ئۇچقۇنى يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:52:34

1-ئايلىق باھالاش پائالىيتى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !



2014-يىلىنى ئۇزىتىپ 2015-يىلىنى كۈتىۋېلىش كۈتىۋالدۇق، يېڭى ئاينىڭ كېلىشى بىلەنمۇنبىرىمىزدە داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئايلىق باھالاش پائالىيتىنى ئوخشاشلا ئېلىپ بارماقچىمىز، باھالاشقا قاتناشقان ئەزالارنىڭ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا ،ئادىل ، ھەققانىي مەيداندا تۇرۇپ باھالاش ئېلىپ بېرىشىنى سورايمىز.

باھالاش تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە :

1.مۇنەۋۋەر ئەزا
بەش نەپەر ، ئالدىنقى ئايدا سۈپەتلىك ،ئىملا خاتالىقى بولمىغان تىما يوللاشتا ئاكتىپ بولغان ، ئىلمىي ،چۈشىنىشلىك ،قىزىقارلىق ئىنكاسلىرى بىلەن باشقىلارنى قايىل قىلغان ، ئۇرۇش-جىدەل چىقارمىغان بەش نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپاتى:ئالاھىدە تۆھپە مىدالى بىر تال،بىر ئايلىق ، 5000 ياۋرۇ .

2.ئىتتىپاقلىق ئەلچىسى
بىر نەپەر ، ئالدىنقى بىر ئايدا مۇنبەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بەلگىلىك كۈچ قوشقان ، ئۇرۇش-جىدەل چىقارمىغان ، جىدەل چىقىرىپ تىللاشقانلارنى كېلىشتۈرۈپ قويۇشتا كۈچ قوشقان بىر نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپاتى:تۆھپىكار ئەزا مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ،5000 ياۋرۇ .

3.ساۋاتلىق ئەزا
ئىككى نەپەر ، ئالدىنقى بىر ئايدا مەيلى تىما يازغاندا بولسۇن ياكى ئىنكاس يازغاندا بولسۇن ، ئىملاسى ئەڭ توغرا بولغان ئىككى نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپاتى:تۆھپىكار ئەزا مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ، 4000 ياۋرۇ .

4. ئىجاتچان ئەزا
بىر نەپەر ، بۇ بىر ئاي جەريانىدا ئىجادىي ،قايىل قىلارلىق ، مەزمۇنلۇق، سۈپەتلىك تىمىلارنى كۆپ يوللىغان بىر نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ .
مۇكاپاتى:ئىجاتچان ئەزا مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ، 5000 ياۋرۇ .

5. نادىر ئىنكاس
بىر نەپەر ، ئالدىنقى بىر ئايدا يېزىلغان ئەڭ تېتىملىق ،ئەڭ قىزىقارلىق ، ئەڭ ئىلمىي بولغان بىر دانە ئىنكاس تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپاتى:مۇنبەر قىزىقچىسى مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ، 5000 ياۋرۇ .

6.نادىر تىما
بىر نەپەر ، ئالدىنقى ئايدا يېزىلغان نادىر تىمىلار ئىچىدىن ئەڭ ياخشى يېزىلغان بىر تىما تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپاتى:نادىرچى مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ، 5000 ياۋرۇ .

7.مۇنەۋۋەر لۈكچەك ، ئالىي ئەزا
ئىككى نەپەر (لۈكچەك بىر نەپەر ،ئالىي ئەزا بىر نەپەر ) ،ئالدىنقى بىر ئايدا ئىپادىسى كۆرىنەرلىك بولغان ،تىما يوللاش ،ئىنكاس يېزىشتا ئاكتىپ بولغان ، مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئىككى نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپاتى:تەشۋىقات ئەلچىسى مىدالى بىر تال ،بىر ئايلىق ، 4000 ياۋرۇ .

8.ئىلغار باشقۇرغۇچى
ئىككى نەپەر ، ئالدىنقى بىر ئاي ئىچىدە مۇنبەرگە دائىم كىرىپ تۇرغان ، مۇنبەر باشقۇرۇشتا ئىپادىسى ياخشى ، ئادىل بولغان ئىككى نەپەر باشقۇرغۇچى تاللاپ چىقىلىدۇ .
مۇكاپاتى:ئىلغار باشقۇرغۇچى مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ،5000 ياۋرۇ .


بارلىق باشقۇرغۇچى ۋە كومىتىت ئەزالىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشنى سورايمىز .


