پۇتبول ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈستىدە ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا forzayuven تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-1-18 16:11پۇتبول ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش يولىدا ئىزدىنىش ئارقىلىق بىر قىسىم كۆپ قوللىنىدىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى رەتلەپ چىقتىم .ئۆز چولپانلىرىمىزنىڭ ۋە دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى يېڭى خەۋەرلەرنىڭ خەلقىمىزگە ئانا تىلىمىزدا يەتكۇزىلىشىگە پايدىسى بوپ قالار.كۆپچىلىكنىڭ ئۆز ئوي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ،ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ قېلىپلىشىشىغا،قوللۇنىشىنىڭ كېڭىيىشىگە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . (كۆپنىڭ كۈچى كۆپ،بەزى ئاتالغۇلارنى بىرلىكتە كېڭىشىپ بىكىتسەك )ئاخىرىدا مىنى قوللاپ ياردەمدە بولغان يېقىن ئاغىنەم ،ساۋاقدىشىم frank (مۇشۇ مۇنبەردىكى )قا رەھمەت ئېيتىمەن .
بىرقىسىم ئاتالغۇلارنىڭئۇيغۇرچىسى
1.مەيدان ئاتالغۇلىرى
足球场 پۇتبول مەيدانى field
中场 ئوتتۇرا مەيدان midfield
中圈 مەركەز چەمبىرىگى kick-off circle
禁区 جازا توپ رايونى،18چەك penalty area (چەكلەنگەن رايون دىسەك ئىنگىلىزچىدىكى ئۇقۇم تازا ئېنىق ئىپادىلەنمەيدىكەن،شۇڭا جازا توپ رايونى دىيىش بەكرەك مۇۋاپىق بولغىدەك.ئىنگىلىزچىدە يەنە box دەپمۇ ئاتايدۇ ئېغىز تىلىدا،بۇنى بىزمۇ كۆنگەن تىلىمىزدا 18چەك دىسەك خاتا بولماس.)
小禁区 قاپقا رايونى .ئالتە چەك goal area
门线 قاپقا سىزىغى goalline
底线 پەللە سىزىق field line
中线 مەركەز سىزىغى،ئورتا مەيدان سىزىغى halfwayline
边线 يان سىزىق touchline
禁区弧 جازا توپ رايونى يايى،18چەك يايى
角旗 بۇلۇڭ تۇغى corner flag
门柱 قاپقا تۈۋرىگى goal post
横梁 قاپقا لىمى cross bar
点球点 جازا توپ نۇقتىسى penalty spot
后场 ئارقا مەيدان backfield
前场 ئالدى مەيدان
2.تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئورۇن ئاتالغۇلىرى
门将 قاپقاۋۇل goalkeeper
后卫 بېك،ياساۋۇل back
中后卫 ئوتتۇرا بېك centreback
边后卫 يان بېك
左\右后卫 ئوڭ \ سول بېك right \ left back
中场球员 ئوتتۇرا مەيدانچى midfielder (ئىنگىلىزچىسىگە ئاساسەن ھەمدە ئۇيغۇرتىلى فونتىكىسىدىكى سۆز ياساش قائىدىسىگە ئاساسەن «چى» قوشۇمچىسى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان ئسىم.مىنىڭچەئىنگىلىزتىلىدىكى ئۇقۇمنى توغرا ئىپادىلىيەلەيدۇ.)
后腰 ئارقا بەل defendingmidfielder
前腰 ئالدى بەل atteckingmidfielder
左 \ 右前卫 ئوڭ \ سول قانات right \ leftmidfielder
自由人 ئارقا بەل libero ( ئەركىن مۇداپىيەچى،رولى ئارقا بەل بىلەن ئوخشاش ،ئارقا بەلنىڭ دەسلەپكى ئاتىلىشى بولۇشى مۇمكىن.)
