زەربىدار يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 12:27:41

تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى توپچىلار تولۇق تىزىملىكى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-13 09:25

      
   شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 15:00دە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، بۇ پەسىللىك پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىككۆزلىگەن نىشانى بولسا ئالدىنقى 6نىڭ ئىچىگە كىرىش، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا شىنجاڭلىق ماھىرلاردىن جەمئىي 9نەپەر كىرگەندىن باشقا تولۇق تىزىملىككە قارايدىغان بولساق ئىككىنچى سەپ (زاپاس) كوماندا ئەزالىرىئۇيغۇر ۋە قازاق ماھىرلاردىن تەشكىللەنگەن.
   ھاۋارايى مۇناسىۋەتلىك شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىدىكى 5مەيدان مۇسابىقىنى مېھمان مەيداندا ئوينايدۇ. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدە ساھىبخان مۇسابىقىسىنى ئوينايدىغان بولۇپ لېكىن ھازىرچە ساھىبخان مەيدانبىلەت باھاسى توغۇرلۇق يېڭى ئۇچۇرئېلان قىلىنمىدى.

(مەزكۇر جەدىۋەل مۇنبىرىمىز ئەزاسى putboldunyasi نىڭ قولىدا پۈتۈپ چىققان)

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مىللىي ماھىرلار تولۇقتىزىملىكى
   1-سەپ:
    ئاراپات مىجىت (2-نومۇر)؛ مەخمۇد ئابدۇكېرىم (4-نومۇر)؛مۇستاپا نۇرئەخمەد (14-نومۇر)؛ ئابدۇلئەزىز ئابدۇسالام (15-نومۇر)؛ ئەخمەتجان (24-نومۇر)؛ ئەلىجان ئالىم (25-نومۇر)؛ يەھيا ئابلىكىم (29-نومۇر)؛   شاۋكەت يالقۇن (30-نومۇر)؛سەلىخان دەمىخان (31-نومۇر) ؛

2-سەپ:
    دىليار (41-نومۇر)؛ئالماس ئازات (42-نومۇر)؛ خۇدابەردى بەكرى (43-نومۇر)؛ مۇقالى داۋۇت (44-نومۇر)؛ ئېرشات قۇربان (45-نومۇر)؛ دانىيار مۇساجان (46-نومۇر)؛ سۇبھى پەرھات (47-نومۇر)؛ شەپقەت قۇددۇس (48-نومۇر)؛ قۇدىرەت ئابلەت (49-نومۇر)؛ زايىرجان تاھىرجان (50-نومۇر)؛ شېرزات خېلىل (51-نومۇر)؛ ئابدۇخەمىت ئابدۇغېنى (52-نومۇر)؛ قەيسەرجان ئابدۇغېنى (53-نومۇر)؛ يېرمەت تالاپخان (54-نومۇر)؛ پەرھات ئەمەت (55-نومۇر)؛ ئەركىن كۆڭىلبېك (56-نومۇر)؛ ئەركىن ئەنۋەر (57-نومۇر)؛ ئەزىمەت (58-نومۇر)؛ ئىلياس (59-نومۇر)؛ زۇلپىقار دولقۇن (60-نومۇر)

   شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 2015-يىللىق كىيىمى

hasrat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 16:42:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hasrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-11 17:45

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ، كەمىنە بىر يىللىق ئاساسى قاتلام خىزمىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىش ئورنۇمغا قايتىپ كەلدىم . بۇ تىزىملىكنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم . خۇاكەيئېر گورۇھىنىڭ ئۆز ۋەدىىسىگە ئەمەل قىلىپ ،تېخىمۇ كۆپ يەرلىك توپچىلارنى بىرىنچى كوماندىغا تاللىغانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇش بولدۇم . ئەمما بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىززىققانلىق ۋە ئىچى تارلىق پوزىتىسىيىسى بىلەن قىلغان سۆزلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم غەش بولدى .ئاپتۇنۇم رايۇنىمزدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قازاق ، قىرغىز ، ئۆزبىك ، مۇڭغۇل ،خەنزۇ ،تاجىك ، رۇس ، مانجۇ ، زاڭزۇقاتارلىق نۇرغۇن مىللەت ياشايدۇ ، بىرقانچە يىللاردىن بۇيان شۇ مىللەتلەردىن يىتىشىپ چىققان توپچىلارمۇ رايۇنىمىزنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ كىلىۋاتىدۇ .داڭلىقئۆزبىك توپىچمىز ئەكرەم ، قازاق توپچىمىز ئېرجات قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى . دۇنيا پۇتبولچىلىقىغا نەزەر سالىدىغان بولساقمۇ ساپلا بىر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان كولۇپ يوق ، ‹‹مىللى ››دېگەن ئاتالغۇ سىز ۋە بىزدىنمۇنەچچە ھەسسە بىلىملىك ئالىم - مۇتەخەسىسلىەر قېلىپلاشتۇرغان ئاتالغۇ ، مىللى كارخانىچىلار ، مىللى مەدەنىيەت دېگەن ئىبارىلەردىكى ‹‹مىللى ›› سۆزى نۆۋىتى كەلگەندە ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇلار بولۇپ،شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسىمغا ئالمىشىپ كىلىپ يەنىلا شۇ مىللەتنى كۆرسىتىدۇ .بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتكەنلىك ھەرگىزمۇ سىزنى كەمسىتكەنلىك ھېسابلانمايدۇ . بىز بۇيەردە ئۇنى - بۇنى تالىشىپ ئولتۇرماي كۆپ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان كوماندىمىزنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشىنى ئۆمىد قىلىشىمىز ، شىنجاڭ كوماندىسىنى قوللىغان ، كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق دوستلىرىمىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىشىمىز لازىم .ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بىزنىڭ نۇرغۇن تالانتلىق توپچىلىرىمىز موشۇنچىلىك كوماندىغىمۇ ئۇلىشالماي ئالتۇندەك ياشلىقىنى قۇربان قىلىۋەتكەن ئىدى ، ئەمدى قىلچلىك پۇرسەت بولسىمۇ ھەسسىلەپ قەدىرلەپ ، ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى ئەمەلى ھەركىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىشىمىز كىرەك .