ئىنكاس يېزىش شەكلى :

1.مۇنەۋۋەر ئەزا (بەش نەپەر ) :
2.ئىتتىپاقلىق ئەلچىسى (بىر نەپەر ) :
3.ساۋاتلىق ئەزا (ئىككى نەپەر ) :
4.نادىر ئىنكاس (بىر نەپەر ):
5.نادىر تىما (بىر نەپەر ):
6.ئىجاتچان ئەزا ( بىر نەپەر ):
7.مۇنەۋۋەر لۈكچەك ، ئالىي ئەزا (ئىككى نەپەر ):
8.ئىلغار باشقۇرغۇچى (ئىككى نەپەر ):

شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرى ‹ باھالاش كومىتىتى ›

رەئىسى: نىجات ، مەھمۇدىيە
باش نازارەتچى :ئۇچقۇنى ، باشئەگىم، ئەلبارىس .
دائىمىي رەئىسلىرى : بارلىق باشقۇرغۇچىلار .

ئەزالىرى: داۋىس ، زىرەك ، پەرۋەر ،باقاۋۇل ، مىسسى2 ، ،ئوۋچى ، قازانچى ، ئامىرېكا ، بايرېن ، ئابلەتجان ، ۋىروس (مىلان ) ،ئۇستاز ،زەربىدار ، تۇرغۇنجان ، رېپىر .

كاندىدات ئەزالىرى: تانكىچاق،مۇزات ، توپ تەپكۈچى ، ئاشكار ، مەشرەپ ،بەختىيار.

ئەسكەرتىش :ئىنكاسنى يوشۇرۇپ ياكى بولمىسا جۇغلانمىسىنى يۇقىرى ھالەتكە تەڭشەپ يېزىڭ ، باشقۇرغۇچىلار ۋە كومىتىت ئەزالىرىدىن باشقىلارنىڭ ئىنكاس يېزىشى بىردەك چەكلىنىدۇ .ئىنكاس يېزىش ۋاقتى8-فىۋرال كەچكىچە.

باشئەگىم يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 02:52:03

exaniq يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 12:29
ئىدارىلەردىكى باھالاشقا ئوخشاپ كىتىدىكەن،بىرسى بىر ن ...

بىر نەچچە قېتىملىق باھالاش پائالىيەتلىرىدە سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ تۇرىۋاتىمەن ، قارىسام بۇ باھالاشلارغا باشقىچە پىكرىڭىز باردەك .. سىزنىڭ باشقىچە باھالاش ئۇسۇلىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمامسىز ؟ ئەگەر مۇۋاپىق بولسا شۇنداق قىلساقمۇ بولىۋېرىدۇ ، ئەمما بېلەت تاشلاش ، نامزات يوللاش ئۇسۇللىرىنى بىز بۇرۇن قىلىپ باققان ، ئۇنىڭدا ھەممىسى قوينىدىن قونجىغا تاشلايدىكەن ، ھەتتاكى يېڭىدىن تىزىملىتىپ ئۆزىگە بېلەت تاشلايدىغان شەرەپسىز قىلمىشلارمۇ سادىر بولدى ، باھالاش كومىتىتى ئەزالىرى ياكى تۈزۈلمىسىگە باشقىچە پىكرىڭىز بولسا ئوچۇق ئېيتىڭ ، مۇشۇ يەردە ھەل قىلىشىمىز ، بولمىسا ئەزالار قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ !!

پەرۋەر يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 18:02:27

xah-diyar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 15:49:08

يەنە شۇ ئالغانلار ئېلىۋېرىدۇ،ئەزالار بۇ يەردە ئۇنى بۇنى كۆرسەتكەن بىلەنمۇ ئاخىرقى قارار يەنىلا كومىتىت ئەزالىرى
توپىدا چىقىرىلىدۇ،شۇڭا بىلەت تاشلاش تېمىسى ئېچىپ شۇ يەردە بېلەت تاشلاپ تاللىساق ياخشى بولارمىكىن.

exaniq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:29:31

ئىدارىلەردىكى باھالاشقا ئوخشاپ كىتىدىكەن،بىرسى بىر نىمە دىسە ،قالغانلار ئەگىشىدىغان ، ياغلىق قاپاق ھامان ياغلىق قاپاق بولدىغان، قول ئىچىگە ئىگىلىدىغان باھالاشنىڭ باشقىچە ئۇسۇلى يوقمىدۇ ، ياكى ھەممە ئادەمنىڭ ئىنكاس يىزىپ باھالاشقا چولىشى تىگەمدىغاندۇ ، بىلەت تاشلاش ، نامزات بولۇشئۇسۇللىرى كار قىلمامدۇ يا مۇنبەرگە.

نېھال11 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 01:45:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نېھال11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-4 21:47

مۇنەۋۋەر ئەزا(شاتكار، ئامرىكا    بۇغدا ئىلىمزېرەك)

2.ئىتتىپاقلىق ئەلچىسى (بۇغدا)

3.ساۋاتلىق ئەزا (بېرازىلىيە ، پەرۋەر )
4.نادىر ئىنكاس (بۈرگىچاق ):

5.نادىر تىما (ئايقۇت، پۇتبولنىڭ سېھرىي كۈچى):

6.ئىجاتچان ئەزا (ئا. ياسىن10 يىلدىن كىيىنكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا):

7.مۇنەۋۋەر لۈكچەك ، ئالىي ئەزا ( تۈمەن،باھادىر ):

8.ئىلغار باشقۇرغۇچى ( ئۇچقۇنى، بىرنابۇ ):

كۆسەنى يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:59:47

سەمىمى تەكلىپ مىنىڭچە بولغاندا ئىنكاس شەكلىدە باھالىماي بىر جەدۋەل تۈزۈپ مۇنبىرىمىز پىشقەدەملىرى ھەم رەھپەرلىك كولىتىۋى ئەڭ مۇنەۋەر ئەزالاردىن تاللاپ چىقىپ باھالاشقا قاتناشتۇرغان بولساق ياخشىراق بۇلامدىكىن دەيمەنغۇ ( ئەلۋەتتە بۇمىنىڭ شەخسى كۆز قارشىم )

بابۇر4 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:12:30

زېرەك يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:37:44

**** Hidden Message *****

ئابلەتجان يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:53:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ياسىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-3 23:57

**** Hidden Message *****1.مۇنەۋۋەر ئەزا (بىرازىلىيە، شاتكار، ejatkar، ئازىغ، kuzey) :
2.ئىتتىپاقلىق ئەلچىسى (بېرنابۇ ) :
3.ساۋاتلىق ئەزا (جاغىستاي، كاككۇك11 ) :
4.نادىر ئىنكاس (نىھال11 ):
5.نادىر تىما (ئايقۇت، پۇتبولنىڭ سېھرىي كۈچى ):
6.ئىجاتچان ئەزا ( تىروي):
7.مۇنەۋۋەر لۈكچەك ، ئالىي ئەزا (تۈمەن، زەربىدار ):
8.ئىلغار باشقۇرغۇچى (بېرنابۇ، بۇغدا ):

قەشقەرىي يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 01:26:59

مۇنەۋۋەر ئەزا-(ئا.ياسىن) (خۇشخۇي) (بىرنابۇ ) (قەشقەرىي ) (زىرەك)    2.ئىتتىپاقلىق ئەلچىسى (بېرنابۇ)            ساۋاتلىق ئەزا (جاغىستاي، كاككۇك11    نادىر تىما-(ئا.ياسىن،   يېشىللىقتىكى ئاتا – بالا چەۋەندازلار)                     ئىجاتچان ئەزا ( تىروي)          مۇنەۋۋەر لۈكچەك ، ئالىي ئەزا (تۈمەن، زەربىدار )   ئىلغار باشقۇرغۇچى (بېرنابۇ، بۇغدا )

رىپىر يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 09:09:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىپىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-4 09:12

1.مۇنەۋۋەر ئەزا :(جاغىستاي120، خانزاد1، kuzey، زېرەك، بۈرگىچاق)
2.ئىتتىپاقلىق ئەلچىسى :(بېرنابۇ )
3.ساۋاتلىق ئەزا :(زەربىدار، ھەمراھ)
4.نادىر ئىنكاس: (نىھال11 )
5.نادىر تىما :(uymadrid،    مادىرىد نىمىشقا ئاتلىتكىغا ئۇتتۇردى؟‹مۇلاھىزەم›)
مانا بۇ يەردىن كۆرۈڭ**** Hidden Message *****

سۈبھى يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 13:09:54

خانزاد1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 13:39:32

missi2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 23:58:17

مەن بىريېرىم ئاي ئەتراپىدا مۇنبەرسىز قالدىم. شۇڭا بۇ ئايدا ئاۋاز بىرەلمەيمەن.كۆپچىلىك توغرا چۈشىنىڭلار.
بەت: [1] 2 3
: 1-ئايلىق باھالاش پائالىيتى