بارسېلونا تارىخى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-9-10 15:04ئەسسالام-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ياخشى تۇردىڭلارمۇ.... كەمىنە مۇزاتتىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.
بۈگۈن مۇنبەرگە چىقىپ قارىسام بېرنابۇ مادىرىتنىڭ تارىخنى يېزىپ چىقپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇردىغان كۇلۇپ بارسېلونا توغۇرلۇق ئازىراق بىر نەرسە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بۇ يازما بارسېلونانى ئانچە چۈشنىپ كەتمەيدىغان ھەم بارسېلونانى ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان مۇنبەر ئەزالىرىغا بارسېلونا توغۇرلۇق ئازىراق چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ بېرەلىسە شۇنىڭدىن ئالەمچە سۈيۈنگەن بولاتتى
بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبى تارىخى
تۇلۇق ئاتىلىشى بارسېلونا پۇتبۇل كۇلۇبى ، قسىقارتىلىپ باسا دەپ ئاتىلىدۇ. كۇلۇپ 1899-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىسپانىينىڭ كاتولونىيە رايۇنى بارسېلوناشەھىرىدە قۇرۇلغان ، ئىسپانينىڭ ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان كۇلۇپلىرنىڭ بىرى ، ھەم شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە ياۋرۇپا ۋە دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كۇلۇپلارنىڭ بىرى .
بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلىشى كاتولونىيە رايۇندىكى خەلىقلەر ئۈچۈن زور مەنىۋى كۈچ بۇلۇپ ، بۇ يەردىكى خەلىقلەر كۇلۇبنىڭ چەك-چېگىرىسنى تەنتەربىيدىن ھالقتىۋەتكەن ، بارسېلونا كۇلۇبى پەقەت بىر پۇتبۇل كۇلۇبى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇنىڭ رولى كاتولونىيە رايۇندىكى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئالاقە ئىشلىرىدا رولى ئنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا بارسېلونا كۇلۇبى كاتولونىيە رايۇندىكى خەلىقلەرنىڭ مىللى مۇستەقللىق ھەم ئەركىنلىككە ئېرشىش يۇلدىكى كۆرەشلىرنىڭ مۇھىم بىر نامايەندىسى . بۇ تەرىپى بارسېلونانىڭ پەقەتلا بىر پۇتبۇل كۇلۇبلا ئەمەسلىكنى ئۇنىڭ زىممىسىگە يەنە تۈمەن مىڭلىغان خەلىقنىڭ ئەركىنلىك سادالىرنىڭ يۈكلىنىپ تۇرغانلىقنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ . شۇڭلاشقا بارسېلونا كۇلۇبى ئۆز رايۇندىكى خەلىقلەرنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ئۈچۈن ترششى ھەم كۆرەش قىلشى لازىم .
دەسلەپكى باسقۇچ
20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا بارسېلونا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنياغا كەلدى ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشىدە جون ئىسىملىك شىۋېتساريىلىك كارخانچى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان . جون ياش ۋاقىتلىرىدا شېۋىتسارىيە باسېل پۇتبول كۇلۇبىنىڭ كوماندا باشلىقى بولغان ، گەرچە ئۇ كېيىن چېكىنگەن بولسىمۇ ، بىراق پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەت تۈرنى ئېسدىن چىقارمىغان . بىر قېتىم ئۇ تۇغقان يوقلاش سەۋەبلىك ئىسپانىينىڭ بارسېلونا شەھىرىگە بېرىپ قالىدۇ ھەم كېيىن شۇ يەردە خىزمەت مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك تۇرۇپ قالىدۇ ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسپانيىدە پۇتبول تېخى ئانچە تەرەققي قىلىپ كەتمىگەن بۇلۇپ ، ئىلگىرى پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولغان جون بارسېلونادا بىر پۇتبول كوماندىسى قۇرۇپ پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەت تۈرىنى بارسېلونا شەھىردە ۋە ئىسپانىينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىدۇ .1899-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇ بىر ژورنالدا توپچى قۇبۇل قىلىش ئېلانى بېرىدۇ ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ پۇتبۇلغا بولغان تۇنۇشى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن توپچى قۇبۇل قىلىش ئىشدا توسقۇنلۇققا ئۇچىرايدۇ ، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بەل قۇيۋەتمەي ئۆز دۆلىتى شېۋىتسارىيگە قايتىپ پۇتبۇلچى ئىزدەيدۇ ، ئۇ ئەنگىليىلىك بىر نەچچە پۇتبولچى ۋە كاتولونىيلىك قىزغنلىق يۇقىرى بولغان ئەزالار كوماندىغا قۇشۇلۇپپەقەت 11كىشدىن تەركىپ تاپقان بىر كوماندا قۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى كۈندىكى داڭلىق كۇلۇپ بولغان بارسېلونا كۇلۇبى مانا مۇشۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ.
