سەنجەر يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 15:50:12

پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئۇماق بالىلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-10-7 23:42

         
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن سىلەرگە بىز ياقتۇرىدىغان پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئۇماق بالىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى ئېلىپ كەلدىم ، كۆرۈپ بېقىڭلار ، ئادەمنىڭ چىشلىۋالغۇسى كەپكىتىدىكەن
         ئەجرىمگە يارىشا ئەستايىدىل كۆرۈپ قويۇڭلار ، ھەقىقەتەن قىزىقارلىق رەسىملەر بار . مەسىلەن تېررىنىڭ بالىسى دىگەندەك !
( ئەسكەرتىش : كىچىك بالىلارنىڭ ئېنگىلىزچە ئىسمىنى تاپماق تەسكەن ، شۇڭا ئاھاڭ تەرجىمىسى بىلەن ئېلىپ قويدۇم ، ئەسلى مەنبەنىمۇ يوللاپ قويىمەن ! )
       http://tieba.baidu.com/p/2487528889?pn=4


       ئاۋۋال مېسسىنىڭ بالىسىدىن كەلدۇق ئەمىسە ..
      

       بېنھامىننى ھازىرقى پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ داڭلىق شاكىچىك دېيىشكىمۇ بولىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ بوۋىسى پۇتبول شاھى مارادوننا ، ئاتىسى ھازىرقى داڭلىق چولپان ئاگۇيرو . بۇ بالىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىمۇ يىتەرلىك ‹‹ قورقۇنچلۇق ›› .
      
       ئۈچ ياشلىق بېنھامىننىڭ ئاتىسى بىلەن توپ ئوينىغان سىن فىلىمى .
       http://v.youku.com/v_show/id_XNDAyOTc2NDQw.html
       جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مەزگىلىدە تۆۋەندىكى رەسىم نۇرغۇنلىغان تور بەتلەرگە چىقىرىلغان ، كىيىم بىلەن بايراق بەك ماسلاشقان ...
      
       لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ، ئاگۇيرو ھازىر مارادوننانىڭ قىزى جەننىنا بىلەن ئايرىلىپ كەتتى ، بىزنىڭ بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى يەنە قاچان كۆرەلەيدىغىنىمىز ئېنىق ئەمەس .
         

       ئاگۇيرو بىلەن جەننىنانىڭ ئايرىشىغا سەۋەبچى بولغىنى بەش ياشلىق قىزى بار ، يېشى ئاگۇيرودىنمۇ چوڭ بولغان ئارگىنتىنالىق ناخشىچى ئايال ، ھۆسنى جامالىنى دىسە جەنىنا بۇ ئايالنى نەچچە كوچا كەينىگە تاشلاپ قويالايدۇ ، جەنىنا ھەتتا ئاگۇيرو نام چىقارمىغان چاغدىلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قوللىغان ۋە ئۇماق بالا تۇغۇپبەرگەن . ۋاپاسىزئاگۇيرو زادى نىمە ئويلايدىغاندۇ ؟
      

       ئاخرقى بىر پارچە بېنھامىننىڭ رەسىمى ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئالدىنقى پەسىل بىر مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئاگۇيرونىڭ بالىسى كىچىك موتسىكلىتىنى ھەيدەپ ئاتىسىنىڭ پۇتىغا سوقىۋەتكەن ، بۇ ئەسلىدىلا كىچىككىنە بىر ئىش ، ئەمما ئاگۇيرو يارىسىنى توغرا بىرتەرەپ قىلالماي ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن ، بۇنىڭ بىلەن مەنچىنى ئاچچىقلاپ ئاگۇيرونى بىرمۇنچە ئەيىبلىگەن ، كىشىلەر شۇ چاغدا بىنھامىننى فورگىسىننىڭ شەھەرلىكلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزگەن جاسۇسى دەپ چاقچاق قىلغان .
      

       كازولانىڭ بالىسى زوئىن ، داڭقى چىققان ئۇماق شاكىچىكلەرنىڭ بىرى . تۆۋەندىكى ئىككى رەسىمنىڭ ھېچقانداق PS ئىشلەتكەن ئەھۋالى بايقالمىغان .
            
      

      
   

       كۇماندا باشلىقى جېرراتنىڭ ئۇماق قىزلىرى ، جېرراتنىڭ ھازىر ئۈچ قىزى بار . شۇنىڭ بىلەن جېررات ئائىلىسىدىمۇ بىر چىرايلىق قالپاق كىيدى ....
      
      بۇلار قوشكېزەك ئەمەس ...
      

      

      

       سۇئارىزنىڭ تاتلىق قىزى دىلفىنا لېۋىرپولنىڭ Kop سۇپىسىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ .
      
      

       بۇ شاكىچىك بولسا بودەك رونىنىڭ كىچىكبودىكى ...
      
       رونىنىڭ بالىسى قارىغاندا سادىق مەستانە بولالمىغۇدەك
      
       رونىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى ...
      

       كاكانىڭ ئائىلىسىدىكى لۇكا ۋە ئىلزابىلا ...
      
       بۇ ئائىلە ھەقىقەتەن مۇكەممەللىككە ئىنتايىن يېقىنلاشقان .
      
      
      

       كىرىستىيانو رونالدو بالىسىنى يەسلىدىن ئېلىپ چىققاندا ــــــــــــ شاكىچىكنىڭ سەكرەپ مېڭىشلىرى ئىنتايىن ئۇماق ئىدى !رونالدونى كىشىلەر كىچىك كىچىك رونالدو دەيتتى ، ئەمدى ئۇنىڭ بالىسىنى مىكرو رونالدو دەمدۇق ؟
      
      
       كۈندىن - كۈنگە پىشىپ يېتىلىۋاتقان رونالدو بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن قالايمىغان تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى ، ناچار ئىشلاردىن ئامال بار يىراق تۇردى ، بىر ئەسكى ئەركىشىنى ياخشى ئادەمگە ئايلاندۇرالايدىغىنى دەل ئۇلارنىڭ بالىسى ، ئاتىلىق سالاھىيەت ئەر كىشىدە مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ !
      

         ئىبرايىمجاننىڭ بوتىلاقلىرى ....سۇ ئىچىۋاتقىنى چوڭ ئوغلى ماكىس ، يەنە بىرى كىچىك ئوغلى ۋىسىنت . ئىبراھىموۋىچنى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى چوڭ يەڭگۈچى دېيىشكە بولىدۇ ، پۇتبول ساھەسىدە ئۇ ئاللىبۇرۇن مەستانىلەرنى قايىل قىلىپ بولدى ، باشقا جەھەتتىن ئۇ شۇنداقلا چىقىزىپ قويغان كىتابى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىغا كىرگۈزۈلدى . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۆگىنىڭ شىۋىتسىيە تىلىدىكى ئىسمى zlatanareبولۇپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش قىلىش دىگەن مەنىدە ئىكەن . ھازىر بۇ سۆز شىۋىتسىيە تىلى لوغىتىگە كىرگۈزۈلگەن .ئائىلىدە بولسا ئۆزىدىن 11 ياش چوڭ خوتۇنى خەيلىننا ئىككى ئۇماق پەرزەنت تۇغۇپ بەرگەن ، ئىبراھىموۋىچتەك تۇرمۇشقا ئېرىشكەن بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ يەنە قانداق ئارمىنى بولىدۇ دەيسىز ؟
      
      
       تۆۋەندىكى ئۈچ بالىدىن ئوتتۇرىدىكىسى بوئاتىڭنىڭ بالىسى .
      
   
      ۋىسىنت ئىبراھىموۋىچنى تاشلىۋىتىپ بوئاتىڭغا ئەگىشىۋالىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنىسى دەل بوئاتىڭنىڭ بالىسى ...
      

      

       ساھىننىڭ بالىسىمۇ ماشىنىغا ئامراق ئىكەن
      

       مالدىنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىدىن تىپىك ئىتالىياننىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ كۆپكۈك كۆزى كىشىگە ئوتتۇرا دېڭىزنىئەسلىتىدۇ .
      
      
       بەخىتلىك بىر ئائىلە ....... ھازىر بۇ ئىككى بالا ئىنزاگىنىڭ قولىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇستازى بىلەن ئاتىسى ياراتقان مىلەن خانلىقىنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلايدۇ !
      
            
          ئوۋىننىڭ قىزىجېم . بىلىپ بىلمەي ‹‹ ئالتۇن ئۆسمۈر ئالتۇن تاغا ›› غا ئايلىنىپ قالدى .
      
         جېمنىڭ چوڭ ۋاقتى ...
      

