ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4041 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مەن بۇ سولتەكنى ياقتۇرىمەن، ھەقىقىي بىر پۇتبول نوتىسى!
بۇ ھەقىقەتەن مارادونانىڭ ئىز باسارى بولۇشقا مۇناسىپ. بەزىلەر ئۇنى ياقتۇرمايدۇ، بولۇپمۇ مادىرىد مەستانىلىرى (ئەگەر مادىرىد ئۈچۈن توپ تېپىدىغان بولسا ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ)، مەن ئۆزەممۇ بىر مادىرىد مەستانىسى، ھەر قايسى كۇلۇپلار ئىچىدە بۇرۇندىنلا مادىرىدقا بەكرەك ئامراقمەن، ئەمما مەن مەلۇم بىر كوماندا ياكى مەلۇم بىر شەخىسنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ توپ كۆرمەيمەن، مەن ياقتۇردىغان چولپانلار داڭلىق كۇلۇپلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بار، قىسقىسى مېسسىمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە، ھەم مەن ياقتۇرىدىغان چولپانلارنىڭ ئالدى دېسەممۇ بولىدۇ.
بولۇپمۇ ئۇنىڭ شەخسىي تېخنىكىسىغا قول قويىمەن، بويى پاكار بولغىنى بىلەن بەكمۇ چەبدەس، ئۇنىڭ ئىختىيارىي توپ تېپىش ئىقتىدارىمۇ بارغانسىرى ئىلگىرلىمەكتە، توپ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىغا گەپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ پۇتىغا توپ چۈشۈپ قېلىشىدىن نۇرغۇن پۇتبولچىلار قورقىدۇ، شۇ سەۋەبلىك بەزىدە قەستەن يارىدار قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.
بۇنىڭ يەنە بەزىبىر تەرەپلىرىنى ياقتۇرمايمەن، بەزىدە يالغاندىن يىقىلۋېلىشقا ئامراق ئاداشكەن بۇ دەپ قالىمەن، بەلكىم بۇ گىۋاردىئولانىڭ ئەڭ قۇلىقى يۇمشاق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرسىدۇ... ....
بۇ تەرىپى ئادىل رىقابەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ توپ ئوينايدىغان مۇنەۋۋەر بىر توپچىغا تازا ماس كەلمەيدۇ.
ئېسىمدە قېلىشىچە بۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.68 قۇ دەيمەن، مارادونادىن 2 سانتا ئېگىز. |
|