گىرمان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 19:22:02

hasrat يوللىغان ۋاقتى2015-3-11 16:42
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ، كەمىنە بىر يىللىق ئا ...

ئىچى تارلىق ، قىززىققانلىق قىلغان ئىش يوق ، بەلكى ھەقىقەت سۆزلىنىۋاتىدۇ
ئۇيغۇرغا خاس ھەرقانداق ئىسىمنىڭ مىللىي نامى بىلەن ئاتىلىپ قېلىشى قۇبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس .
ئەزەلدىن داڭقى مەشھۇر تىبابىتىمىز مىللىي تىبابەت ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇر تىبابىتى . ئۇيغۇر نۇمۇس قىلىدىغان ئىسىم ئەمەس .
ئەزەلدىن ئۇيغۇر ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ قەۋىمنىڭ تا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مىللىي ئاتىلىپ قېلىشى پەخىرلىنىپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس .
ئۇيغۇر ئاشخانىللىرىمىز مىللىي ئاشخانىلارغا ، ئۇيغۇر تىبابىتىمىز مىللىي تىبابەتكە ، ئۇيغۇرلىرىمىز مىللىغا ، ۋە ئۇيغۇر ئاتلىق ئىسىملىرىمىز مىللىي ئاتلىق ئىسىملارغا ئايلىنىپ قېلىشى ئۆزلۈكنى ئىنكار قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس خالاس .

putboldunyasi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 12:31:52

بۇ رەسىمدە لاتىنچە ئىسىمدە خاتالىق بار،تەييارلىق كوماندىدىكى بالىلارنىڭ ئىسمىدا،بولسا مەن ئۆزگەرتكىنىمىزنى ئەۋەتىپ بەرسەم رەسىمنى ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ؟

قۇياش يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 12:35:18

تەشۋىقاتنى ئوبدان قىلىۋاتىدۇ بۇلار، دەرىجىدىن تاشقىرىغا ئۆرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن....

diil-zat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 12:35:31

ئاۋۇ 3 چەتئەللىكنىڭ يېشى ئەڭ چوڭكەن 35 ياش

MESSI0707 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 12:36:22

ياخشى ئىشكەن بولسا بۇلارمۇ تىرىشىپ2-3 يىلدىن كىيىن ئىسمى جىسمىغا لايىق شىنجاڭ كوماندىسى بولسۇن !

allayar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 12:38:39

سورتلۇق ماھىرلارغا قارغاندا مىللى ماھىرلار خېلى جىقكەن ھە

ئىلىم يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 12:40:10

بىرنچىسەپتىكىباللانىڭتىرىشىپئاساسلىقئەزابۇلىشىنىئىككىنچىسەپتىكىباللارنىڭ    تىرىشىپبىرىنچىسەپكەچىقىشىنىئۇمۇتقىلمەن

nayil يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 12:44:40

قېرىنداش ئىنىلىرىمىزنىڭ كوماندىدا ئاساسلىق ئورۇنغا كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . ئىككىنچى كوماندىدىكى ئىنىلىرىمىزنىڭ داۋاملىق بوشاشماي تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

بېرنابۇ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 13:01:12

putboldunyasi يوللىغان ۋاقتى2015-3-11 12:31
بۇ رەسىمدە لاتىنچە ئىسىمدە خاتالىق بار،تەييارلىق كوما ...

رەسىمنى ئالماشتۇرغىلى ئەلۋەتتە بولىدۇ. قېنى سىز ئاۋۋال ئۆزگەرتكەن رەسىمنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاڭ

fiko يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 13:03:04

ئىككىنچى سەپتىكى ئۇيغۇر ماھىرلار خېلى جىقكەنغۇ تېخىمۇ تىرىشىڭلار، بىرىنچى سەپ كوماندىغا تېزراق چىقىپ بولـمىغاندا 50%پىرسەنتى بىزنىڭ بالىلار بولسا كاتتا ئىش بولاتتى، ھېلىھەممۇغۇ ياخشى ،ئالدىنقى پەسىلدىكى تەييارلىق كوماندىدىكى بالىلاغا يەنە نۇرغۇن بالىلار قوشۇلۇپ قاپتۇ جۇمۇ ...

fiko يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 13:06:22

ما ھازىرقى يىلپىزلارنى قوللىغان شېركەتنىڭ قانچىلىك پۇلى باردۇھە ، يەنە بىرەر يىل ئويناپ تۇختاپ قاپ يۈرمەس ...

ئاتلان7 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 13:08:29

ۋۇجۇ بەرگەن نۇمۇرلىرىنى 7،8،9،10.......دەيدىغان نۇمۇرلار نەگە كەتتى.
بەت: [1] 2 3 4
: تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى توپچىلار تولۇق تىزىملىكى