بوۋاينىڭ يۈرەك سۆزلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-11 14:22ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبىر ئەھلى بوۋايدىنسىلەرگە سالام . كەمىنە بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپمۇنبەرداشلارنىڭ ياردىمىدە ئىككى نادىر تىما يېزىپ پۈتكۈزدۈم.ئەلۋەتتە بەك ياخشى دەپ كەتكۈلى بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ئەجىر قىلىپ چىققان يېرىم بار.
ئەمما مۇشۇ ئىككى تېما ئارقىلىق مەن ئازراق بىر ئىشلارنى ھىس قىلدىم.
بۇ يەر پۇتبول مۇنبىرى شۇڭلاشقا بۇ يەرگە پۇتبول ئارقىلق ئۆزىگە خۇشاللىق تاپىدىغان،پۇتبولدىن ھوزۇرلىنىدىغان بالىلار يىغىلىدۇ.پۇتبول دىگەن نىمە؟جاۋاپ : پۇتبول دېگىنىمىز 11 ئادەم تەشكىللىنىپ ئوينايدىغان ئىتتىپاقلىشىپ غەلبىگە ئېرشىشنى مەقسەت قىلىدىغان تۈر.ئەلۋەتتە بېل دىگەن مايمۇندەك ئۆز ئالدىغا توپ ئوينايدىغانلارنىڭ ئەھۋالىمادىرىد دېربىسىدەك بولىدۇ.ھەممىمىز پۇتبولخۇمار كىشىلەر بىز شۇنداق تۇرۇقلۇق ماھيىتى ئىتتىپاقلىق قوللاشنى ئاساس قىلىدىغان تەنھەركەت تۈرۈگە ئاشىق بولىمىزيۇ،كىچىككىنە قوللاش يوقكەن.
خوش بوۋاي نىمە دىمەكچى :قىزغىنلىقنى بىز بىر يەردىن تېرىپ ئەكىلىپ ياكى يەرگە تېرىپ ئۈندۈرۋالدىغان نەرسە ئەمەسكەن .بۇ دەل مۇنبەر چوڭلىرىنىڭ باھاسى تەكلىپ پىكىرلىرى ۋە مەدەت بېرىشىدە قولغا كىلىدىغان نەرسىكەن . مەم يازغان ئىككى نادىر ئاتلىق تېمىغا كىرىپ بېقىڭلار قانچىلىق مۇنبەر چوڭلىرى كىرىپتۇ،قانچىلىك باشقۇرغۇچى كىرىپتۇ. باشقۇرغۇچىئالى ئەزا دىگىنىمىز - كەسپى بىلىمى پشقان مۇنبەردە بىلىم جەھەتتە بىزدەكلەرگە ئۈلگە بولىدىغان كىشىلىلرىمىز باشقۇرغۇچى سايلىنىدۇ.ۋەزىپىسى تېما تەستىقلاشلا ئەمەس باشقىلار يازغان تېمىغا ياخشى پىكىر بېرىپ بولمىغان يەرلىرىنى تۈزۈتۈپ بىرىدىغان كىشىللىرىمىزدۇر . بۇ يەردە مېنىڭ تېمامغا كىرىشمىدىڭ دىگەنلىك ئەمەس ، ئوقۇغۇچى بولغان ئادەم بىرسىنىڭ يىتەكلىشىگە تەكىلىپ پىكىرلىرىگە مۇھتاج بولىدىغان گەپ ،مۇنبەر قىزغىنلىقى سۇسلاپ كەتتى دەپ قاقشايمىزيۇ سەۋەبىنى نىمىشقا ئۆزىمىزدىن ئىزدىمەيمىز.ئەگەر بۇ يەرگە قوللاش ،يىتەكلەش ، ئۈگۈنىش ،بىلمىگەننى بىلىش ، ئۈچۈنكەلمسەك نىمىگە كەلدۇق.غەيۋەت قىلىشقىما،ياكى ئۇرشۇپ ئۆزىمىزنىڭ نوچىلىقىنى پەش قىلىش ئۈچۈن يىغىلدۇقما. ياكى ياۋرو يىغىپ،تىللا يىغىپ پىتىر مانتا يىيىش ئۈچۈن يىغىلدۇقما. پۇلمۇ،ياۋرومۇ موشۇ يەردە قالىدىغان تۇرسا ئەجىبا ئەجىر قىلىپ تېما يوللىغان ئادەممەۋھۇم دۇنيادىكى ئۇشبۇ مال دۇنيانى دەپ بىكار ۋاقتىنى ئىسراپ قىلامدىغاندۇ؟ مۇنبەردىكى نادىر تېمىلارنى ۋاراقلاپ بېقىلڭلار قانچىلىك ئادەم باھا بېرىپتۇ قانچىلىك ئادەم ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىپ بېقىپتۇ ؟مۇنبەردىكى ئالى ئەزالار،باشقۇرغۇچىلارتەكلىپ پىكىر باھا بەرمىگەن يەردە،تۈزۈتۈپ بەرمىگەن يەردە ئادەتتىكى ئەزا بولغان بىزلەردىن ئاغرىنىش مۇمكىنمىدۇ. ؟ئەھۋال شۇنداق تۇرسا يەنە قىزغىنلىق يوق،دەپ جار سالىمىزما. كوپچىلىكىڭلار مۇنبەردە بار كۆرۈپ قويۇپلائۆتۈپ كىتىدىكەنسىلەر،سىلەر ئادەتتىكى ئەزا ۋاقتىڭلاردا شۇ ۋاقىتتىكى باشقۇرغۇچىلار شۇنداق قىلغان بولسا قانداق ھېسىياتقا كىلەتتىڭلار . « سەن ئاكا ئۇكاڭغا ئۈلگە بول » ماۋۇ گەپنى ھەممىڭلار ئاڭلاپ چوڭ بولغانسىلەردىمەككى قەدىرلىك باشقۇرغۇچى ئالى ئەزالارسىلەر بىزنىڭ مۇنبەردىكى ئاكىللىرىمىزغا ئوخشاش.شۇڭا بىزگە لازىمى سىلەرنىڭ يىتەكلىشىڭلار،تەكلىپ پىكىرلىرىڭلار ، پۇتبول بىلىمى يۇقىرى كىيىن سىلەر كىرەلمەي قالساڭلار،بىزدىنمۇ كىيىنكىلەرگە كەسپى بىلىم بىرەلگىدەك ئادەملەرمۇ بولسۇن.ھەممىمىز بىلىمىز كىپەنلىكنىڭ يانجۇقى يوقبىر ئۆمۈر يىققان مال دۇنيالا ئەمەس قورساقتىكى بىلىمنمۇ ئېلىپ كەتكۈلى بولمايدۇ.مۇنبەرگە سىلەر كىرەلمىسەڭلەر ئۇكىللىرىڭلار بولسىمۇ كىتىپ قالار كىيىنچە شۇڭا بىلىمىڭلارنى ئاياپ تۇرۋالماڭلار
بۇ يەرگە يىغىلىشتىكى مەقسىتىمىز ھەممىمىزنىڭ ئوخشاش پەقەت بىرلا قىزغىنلىق. پۇتبول قىزغىنلىقى.
بىزگە لازىمى ياۋرو،تىللا ئەمەس دەل قوللاش كۆپچىلىك
ئەتىگەندە قايناپ زىتىڭلارغا تىگىپ قويغان بولسام ئۆزىرە.ئەگەر دىگەنلىرىم يالغان بولسا مېنى چەكلىۋەتسەڭلار پىكىرىم يوق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابلەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-11 20:36
بۇ پىكىرلەر قاناتلانغان مەندىمۇ،
سۆزلەپ - سۆزلەپ، توختاپ قالدىم بولالماي.
نە سۆزلەيسەن، سۈكۈتلەرگە چۆكتۇق بىز،
جېدەللەرگە، ئۇرۇشلارغا چىدالماي...
نەقىل قوبۇل قىلمىساممۇ بولار... كايىما بوۋاي مەنمۇ بىر چاغدا،
يازغان شۇنداق نادىر تېمىنى.
نادىر تېمىغا كۆپ چۈشمەس،
قىلما ئۇنداق ئىنكاس گېپىنى.
ئىنكاسنى دەپ يازساڭ تېمىنى،
قىلما ئەمىسە نادىرلاش غېمىنى.