       ئوۋىننىڭ ئوغلى جامىس
      

       توررىسنىڭ قىزى رولا
      

       رولا بىلەن لىئو
      

      شاكىرە بىلەن پېكنىڭ بالىسى ، بۇ بالا تۇغۇلغاندا كىشىلەر جېرراتنىڭ بالىسى دەپ ئاتىغان ، نىمىشقا ؟ لېۋىرپوللۇقلار ھەيران قالغان ، ئەسلىدە پېكنىڭ تۇلۇق ئىسىمى بولسا جېررات پېك بېرنابۇ ئىكەن .
      
      
      ئالونسو ئائىلىسىدىكى كىچىك جون .ئۇماقمىكەن ؟
      

       مىسسىنىڭ ئائىلىسى . كىشىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە مېسسىنىڭ بالىسى كىرىستىيانو رونالدونىڭ بالىسىدىن 870 كۈن كېيىن توغۇلغان ، قىزىقارلىقى مىسسىمۇ رونالدودىن 870كۈن كىچىك ئىكەن . بۇ بىر ئەۋلاد رىقابەتچىلەرنىڭ ھېكايىسى كېيىنكى ئەۋلادلارغىمۇ داۋاملىشارمۇ ؟ 20 يىلدىن كېيىن كۆرەيلى ...
      

      دادا ، بۇ غەلىتە تاغاشلاردىن بىرى مېنىڭ ئېمىزگەمنى ئېلىۋالدى ، ماڭا ئىزىدىشىپ بېرە ؟
      

       ئاچچىقلانغان ئادەمنى كۆرمىگەنما ؟
      

       كىلوزنىڭ قوش كېزەك بالىسى ، بەيرىندىكى ۋاقتى ...
      
      

      تېررىنىڭ گۆھەرلىرى ...
      

      

       قورقما مەن ئادەم ، نىمانداق قىلىسەن ؟ سەن مېنى خاتا چۈشىنىپ قالدىڭ ، چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلا بولامدۇ ؟
      
       قورقما قوزام ، ئۇ دىۋە ئەمەس !!!
      

      ۋانپىرىسنىڭ ئارسىنالدىكى ۋاقتى . مۇھەببەت قوروسى دىگەن كومىدىيە تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەنلەر بارمۇ ؟ ئاۋۇ ئايال خۇيىفېيغا ئوخشامدىكەن ؟
      

       ۋانپىرىس بىلەن مارادوننا ، مارادوننا كىچىك بالىغا ئىنتايىن ئامراق بولۇپ ، بەيرىندىن ئالاھىدە ئەنگىلىيەگە كېلىپ بىنھامىنغا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكىزىپ بەرگەن . ۋانپىرىسنىڭ ئوغلى دادىسىنىڭ كامچىلىقىنى تولۇقلىغان ، يەنى ئۇنىڭ كىشىگە قارىشى بەكمۇ ئالاھىدە بولۇپ پۈتكۈل مۇداپىئەچىلەرنى قورقۇتىۋىتەلەيدۇ !
      
      

       پۇتبول شاھىنىڭ ئىككى قىزى ، ئوڭ تەرەپتىكىسى دەل بىنھامىننىڭ ئاپىسى ، ئاگۇيرونىڭ ئايالى ، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ئارگىنتىنالىق ياش بۇ قىزنى ياخشى كۆرەتتى .
      

       ھەممە كىشى ئاگۇيرونى ۋاپاسىز دەيدۇ ، بەلكىم ئۇ ئۆزىمۇ پۇشايمان قىلىدىغاندۇ ، مارادوننامۇ ئۇنى ئەمدى جەزىملەشتۈرگەندە پۇشايمانغىمۇ ئۈلگىرەلمىدى ، چۈنكى بىنھامىن كىچىك تۇرۇپلا ئىللىق ئائىلىدىن ئايرىلىپ قالدى .
      

       كىلىشكەن فىگونىڭمۇ ئۇماق قىزلىرى بار ...
      
      

       بېكھامئائىلىسىدىكىلەر ھەممىسى ئاقسامىكەن ؟
      
      
       مېسسىنىڭ بالىسىنىڭ كۈلىشى مىسسىغا ئوخشاشمۇ نىمە ؟
      

       راھۇلنىڭ بالىلىرى . ئىسپانىيەدە پىلانلىق تۇغۇت يوقما ؟
      

       ئاخىرىدا ئىسپانىيەنىڭ بالىلار ئەترىتى ...
      
