ankar528 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 21:50:14

مۇنبەر 2-نۆۋەتلىك Fifa on3 مۇسابىقىسى تىزىملاش تىمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھمۇدىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-17 13:34

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى ، ھەممىڭلارنىڭ ئارام كۈنلىرىگە تىنچلىق،خاتىرجەملىك،خۇشاللىق تىلەيمەن !!!

مۇنبىرىمىزدىكى كەڭ پۇتبول سۆيەر دوسلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە شۇنداقلا قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى نەتىجىسىدە پۇتبول مۇنبىرىمىزدە 6-يىلدىن بۇيانھەر يىلى دىگۈدەك ھەرخىل، ھەر تۈردىكى پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئۆتكۈزۈلۈپ كىلىۋاتىدۇ. جۈملىدىن fifa online3ئويۇنى (توردا ئوينىلىدىغان تەقلىدى پۇتبول ئويۇنى ) مەملىكىتىمىز مىقىياسىدا بازارغا سىلىنغاندىن بۇيان كەڭ پۇتبولخۇمار دوسلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوينىشىغا ئىرىشتى. مۇنبىرىمىز بۇيىل يىڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ‹‹ 2015-يىللىق 1- نۆۋەتلىك شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرى fifa online3دوسلۇق مۇسابىقىسى ›› ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.
كەڭ پۇتبولخۇمار دوسلارنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى بويىچە مۇنبىرىمىز 2015-يىللىق قىشلىق تەتىل ئەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ‹‹ 2015-يىللىق شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرى fifa online3چىمپىيونلۇق بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ››ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق .
بۇ قىتىمقى مۇسابىقىمىزنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى، ۋاختى بىر قەدەر ئۇزۇن،مۇكاپاتى تىخىدىنمۇ مول ھەم كاتتا . دوسلارنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى قارشى ئالىمىز!!!

/data/attachment/forum/201411/23/150114yldma6lmbbbsnxxy.jpg


      مۇسابىقە تىزىملىتىش شەرتلىرى :
1. چوقۇم مۇنبىرىمىز ئەزاسى بولۇشى كىرەك. ۋە مۇنبەرگە تىزىملاتقان ۋاختى 3 ئايدىن يۇقىرى بولىشى كىرەك.
2چوقۇم مۇنبىرىمىز جەڭ ئەتىرىتىنىڭ ئەزاسى بولۇشى كىرەك. ھەمدە جەڭ ئەتىرىتىگە قوشقان تۆھپە نۇمۇرى مۇۋاپىق نۇمۇرغا يەتكەن بولۇشى كىرەك. (قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنى مۇۋاپىق ساندا كونتىرول قىلىش ئۈچۈن بۇ ئۆلچەمنى تىزىملىتىش توختىغاندا تىزىملاتقان ئەزالارنىڭ سانىغا قاراپ مۇۋاپىق نۇمۇر سىزىقى بىكىتىمىز )
تۆھپە نۇمۇرنى بۇيەردىن كۆرىسىز:
3.ئويۇننى تاللىغان رايون چوقۇم 华东电信مۇشۇ رايون بولۇشى كېرەك .
4.ئويۇندىكى دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 20دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك .
5.   تىزىملىتىش ۋاقتى: 2015-يىلى 1 -ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە.
6. مۇسابىقە ۋاقتى : 2015-يىلى 1 -ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت 10 دىن 2015-يىلى 2 -ئاينىڭ 20-كۈنىكەچ سائەت 10 گىچە (ئۈرۈمىچى ۋاقتى) ئويناپ تۈگىتىلىدۇ .
7. مۇسابىقە داۋامىدا ئىشلىتىلىدىغان چ چ توپ نومۇرى :391724885   
8.تىزىملاتماقچى بولغانلارمۇشۇ تېما ئاستىغا
مۇنبەردىكى ئىسمى:
ئويۇندىكى ئىسمى:
تېرىنىر دەرىجىسى:
ئويۇندىكى ئەتىرەتكە قوشقان تۆھپە نۇمۇرى:
مۇنبەرگە تىزىملاتقان ۋاختى:
ئالاقىلىشىش چچ نۇمۇرىياكى ئۈندىدار نۇمۇرى :
دېگەنلەرنىقالدۇرۇپ قويۇڭ .ئۇنىڭدىن كىيىن،مۇنبەرگە ۋە ئويۇنغا تىزىملاتقان ئىسمىڭلار كونايېزىقتا بولسا كونا يېزىقچە،يېڭى يېزىقتا بولسا يېڭى يېزىقچە يىزىپمۇسابىقىگە تىزىملاتساڭلار!   
7. تىزىملاتقانلار بىردەك مۇنبەر پائالىيەت كومتىتىنىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ۋە قائىدە تەرتىپلىرىگە بويسۇنىشى كىرەك . تىزىملىتىپ قويۇپ مۇسابىقىىگە قاتناشمايدىغانلارقارا تىزىملىككە كىرگۈزىلىدۇ ...ئىككىنچىلەپ مۇنبەردىكى مۇشۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
8. تىزىملىتىش ھەققى : 10 تىللا ( مۇنبەر تىللاسى)   
(مۇشۇ تىزىملاش تىمىسىنى 10 تىللا بىلەن باھالاش ئارقىلىق تىزىملاتساڭلا بولىدۇ.)
9. ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيون تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلىدۇ.