ئىنكاسنى كۆپەيتەي دىسەڭ ناۋادا،
چالغىن رونالدو -مېسسى دېپىنى.
ۋوي سەنلىگەنگە خاپا بولمىغايسەن ھە ،ئېھتىياج تۈپەيلىدىن شۇنداق يېزىلىپ كەتتى.
نايىل ئىنىم دىگەندەك تولا چىچىلماي داۋاملىق يېزىپ تۇر تېمىلارنى،توكۇڭ تۈگەپ كەتمىسۇن مۇشۇ مۇنبەرگە كىرسەملا بىر سۇئال كاللامغا كىرۋالاتتى،ئۇ بولسىمۇ مۇنبەردىكى پىشقەدەم كونا ئەزالار ھازىر نىمىشقا مۇنبەردە يوق؟مانا مۇشۇ سۇئالنى دائىم ئويلايتىم ھەم ھەيرانمۇ قالاتتىم چۇنكى بۇ مۇنبەرگە چىقىپ كونۇپ قالغان ئادەم ئۇچۇن مۇنبەرنى تاشلاش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس،مەن چېغىمدا تىزىملاتقىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ بۇ مۇنبەرگە شۇنداق كۇنۇپ قالدىم مۇنبەر بەزى ۋاقىتلاردا تاقىلىپ قالسا ئىچىم پۇشۇپ كېتىدۇ،مەن چېغىمدا مۇشۇنداق بۇلىۋاتسام نەچچە يىللىق كونا ئەزالار نىمىشقا مۇنبەردىن چىكىنىدىغاندۇ دەپ ياكى مۇنبەرگە كىرمەيدىغاندۇ دەپ ئويلايتىم،ئەمما ئوتكەن ئايدىكى ئەزا چەكلەش ئۇقتۇرىشىدىن كىيىن،مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ قېتىملىق مۇنبەر ئىنقىلابىدىن كىيىن بۇ ئىشلارغا ئانچە ھەيران قالمايدىغان بولدۇم…بۇ مۇنبەردە ھەقىقەتەن بەزىبىر تەڭپۇڭسىزلىق بار بۇنداق دىسەم باشقۇرغۇچىلارنى ئەيىپلىگىنىمئەمەس ئەلۋەتتە ئۇلارغىمۇ ئاسان ئەمەس مۇنبەر تەرەققىياتى ئۇچۇن نۇرغۇن توھپىلەرنى قۇشۇپ كىلىۋاتىدۇ…شۇنداقتىمۇ بەزى مەسىلىلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇت،كونا ئەزالارنىڭ چىكىنىشى توغۇرلۇق ئوزەمنىڭ كوز قارىشىنى ئوتتۇرىغان قۇيۇپ باقاي…مىنىڭچە كونا ئەزالارنىڭ مۇنبەرگە چىقماسلىقى بىر نەچچە بالىلارنىڭمۇنبەردە جېدەل ئوينىشى سەۋەبىدىن ئەمەس بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ چىكىنىشىغا سەۋەپچى بولالمايدۇ ،بەزى بىر ئورۇنسىز چەكلەش مۇنبەردىكى تاڭپۇڭسىزلىق ئۇلارنى مۇنبەردىن يىراقلاشتۇرغان بۇلىشى مۇمكىن ،يېقىندا يۇز بەرگەن ئىزلارغا قارىساقنۇرغۇن ئەزالار چەكلىنىپ كەتتى سەۋەبى نېمەيەنە شۇ جېدەل ،پەرۋەر بىلەن ئۆركىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان چەكلىنىشى باشقا ئەزالارنىڭ كاللىسىدىن ئوتمىدى شۇ سەۋەپلىك مۇنبەر بىر مەزگىل ياغ قازىنىدەك قايناپ كەتتى…مۇنبەرداشلارغا ئايانبىر تۇرك مىللەتلىرى قىزىق قان كېلىمىز شۇنداق بولغانىكەن ئۇرۇش جېدەل بۇلۇپ تۇرىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرى بۇ توغۇرلۇق يېڭىچە ئىسلاھات ئېلىپ بارمىدى،جېدەل چىقارسا چەكلەپلا ئىشنى تۇگەتتى…چەكلەش جەريانىدا بەرى تاڭپۇڭسىزلىقلار كۇرۇلمىدى ئەمەس كۇرۇلدى بۇنىڭغا باشقا ئەزالارمۇ قاراپ تۇرمىدى،بەزىللىرىنىڭ مۇنبەردىن كوڭلى سۇۋۇپ كۆپ كىرمەس بولدى،بەزىللىرى كاللىسىدىن ئوتكۇزەلمەي جېدەل چىقىرىپ ئۇلارمۇ مەڭگۇلۇك چەكلەندى…شۇنىڭ بىلەن مۇنبەردە بىر مەزگىللىك تىنىشلىق ھۆكۇم سۇردى،ئەمما بۇ تىنىشلىقمۇ ئۇزۇنغا بارماسلىقى مۇمكىن ،چەكلەش بىلەنلا ئىش ھەل بولغان بولسا بۇ مۇنبەر تۇزۇلۇپ كەتكەن بولغان بولاتتى…چەكلەشنىڭ ئېلىپ كەلگەن پايدىسى بولسا مۇنبەر بىر مەزگىللىك تىنىشلاندى ئەمما بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىقى قالمىدى ،نۇرغۇن ئەزالارنىڭ مۇنبەردىن كوڭلى سۇۋۇپ كەتتى مانا بۇ مىنىڭ ھېس قىلغانلىرىم يەنە نۇرغۇن گەپلىرى بارتى ھازىرچە مۇشۇ يەردە توختىتىپ تۇراي…… بۇۋاي ، نېمانچە قايناپ كەتتىڭ ئەتتىگەندە ؟؟؟ قان بېسىمىڭ يۇقىرى ، تىررىڭڭىدە ئۇچۇپ كەتسەڭ مۇنبەر پۇلۇڭغا دورىمۇ كەلمەيدۇ جۇمۇ ... ئۆزەڭنى ئاسرا . بۇندىن بۇرۇنمۇ باشقا ئەزالارنىڭ ئوكۇلدەك پىكىرلىرى بولغان . قىزغىنلىقىڭغا ئاپىرىن ، داۋاملىق نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇر . كۆرۈپ تۇرغۇچىلار شۇنىڭدىن ھوزۇر تېپىۋاتقاندۇ . كۈچلىنىش يەنىلا ئۆزۈڭدىن ... بىلىدىغانلار خەنچە بەتلەردىن كۆرىدۇ، شۇنداق ياخشى خەۋەرلەرنى ئۆزى كۆرۈپ بىلىدىيۇ مۇنبەرگە يوللمايدۇ، تىما ئىنكاسلارنى ئوقويدۇيۇ ئۆزى بىرنەچچە قۇر ئىنكاس يىزىپ قويمايدۇ، كونا ئەزالار بىلىدۇ كۆرىدۇيا ۋاقتى يوقمۇ ياكى گەدىنى سەل قاتتقمۇ بىلمىدىم پەقەت ئۆزىنى سورىمايۋاتىدۇ، قاخشىماڭ بوۋاي، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەلكى باشقۇرغىچىلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراشتۇ ياكى ۋاقىت چىقىرالماي قالغاندۇ. مەنمۇ بەزى ئىشقا ھەيران، بېرنابو، بۇغدا، زەربىداردىن باشقا باشقۇرغۇچىلار ئانچە كۆپ ئىنكاس يېزىپ كەتمەيدىكەن، بەلكىم تېما تەستىقلاشقا ئاران ۋاقىت ئاجىرتىدىغاندۇ، شۇڭا توغرا چۈشىنەيلى. بەزىلەرئىنكاسيازمىغانبىلەنكۇرۇپقۇيۇپچىقىپكېتىدۇ.مەنھەيرانبولدىغانئىش ئۇزىمىزگەمۇناسىۋەتلىكتىمىلارغائۇچبەتمۇئىنكاسچۇشمەسلىكى مېنىڭ تېمىامغا كىرمىدى ئىنكاس يازمىدى دىگەنلىك ئەمەس،نىمە قىلىدۇ بىلىمىنى قورساقتا ساقلاۋېرىپ چىقارسا بولىدىغۇ.بەرىبىر مۇنبەردە بولغاندىكىن ھەممە نادىر تېمىغا ئوخشاش 3/4 بەت ئىنكاس،ئۇرۇش جىدەلدە 30/ 40 بەت .. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-11 13:52
