانە بىرەر قېتىم.كىرمىسىمۇ ھىچنىمە بولمايدۇ. بىچارە  دەپ قانداق كىشلەرنى دەيمىزكىنتاڭ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-23 12:23:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېسسى يارلىنىپ قالمىغان بولسا بۇندا نىمىلىدىن چۇپ قالمايتى  بىرە قىتىم يوق بوپ قالغانغا ئەمدە بىچچارە بوپ قالدىما  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-23 12:44:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن توپتىن 4 نى ئالدى .ئەمدى ماۋۇ يىل ئالسا قاملاشماس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-23 14:31:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇنالدونىڭ مەرگەن بۇلىشى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملىشىپ قاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-24 00:53:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇ مىسسى بىرە قىتىم چۈشۈپ قالغانغا ھىچ نىمە بولماس،رونالدومۇ چۈشۈپ قالغاندا بىرە ئىش بولمىغانغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-24 01:03:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏كىمنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا شۇ كىرىدۇ دىگەن گەپ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-24 08:38:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فالكاۋمۇ  يوقكەنغۇ،،بۇ  قارىم.ھەجەپ كىرمەپتا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-24 09:29:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-24 08:38
فالكاۋمۇ  يوقكەنغۇ،،بۇ  قارىم.ھەجەپ كىرمەپتا.

ئۇ ئوزغۇنلۇق ئوينىمىغاندۇ قېرىندىشىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-24 20:47

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش