بوغدا يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:16:01

لاتارىيە (سۇغۇرتا 1)

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!

   يېقىندىن بىرى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى سەۋەبى ۋە كەڭ ئىشتىراكچى ئەزالىرىمىزنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن پۇتبول مۇنبىرىمىز لاتارىيەخانىسى بىر مەھەل قىززىق نوقتىغا ئايلاندى. كەڭ پۇتبول سۈيەر ئەزالار بىر تەرەپتىن يۇقىرى سەۋىيىدىكى پۇتبول ماھارەتلىرىدىن ھۇزۇرلانسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى ياقتۇرىدىغان، ئۇتۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولغان كوماندىغا تىكىپ مۇنبەر ياۋروسى كۆپەيتىۋالدى. ئارىدا ۋەيران بولغانلارمۇ چىقتى. پېقىرمۇ مۇسابىقىنى كۆرۈش پۈرسىتىنى قولدىن بەرمەي يەنە لاتارىيەخانىغا ئىشتىراك قىلىپ ئازغىنا 30 مىڭ ياۋرودىن ھازىرقى 600مىڭ ياۋرو ئەتراپىدىكى كاپىتالغا ئىگە بولۇپتىمەن. مۇنبەر ئەزالىرى ئىچىدە مۇنبەر ياۋروسىغا قىزىقىدىغان ئەزالار ئىنتايىن كۆپكەن. كاللامغا تۇلىمۇ قىزىقارلىق بىر خىيال كىرىۋالغىلى ئۇزۇن بولدى. يەنى مەن لاتارىيەخانىدا سۇغۇرتا كەسپىنى يانداش ئېلىپ بېرىشنى ئويلاپ قالدىم. بۇنىڭدا باشقىلار ئاساسەن ياۋرو ئوتالايدۇ. خەتەر ماڭا نىسپەتەن بەكلا چوڭ. لېكىن مەن شۇنداق قىلىشنى خالاپ قالدىم. يەنى ئۆزۈم ئىگە بولغان ئەۋزەللىك ئاستىدا باشقىلارنى خۇشال قىلىشنى ئويلاپ قالدىم. بۇمۇ زور خۇشاللىق ئىكەن.

تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
1. مەن مۇنبەر لاتارىيەخانىسى نىسپەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ( ئۇتۇش ھەسسىلىكى 1.5 تىن يۇقىرى مۇسابىقىلەردە يەنە كىلىپ ئۈزۈم كۆڭۈل توختىتالىغان مۇسابىقىدە) مەخسۇس‹‹ لاتارىيەخانا (سۇغۇرتا)›› نامىدا تىما يوللايمەن.
2. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئەزا مىنىڭ تىمامدا مىنىڭ يازغان تىمامنى 5 پىرسەنتلىك ئۆلچەم بۇيىچە مۇنبەر ياۋروسى بىلەن باھالاپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىدۇ ۋە سوممىسىنى ئەسكەرتىدۇ. مەسىلەن 100 ياۋرو تىككەن بولسا تىمامنى ياكى ئىنكاسىمنى 5 ياۋرو بىلەن باھالايدۇ. باھالىمىسا سۇغۇرتىغا قاتناشقان ھىساپلانمايدۇ.
3. چۇقۇم مەن بەلگىلىگەن كوماندىغا تىكىشى كىرەك.
4. ئەڭ يۇقىرى تىكىش سوممىسى 500 ياۋرو، لۈكچەك، ئالى ئەزالار 1000 ياۋرو
5. ئەگەردە لاتارىيەخانىدا ئۇتتۇرىۋەتسە تىككەن سومما 100 پىرسەنتلىك ئۆلچەم بىلەن قايتۇرلىدۇ. سۇغۇرتا پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ!
6. تىككۈچىنىڭ بانكا ھىساباتى ئېچىلغان بۇلىشى كىرەك.
7. ئەڭ كىچىككەندىمۇ 48 سائەت ئىچىدە پۇل قايتۇرلىدۇ.
8. ئەزا سانى 20 نەپەر ئەزا بىلەن چەكلىنىدۇ. ( ئۇتتۇرىۋەتسەم پۇل يۆتكەش بەكلا ئاۋارچىلىق، توغرا چۈشىنىڭلار! )