تېما ئنتايىن چۈشۈشلۈك، بىر ئۇقۇغان كىشى ئاپتۇرنىڭ نىمەدىمەكچى بولغانلىقى، مەقسەت مۇدداسىنى ئېنىق چۈشۈنۈپ يىتەلەيدۇ، دەپ قارايمەن، بۇنۇقۇل باشقۇرغۇچىلارقارتىلىغان گەپ ئەمەس. ئەملىيەتتە مۇنبەردە بىرقىسىمكونا پىشقەدەم ( لۈكچەك ئالىي ئەزا) ۋە پىشقان تۆھپىكار ئەزللار ئۆزىنى ئانچە كۆرسەتمەي،مۇنبەردەتېما كۈرۈش بىلەنلا بولدى قىلىدىغان ئەھۋللار كۆپكەن، كۆپچىلككە ئايان بۇلۇشى مۇنكىن بىرقىسىم ئەزللارنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايدۇ. لىكىن مۇنبەردە بار. ئەلۋەتتە شۇنداق كۆنا ئەزللار تېما ئنكاسقا ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆزگىچە پىكىرنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ بەس- مۇنازىرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ تۇرسا مۇنبەر مۇھىتى، باشقىچە بۇلىدۇ قارايمەن،
ئەسىلى يەنە جىقگەپلەر بار ئىدى، سويۇپ قالدىم دىسە............ چوڭنىڭ پىكىرى يەنىلا «چوڭ» بۇلىدۇدە ، ھېھېھېھېھې ئادەم قېرغاندا مۇشتاق ئېچى پۇشۇپ بىر نەرسىلەرنى دەپ باقىدۇ يوشۇرۇن كۈلۈش نەگە كەتتى ماۋۇ تېمىنىڭ باشقۇرغۇچىلاردىن نارازى بولۇش ياكى باشقۇرغۇچىلارنى مەدىھلەش مەقسىتىدە يېزىلغانلىقىنى ئايرىيالمىدىم، خىزمەتتە سەل چارچاپ قالدىم بولغاي
مۇشۇ بىر پۇتى گەرگە ساڭگىلىغان بوۋاينى رەنجىتمىسەڭلا قانداق؟ ھەي بۇۋايكا بۇنىڭغانىم دەيمىزئەمدى؟
بەزىلىرى راسلائالدىراشتۇ، يەنە بەزىلىرىدە ئۇ يەرگە تەكلىپ پىكىر بەرگىدەك قوساقتا ئوماچيوقتۇ،
يەنە بەزىلىرى...……………… بەك باشقۇرغۇچى ئالىي ئەزالارغا كەتمىسەكمۇ ئەزاچەكلىگەن مادىرىد باسا ئۇتتۇرغان تىملارغا ئالدى 10-15بەت كەينى 90-100بەتتىن ئىنكاس چۈشىدۇ.نادىر تېمىلارغا كىرسەك ئىنكاسنىڭ ئوندىن توققۇزى «ئېسىل تېما،قولڭىزغا دەت كەلمىسۇن......»دېگەندەك بۇ گەپلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ بوپ ئاخىرىغا يازساقمۇ بولتى.بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئوغلانى يازغان ئەزا چەكلەش ئۇقتۇرشىغا چۈشكەن ئىنكاس 50بەتتەك كېلدۇ.شۇكۈنى بېرنابۇ يازغان ئىسپانىيە بىرلەشمىدىكى كۇلۇبلارنىڭ تەرجىمھالى تۇنۇشتۇرىلغان تېمغا چۈشكەن ئىنكاس 5بەت ئاران كېلدۇ.ھەي.......... ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى2015-3-11 13:00
ھەي بۇۋايكا بۇنىڭغانىم دەيمىزئەمدى؟
بەزىلىرى راسلا...
باشقىلار كىرمىسمۇ سەن كىرىپ قوي تېملارنىڭ كۆڭلى يېرىم بوپقالمىسۇن ھەمراجان كىرمىدى دەپ ھى ھى ھى