CR.7 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 01:18:25

ئىلى دىيار كوماندىسىنىڭ يىڭى كىيىم لاھىيەسى!

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى

غۇلجا شەھىرى ئىلى دىيار ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلۇپ بىر يىلدىن ئاشتى... غۇلجىدا ئاساسەن رەسمىي مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلمىگەچكە ھازىرچە دوسلۇق مۇسابىقىسى ئويناپ يامان ئەمەس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتىمىز...

بىر كوماندا بولىدىكەن ئۇنىڭ ھەر پەسىل كىيمىنى يىڭىلىغۇمىز كىلىدىكەن..بۇ يىلمۇ كوماندا كىيمىنى يىڭىلىماقچى بولۇپ لاھىيەنى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتۈرۈپ قويدۇم... پۇتبول خۇمار تورداشلار كۆرۈپ باھا بىرەرسىلەر








يانا مۇشۇنداق كىيىم لاھىيلىتىدىغانلار بولسا كىيىم لاھىيىسىنى بىز بىرىمىز...ماركا ۋە لوگونى ياسايمىز...باھاسى ئەرزان سۈپەت بىرىنچى

ئالاقىلىشىش نومۇر: 15099422599

uchkur يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 02:11:28

سېرىق رەڭ ئەرلەرنىڭ كىيىشى دۇرۇس ئەمەستىغۇ دەيمەن
بولسا بىلۋالغان بولساق
شۇنچە كۆك رەڭ، قارا رەڭ،ئاق رەڭ ،يىشىل رەڭ قىزىل رەڭلەر تۇرسا

CR.7 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 02:19:37

uchkur يوللىغان ۋاقتى  2013-8-13 02:11 static/image/common/back.gif
سېرىق رەڭ ئەرلەرنىڭ كىيىشى دۇرۇس ئەمەستىغۇ دەيمەن
بول ...

بۇ ئىشنى ئەمدى ئاڭلىشىم...بولىدۇ بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلارمىز..

بېرنابۇ يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 02:23:53

سودا ئېلانى ئىكەندە بۇ؟

ئاشكار يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 04:16:53

ئاق رەڭلىك چىرايلىق بولۇپتۇ ،  يىقندىن ياقى  خوتۇن -بالىنىڭ ئالدىراشچانلىقىدا  كۇلۇبقا تازا كۈچ قاتالمىدىم ، ئاللاھ خالىسا بوۋاق ئازىراق چوڭ بولىۋالسا  تاي دەپ بولغۇچە ھاي دەپ پەيدا بولىمەن .

سېرىق ھەرە يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 10:26:36

كىيىمىڭلار بەك چىرايلىق لاھىلىنىپتۇ ، بوپمۇ ئا سېرىق كىيىم ...

سېرىق ھەرە يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 10:27:39

uchkur يوللىغان ۋاقتى  2013-8-13 02:11 static/image/common/back.gif
سېرىق رەڭ ئەرلەرنىڭ كىيىشى دۇرۇس ئەمەستىغۇ دەيمەن
بول ...

مىنىڭ ئاڭلىشىمچىمۇ قىزىل رەڭنى كەيسە بولمايدىكەنغۇ  ...

بەگزات يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 10:39:01

كىيىمىڭلار بەك چىرايلىق لاھىلىنىپتۇ ،ماڭابىر نى ئاپقۇي جۇمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مەن مۇكىيىمەن..........

تۈرۈك2 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 11:37:34

بىز مۇلايەلەتسەك بولغۇدەك!!!

missi يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 12:25:07

بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2013-8-13 02:23 static/image/common/back.gif
سودا ئېلانى ئىكەندە بۇ؟

يامان ئادەم جۇما سىلەر.، بىر قاراپلا   رەسمىيەتسىز تىجارەت قىلۋاتقانلىقىنى بىلىۋالدىلا.

ronaldo999 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 12:32:48

بۇ يەردە ئىككى ئىشنى تىلغا ئالسام كۆڭلىڭىزگە كېلەمۇ دەپ قالدىم. بىرى. باشتا دېگەندەك ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ بىزگىچە سېرىق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيمەيدۇ. بۇ مىللەتنىڭ رەڭ قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا مەن تاشئالمىنىڭ سېرىق كىيىمىنى ياقتۇرمىغان. ئىككىنچى مەسىلە:ELIDIYARدەپ يېزىلسا  ئېلى دىيار دەپ ئوقۇلىدۇ. ئېلى دەيدىغان يۇرت يوق. ‹‹ئې››بىلەن ‹‹ئى›› ئالمىشىپ قاپتۇ. دىياردىكى ‹‹ئى ››توغرا. لېكىن بىرىنچى ھەرپ نېمىشقا  ‹‹E››غا ئۆزگىرىپ قالىدۇ؟ توغرىسى ‹‹ILI DIYAR›› بولۇشى كېرەك.  بۇ سەمىمىي تەكلىپ . قالغىنى سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلار

jabran يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 12:42:27

نىمىشقا ھۇررانىڭ ئاساسى رېڭى بولغان كۆك رەڭنى ئىشلەتمەيسەن (ھاۋارەڭ دەمدا )ئالدىدىكى ھەرىپ خاتا بولۇپ قاپتۇمۇ نىمە گ نى باش قىلماي خ ھەرپىنى باش قىلساڭ بولامدىكىن ،سېرىقنىڭ ئورنىغا ،ئاق رەڭلىكى بەلەن بولۇپتۇ ، پۇتۈپ چىقسا ئاللا خالاسا بىرنى كىيىپ قويىمەن ئۇكا تاغدىن چۈشۈپ .
بەت: [1] 2 3
: ئىلى دىيار كوماندىسىنىڭ يىڭى كىيىم لاھىيەسى!