بارسېلونا كۇلۇبى دەسلەپ قۇرۇلغاندىكى كوماندا ئەزالىرى
كۇلۇپقۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال كۇلۇپنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغننى چاقىردى ، يىغندا كۇلۇپنىڭ ئىسمى ۋە كۇلۇپ رەئىسىنى بېكىتىش ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلندى . كۇلۇپنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەئسلىكىنىكاتولونىيلىك گۇالتىرې.ۋىلىد ئۈستىگە ئالدى ، كۇلۇبنىڭ ئىسمى بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبى قىلىپ بېكىتتى . كۇلۇپنىڭ گېرىبىنىبارسېلونا شەھىرنىڭگېرىبى بىلەن ئوخشاش قىلىش بەلگىلەندى ، يەنى سول تەرپىگەئاستى ئاق رەڭدە ئۈستى قىزىل رەڭلىك كىرىست بەلگىسى بېسىش ، ئوڭ تەرپىگە قىزىل سېرىق رەڭدە تىك سىزىق سىزىش ئارقىلىق كاتولونىينىڭ ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلىش ، پۇتبولچىلارنىڭ كىيمىنى لايھىلەشتە كوماندا قۇرۇشقا تۆھپە قوشقان جون ئىلگىرى توپ تەپكەن باسېل كۇلۇبىنىڭ كىيىم رەڭگى ئاساس قىلىنىدى ، يەنى سول تەرىپى قېنىق قىزىل رەڭلىك ئوڭ تەرىپى قېنىق كۆك رەڭلىك بۇ ئىككى رەڭ ئوتتۇردىن ئايرىلغان قىلنىپبارسېلونا كوماندىسنىڭ كىيىمى لايھىلەندى .
بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تارىختا ئىشلەتكەن كۇلۇپ گېربىللىرى
ئىسپانىيە بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ بىرى . دۇنيا پۇتبول سەھنىسدە باسېلوناكۇلۇبى داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىنىڭ بارسېلونادا توپ تەپكەنلىكىھەم ئۆزنىڭ ياشلار بازىسدا داڭلىق پۇتبول چولپانلىرنى يېتشتۈرۈپ چىققانلىقى بىلەن داڭلىق ، نۇرغۇنلىغان پۇتبول چولپانلىرى بارسېلونادا ئۆچمەس ئىزلىرنى قالدۇرغان ، مەسلەن : 50-يىللاردىكى كۇبالا ، 70-يىللاردىكى كىرويىف ، 80-يىللاردىكى مارادونا ، 90-يىللاردىكى رومارىئو ، رونالدو ، لىۋاردو ، گۇادىئوۋلا ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن رونالدىنخو ، دېكو ، ھېنىرى ، ئىبراھىموۋىچ ، ئېيتو قاتارلىق دۇنيا پۇتبول سەھنىسدىكى ۋەكىللىك شەخسىلەر ھەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىردىن كەلگەن ھەر قايسى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ داڭلىق ئەزالىرى بارسېلونادا ئۆزلىرنىڭ شانلىق دەۋىرلىرنى ياراتقان .
