باقاۋۇل يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 18:51:48

ئامرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-22 20:25

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەزىز مۇنبەرداشلار ، دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرلىشىپ ھەرقايسى چوڭ بىرلەشمىلەرنىڭ كىيىنكى پەسىللىك مۇسابىقىلىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا .
ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق ، يازلىق يۆتكىلىش بازىرىنىڭ قىزىشىغا ئەگىشىپ ، كۆپ قىسىم مەستانىلەر كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان پۇتبول چولپىنى كاكانىڭ ئامرىكىغا يۆتكەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاتلىتكا ھۇجۇمچىسى داۋىد ۋىللانىڭمۇ ئامرىكا كەسپى پوتبۇل بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇپقا يۆتكەلگەنلىك خەۋىرى چىقتى .
ئالدىنقى قىتىم ئامرىكا پوتبۇلىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تىما يوللىغان ئىدىم ، مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ داڭلىق چولپانلىرىمىزدىن بىكخام ، ھىنىرىلار توپ تەپكەن ھەم يەنە يىڭى مىھمانلارنى كۈتۈۋىلىش ئالدىدا تۇرغان ، كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتقان ئامرىكا كەسپى پوتبۇل بىرلەشمىسىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، ھەم ئامرىكىدىكى كەسپى كۇلۇپلارنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش ئىستىكىدە ، ئۇشبۇ تېمىنى يوللىدىم .

ئامرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسى



ئامرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسى بولسا ئامرىكىدىكى ئەڭ يۇقرى دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ، بىرلەشمىنڭ ئامرىكىغا خاس بولغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ ، ئەڭ ئالاھىدىسى ، بىرلەشمىدە ياۋرۇپادىكى چوڭ بىرلەشمىلەردەك ، دەرىجە چۈشۈش ، كۆتۈرلۈش قائىدىسى يوق بولۇپ ، بۇ خۇددى ئامرىكىدىكى ۋاسكىتبول (NBA) بىرلەشمىسى قاتارلىق باشقا بىرلەشمىلەرنىڭ قائىدسىگە ئوخشاپ كىتىدۇ .
ئامرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسى ئامرىكا پۇتبول سىستىمىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ ، ئامرىكا پوتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە . ئامرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسى 1996-يىلىدىن باشلاپ ، بىرلەشمە مۇسابىقىنى يولغا قويغان.

نامى :ئامرىكا كەسپىي پوتبۇل بىرلەشمىسى
تەنھەركەت تۈرى : پوتبۇل
تەشكىللىگەن دۆلەتلەر : ئامرىكا ، كانادا
قۇرۇلغان ۋاقتى :1996-يىلى
ئىگىدار ئورۇن : ئامرىكا پوتبۇلچىلار بىرلەشمىسى
قاتنىشىدىغان كوماندا : 19 كوماندا
ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان كوماندىلار : ۋاشىنگىتون بىرلەشمىسى ، لوس ئانژېلېس كۈمۈش دەريا كوماندىسى


1.بىرلەشمە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار

ئامرىكا كەسپىي پوتبول بىرلەشمىسى 1993-يىلى قۇرۇشقا پىلانلانغان بولۇپ ، 1996-يىلى تۇنجى قىتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقە ئلىپ بىرىلغان . (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ، ئامرىكا بىرلەشمىسى دەپ ئاتالدى .)

ئامرىكا بىرلەشمىسى دەسلەپ قۇرۇلغاندا ، ئەزا كوماندا سانى ئون بولۇپ ، ئۇلار شەرىق ، غەرىبى قىسىمدىن ئىبارەتئىككى چوڭ بىرلەشمىگە بۆلۈنگەن .
ئامرىكا بىرلەشمىسىدىكى شۇ يىلى مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلار بولسا :
شەرقىي قىسىم بىرلەشمىسى : كولۇمبىيلىكلەر كۇلۇبى ، ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايۇن بىرلەشمىسى ، ئىنگىلاند يىڭى ئىنقىلاپ كۇلۇبى ، نىيۇيورىك شەھرى چولپانلار كوماندىسىۋە تامپابىي كۇلۇبى .
غەربىي قىسىم بىرلەشمىسى : كولورادو كۇلۇبى ، داللاس پوتبۇل كۇلۇبى ، كانزاس تەنتەربىيسى ، لوس ئانژېلېس كۈمۈش دەريا كۇلۇبى ،سان خۇسىي كۇلۇبى .