مىسال: تۈركىيە-جۇڭگۇ مۇسابىقىسى.تۈركىيەنىڭ ئۇتۇش ھەسسىلىكى 1.7،تەڭلىشىش 4، ئۇتتۇرۇش 6.9
مەن بىكىتكەن ئۆلچەم: تۈركىيە ئۇتىدۇ
مىراس تۈركىيەگە 1000 ياۋرو تىكىدۇ ۋە ماڭا 5 پىرسەنىتلىك ئۆلچەم بۇيىچە تىمامنى ياكى ئىنكاسىمنى باھالاش ئارقىلىق 50 ياۋرو تاپشۇرىدۇ.
مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە ياۋرو ئەھۋالى
ئۆلگە1: تۈركىيە ئۇتتى، دىمەك لاتارىيەدىن قايتۇرۇلغان پۇل پۈتۈنلەي مىراسقا تەۋە. مەن پەقەت سۇغۇرتا ھەققىگە ئىرىشىمەن.
ئۆلگە2: تەڭلەشتى، ياكى ئۇتتۇردى، مەن مىراسقا 1000 ياۋرونى ئۆز نامىمدىن قايتۇرىمەن. سۇغۇرتا ھەققى 50 ياۋرو قايتۇرۇلمايدۇ.
دىمەك، لاتارىيەدە ئۇتسىڭىز سىز ھەسسىلىك سانى بۇيىچە ياۋروغا ئىرىشىسىز، مەن سۇغۇرتا ھەققىگە ئىرىشىمەن. لاتارىيەدە ئۇتتۇرسىڭىز تىككەن پۇلىڭىز 100 پىرسەنىتلىك ئۆلچەم بۇيىچە قايتۇرىلىدۇ، ئەمما سۇغۇرتا ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ. سىز ئازغىنا سۇغۇرتا بەدىلىكە زور كاپالەتكە ئىرىشىسىز!

مەن ۋەدە قىلغان قورۇل، سەنسىز، ئۇستالارغا 5 مىڭدىن ياۋرونى ئۇرىۋەتتىم. ئەمدى مەندىن سورىماي سۇغۇرتىغا قاتنىشىڭلار. يەنە ئايرىم دوستلۇرۇمغا كۈڭۈل سوۋغىسى كەتتى.

مۇسابىقە: گوللاندىيە-ئارگىنتىنا   گوللاندىيەنىڭ ئۇتىشىغا تىكسەڭلار بۇلىدۇ. ( ھازىرچە لاتارىيەخانىدا ئېچىلماپتۇ، ئەگەر سۇغۇرتىغا قاتناشسىڭىز لاتارىيەخانا ئېچىلغاندا لاتارىيە سېتىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ )

بوغدا يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 06:02:53

ئەسكەرتىش: تىمامدا سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرمىغان، تىكىش سوممىسىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلەر مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز!ئۇقۇشماسلىق كۈرۈلمىسۇن ئۈچۈن تىمىنىمۇ تەھرىرلىمىدىم!

بوغدا يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 00:07:12

jasur007 يوللىغان ۋاقتى2014-7-6 23:51
قوللايمەن بۇرادەر ، مۇنبەر پۇلى يېتىشمەي قالسا بىزمۇ...

قوللىغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت! پەقەت مىھرى-مۇھاببەت تارقىتىشنى ئويلاپ قالدىم. خەنلەردە مۇنداق بىر گەپ بار: 人不会改变,除非感受到爱

سالىھ يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:17:20

ئورۇن

كەمپۈت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:21:40

قويمىچى

بوغدا يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:24:54

كەمپۈت يوللىغان ۋاقتى2014-7-6 23:21
قويمىچى

مۇنبەر تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سىخىيلىق!

يورۇق يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:25:48

بولىدىغان ئىشمۇ ھە

خۇشخۇي يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:33:06

بەلەم ئىشكەن ماۋۇ

تۇران يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:36:49

تۇران-گۇللاندىيەگە 500 ياۋرو، سۇغۇرتا ھەققى 25 ياۋرو تاپشۇرۇلدى.

alxir7 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:36:50

بۇ ئىش بوپ قالامدۇ نىمە

ئارىف يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:39:30

گوللاندىيەگە مەجبۇرى تىككۈزۈپ ,ئارگىنتىنانى شاللاش,ئەگەر ئارگىنتىنا ئۇتۇۋالسا ئەزالارنىڭ زىينىنى كىم تۆلەيدۇ.

ئارىف يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:39:37

گوللاندىيەگە مەجبۇرى تىككۈزۈپ ,ئارگىنتىنانى شاللاش,ئەگەر ئارگىنتىنا ئۇتۇۋالسا ئەزالارنىڭ زىينىنى كىم تۆلەيدۇ.

HAKKER يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:41:17

مەنمۇ قاتنىشىمەن    گىرمانغا تىكسەم بولامدۇ

خۇشخۇي يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 23:44:54

پايدىنى خىلى ئالغۇدەكمىز ، لىكىن 50ياۋرۇدىن جىق باھالىغىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: لاتارىيە (سۇغۇرتا 1)