nayil يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 16:52:52

پۇتبول مەيدانىدىكى مۇنەۋۋەر سەنئەتكارلار !!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-3 19:37  

   پۇتبول قىزغىنلىقى ۋە پۇتبول تۈرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن پۇتبول چولپانلىرى مەيداندىكى ئېسىل ماھارەتلىرى بىلەن پۇتكۈل دۇنيادىكى پۇتبول مەستانىلىرى قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتتى شۇنداقلا قالدۇرماقتا . جۇملىدىن مەن ۋە ماڭا ئوخشاش پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنى پۇتبول دۇنياسىغا تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ئاساستا قىزىقتۇرغان . پۇتبول مەيدانىدىكى بۇ تۆھپىكارلار نۇرغۇنلىغان يېڭى پۇتبول نوتىلىرى ۋە ھازىرقى پۇتبول سەھنىلىرىدىكى پۇتبول چولپانلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقىنى تېخىمۇ قوزغاپ ، ئىلگىرلىشىگە ۋە پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنتەربىيە تۈرىدە زور نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولماقتا . تۆۋەندە پۇتبول مەيدانىدىكى تۆھپىكار ، مۇنەۋۋەر سەنئەتكارلار سىلەر بىلەن قايتا بىر ئۇچرىشىپ چىقايلى !!

   1 . گاررېنچا                    (  بىرازىلىيە  )

                                 

   گاررېنچانىڭ ئەسلى ئىسمى ( مانوئېل . فىرانسېسكو . دوس . سانتوس ) بولۇپ ، بىرازىلىيە پۇتبول تارىخىدىكى داڭلىق پۇتبولچى . ئۇ مەيدان كونتىرول قىلىشىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى ، ئىنكاسىنىڭ تېز ، ھەرىكىتىنىڭ چەبدەسلىكى ، سۇرئىتىنىڭ تېزلىكى ، بوسۈپ كىرىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن داڭ چىقارغان ۋە ھەممىگە تونۇلغان . پۇتبول مەستانىلىرى ئۇنىڭ پۇتبول تالانتىغا قاراپ ‹‹ گاررېنچا  ›› دەپ ئاتالغۇ قىلغان . ‹‹ گاررېنچا ›› پورتۇگال تىلىدا بىر خىل كىچىك قۇشنىڭ ئىسمى بولۇپ ، بۇ ئاتالغۇ ئۇنىڭ شۇ قۇشتەك ئالاھىدە بولغانلىقىغا قاراپ قويۇلغان . بۇ ئىسىم ئاستا-ئاستا ھەممىگە سىڭىشىپ كەتكەن . گاررېنچا دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكالىتەن ئوينىغان 60 مەيدان مۇسابىقىسىدە 52 مەيدان ئۇتۇپ ، 7 مەيدان تەڭلىشىپ ، بىر مەيدان ئۇتتۇرغان . گاررېنچا بىلەن پېلى بىللە مەيدانغا چىققان مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسى بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرۇپ باقمىغان .

   2 . پېلى                        (  بىرازىلىيە  )

                                 

   پېلى 20 ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ پۇتبول چولپىنى ۋە پۇتبول شاھى . پېلى : ‹‹ مەن پۇتبول ئۈچۈن تۇغۇلدۇم ، خۇددى بېتخوۋېن مۇزىكا ئۈچۈن تۇغۇلغاندەك ! ›› . پېلى پۇتكۈل پۇتبول مەستانىلىرى نەزىرىدىكى پۇتبول پېشۋاسى . ئۇنىڭ مەيداندىكى چەبدەسلىكى ، تېخنىكىسىنىڭ ئۈستۈنلىكى ، تېز ۋە پۇرسەت تۇتۇشقا ماھىرلىقى ، ئۇنى كىشىلەر قەلبىدە يۈكسەك ئورۇنغا ئېرىشتۈردى . ئوشۇق سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق ، پېلى پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ پەللىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى . شەك-شۇبھىسىزكى ، ئۇ ھەقىقى پۇتبول پېشۋاسى !!!

   3 . يوسىبېئو                  (  پورتۇگالىيە  )

                                 

   يوسىبېئو 20 ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى چارلىتون بىلەن ئوخشاش تونۇلغان پۇتبول چولپىنى . ئۇنىڭ ھەممىنى ھەيران قالدۇرغىنى ئېسىل پۇت ئاستى ماھارىتى ۋە تېزلىكى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ تېزلىكى . يوسىبىئونىڭ شەخسى تېخنىكىسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ، ئۇنىڭ كۆپىنچە ئۇرغان توپلىرى ئوتتۇرا مەيداندىن تېخنىكىلىق بۆسۈپ كىرىپ ئۇرغان توپلار . ئۇ كۈچ ، تېخىنىكا ۋە تېزلىكىنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپ ، كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹ قارا قاپلان ›› دەپ ئاتالغان . ئۇ شۇ ۋاقىتلاردىكى مۇداپىيىچىلەرنىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق چۈشى ئىدى . ئىنگىلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئېسىل ئىپادىسى ئېنگىلاندلىقلارنى ، جۈملىدىن پۇتۇن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان . شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەيكىلى قاتتۇرۇلۇپ ، ئېنگىلاند دوۋسار خانىم شام ھەيكەل كۆرگەزمىخانىسىغا قويۇلغان . ئۇ شۇ مەزگىلدىكى پورتۇگالىيە گوھىرى !!!

   4 . كىرويېف                  ( گوللاندىيە  )

                                 

   ئالاھىدە بولغان توپ كونتىرول قىلىشى ، ئېسىل پۇت ئاستى ماھارىتى ۋە تېزلىكى ، كوماندىدىكى جەڭگىۋارلىقى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ كۆرۈنەرلىكلىكى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان سەنئەتلىك توپ تەپكۈچىنىڭ بىرسى . ئۇ دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ئانچە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالمىغان ، پەقەت بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتناشقان بولسىمۇ ، مەيداندىكى ئىپادىسى بىلەن پۇتبول سەھنىسىسدىكى ھەقىقى سەنئەتكار ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى . ئۇنىڭ بولۇشى پۇتبولغا ئىسلاھات ، دۇنيا پۇتبولچىلىقىغا يېڭىچە كۈچ ئاتا قىلدى . تەبئىي تالانت ۋە تىرىشچانلىق كىرويېفنى زور ئابروي ۋە شەرەپلەرگە نائىل قىلدى .

   5 . زىكو                      (  بىرازىلىيە  )

                                   

   پېلى : ‹‹ ئۇ ئىنتايىن مۇنەۋۋەر پۇتبول تەنھەركەتچىسى . ئۇنىڭ چەكلەنگەن رايوندىكى سەزگۈرلىكى ئىنتايىن ئالاھىدە . ئۇ قالايمىقانچىلىق ئىچىدىنمۇ كىچىككىنە يوچۇق بولسىلا توپنى بىمالال كونتىرول قىلىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ . ›› دەپ تەرىپلەيدۇ . مانا بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ‹‹ سامبا ئۇسۇلچىسى ›› زېكو . ئۇنىڭ يەنە ‹‹ ئاق تەنلىك پېلى ››دەپمۇ نامى بار . پېلى چېكىنگەندىن كېيىن بىرازىلىيە پۇتبولچىلىقىدىكى پېلىنى ئىزىنى باسقان بىردىنبىر توپچى ۋە بىرازىلىيەنىڭ ئۈمىد يولتۇزى . زېكونىڭ پۇتبول ماھارىتى ئۇستۈن ، ھەرىكەت دائىرىسى كەڭ ، تېزلىكى ۋە بوسۈپ كىرىشى ئالاھىدە بولۇپ ، بىرازىلىيە پۇتبولچىلىقىغا يېڭى ئۈمىد ۋە شان شەرەپ كەلتۈرگۈچى .


   6 . پىلاتېنى                 (  فىرانسىيە  )

                                       

   20 ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان شەرىپىگە ئېرىشكۈچى دەل پىلاتېنى . 1978-يىلى 23 ياشقا كىرگەن پىلاتېنىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىغا بىرىنچى قېتىم قاتنىشىشى ئىدى . بىراق ، فىرانسىيە كوماندىسى چىمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئارگېنتىنا ۋە ئىتالىيەلەر بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ئىدى . گەرچە فىرانسىيە كوماندىسى بۇ قېتىم گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ ، پىلاتېنى دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىنى نامايان قىلدى ۋە چىمپىيون ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى بىرىنچى توپىنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى . ئۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىللىق پۇتبول ھاياتىدا جەمئىي 649 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 353 توپ كىرگۈزدى . ئۇنىڭ مەيداندىكى ھەر بىر ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت .

   7 . مارادونا              (  ئارگېنتىنا  )

                                      

   ئارگېنتىنادا ، پۇتبول مەڭگۈ ئۈزۈلمەس تېما ! ئەگەر مارادونا بولمىغان بولسا ، بوينېس-ئايرېستىكى نامرات مەھەللە ۋېلا-فىئورى كىمنىڭمۇ ئېسىگە كېلەر ئىدى ؟ 1960-يىلى 10-ئاينىڭ 30 كۈنى مارادونا نەق مۇشۇ مەھەللىدە دۇنياغا كەلدى . گەرچە بويى پاكار بولسىمۇ ، تەڭرى بۇ يىگىتكە ئىنتايىن يۇقىرى ماھارەت ۋە خىسلەتلىك سول پۇت ئاتا قىلغان ئىدى . ئۇ ئارگېنتىنانىڭ مەڭگۈلۈك 10-نومۇرى . ئۇ پۇتۇن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان پۇتبول شاھى ، شۇنداقلا ئارگېنتىنا پۇتبولچىلىقىدىكى‹‹  پۇتبول ئىلاھى ›› !!!

   8 . باگگىيو               (  ئىتالىيە  )

                                      

   چىملىقتىكى باگگىيو ھەقىقى سەتئەتكار . ئۇنىڭ مەيداندىكى يېنىك ، ئەپچىل ھەرىكەتلىرى ، كېلىشكەن سالاپىتى ، ئالاھىدە پۇتبول ماھارىتى نۇرغۇن مەستانىلەرنى ئۆزىگە لال قىلغان . ئۇ بىر ئۆمۈر تەقدىر بىلەن كۈرەش قىلدى ، لېكىن يەنىلا تەقدىر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلدى . باگگىيو مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ، مەيلى كۇلۇبتا بولسۇن ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل پۇتبول ماھارەتلىرىنى بىزگە تەقدىم ئەتتى .

   9 . زىدانى                (  فىرانسىيە  )

                                      

   زىدانىنىڭ توپ تەپكىنىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزى بىر ھوزۇر . بۇ ئالجىرىيىلىك ئەرەب پۇشتىدىن بولغان فىرانسىيىلىك سەنئەتكارنىڭ مەيداندىكى لەرزان ئۇسۇلى كىشىنى لال قىلماي قويمايدۇ . ئۇ ئانچە كېلىشكەن بولمىسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ پۇتبول ماھارىتى نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرىنى ئۆزىگە ئاشىق قىلغان . ئۇنىڭ پۇت ئاستى ماھارىتى شۈبھىسىزكى 21ئەسىردىكى ئەڭ نادىر ماھارەت ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ پۇتبول ھەرىكەتلىرى ئاددى كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن ئىنتايىن يېنىك ۋە جەلىپ قىلارلىق . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئاننان : ‹‹ ئۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەنئەتكار ، چىملىقتىكى سەنئەتكار !! ›› دەپ تەرىپلەيدۇ .

   10 . رونالدىنھو             (  بىرازىلىيە  )

                                    

   رونالدىنھو ھەر تەرەپتىن تولۇق يېتىلگەن پۇتبول چولپىنى . ئۇ رونالدوغا ئوخشاش ۋارتار ئالدىدا ئىنتايىن تەمكىن نومۇر ئالغۇچى ، زىدانىغا ئوخشاش مەيدان كونتىرول قىلغۇچى ، بېكھامغا ئوخشاش ئۇزۇن پاس ۋە ئىختىيارى توپ ماھىرى ، فىگوغا ئوخشاش يان يولدىكى خەتەرلىك بۆسۈپ كىرگۈچى . 2002-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى تالىىشش مۇسابىقىسىدە بۇ بىرازىلىيىلىك سامبا ئۇسۇلچىسى ھەممىنى ھەيرەتتە قالدۇرغان .

                                    

   
                  
   

خۇشخۇي يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 20:19:13

يەنىلا بىرازىليە كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىكەن ..... بىرازىليەنى قانچە ماختىسا ئەرزىيدىغان ، پۇتبولچىلارنىڭ سەردارلىرى چىقىدىغان دۆلەتتە ئۇ

بۈرگىچاق يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 20:22:06

سەنئەتكارلار دىسە،  يالغان يېقىلغۇچىلارمىكىن دەپ قالدىكەن ئادەم.

سەمەندەر يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 20:34:12

مەن رونالدىنھو غا رەسمىي قول قويىمەن !!

missi2 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 21:01:18

بۇ چولپانلار ئۆز دەۋرىدە  پۇتبول دۇنياسىنى  تىترەتكەن داڭلىق چولپانلاردۇر

سەنئەتكار نۇقتىسىدىن ئالغاندا زىدانى ،رونالدىنخۇ ھەممىدىن قالتىس دەپ قارايمەن

ronaldo999 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 21:02:34

گاررىنچانىڭ لەقىمى شاتۇر

سۈبھى يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 21:12:15

رونالدىنھو،زىدانى.....

ئوخلان يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 21:13:08

رونالدىنخو  ئەڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭ مۇشتىغى  

زېرەك يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 21:33:29

كۆپ پۇتبولچىلارنى بىلىۋالدىم رەھمەت .

sardar.bez يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 23:19:42

بىرازىليەنىڭ  چولپانلىرى  يامانكەن  ....

تەنتەربىيە يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 23:27:49

dilmurat. يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 07:03:02

ھەممىسى   قالتىس  پۇتبولچىلاركەن
بەت: [1] 2
: پۇتبول مەيدانىدىكى مۇنەۋۋەر سەنئەتكارلار !!!