1998-يىلىغا كەلگەندە بىرلەشمە كىڭىيىپ ، كوماندا سانى 12 گە يەتتى ، غەربىي قىسىم بىرلەشمىسىگە چىكاگو ئوت كوماندسى ، شەرقىي قىسىم بىرلەشمىسىگە مىئامىي كوماندىسى قوشۇلدى .
2000-يىلى بىرلەشمە قايتىدىن رايۇنلارغا بۆلۈنۈپ ، غەربىي قىسىم ، ئوتتۇرا قىسىم ۋە شەرقىي قىسىم مۇسابىقە رايۇنلىرىغا ئايرىلدى . چىكاگو ، تامپابىي ، داللاس ، كولۇمبىيە كۇلۇبلىرى ئوتتۇرا قىسىم مۇسابىقە رايۇنىغائايرىلدى .
2001-يىلى فىلورىدا شىتاتىدىكى ئىككى كۇلۇپ ، يەنى تامپابىي كۇلۇبى بىلەن مىئامىي كۇلۇبى تارقىلىپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن بىرلەشمىدە 10 كۇلۇپ قىلىپ ، بۇرۇنقى شەرقى قىسم ۋە غەربىي قىسىم بىرلەشمىلىرى ھالىتىگە قايتتى .
2004-مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ، بىرلەشمە يەنە بىر قىتىم كىڭىيىپ ، يۇتا شىتاتىدىكى خان جەمەتى تۈزلۇق كۆل كۇلۇبى بىلەن ئامرىكا رىگال كۇلۇبىى ئامرىكا بىرلەشمىسىگە قوشۇلدى . شۇنىڭدىن باشلاپ ، ئامرىكا رىگان كۇلۇبى بىلەن لوس ئانژېلېس كۈمۈش دەريا كۇلۇبى ئاۋئاتسىيە مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانىنى ئورتاق ئىشلىتىشكە باشلىدى . بۇ ئىككى كوماندا غەربىي قىسىم مۇسابىقە رايۇنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، كانزاس تەنتەربىيسى كۇلۇبى شەرقىي قىسىم مۇسابىقە رايۇنىغا يۆتكەلدى .
2005-مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىن ، سان خۇسىي كۇلۇبى خىيۇستۇنغا كۆچۈپ ، ئىسمىنى خىيۇستۇن 1836 دەپ ئۆزگەرتتى ، ئەمما خىيۇستۇن دىنامو كۇلۇبىنىڭ ئىسمى بىلەن يىقىنلىشىپ قالغاچقا ، ئەسلى ئىسمىنى قوللاندى .
2006-يىلى قىزىل كالا شىركىتى نىيۇيورىك شەھرى چولپانلار كۇلۇبىنى سىتىۋىلىپ ، نامىنى نىيۇيورىك قىزىل كالا كۇلۇبىغا ئۆزگەرتتى .
2007-يىلى ئامرىكا بىرلەشمىسى يەنە كىڭىيىپ ، تورونتو كۇلۇبى بىرلەشمىگە قوشۇلدى .
2009-يىلى سىئاتىل قولتۇقى كۇلۇبى بىرلەشمىگە قوشۇلدى .
2010-يىلى فىلادىلفىيە بىرلەشمىسى بىرلەشمىگە قوشۇلدى .
2011-يىلى ئامرىكا بىرلەشمىسى يەنە بىر قىتىم كىڭىيىپ ، ۋانكوۋىر ئاق قالپاق كۇلۇبى ۋە سىلكات ياغاچ ماتىرياللىرى كۇلۇبىىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئامرىكا بىرلەشمىسىدىكى كوماندا سانى 18 كە يەتتى .
2012-مۇسابىقە پەسلىدە ، مونتىئىرئال ئىنىستىتوتى كۇلۇبى بىرلەشمىگە قوشۇلۇپ ، ئامرىكا بىرلەشمىسىنىڭ 19-ئەزاسىغا ئايلاندى .
كىلەر يىل بىرلەشمىگە قوشۇلىدىغان كۇلۇپلاردىن نىيۇيورىك شەھرى كۇلۇبى ۋە ئورلاندو شەھرى كۇلۇبى بار .

ئامرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇپلار ئەھۋالى

شەرقى قىسىم بىرلەشمىسى
(رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيدۇ )



غەربىي قىسىم بىرلەشمىسى





2.بىرلەشمە قائىدىسى

بىرلەشمە قائىدە تۈزۈملىرىمۇ دەسلەپتە ئامرىكىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، مۇسابىقە ۋاقتى تەتۈر ھىسابلىنىدۇ ، يەنى 90مىنۇت ۋاقىت تەتۈر مىڭىپ ۋاقىت تۈگىگەندە مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ . مۇسابىقە جەريانىدا تەڭلىشىش ئەھۋالى يۈز بەرسە ، توپچى يەككە ھالدا 35 يارىد (بىر يارىد 0.9144 مىتىرغا تەڭ) يىراقلىقتىن ۋارتارغا توپ تىپىش ئارقىلىق ، ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش ئايرىلىدۇ . ھۇجۇمچى ئەزا قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايۇنىدا توپ ئىلىپ مىڭىپ ، 5 سىكۇنىت ئىچىدە چوقۇم قارشى تەرەپ ۋارتارسىغا توپ تىپىشى كىرەك،ۋارتارمۇ قارشى تەرەپكە ئاتاكىغا ئۆتۈش ئارقىلىق ، ھۇجۇمنى بىتچىت قىلىدۇ . ئەمما بۇ ئۆزگىچە قائىدە-تۈزۈملەر ئەنئەنىۋى پۇتبول ھەركىتىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ، ئامرىكا بىرلەشمىسىدىن يىراقلاشتۇرۋەتكەچكە ، 1999-يىلى تەڭلىشىپ قالسا ، يەككە توپ تىپىش قائىدىسىنى بىكار قىلغان.
2000-2003-مۇسابىقە پەسلىگىچە بولغان ئارلىقتا ، ئامرىكا بىرلەشمىسى بىر قاتار ئۆزگەرتىشلەرنى ئىلىپ بارغان بولۇپ ، ئەگەر 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە جەريانىدا تەڭلىشىش كۆرۈلسە ئۇ ھالدا ، ئالدىنقى ۋە كىينكى مەيداننىڭ ھەر بىرىگە بەش مىنۇتتىن ۋاقىت قوشۇپ بىرىلىدۇ ، قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت ئىچىدە كىم ئاۋال توپ ئۇرسا ، شۇ تەرەپنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ .
2004-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ، يۇقرىقى ئۇسۇلنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە تەڭلەشسە ھەر ئىككى تەرەپكە بىردىن نۇمۇر بىرىدىغان ئۇسۇلنى قوللاندى . مۇسابىقە قائىدىلىرىمۇ ھازىرقى ئاساسى پۇتبول قائىدىلىرى بىلەن بىردەك قىلىندى .
غەربىي ۋە شەرقى قىسىم رايۇنلىرى بويىچە ، دائىملىق مۇسابىقە ۋە پەسىلدىن كىينكى مۇسابىقە قاتارلىقلارنى قوش لىنىيە بويىچە ئىلىپ بارىدىغان بولۇپ ، دائىملىق مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ، رايۇنلار بويىچە جۇغلانما نۇمۇر ۋە ئومومىي جۇغلانما نۇمۇر ئىلان قىلىنىپ ، رايۇنلار بويىچە ئالدىنقى تۆت كوماندا پەسىلدىن كىينكى مۇسابىقىگە كىرىدۇ .(2011-يىلى بەش كوماندا كىرگەن )
پەسىلدىن كىينكى مۇسابىقە باسقۇچىدا ، رايۇنلار بويىچە 1-بىلەن 4-بولغان كوماندا ، 2-بولغان بىلەن 3-بولغان كوماندا مىھمان ۋە ساھىبخان مەيداندا ئىككى مەيداندىن شاللاش مۇسابىقىسى ئىلىپ بارىدۇ . تاللانغىنى رايۇن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينايدۇ(بىر مەيداندىلا ئايرىلىدۇ) . ئەڭ ئاخىردا غەربىي ،شەرقىي قىسىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىپ ، چىمپىيۇن كوماندا بارلىققا كىلىدۇ (بىر مەيداندىلا ئايرىلىدۇ) .