مەسىلەن مۇشۇ شەكىلدە تىزىملاتساڭلار بولىدۇ.
مۇنبەردىكى ئىسىم: ankar528
ئويۇندىكى ئىسىم: ankar528
تېرىنىر دەرىجە:46
ئويۇندىكى ئەتىرەتكە قوشقان تۆھپە نۇمۇرى: 100 مىڭ نۇمۇر
مۇنبەرگە تىزىملاتقان ۋاقىت: 2007-يىل
QQ نومۇر: 64565657
ئۈندىدار نۇمۇر: ankar528




مۇكاپات ۋە مۇكاپات تەسسسى قىلىنىش ئەھۋالى:   
1.مۇسابىقىگە قاتناشقانلارغا 3000 ياۋرو.
2. مۇسابىقىسىدە 1 مەيدان يەڭسىڭىز 500 ياۋرو .
3. 6-دەرىجە: 3000 ياۋرو.
4. 5-دەرىجە: 5000 ياۋرو.
5. 4-دەرىجە: 10000ياۋرو،4-لىك لوڭقسى.
6. 3-دەرىجە: 20000ياۋرو،3-لىك لوڭقسى،10 تىللا.
7. 2-دەرىجە: 30000ياۋرو،2-لىك لوڭقىسى،30تىللا.
8. 1-دەرىجە: 50000ياۋرو،چىمپىيولۇق لوڭقىسى،50تىللا.
ئۇنىڭدىن باشقا 1-2-3- دەرىجىگە ئىرىشكەنلەرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدائۆزى ياقتۇرغان كۇلۇبنى پۇتبول كىيمى ، تەقلدى ئويۇن رولى، پۇتبول خاتىرە بويۇمى قاتارلىقماددى بويۇم مۇكاپاتى بار.












مۇسابىقە قائىدىلىرى :
بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنى شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرىمۇنبەر پائالىيەت كومتىتى ۋە fifa online3ئويۇنى گورۇپىسى باش بولۇپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئۆتكۈزىدۇ.
fifa online3ئويۇنى گورۇپىسى ھەييەت ئەزالىرى:

ئەنقەر528 : مۇسابىقە ئومومى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ،ماددى بويۇم مۇكاپاتى تارقىتىشقا مەسئۇل.
ئۇچقۇنى :مۇنبەر مۇكاپاتىتارقىتىشىغا مەسئۇل.
رىۋايەت : مۇسابىقە نىزامنامىسى تۈزۈشكە مەسئۇل.
مۇز : مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىشكە مەسئۇل.
ئاتىللا: مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسنى تەكشۈرۈپ بىكىتىشكە مەسئۇل.
پانتىگېن : ئەزالارنىڭ سالاھىتىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىشكە مەسئۇل.

مۇسابىقىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ماھىرلارنىڭ ھەقىقى سەۋىيىسىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە بۇ قىتىمقى مۇسابىقەتەخمىنەن 20 ئەزا قاتناشتۇرۇلۇپ بىرلەشمە مۇسابىقە شەكلىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ.
ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 24 ساندا كونتىرل قىلىنىدۇ،بولمىسا ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كىتىشى مۇمكىن.
90مىنۇت ئىچىدىكى مۇسابىقە ھېساپلىنىدۇ ... نومۇر ھېساپلاش (ئۈچ ، بىر نۆل ) قائىدىسى بويىچە بولىدۇ .
مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى يەنى رەقىبلەر ئۇچرىشىشى چىقىرىلىپ بولغاندىن كىيىن سىزنىڭ رەقىبىڭىزنىڭ قايسىسىنىڭ ۋاختى بىلەن سىزنىڭ ۋاختىڭىز ئۇددۇل كەلسە مۇسابىقىنى ئويناپ تۈگىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ، خالىغان ۋاقىتتا.
ئىشقىلىپ بىرلەشمە 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە تۈگىسە بولىدۇ.

مۇنبەر جەڭ ئەتىرىتى ئەزاسى بولۇپ ئوينىغان ھەرقانداق مۇسابىقىڭىز ئەتىرەتكە تۆھپە نۇمۇر بولۇپ ھىسابلىنىپ ماڭىدۇ .
مىنىڭ تۆھپە نۇمۇرۇپ ئاز ئىدى دەيدىغانلار، تىزىملاش توختىغۇچە يەنە 5 كۈن ۋاقىت ئىچىدە كۈندە مۇسابىقىلا ئويناپ تۇرساڭلا خىلى كۆپ تۆھپە نۇمۇر يىغىلىپ قالىدۇ.
ئادەم سانىنى 20 ئىچىدە كونتىرول قىلىش يۈزسىدىن مۇشۇ تۆھپە نۇمۇرغا قارايمىز دەۋاتىمىز، ناۋادا تىزىملاتقان ئادەم سانى 20 دىن ئاشمىسا ئۇنىڭغا قاراشمۇ بىھاجەت.
قالغان تەپسىلى مۇسابىقە قائىدىللىرى كىيىنچە يوللىنىدۇ.


      ئالاھىدە ئەسكەرتىش :بۇ ئويۇنغا يانچۇقتىىن پۇل خەجلەپ ئوينايمەن دەيدىغانلار   ھاياجىنىڭلارنى بېسىۋېلىڭلار ...پۇل خەجلىگەنلىكى بىر قەدەر چېنىپ قالغانلارمۇ ئويۇنغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ ...پەقەت كۆڭۈل خۇشى ئويناپ قويساق بولدى .



شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرى ئورگان تورى جەڭ ئەتىرىتى : bbsputbolcn
رايون تەۋەلىگى: 华东 رايونى
ئەزالارنىڭ قوشۇلىشىنى قارشى ئالىمىز!!!
ھازىرچە مۇنبەر ئەزالىرىلا قارشى ئىلىنىدۇ.
چچ توپ:391724885
ۋاي ۋاي قانىلى:87526988
QT قانىلى: 48042118
توپقا قىتىلغانلار ئىسمىڭلارنى مۇنبەردە قوللىنىۋاتقان ئىسىمغا ئۆزگەرتىۋىلىڭلار!   