ھازىر كۇلۇپتا توپ تېپىۋاتقان ۋالدېس ، پۇيۇل ، شاۋى ، ئىنىستا ، بۇسكىس ، مېسسى ، پېدىرو ، فابىرىگاس قاتارلىق چولپانلار بارسېلونا ياشلار بازىسدا يېتىشىپ چىققان ئەزالارنىڭ تىپىك ۋەكىلى . 1899-يىلى كۇلۇپ دەسلەپ قۇرۇلغاندا ئەزالارنىڭ كۆپ قىسمى ئېنگىلاند ۋە گېرمانيىدىن كەلگەن بۇلۇپ ، شۇ يەردىكى يەرلىك ئەزالار يوق دېيەرلىك ئىدى . 1899-يىلى 12-ئايدا كۇلۇپ تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشتى ، بارسېلونانىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەسىرى ئاستىدا ، ئىسپانىيە خان جەمەتى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى . 1901-يىلى تۇنجى قېتىملىق شاھلىق لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى ، بىراق بارسېلونا بۇ قېتىملىق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلمىدى ، تاكى 1910-يىلغىچە بۇ لوڭقىغا ئېرىشەلمىدى ، 1910-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىل يەنى 1912-يىلى ۋە 1913-يىللىرى بۇ لوڭقنىڭ ساھبى بولالىدى .ئسپانىيە پۇتبولچىلقى تەدىرىجى تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمىئيتى 1928--يىلى رەسمى ھالدا بىرلەشمە مۇسابىقە تۈزۈمىنى يولغا قويدى . يولغا قۇيۇلغان تۇنجى يىلى بارسېلونابىرلەشمە چېمپيونلۇقىغا ئېرىشتى ، شۇنىڭدىن كېينىكى 10 نەچچە يىلدا كۇلۇپنىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولماي ، تاكى 1945-يىلغچە بۇ تۈردە چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلمىدى . 1945-يىلغا كەلگەندە تۇنجى چېمپىيونلۇقنىقولغا كەلتۈرۈپ 16 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى .
كۇبالا
كىرويېف
مارادونا
رومارىئو
رونالدو
لىۋاردو
گۇادىئوۋلا
دېكو
ھېنرى
رونالدىنخو
تەرەققىيات باسقۇچى
1910-يلدىن 1918-يىلغىچە
بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلۇشى ئەينى ۋاقتتىكى ئسپانىيە پۇتبولچىلقنىڭ گۈلللىنىشگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ، كۇلۇپ قۇرۇلۇپ كېيىنكى يىلى كاتولونىيە رايۇنى بۇيىچە ئۆتكۈزۈلدىغان بىرلەشمە مۇسابىقگە قاتنىشىپ 6 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 4 مەيدان غەلبە قىلىپ 1 مەيدان تەڭلىشىپ 1 مەيدان ئۇتتۇرغان ، بۇ 6 مەيدان مۇسابىقىدە جەمئي 47 توپ ئۇرغان ، ئەپسسۇسلىنارلىقى بۇ مۇسابىقىنىڭ چېمىپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن . كېيىنكى يىلى يەنى 1901-يىلى بارسېلونا بۇ مۇسابقىە پەسىلدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجدە 8 مەيدان مۇسابقىدە ئۇدا غەلبە قىلىپ بۇ قېتىملىق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن .
http://t2.baidu.com/it/u=735683426,1408624442&fm=21&gp=0.jpg
ئالتۇن دەۋرى
1919-يىلدىن 1929-يىلىغىچە بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبى ئۆزنىڭ ئاكتۇن دەۋىرنى كۈتۋالدى . بۇ مەزگىلدە بارسېلونا پۇتبولچىلىق كاتۇلونىيە خەلقنىڭ ھەققى تاشقى بەلگىسى ۋە ئىدىيسنى ئىپادىلەپ ، پۇتبولنىڭ پەقەتلا بىر پۇتبول تەنھەركىتى بولماستىن بەلكى بىر رايۇندىكى خەلقنىڭ ئەركىنلىك ، مىللى مۇستەقىللىق كۆرىشنىڭ تىپىك ئىپادىسىگە ئايلاندى .
1920-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چوڭ چېركاۋ تەنتەربىيە مەيدانى رەسمى ئىشلىتىشكە كىرشتۈرۈلدى .بۇ تەنتەربىيە مەيدانىغا دەسلەپ قۇرۇلغاندا 3 مىڭ تاماشىبىن سىغدىغان بۇلۇپ كېيىن 60 مىڭ تاماشبىن سغدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن . 1924-يىلى كۇلۇب قۇرۇلغانلىقنىڭ 25 يىللىقى تەبىرىكەلەندى ، شۇنىڭدىن كېيىن كۇلۇپنىڭ ئەزالىرى تەدىرىجىي كۆپىيىشكە باشلىدى .
25يىللىق شانلىق باسقۇچنى بېشدىن ئۆتكۈزگن بارسېلونا كۇلۇبى ، 10 يىللىق سىياسى ھۇجۇمنىڭ ئاسارىتىگە قالدى .
1925-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ، ئىسپانىيەرىۋىللا مەخسۇس ھۆكۈمىتى دەۋىرىدە ، بارسېلونانىڭ بىر قېتىملىق ساھبخان مۇسابىقىسدە بىر بارسېلونا مەستانىسى بۇرۇنقى ئىسپانيىە دۆلەت شئېرنى ئېيتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ، بارسېلونا پۇتبول مەيدانى 6 ئاي تاقىلىشقا بۇيرۇلدى ، كېيىن بۇ 3 ئايغا ئۆزگەرتىلىپ 3 ئاي تاقىلىپ قالدى . مادىرىد ھۆكۈمىتى ئەينى دەۋىردە بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبىنى قۇرۇشقا تۆھپە قوشقان جوننى ئورۇن بوشتىشقا مەجبۇرلىدى ، 5 يىلدىن كېيىن جون كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى .
1937-يىلى ئىسپانيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلدى ، بارسېلونا رەئىسى سوننېر ئاسىي قۇشۇن قوماندانى فىرانىك تەرپىدىن ئېتىپ تاشلاندى ، بارسېلونانى فىرانىك قۇشۇنى بېسۋالدى . شۇنىڭدىن كېيىن بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبنىڭ ئەزالىرى مېكىسىكا ۋە ئامېرىكىدا بىر مەزگىل سەرگەردانلىق بىلەن جان كەچۈردى . ئۇ مەزگىلدە فىرانىك قۇشۇنلىىرى بارسېلونا كۇلۇبىغا قارتىپ بومبا ئېتىپ بارسېلونا ئەزالىرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆلتۈرۋەتتى ، شۇنىڭ بىلەن بارسېلونا كولۇبىنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن جاننى ساقلاپ قېلش ئەڭ چوڭ مەسلىگە ئايلاندى .
1940-يىلى 3-ئايدا ئېنلىك.پويىللو فىرانىك ھۆكۈمتى تەرىپىدىن بارسېلونانىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى . 1943- يىلى مادىرىد بىلەن بارسېلونا ئوتتۇرىسدىكى مۇسابىقىدە ، بارسېلونا ئەزاسى رېپىر ۋە ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇردى . كېيىنبارسېلونا رەئىسىنىڭفاشىستتەرەپدارى ئىكەنلىك دەلىلەنگەن ، كېيىن بۇ رەئىس مادىرىد ھۆكۈمتنىڭ بېسمى ئاستىدا ئورۇن بوشاتقان .
بارسېلونا كۇلۇبى 1944-1945-مۇسابىقە پەسىلى ، 1947-1948-مۇسابىقە پەسىلى ، 1948-1949-مۇسابىقە پەسىلدە ئۇدابىرلەشمە چېمپيۇنلۇقنىى قولغا كەلتۈردى ، 1949-يىلى لاتىن لوڭقسنىڭ چېمپيونلۇقىغا ئېرىشتى . بارسېلونا 1949-يىلى كۇلۇپ قۇرۇلغانلىقنىڭ 50يىللىق قۇتلۇق خاتىرە كۈننى تەبرىكىلدى ، بۇ 50 يىل جەريانىدا بارسېلونا ئاز بولمىغان ئىىسىق - سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردى ، 21 قېتىم كاتولونىيە لوڭقسى چېمپىيونلۇقىغا ، 9 قېتىم ئىسپانيىە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ، 4 قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى .
1950-يىلى 6-ئايدا كۇبالا بارسېلونا كۇلۇبىغا رەسمىي قېتىلدى ، كۇلۇپ 1951-1952- مۇسابىقە پەسلى ۋە 1952-1953-مۇسابىقە پەسىلدە ئۇدا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى .
http://t3.baidu.com/it/u=262001419,860788279&fm=23&gp=0.jpg
يېڭى دەۋر
1957-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى بارسېلونانىڭ يېڭى پۇتبولمەيدانى بولغان نۇكەمپۇ پۇتبول مەيدانى رەسمى ئىشقا كىرشتۈرۈلدى ، شۇنىڭ بىلەن بارسېلونامۇ ئۆزنىڭ يېڭى بىر دەۋىرنى كۈتۋالدى . 1958-1959-مۇسابىقە پەسلى ۋە 1959-1960-مۇسابىقە پەسلىدە ئۇدا ئىىكى پەسىل بىرلەشمە چېمپىيونلۇقنىقولغا كەلتۈردى . 1957-1958-مۇسابىقە پەسلى ۋە 1959-1960-مۇسابىقە پەسىلىدە ئىككى قېتىم يەرمەنكە لوڭقىسغا ئېرىشتى . 1961-يىلى بارسېلوناac مىلەن كوماندىسنى يېڭىپ ، تۇنقى قېتىم ياۋرۇپا چېمپيۇنلۇق لوڭقسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابقسگە كىرىدۇ ، ئەپسۇسلىنارلىقى ھەل قىلغۇچ مۇسابقىدە بارسېلونا پورتۇگالىيە زەردارى بېفىنكا كوماندىسغا 3 تە 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيىدۇ .
نوكامپۇ پۇتبول مەيدانى
1973-يىلى گوللاندىيلىلك رىۋايەتلىك پۇتبولچى كىرويېف بارسېلونا بىلەن توختام ئىمزالىدى . 1973-1974-مۇسابىقە پەسىلىدە بارسېلونا يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى ، بارسېلونا كۇلۇپ قۇرۇلغانلىقنىڭ 75 يىللىقنى تەبىرىكلىدى ، شۇ ۋاقىتتا بارسېلونا كۇلۇبنىڭ ئەزالىرى 69566 يېتىپ دۇنيادىكى تەسىرى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك كۇلۇپقا ئايلانغان . 1978-يىلى بارسېلونا ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقسنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن . شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى لۇئىس.نۇيىس بارسېلونانىڭ رەئىسلىكگە سايلىنىپ ، تارىختا ئەڭ ئۇزۇن كۇلۇپ رەئىسى بولغان كىشگە ئايلانغان . 1979-يىلى بارسېلونا تۇنجى قېتىم ياۋرۇپا غالپىلار لوڭقسى چېمپىيونلۇقى ۋە ياۋرۇپالوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن .
http://t3.baidu.com/it/u=4285742360,3847579690&fm=23&gp=0.jpg
كىرويېف
http://t2.baidu.com/it/u=1474913998,4195582033&fm=23&gp=0.jpg
90-يىللاردا كۇلۇپنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى . كىرويېف كۇلۇپنىڭ تېرنىرلىقنى ئۈستىگە ئاكغاندىن كېيىن بارسېلونانىڭ نەتجىسى كۆرىنەرلىك ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ ، 1992-يىلى بارسېلونا كۇلۇبى قۇرۇلۇپ تۇنجى قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسنىڭ چېمىپىيونلۇقىغا ئېرىشىدۇ ، شۇنداق قىلىپ تارىختا نام قالدۇرغان بارسېلونا ‹‹ چۈش 1-كوماندىسى ›› مەيدانغا كېلىدۇ . 1994-يىلىدىكى ئوزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە كاپىللو يېتەكچىلىكىدىكى ac مىلەن كوماندىسىغا 4 تە 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇن بۇلۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.
بارسېلونانىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماتۇرى- شاۋى
تۇرغۇنلۇق مەزگىلى
1995-يىلدىن 2002-يىلىچە بولغان ئارلىقتا بارسېلونا تۇرغۇنلۇق مەزگىلنى باشتى كەچۈردى ، بۇ مەزگىلدە بارسېلونا 1998-1999-يىللىرى بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن باشقا نەتجىلەرگە ئېرىشەلمىدى ، ھەم ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق مۇسابىقلىردىكى نەتىجىلىرىمۇ ئادەتتىكىچە بۇلۇپ ، كۆپ قېتىم چېمپيۇن بۇلۇش پۇرسىتنى قولدىن بېرىپ قويدى .
http://t2.baidu.com/it/u=999223408,2147421618&fm=23&gp=0.jpg
چوڭ ئۆزگەرتىش
2003-يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان مەزگىل بارسېلونانىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . 2003-يىلى لىجكارد بارسېلونانىڭ تېرىنىرلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن باشلاپ بارسېلونا قايتا گۈللىنىىش مەزگىلىگە كىرىدۇ ، لىجكارد ئەينى دەۋىردە ‹‹ چىملىق سەنئەتكارى ›› دەپ نام ئالغان چولپان رونالدىنخونى كوماندىغا قۇشۋالىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ‹‹ قارا تۇلپار ›› ئېيتو ، دېكو ، گىيۇلى . لارسېن قاتارلىق چولپانلارنى كوماندىغا قۇشۋېلىپ بارسېلونا ‹‹ چۈش 2-كوماندىسى›› نى بارلىققا كەلتۈرىدۇ .
http://t2.baidu.com/it/u=3478295820,3082413662&fm=23&gp=0.jpg
يېڭى تەرەققىيات
2008-يىلى لىجكارد تېرىنىرلىق ۋەزىپىسدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ، ئەينى دەۋىردىكى ‹‹ نۇكەمپۇ شاھزادىسى ›› گۇادىئوۋلا بارسېلونانىڭ تېرىنىرلىقنى ئۈستىگە ئالدى . ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ ، ‹‹ چۈس 2-كوماندىسى ›› نىڭ تۆھپىكارلىرى بولغان رونالدىنخو بىلەن دېكونى يولغا سېلىپ قويدى ، ھەمبارسېلونا ياشلار بازىسدا يېتىشىپ چىققان بەزى ياش ئەزالارنى 1-سەپ كوماندىسغا ئېلىپ چىقتى ، ئۇلارنىڭ تىپىك مىسالى ھازىر بەزى كىشلەر تەرپىدىن (شەخسەن مەنمۇ ) 4-ئەۋلاد پۇتبول شاھى دەپ قارىلىپ كېلۋاتقان مېسسى . ئۇ يەنە بۇسكىس ، پېدىرو ، پېك ، ئىنستا قاتارلىق ئەزالارنىمۇ 1-سەپ كوماندىسىغا ئېلىپ چىقىپ ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ ، بارسېلونانىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىگە ئاساس سالدى .
2008-2009-مۇسابىقە پەسىلىدە گۇ تېرىنىر باشچىلقدىكى بارسېلونا كوماندىسى بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى ، ياۋرۇپا چېمپىيونلۇقى ، شاھلىق لوڭقىسى چېمپيونلۇقىغا ئېرىشتى . 2009-2010-مۇسابىقە پەسىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم باسقۇچىدا يەنە ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ تارىختا بىر يىلدا 6 شاھ بۇلۇشتەك ئەڭ يۇقىرى شانلىق تارىخنى ياراتتى .
http://titanimg.titan24.com/soccer/news/2012/09/01/45b10c9d361346435088.jpg
بارسېلونا تارىختا ‹‹ ئۈچ پادىشاھلىق ›› دەۋىرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن . 90-يللارنىڭ باشلىردىكى كىرويېف باشچىلقدىكى ‹‹ چۈش 1-كوماندىسى ›› ، 2004-يىلدىن 2006-يىلغچە لىجكارد باشچىلقدىكى ‹‹چۈش 2-كوماندىسى›› ، 2008-يىلدىن 2011-يىلغىچە گۇادىئوۋلا باشچىلقىدىكى ‹‹چۈش 3-كوماندىسى›› قاتارلىق شانلىق باسقۇچلارنى بېشدىن ئۆتكۈزگەن . بۇنىڭ ئىچىدە 2008-يىلدىن 2011-يىلغىچە گۇادىئوۋلا باشچىلقىدىكى ‹‹ چۈش 3-كوماندىسى›› نىڭ نەتىجسى ئەڭ قالتىس بۇلۇپ بارسېلونانىڭ شانلىق دەۋىرى دېيىشكە بولىدۇ . 2008-2009-يىللىق مۇسابىقە پەسىلدە گۇادىئوۋلا بارسېلونا كوماندسىنى يېتەكلەپ بىر پەسلدىلا 6 چېپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ كۇلۇپ تارىخدىكى ئەڭ شانلىق سەھپىنى ئاچىدۇ . 2009-2010-مۇسابىقە پەسىلىدە 3 چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى ، 2010-2011-مۇسابىقە پەسىلدە 5 چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى ، 4 يىلدا 14 چېمپىيونلۇق لوڭقسنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كۇلپنىڭ شانلىق تارىخنى ياراتتى ھەم كىشلەر تەرىپىدىن ‹‹ تەڭداشسىز ئالەم كوماندىسى ›› دەپ تەرىپلەندى .
http://t3.baidu.com/it/u=2135678578,2822730395&fm=21&gp=0.jpg
چۈش كوماندىسى
‹‹ چۈش كوماندىسى ›› بارسېلونا پادىشاھلىقنىڭ نامى بۇلۇپ . تارىختا ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئىككى قېتىملىق چۈش كوماندىس بۇلۇپ ، بىرى كىرويېف باشچىلقىدىكى ‹‹ چۈش 1-كوماندىسى ›› ، يەنە بىرى ‹‹ لىجكارد باشچىلىقىدىكى ‹‹ چۈش 2-كوماندىسى ›› . بەزى بارسېلونا مەستانىلىرى گۇادىئوۋلا دەۋىردىكىبارسېلونا كوماندىسنى ‹‹ چۈش 3-كوماندىسى ›› دەپ ئاتايدۇ ( شەخسەن مەنمۇ شۇنداق قارايمەن ) .
‹‹ چۈش 1-كوماندىسى ››1990-1994
رەئىس : نۇيىس
تېرىنىېر : كىرويېف
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى : 4 قېتىم بىرلەشمە چېمپىيۇنى1990-1991 ، 1991-1992 ، 1992-1993 ، 1993-1994 .1 قېتىم ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى چېمىپىيونى1991-1992 .2 قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونى ، 1 قېتىم ياۋرۇپا غالىپلار لوڭقسى چېمپىيونى ، 2 قېتىم ئىسپانىيە دەرىجدىن تاشقىرىلار لوڭقسى چېمپىيونى ، 1 قېتىم ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى چېمپىيونى بولغان .
http://t3.baidu.com/it/u=990418955,4190777812&fm=21&gp=0.jpg
‹‹ چۈش 2-كوماندىسى ›› 2004-2007
رەئىس : لوپارتا
تېرىنېر : لىجكارد
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى : 2 قېتىم بىرلەشمە چېمپيۇنى2004-2005 ، 2005-2006 . 1 قېتىم ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقسى چېمپىيونى2005-2006 . 2 قېتىم ئىسپانىيە دەرىجدىن تاشقىرىلار لوڭقسى چېمپىيونىبولغان .
http://t2.baidu.com/it/u=331931666,586864871&fm=23&gp=0.jpg
‹‹ چۈش 3-كوماندىسى ›› 2009-
رەئىس : لوسار
تېرىنىېر : گۇادىئوۋلا
ئېرىشكەن نەتجىلىرى : 4 قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونى 2009-2010 ،2010-2011 ،2011-2012 ، 2012-2013 .2 قېتىم ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقسى چېمپىيونى 2008-2009 ،2010-2011 .2 قېتىم ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونى ،3 قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى چېمپىيونى ، 2 قېتىم ياۋرۇپا دەرىجدىن تاشقىرىلار لوڭقسى چېمپىيونى ،2 قېتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسى چېمپىيونى بولغان .
http://t3.baidu.com/it/u=245302139,1436837922&fm=23&gp=0.jpg
بۇ تېمام مۇشۇ يەردە تامام بولدى ، تېمىنى يېزىش جەريانىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەنلىكلەردىن خالىي بۇلالمىغان بۇلشىم مۇمكىن ، ئەگەر شۇنداق بوپ قالسا ھەر قايسىڭلارنىڭ پىكىر-تەكلىپڭلارنى ئايىماسلىقڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بارسىلونالىقلارمۇ جىم ئولتۇرالماپتۇ مانا رەسىملەر چىقماي قاپتۇ، ‹‹مادرېد تارىخى››دىن قېلىشقۇسىز تېما بۇلۇپتۇ. ئىچىڭىز قايناپ بىر تۇتۇش قىپسىزكەن بىراق رەسىملەر چىقماي قاپتۇ......... بىرنابو توغرۇلۇق يېزىلغان تىما ۋە ئاخىرلاشتۇرغۇچىنىڭ مانچىستىر توغرۇسىدىكى تىمىسى بىلەن بەسلەشتۈمەكچى بۇلۇپ نادىر تىمىدىن بىرگە تۇتۇش قىپتىكەنسىز ، رەسىملەرنى تەھرىرلىۋەتسىڭىز بولغۇدەك ،
ئاۋال كومپىيوتېردا ساقلىۋېلىپ ئاندىن چىقارسىىڭىز ياخشىراق بۇلامىكىن رەسىملەرنىڭ بىرسىمۇ چىقماپتۇ.تېمىمۇ سەل چېچىلاڭغۇراق بولۇپ قاپتۇ .. پاكىزراق رەتلىۋەتسىڭىز نادىرلىنىشتا گەپ يوق! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەۋدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-9-9 13:57
مادرىد ھۆكۈمىتى؟ ئەمدى بىر ئوبدان تېمىدا، بارسىلوناغا پايدىسىز ئەھۋال كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئىشنىمۇ مادرىدقا دۆڭگەپ قويۇپسىزغۇ.
قارىغاندا رەسىمنى بەيدۇ تور بوشلۇقىدىن ئۇلىنىش قىلغان ئوخشايسىز؟ شۇڭا رەسىملەرنى كۆرەلمىدۇق. سان-سىرو رىۋايتى ، مىلان خاندانلىقى تۇغۇرلۇق تىما مەيىدانغا كەلگۈسى نادىر تېما ئىكەنلىگىدە گەپ يوق، رەسىملەرنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ قويسىڭىز
تەڭداشسىز ئالەم كوماندىسى-بارسىلونا داۋاملىق ئالغا!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! missi2 يوللىغان ۋاقتى2013-9-9 15:01 static/image/common/back.gif
نادىر تېما ئىكەنلىگىدە گەپ يوق، رەسىملەرنى كۆرەلەيدىغ ...
kirindixim tangdaxsiz digan sozni ixlatmang tangdaxsiz digan sozbak muhim soz بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خۇشخۇي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-9-9 19:38
missi2 يوللىغان ۋاقتى2013-9-9 15:01 static/image/common/back.gif
نادىر تېما ئىكەنلىگىدە گەپ يوق، رەسىملەرنى كۆرەلەيدىغ ...
تەھرلەندى.. ئىنكاس تەكرار چېقىپ كىتىپتۇ