3.تارىختىكى بىرلەشمە چىمپىيۇنلىرى
(رەڭگىگە ئاساسەن چىمپىيۇنلۇق قىتىم سانىنى بىلىشكە بولىدۇ )



5. نەتىجىلىرى

2011-يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە

داڭلىق چولپان بىكخام يىتەكچىلىكىدىكى لوس ئانژېلېس كۈمۈش دەريا كوماندىسى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ، ئامرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە ، خىيۇستۇن دىنامۇ كوماندىسىنى 1:0 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ ، بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشىتى . بۇ لوس ئانژېلېس كۈمۈش دەريا كوماندىسىنىڭ ، 2002-2005-يىلىدىن كىيىنكى ئۈچىنجى قىتىملىق چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشىشى ، شۇنداقلا 2007-يىلى بۇ كوماندىغا قوشۇلغان بىكخامنىڭ كوماندىغا ياردەملىشىپتۇنجى قىتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىنى ئىلىشى ئىدى .



2012-يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ، ئامرىكا كەسپى پوتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ 17-قىتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى لوس ئانژېلېستا ئىلىپ بىرىلىپ ، بىكخامنىڭ ئەپچىللىك بىلەن بىلەن ئىككى قىتىم پاس بىرىشى بىلەن خىيۇستۇن دىنامۇ كوماندىسىنى يىڭىپ بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشىتى . بۇ قىتىملىق مۇسابىقە بىكخامنىڭ ئامرىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى .



2013-يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە

2013-يىللىق بىرلەشمىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى كانزاس تەنتەربىيسى بىلەن خان جەمەتى تۇزلۇق كۆل كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلىپ ، مۇسابىقە 1:1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى ، نەتىجىدە نۇقتا توپ جىڭىدە 7:6 نەتىجە بىلەن كانزاس تەنتەربىيسى كوماندىسى ھەل قىلغۇچتا چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشىتى .

5.چولپانلارنىڭ تەسىر كۈچى



2007-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ، ئەنگىلىيە پۇتبول چولپىنى داۋىد بىكخام لوس ئانژېلېس كۈمۈش دەريا كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ، رەسمى ھالدا ئامرىكا كەسپىي پوتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندى . بىكخامنىڭ ئامرىكا بىرلەشمىىسگە قوشۇلىشى ، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئامرىكىغا قاراتتى ، مۇسابىقە سەۋىيسى ۋە جەلىپ قىلىش كۈچى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . شۇنىڭغا ئەگىشىپ ، لوس ئانژىېلېس كۇلۇبى يەنە ئىلگىركى توتىىنھام ۋە لىۋىرپول چولپىنى روببىي كىئانىنى قوشۇۋالدى ، نىيۇيورىك قىزىل كالا كوماندىسى داڭلىق فىرانسىيلىك چولپان ھىنىرىينى قوشىۋالدى ، نىستامۇ ئامرىكا بىرلەشمىسىگە قوشۇلدى .
2014 -يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى نىيويۇرىك شەھرى كۇلۇبى ئىسپانىيلىك چولپان داۋىد ۋىللانى قوشۇۋالغانلىقىنى ئىلان قىلدى ، 32 ياشلىق ۋىللا نىيۇيورىكتا 7-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يىڭىدىن قۇرۇلغان ئورلاندو شەھرى كۇلۇبى ، داڭلىق چولپان كاكانى قوشۇۋالغانلىقىنى ئىلان قىلدى .

6.خۇشاللىق ئارامگاھى



ئامرىكا بىرلەشمىسنى نۇرغۇن كىشىلەر ياشانغانلار ساناتورىسىگە ئوخشىتىدۇ ، ئىلگىرى پىلى ، كىرۇيىفتەك ، گىراد موللىردەك......... داڭلىق چولپانلارمۇ بۇ يەردە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغان .
ئامرىكا بىرلەشمىسىنى ياشانغانلار ساناتورىيسىگە ئوخشىتىشىتكى سەۋەپلەر ئاساسلىقى ، ئىلگىرى پۇتبول تىخى تولۇق ئاساسىي ئىقىمغا ئايلىنىپ كەتمىگەن ئامرىكىدا ، كۇلۇپلار يۇقىرى تەمىنات بىلەن داڭلىق چولپانلارنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ، ئۆز تەسىر دائىرسىنى كڭەيتىش بىلەن بىرگە ، بىلەت كىرىمىنى ئۆستۈرگەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئىستىراھەت ۋە كۈتۈنۈش ئەۋزەللىكى ، شارائىت ، تەرەققىيات جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىلىرى ،ۋە يۇقىرى تەمىناتنۇرغۇن چولپانلارنىڭ كىينكى ئۆمىرىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەپ بولغان .