前锋 ھۇجۇمچى(تۇرشاۋۇل) fc) forward \ striker )
中锋 غول ھۇجۇمچى،سېنتىر centre
影子前锋 سايە ھۇجۇمچى ( shadow striker(ss)
3. ئاساسىي ماھارەت ئاتالغۇلىرى
脚弓踢 پۇت ئىچىدە تېپىش ،ئىچ ياندا تېپىش archplay
内脚背 ئىچ يۇزىدە تېپىش،ئىچ پەنجىدە تېپىش inner inseptkick
外脚背 تاش يۈزىدە تېپىش،تاش پەنجىدە تېپىش outside
正脚背 پۇت يۇزىدە تېپىش،پەنجىدە تېپىش inseptkick
停球 توپ توختىتىش stopping
胸部停球 مەيدىگە ئېلىش
头球 باش توپ،كاللا قويۇش
脚后跟 ئارقىچىلاپ بېرىش،پۇت ئارقىدا بېرىش backheel pass
盘带 ،带球 توپ ھەيدەش pribbling
射门 قاپقىغا ئۇرۇش shoot
接球 توپ ئېلىش cach the ball
传球 پاس بېرىش،پاس چىقىرىش passthe ball
颠球 توپ كۆكلىتىش،كۆكلىتىش top and tip
盘球 توپ تاسقاش dribbling
扑救 توراش save
铲球 توپ كۈرەش tackle
4.تېخنىكىلىق ئاتالغۇلار
短传 قىسقا پاس shortpass
长传 ئۇزۇن پاس longpass
高吊传球 ئېگىز پاس،ئېگىز تاشلاش high lobbing pass
地面传球 يەر سىپاپ بېرىش rolling pass
传中 ئوتتۇرىغا تاشلاش،ئوتتۇرىغا سېلىش cross
凌空射门 يەرگە چۇشۇرمەي ئۇرۇش،چۇشۇرمەي ئۇرۇش volley shoot
凌空传球 چۈشۈرمەي (پاس) بېرىش،چۈشۈرمەي تاشلاش volley pass
反弹球 قاڭقىما توپ
拦截 توسۇش،بىتچىت قىلىش
正面拦截 ئۇدۇلدىن توسۇش
横传 قۇر پاس، قۇرداش پاس linepass
直塞 ئىتتىرىپ بېرىش (سىرۇ) through (بۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىمۇ ئەسلى ئۇقۇمنى ئىپدىلىمەيدۇ،شۇڭا بىز ئىتتىرىش دەپلا ئىشلەتسەك بۇ ئۇقۇمنى تولۇق بىلدۇرەلەيمىز.مەسىلەن : ئارلىقتىن ئىتتىرىپ بەردى.)
过人 ئالداپ ئۆتۈش beat an opponed
断球 توپ ئۈزىۋىلىش steal
弧线球 ياي توپ rainbow
贴地射门 يەر سىپاپ ئۇرۇش grazingshot
吊射 ئېسىپ قويۇش lobbing
倒钩 موللاقچىلاپ تېپىش،موللاقلاپ تېپىش overhead scissors shot
鱼跃冲顶 بېلىقچىلاپ ئۈسۈش Diving header
侧身导购 يانچە موللاقلاپ تېپىش
侧身凌空 چۈشۈرمەي چۆرۈش
5.پۇتبول قائىدىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى
开球 توپ باشلاش kickoff
门球 قاپقا توپ goal kick
角球 بۇلۇڭ توپ corner
边线球 يان سىزىق توپ،سىزىق توپ lineball، sideline ball (پەللە سىزىقتىن چىكەتكەن توپنى قاپقا توپ ئالغاندىكىن،يان سىزىقتىن چىكەتسە،قىسقارتىپ سىزىق توپ دەپ ئشلەتسەك قولايلىق بولغۇدەك)
点球 جازا توپ(نۇقتا توپ) penaltykick (مىنىڭچە جازا توپ دڭگەننى ئاساس قىپ قوللانساق ياخشى بولغۇدەك،ئىنگىلىزچىسىگىمۇ ماس كىلىدۇ.点球点 دىگەننى ئىپادىلىسەك خەنزۇچىسىغا ئوخشاش «نۇقتا توپ نۇقتىسى“ بولۇپ تازا قاملاشمايدىكەن.)
任意球 ئىختىيارى توپ (بىۋستە \ ۋاستىلىك) free kick
手球 قول توپ،روك handball (روك دىگەننى ئېغىز تىلدا ئىشلەتسەكمۇ،يېزىقتا «قول توپ» دەپ ئشلىتەيلى.)
死球 ئۆلۇك توپ(ئۆلگەن توپ) deadball
犯规 قائىدەسىزلىك foul
掷界外球 توپ ئېتىش (سىزىق توپ ئېتىش) throwin
掷球违例 ئۆلچەمسىزباشلاش(ئېتىش) violation ball
越位 ئوفسايد off-side
人墙 تەن توساق،تەن توراق defensive wall
筑人墙 تام توراش set a wall
定位球 دائىرىلىك توپ place kick
背后铲球 ئارقىدىن كۈرەش
撞人 سوقۇش
推人 ئتتىرۋېتىش،تۈرتۈش
阻挡 قىستاش،قىستىۋېتىش blocking
蹬踏 پۇت ئېتىش،تاپانلاش skip step
抬脚过高 ئىگىز پۇت(پەشۋا) foot high
伤停补时 تولۇقلىما ۋاقىت
加时赛 ئۇزارتىلما مۇسابىقە
6. تېخنىكا تاكتىكا ئاتالغۇلىرى
跑位 ئورۇن ئېلىش running off the ball
接应 توپ سوراش ،پاسقا چىقىش support
连续传球 ئۈزلۈكسىز پاسلىشىش
二过一 ئىككىدە بىر پاس
二过二 ئىككىدە ئىككى پاس
撞墙式配合 تام قايتما پاس Wall type matching
直插 ئۇدۇل كىرىش Straight insertion
人球分过 ئايرىپ ئۆتۈش
踩单车 توپ تاقلاش Cycling
造越位 ئوفسايد ياساش
反越位 ئوفسايد بۇزۇش (ئوفسايدنى ئوڭۇشلۇق بۇزدى)
全攻型打法 ئوپچە ھۇجۇم تاكتىكىسى all-out atecking
全攻全守 ئوپچە ھۇجۇم مۇداپىيە تاكتىكىسى
防守反击 قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسى
边锋战术 قوشقانات تاكتىكىسى
拖延战术 ۋاقىت خورۇتۇش تاكتىكىسى
单刀 يەكمۇيەك solo drive
二大二 ئىككىگە ئككى(ئۈچكە ئۈچ دىگەندەك)
7.كۇلۇبقا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلار
俱乐部主席 كۇلۇب رەئېسى
主教练 ئاتامان manager،coch(تېرىنىر دىگەن ئاتالغۇ بۇ ئۇقۇمنى تولۇق بىلدۇرەلمەيدۇ،چۈنكى managerكوماندىغا مەشقتە ،مۇسبىقىدە يىتەكچىلىك قىلىپلا قالماي ،ئادەم سېتىۋىلىش قاتارلىق باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىمۇ بىرتەرەپ قىلىش ھوقوقىغا ئىگە ،كۇلۇبنىڭ ئاتامانى دىسەك خاتالاشمايمىز.)
助理教练 تېرىنىر،مەشقاۋۇل trainer
领队 يىتەكچى guide
球探 بايقاۋۇل
8.رېپىرلار
主裁判 (باش) رېپىر refree
边裁 يان رېپىر lineman
助理裁判 ياردەمچى رېپىر assistant
底线裁判 پەللە رېپىر
9.باشقا ئاتالغۇلار
打破僵局 قاتماللىقنى بۇزۇش
首开纪录 تۇنجى ئوقنى تەگكۇزمەك
锦上添花 گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈش
拉锯战 قايتىلانما جەڭ
梅开二度 قوش ئولجا ئېلىش
助攻 ياردەم پاس assisting
体力 چىدامچانلىق
体能 تەن قۇۋىتى
拦截能力 توپ ئۈزىۋىلىش ماھارىتى
盲目出脚 قاراملارچە پۇت سېلىش
落叶球 غازاڭسىمان توپ The ball leaves
电梯球 لېفىتسىمان توپ
凌空点射 چۈشۈرمەي چېكىش
手术刀般的传球 ئىسكەندەرنىڭ شەمشىرىدەك پاس
盯人防守 نۇقتۇلۇق مۇداپىيە
区域防守 دائېرىلىك مۇداپىيە marks pace
球探ماۋۇنى بايقاۋۇل دەپتىكەنسىز . دەششەت ياراپ كەتتى جۇمۇ .. ئۇيغۇر تىلىمىز ھەقىقەتەن سېھىرلىك جۇمۇ مۇۋپىق بولمىغانلىرىنى بىلىكتە تۈزۈتۈپ قېلىپلاشتۇرايلى..... 越位 نى ئۇرۇن ئاتلاش دىسەك مۇۋاپىق ! ئەڭ ياخشىسى قاپقاۋۇل دىمەي ۋارتا دەپ ئالساق،助攻نى ياردەمچى ھۇجۇم دەپ ئالساقپاسنىمۇ مۇستەقىل پاس،ياردەمچى پاس دەپ ئايرامدۇق، بولسا كوماندا نامى ، توپچى ئىسىملىرىنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۋەتسەك بولاتتى . ئالامەت كەپتۇ، بولۇپمۇ بايقاۋۇل ،گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈش، تۇرشاۋۇل دىگەندەكلەر.
pes2013 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا بەزى ئاتالغۇلار قېلىپلاشتۇرۇلغان ئىدى ، سىزنىڭكى بىلەن ئازراق پەرقلىق جايلىرى بار ئىكەن . بولسا شۇنى كۆرۈپ بىقىپ پىكىر-تەكلىپ بەرگەن بولسىڭىز ، كۆپ رەھمەت .
ئادرىسى : http://www.uypes.com/forum.php?mod=viewthread&tid=8&extra=page%3D1 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قىلىچ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-1-18 18:07
پەچەتتەرجىمە قىپ قوياپسىزغۇ ... 手术刀般的传球 ئىسكەندەرنىڭ شەمشىرىدەك پاس....نەدىن ئويلاپ تاپتىڭىز ... 球探نى بايقاۋۇل سەت كەپتۇ ماۋۇ رست
点球点 جازا توپ نۇقتىسى penalty spot
ماۋۇنىبۇنداق دىسەك ئېنىق بولغان ئۇقىمىنى چىقىرامامدۇ ... چىكىت توپ نۇقتىسى دىسەك قانداق بولا ...
جازا توپ نۇقتىسى دىسەك禁区 نىمۇ شۇنداق دەيدىكەنمىز ھۇجۇمچىنى تۇرشااۋۇل دىسە بەچەت بولغىدەك 越位نى ئىنگىلىزچىسىنىبىۋاستە ئىشلەتسەك مۇۋاپىق بولىدۇ(computer ) نى قوبۇل قىلغاندەك،باشقىچە ئاتىساق مۇرەككەپلىشىپ كىتىدىكەن....
脚后跟 ئۆكچە (ئۆكچە دىگەن قازاقچە تاپان دىگەن گەپتۇ؟)
大师联赛 ئۇستىلار بىرلەشمىسى (كامىللار بىرلەشمىسى دىسەك قانداق بولار)
助攻 ئەجەللىك پاسبۇنىڭ ئىنگىلىزچىسىمۇ ياردەم پاس دىگەن مەنىدە(بەزى ئېسىل پاسلانى توپ چۈشمىسىمۇ ،ئەجەللىك،ھالقىلىق پاس دەيمىز،主攻 بولسا توپ چۈشۈشكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك پاس ،ئەجەللىك ،ھالقىلىق بولمىسىمۇ 主攻 بولىۋىرىدۇ.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا forzayuven تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-1-18 17:54
ياردمچى بىلەن ياردەمنىڭ پەرقى بار ،ياردەمچى ئادەمنى كۆرسىتىدۇ،شۇڭا ياردەم پاس ئالدىم.