بوغدا يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:12:30

لاتارىيەخانا ئاخىرقى قارارى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-17 16:17

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر!

    ھەممىمىزگە مەلۇم، ئالدىنقى قېتىم مۇنبەر لاتارىيەخانىسىنى ئاۋاتلاشتۇرۇش توغرىسىدا تىما يوللىنىپ باشقۇرغۇچىلار ۋە كەڭ مۇنبەر ئەھلى بىلەن كېڭەش ئېلىپ بارغان. مۇنبەرداشلارنىڭ لاتارىيە ئويناش قىزغىنلىقى ياخشى بولسىمۇ بۇ تىمىغا تۈزۈك ئىنكاسمۇ چۈشمەپتۇ. يەنى توپ بىرىش ئۆلچىمى بىلەن لاتارىيە ئويناش كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىگەن.

    ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق توپ بىرىش ئۆلچىمى بۇيىچە لاتارىيە ئېچىش ئىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولدۇق. بۇنداق بولغاندا لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلار لاتارىيە سېتىۋالغاندا توپ بىرىش ئۆلچىمىگە دىققەت قىلماي بىھۇدە ئاۋارچىلىقلارغا ئۇچراپ قالغۇدەكمىز.

ئەمما، كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ قىزغىىنلىقىغا ماس ھالدا مۇنبەرنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇش، مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ئەسلىدىكى قائىدە بۇيىچە، يەنى ھېچقانداق توپ بىرىش ئەھۋالى كۈرۈلمىگەن ئاساستىكى لاتارىيە ئېچىلماقچى.بىز ئىزچىل تۈردە زەردارلار ( كۈچلۈكلەر ) ئۇچرىشىشىغا لاتارىيە ئېچىپ كەلگەن. بۇندىن كىيىن كۈچ تەڭپۇڭلىقى ئاساسەن تەكشى بولغان 5 چوڭ بىرلەشمىدىكى ئوتتۇرا ۋە تۈۋەن دەرىجىدىكى كۇلۇپلار مۇسابىقىلىرىگە لاتارىيە ئېچىلماقچى.

   بۇخىل لاتارىيەنىڭ ئارتۇقچىلىقى:

1. بۇ ئارقىلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ئوتتۇرا كىچىك كوماندىلارغا بولغان تۇنىشى ئۆستۈرلىدۇ.
2. ھەر قايسى بىرلەشمىلەردىكى بىرلەشمىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىنى، يۈنۈلىشىنى بىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ.
3. ئەسلىدىنلا نورمالنى يۈرىشىۋاتقان مۇنبەر ئوبىروتىنى كونتىرول قىلىنىپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇنىڭدىن كىيىنكى ھەر قايسى مۇسابىقىلەردە مەيلى شاللاش مۇسابىقىسى بولسۇن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولسۇن ۋە ياكى ئادەتتىكى بىرلەشمە مۇسابىقە بولسۇن بىردەك 90 مىنۇت ئىچىدىكى نەتىجە ھىساپ قىلىنىدۇ. لاتارىيەدە ساختىلىق قىلغانلار بايقالسا ئېغىر جازالىنىدۇ.

بوغدا يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:14:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-17 20:28

   لاتارىيەخانا يىڭىلاندى!

تۇمشۇق يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:15:02

بۇ قارار ياخشى بوپتۇ ، قوللايمىز

سىتار يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:17:40

زېرەك يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:21:03

ھامان يېڭىلىغاندىكىن توپ بېرىشنىمۇ قوشىۋەتسەڭلار كۆنۈپ كىتەتتۇق.

تۈمەن يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:21:30

ماۋۇ قارار ياخشى بولۇپتۇ.

خانزاد1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:34:48

laqin1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:43:47

خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى2014-12-17 16:34
مۇنبەر لاتارىيەخانىسىدىمۇ ساختىلىق قىلغىلى بولامدىغا ...

بۇلتۇر شۇنداق ئىشلار كۆرۈلگەن مۇسابىقە نەتىجىسى چىقىپ لاتارىيە تاقىلىپ بولسىمۇ ساختىلىق ئىشلىتىپ پۇل تىكىۋالغانلا بولغان.

laqin1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:47:32

بۇغدا يوللىغان ۋاقتى2014-12-17 16:14
لاتارىيەخانا يىڭىلىنىدۇ!

لاتارىيەنىڭ تۈرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى بەك ياخشى بوپتۇ بۇغدا.

laqin1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:47:52

بۇغدا يوللىغان ۋاقتى2014-12-17 16:14
لاتارىيەخانا يىڭىلىنىدۇ!

لاتارىيەنىڭ تۈرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى بەك ياخشى بوپتۇ بۇغدا.

adil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 17:02:09

تىللا تىككىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشەلسە ياخشى بولاتتى

kakkuk11 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 17:11:48

بەت: [1] 2
: لاتارىيەخانا ئاخىرقى قارارى