      
      
      
      
      

مەلىكەم يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 00:03:39

داۋاملىكتىرىشىڭ!   سىزگەمەدەتلىرىمھەمرا بولسۇن !

ئويۇن يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 14:06:38

بۇ پۇتبولچى گۇيلا نىمدا ئۆزىدىن چوڭ خوتۇنلىغا ئامراقتۇ؟؟؟؟ تۆگىنىڭمۇ خوتىنىمۇ ئۆزدىن چوڭ!!!كۆپ توپچىلىنىڭ شۇنداكەن؟؟؟؟!!!   مودىمۇ بۇ يا ياۋروپادىكى؟؟؟؟

پەرۋەر يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 02:35:13

ھەممىدىن ئوماق، دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغىنى رونالدونىڭ بالىسىكەن، ھەممىدىن سەت قارمىتۇقى مىسسىنىڭ بالىسىكەن

ئاخىرلاشتۇرغۇچى يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 02:58:22

تېررىنىڭ بالىسى نېمانداق يىغىلايدۇ ،ئەمىليەتتە دىروگبانىڭ چىرايىنى كىچىك بالا ئەمەس خېلى چوڭ ئادەم كۆسىمۇ قوققىدەكلا زادى

ئاشۇنىڭ ھەممىسى رائۇلنىڭ باللىرىمىكەن    توپ ئۇرۇشتا رېكورت ياراتقىنى بىكا ئەمەسكەن
پېكنىڭ بالىسى نېمدا سەت
تۆگىنىڭ باللىرى ئانىسىغىلا ئوخشاپتۇ.
كاكانىڭ ئوغلنىڭ چاچ، قاش كۆزلىرى دادىسغا ئاغزى ئاپىسىغا ئوخشاپتۇ.
رونالدو بىلەن مېسسى ئاشۇنداقمۇ توغرا كەپ قالغان باما خۇددى دېيىشۋالغاندەكلا

سەنجەر يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 07:27:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-10-8 07:59

مەن يېڭى يازغان تېما قانداق بولۇپبىرمۇنچە كونا تېمىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كەتتى ؟ئەسلىدە ئىتالىيەدىكى « قىزىل بۆرە » ئۇۋىسىدىن چىقتىنىڭ ئۈستىگە چىقاتتى .......................................................................

王子 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 09:17:41

كاكانىڭ بالىلىرى بەك   ئوخشايدىكەن !

سەۋدا يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 09:35:43

مۇشۇنداق رەسىمنى كۆرگەنسىرى باشقىچە بوپ قالىدىكەن ئادەم، نىمە دىگەن بەخىتلىك ئائىلىلەر، ھەي ئاگۈيرو، مارادونا بۇرۇنراق بىلگن بولسا قىزىنى ساڭا بەرگىچە مىسسىغا بەرمەسمىدى.

سادام يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 09:57:16

ھەقىقەتەنمۇئەجرىقىپسىزقىرىندىشىم،   

england يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 11:41:37

ئاگۇيرۇ دىگەن شەرەپسىز... قېيناتىسىنىڭ مابىتىنى تارتىۋېلىپ ئارلىشىپ يۈرىيدۇ... بۇ قىز بۇرۇن قېيناتىسى مارادونا بىلەنمۇ بىللا بوپتىكەنتۇق تېخى...
ۋاي بۇزۇق ئىشەكلەر...

ئازغۇن يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 14:35:50

ۋانپىرىسنىڭ بالىسىنيڭ قاراشلىرى ، مانچىستىر شەھىرىدىكى زىكو دىگەنگە نىمانچە ئوخشىغان ھە ، ، ، ،

ماھىر يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 15:04:56

ھەممىدىن ئۇماق كۆرىنىدىغىنى يەنىلا كاكانىڭ ئوغلى ئىكەن .
كىچىك...ۋازنىڭ ئوغلىمۇ بەك ئاخسا چوڭ بۇلىۋېتىپتۇ ،كاساپەتمۇ كىيىنچە قاۋاقخانىغا كۈنىۋالمىسا تېخى

مۇزات يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 15:30:21

چۈشەندۈرۈشلەر بەك ماس كەپتۇ .
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9
: پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئۇماق بالىلىرى