ئويۇننىڭ كومپىيوتېر نۇسقىسى چۈشۈرۈش ئادىرىسى:http://eafifa.qq.com/web201404/download.shtml

چۈشۈرۈشنى ئۇقمايدىغانلارغا رەسىملىك چۈشەندۈرۈلىشى ئادىرىسى:http://eafifa.qq.com/act/a20140102xsyd/sub_1_2.shtml

مۇنبەر تىللاسى قاچىلاش ئۇسۇلى: /forum.php?mod=viewthread&tid=45613&highlight=


ankar528 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 21:51:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ankar528 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-22 04:39

تىزىملاتقانلار :
1. ankar528
2. قازانچى
3. پانتېگىن
4. ھەمراھ
5.   missi
6.   kapsizbala
( بۇ 6 ئەزا تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇپ بولغانلار )

7.   بايرېن
8.   sarban
( بۇ ئىككەيلەن تىلفۇن پۇلى ئۇرىۋەتتۇق دەيدۇ لىكىن مەن تەكشۈرسەم پۇل تاپشۇرغانلىق خاتىرىسى يوق،،بۇلارنىڭ 20-30 كوي پۇل ئۈچۈن يالغان گەپ قىلمايدىغنلىقىغا ئىشىنىمەن بىراق، تىلفۇن پۇلى قاچىلاش جەريانىدا مەشخۇلات خاتالىقى يۈز بەردىمۇ قانداق ئۇقمىدىمماڭا تىلفۇن پۇلى قاچىلىغانلىق ئۇچۇرمۇ كەلمىدى، توردىن پۇل تاپشۇرغانلىق خاتىرسىنى ئاختۇرسام ئۇ يەردىمۇ ئۇچۇر يوق .
‹‹ كەپسىز بالا›› دىگەن تورداش پۇل تاپشۇرۇپتىكەن نورمال ئۇچۇر تاپشۇرىۋالدىم بولمىسا، )

9.قەشقەر ئوغلانى
10.    missi0998
11.    dilmurat
12.    sultan
13.    sensiz
14.    muhtar
15.    تۇتىيا
16.    رونالدو.7
17.    c.lo7
18.    c.ronaldo77
19.    مالدىنى
20.    XaX丶Messi
21.    مەشئەل
22.مېسسى75
( يۇقارقى ئەزالار تىزىملاش ھەققىنى تاپشۇرمىدى. بىلمىدىم تىزىملاش ھەققىنى قانداق تاپشۇرۇشنى بىلمەيۋاتامدىغاندۇ ياكى تاپشۇرۇشنى خالىمايۋاتامدىغاندۇ؟
بلمەيۋاتقانلار بولسا سورىسا بىز دەپ بەرسەك ، تاپشۇرۇشنى خالىمايۋاتقانلار بولسا ،،،،،،ئەمدى ،،،،،    شۇ ،،،،باكاغا ئويناسىلە)

شۇنداق قىلىپ جەمئى 22 ئەزا مەن قاتىشاي دەپ تىزىملىتىپتۇ.
بۇ ئەزالاردىن يەنە ئوينامتىڭ؟ ئوينىمامتىڭ دەپ سوراپ يۇرۈش بىھاجەتقۇ دەيمەن. ئوينايمەندەپ تىزىملىتىپ ئىنكاس يازغاندىكىن.
ئۇنداق بولسا باشلىۋىتەمدۇق.











تەھرىرلىنىۋاتىدۇ،،،،

ankar528 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:32:33

مىراس يوللىغان ۋاقتى2015-1-14 22:13
مۇشۇ ئۇيۇننى رولدا ئوينايدىغانلار بەك كۆپكەن ،كومپىيو ...

ئۇتساق ئەتىرەتنىڭ دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە پايدىسى بار. نۇمۇر قىتىلىدۇ.
ئۇتتۇرسا ھىچقىسى يوق.

قەشقەرئوغلانى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:03:20

تىللانى قانداققاچلايمىزتىزملىتىشقا    مەنمۇ   قاتنىشايدىگەن       ماڭاياردەم قىلىڭلار   چچىئۈندىدار    1071271517      ئويۇندىكى   ئىسمىمjasur07دەرجەم   41

قازانچى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:11:10

بارچۇق يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:13:39

مۇشۇ ئۇيۇننى رولدا ئوينايدىغانلار بەك كۆپكەن ،كومپىيوتىردا چىقىرىلغان ئۇيۇن بولغاندىكىن كومپىيوتىرنىڭ تاختىسىدا ئوينىسا بۇلاتتى قوچقاردەك قىز باللا ئوينىمايدۇ بۇ ئۇيۇننى شۇڭا ئۇتتۇرۋەتسە ئادەم تىللايدىغان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز باركەن ،بۇ توپتىكىلەرنى دىمەكچى ئەمەس مەن جىما ئۇيغۇر باللار بىلەن چۈشۈپ قالساق دىمەكچى

يەنە بىرى باشلىق توپنىڭ ئۇچۇر كىلىدىغان بىر يىرى باركەن بىر كۈنى ئىككى تازەك بەك سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىپ كەتتى ئانداقلارنى تۇرغۇزمايلى ھە ھەر ئىككىسىنى چىقىرۋىتىڭ بۇنۇڭدىن كىيىن شۇنداق ئىشلار بولسا

مەن قاتناشماي تۇراي ۋاقىت يار بەرمىگىدەك چۈنكى مەن ئۈزۈمنىڭ ۋاختى چىققاندىلا تورغا چىقالايدىكەنمەن
يەنە بىر سۇئال مۇنبەر توپىغا باشقىلار بىلەن مۇسابىقە ئويناپ ئۇتساق پايدىسى تىگەمدۇ يوق؟ئۇتتۇرۋەتسەكچۇ

كەمپۈت يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:14:52

جەڭ كوماندىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن...
ۋاقتىم يار بەرگەن بولسا ئوينايتىم...

missi0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:16:41

مۇشۇندا قىلىپ ئاشۇندا قىلىپ شۇندا بوپبۇ قىتىم قاتناشتۇرمىساڭلار بەك سەت تۇرىدۇ.ئەمىسە ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، ھە راس 10 تىللا تىزىملىتىش ھەققىنى ئەتە كەچكىچە تۆلىۋىتىمەن.
مۇنبەردىكى ئىسمى: missi0998
ئويۇندىكى ئىسمى:putbulum
تېرىنىر دەرىجىسى:30
ئويۇندىكى ئەتىرەتكە قوشقان تۆھپە نۇمۇرى: ???
مۇنبەرگە تىزىملاتقان ۋاختى: ئىنىق ئىسىمدە يوق ئىشقىلىپ تۆت يىل بولاي دىدى.
ئالاقىلىشىش چچ نۇمۇرىياكى ئۈندىدار نۇمۇرى : چ چ ، ئۈندىدار ...... 562346619

Putbolqak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:20:01

مەن جەڭ ئەتىرتىدە بولمىغانلىقىم ئۈچۈن قاتنىشالمىغۇدەكمەن ھەي

dilmurat. يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:32:50

مۇنبەردىكى ئىسىم:dilmurat.
ئويۇندىكى ئىسىم:dilmurat1511
تېرىنىر دەرىجە:42
ئويۇندىكى ئەتىرەتكە قوشقان تۆھپە نۇمۇرى:29 مىڭ نۇمۇر
مۇنبەرگە تىزىملاتقان ۋاقىت:2011
QQ نومۇر: 1452421461
ئۈندىدار نۇمۇر: 1452421461

پانتېگىن يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:55:20

مۇنبەردىكى ئىسمى: پانتېگىن       
ئويۇندىكى ئىسمى: Uy丨Atlan
تېرىنىر دەرىجىسى: 64
مۇنبەرگە تىزىملاتقان ۋاختى: 2008 - يىلى
ئالاقىلىشىش چچ نۇمۇرىياكى ئۈندىدار نۇمۇرى : 451197985

soccer يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 23:04:24

ئالدىنقى قېتىم بىرمۇ مەيدان ئۇتالماي شاللانغان. ما قېتىم قانداق بولاركىن
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: مۇنبەر 2-نۆۋەتلىك Fifa on3 مۇسابىقىسى تىزىملاش تىمىسى