كۇلۇپ ئىسىملىرىدا ۋە باشقا تەرەپلەردە خاتالىق بولۇشى مۇمكىن ، توغىرا چۈشۈنۈشىڭلارنى سورايمەن .

باقاۋۇل يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:02:41

سەنسىز يوللىغان ۋاقتى2014-7-22 19:01
نادىرلاشقا بىر بىلەت كەتتى ئەمدى ئالدىرماي ئۇقۇۋالاي   ...

رەھمەت ، يارىغان بولسا مەن شۇنىڭغا خوش

سەنسىز يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:01:04

نادىرلاشقا بىر بىلەت كەتتى ئەمدى ئالدىرماي ئۇقۇۋالاي، لېكىن بەكلاممەزمۇنلۇق ئىخچام كۆپ بىلىمگە تۇلغان تېما بۇپتۇ ، قۇلۇڭغا دەرىت بەرمىسۇنباقاۋۇل ئاكا .

سەنسىز يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:06:17

باقاۋۇل يوللىغان ۋاقتى2014-7-22 19:02
رەھمەت ، يارىغان بولسا مەن شۇنىڭغا خوش

ياق ياق ئاكا رەھمەتنى بىز ساڭائېيتىمىز   ، بۇ تېمابىرەرسىگە يارىمىغان بۇلسا ئۇ ئادەم دەرھالئۈزىنىرۇھى كىسەللىك دۇختۇرخانىسىغامەلۇم قىلىشى كىرەك .

XATKAR886 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:27:21

ئامرىكا بىرلەشمىسى توغۇرلۇق خېلى تۈشەنچىگە ئگە بولدۇق رەھمەت.كاكا ئامرىكا بىرلەشمىسىدىكى قايسى كوماندىغا يۆتكەلدى. ئىسىمدىن كۆتۈرلۈپ قېپتۇ.

باقاۋۇل يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:31:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-22 19:34

XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى2014-7-22 19:27
ئامرىكا بىرلەشمىسى توغۇرلۇق خېلى تۈشەنچىگە ئگە بولدۇق ...

كاكا ئورلاندو شەھەر كۇلۇبىغا يۆتكەلدى .
ئورلاندو شەھەر كۇلۇبى يىڭى قۇرۇلغاچقا ، 2015-يىلىدىن باشلاپ بىرلەشمىگە قاتنىشىدۇ ، كاكا ئۇ ۋاقىتقىچە ، بىرازىلىيە سان پاۋلو كۇلۇبىدا توپ تىپىدۇ .

dolantekin1981 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:32:29

ياخشى تىما بوپتۇ ....

siptamix يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:38:35

نادىر تىما، جاپا تارتىپسىز... ئامىركا بىرلەشمىسىنىڭ ئىگىركى قائىدىلىرى ئۆزگىچە ئىكەنتۇق ھە

xahyar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:43:28

بىلمىگەنكۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدۇق   ..قۇلۇڭۇزغا دەت كەلمىسۇن ......نادىر تېما بۇپتۇ .

ئاتلان7 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:49:43

نادىرلىسا بولغۇدەك ئەجىرلىك تېمابولۇپتۇ.
كاكا،ۋىللا،ھىنرى.....ئەتە–ئۆگۈن لەمپارادبىلەن خاۋىي باسا ئامىرىكا بىرلەشمىسى راسا قىززىغۇدەك .

missi0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:53:22

يەنەبىر نادىر تىما بارلىققا كەلدى.      قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.   ئامىرىكا بىرلەشمىسى توغۇرلۇق خىلى جىق بىلىمگە ئىگە بولۋالدۇق. رەھمەت سىزگە.      
لىكىن كاكاغا بەك ئىچىنىمەن

قەشقەرىي يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:58:48

نادىر تىما
بەت: [1] 2 3 4
: ئامرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسى