ئۈلكەر يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 20:27:12

【 ئالىم ئەھەت 】مەن نىمە كويدا سىلەر نىمە كويدا ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈلكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-16 20:29  



بۇ يازما ئالىم مۇئەللىمنىڭ بلوگىدىن ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىندى.

==================================================================

مەن نېمە كويدا، سىلەر نېمە كويدا؟
Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئورگان تەرەپتىن ئېلان قىلىنىپ ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمگەن بۇ كۈنلەردە، ھەرقايسى تور بېكەتلەردىن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بەس-بەستە يازغان تېما ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئەمما بەزى تور بېكەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. مەن گەپنى سەل باشتىن باشلاي.
  Windows 7 خەنزۇچىدىن باشقا يەنە جۇڭگودىكى 7 مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلالايتتى. ئۇلار زاڭزۇچە (藏语)، مۇڭغۇلچە (蒙古语)، يىزۇچە (彝语)، ئۇيغۇرچە (维吾尔语)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 德宏傣文, 西双版纳新傣文, 八思巴文 لاردىن ئىبارەت. Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى مەن بەش قولدەك ئوبدان بىلىمەن، ئورگان تەرەپ تىل بولىقىنى چىقىرىمەن دېسە، قائىدە بويىچە Windows قا كىرگەن تەرتىپ بويىچە ئويلىشىدۇ. ھېچبولمىغاندا جۇڭگودا خەنزۇچىدىن باشقا يەنە بىرەر تىلنى تاللايمەن دېسە زاڭزۇچە (تىبەت) ياكى مۇڭغۇلچىنى تاللىغان بولاتتى. زاڭزۇچە ۋە مۇڭغۇلچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تېخنىكىسىمۇ خېلە پىشىپ يېتىلگەن، بەزى دېتاللىرىنىڭ تېخنىكىسى تېخى بىزنىڭ ئالدىمىزدا. ئەلۋەتتە دۆلەتمۇ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ قېتىم ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى ئالدىدا ئويلىشىپ، ئىلتىماسنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى كېيىن دەپ بېرەي. لېكىن كېيىن چوقۇم زاڭزۇچە (藏语) ياكى مۇڭغۇلچە (蒙古语)نىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللايدۇ .
Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بەلگىلەنگەن پىلاندىن بۇرۇن ئېلان قىلىۋېتىشىنى مەنمۇ بىلمىدىم. چۈنكى، تىل قوشۇشتىن پارسچە (ئىران)، ئۆزبېكچە (ئۆزبېكىستان)، قازاقچە (قازاقىستان)،…. تىل بولىقىنى ياكى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى باشقا تىل بولىقى كۇرد (تۈركىيە، كۇردىستان)، پوشتۇ (پاكىستان، پەنجاپ)،…نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىن باشقا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى تىل بولىقىنى تېخىچە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇلار تەييار بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارغىمۇ ئاز قالدى.
ئەمدى گېپىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ يەردە بەزى تور بېكەت (مۇنبەر ياكى بىلوگلار)نى ئاشكارە تىلغا ئالغۇم كەلمىدى، ئەمما بۇ تور بېكەتلەر Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، بەزى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ، ئېنىق ئېيتقاندا پېتىغداپ ياكى بۇلغاپ بولغاندىن كېيىن بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ، ئۆز تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى تەمىنلەپتۇ، ھەتتا ئۆز تور بېكىتىنىڭ ئېلانى سۈپىتىدە بىلوگىمغا ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن نېمە كويدا، سىلەر زادى نېمە كويدا؟ ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بەزى پىكىرى ئۆتكۈر تورداشلارمۇ بۇ ئىشقا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ئۇنداق قىلماسلىقنى تاپىلاپتۇ.
بۇنداق قىلمىش «Microsoft Windows 8 تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»گە ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، Microsoft بۇنداق قىلمىشنى ئەڭ ئېغىر كۆرىدۈ، ۋاقتى كەلگەندە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ. كېيىن تىل بولىقىنى توردىن چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەندە، چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى «ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»(ئۇيغۇرچە)نى توردىن كۆرەلەيسىز. ھەرقانداق ئادەمنىڭ تىل بولىقىنى ئۆز ئالدىغا قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە، ئۆز ئېلانلىرىنى قوشۇشقا،…ئاشكارە تارقىتىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.  
يەنە بىرسى بۇ كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىمۇ قەبىھ قىلمىشتۇر. ناۋادا Microsoft مەھسۇلاتلىرىغا زىيادە ئامراق بولساڭلار، مەن ئالاقىلىشىپ بېرەي، بېيجىڭدىكى Microsoft ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ 1-2 ئايلىق پىراكتىكانت خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىڭلار، كەسپىي ئەخلاق ۋە قىزغىنلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىڭلار. لېكىن، بۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. باشقىلار كۆرسە بۇلاردىمۇ بۇنداق ئىش بار ئىكەن ئەمەسمۇ دەپ ھەيران قالىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى نام-ئاتاق ئەمەس.
     يەنە مۇھىم بىرسى ھەممە ئادەم ئورگان تور بېكىتىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا بولغان ئېھتىياجنى ۋە قىزغىنلىقنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. بۇ Microsoft نىڭ باشقا مۇھىم مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كېڭەيتىشكە بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ. !
     ئەگەر تور بېكىتىڭىز بولسا، ئازىراق ئېلان ئورنىدىن ۋاز كەچسىڭىزمۇ Windows 8 نى تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. مەن تېخى بارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە Windows 8 توغرىسىدا بەس-بەستە تەشۋىقات بولامدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن. گەرچە چۆچۈرىنى خام سانىغان بولساممۇ، ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز، تور بېكىتىڭىزدە ھازىرغىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىۋاتقان Microsoft نىڭ ئاشۇ كىچىككىنە eot تېخنىكىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، 2-3 ئاي تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار ئېتىبار مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالسۇن. ئىناۋەت كارتىسى سەۋەبىدىن سېتىۋالالمىغانلارغا ئىناۋەت كارتىسى بارلار ياردەملىشىپ ئېلىشىپ بەرسۇن. لېكىن ئىمكان بار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماڭ. چۈنكى دۇرۇس يۇمشاق دېتال سېتىۋالىمەن دەپ ئالدىڭىزغا كەلدى، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. 250 يۈەن بەرسىمۇ 2 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىڭ. ئەجرىڭىزنى باشقا يەردىن تېپىڭ. بىرسىگە ياخشىلىق قىلسىڭىز، چوقۇم شۇ كىشى قايتۇرۇشى كېرەك دەيدىغان تامادا بولماڭ. ياخشىلىق ھامان ياخشىلىقتۇر، بەلكىم سىز ئويلاپ باقمىغان باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن سىزگە قايتىشى مۇمكىن.
ياكى بۇ دېگەن تىجارەت دېسىڭىز، دوللارچى تونۇشلىرىڭىزغا دەپ قويۇڭ. مۇشۇ قارا سوغۇقتىمۇ 100 دوللار ئالماشتۇرسا، ئاران نەچچە پۇڭ ياكى نەچچە موچەن پايدا ئالىمەن دەپ بانكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ. ماۋۇ 40 دوللارلىق نەرسىنى ئېلىپ ساتىمەن دېسە گەپ يوق 1-2 دوللار پايدا ئالالايدۇ. ئۇلاردا دوللار چىقىم قىلالايدىغان نۇرغۇن كارتا بار.
     ئارتۇق ۋاقتىڭلار بولسا، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بۇزىمەن دەپ يۈرمەي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭلار، مەسىلەن: Windows 8 دۇكىنىغا ئەپ يېزىشنى مەشىق قىلىڭلار. شىركەت بولساڭلار Windows  دۇكىنىغا تىزىملىتىشقا ياردەملىشىمەن. شەخس بولۇپ ئەپ يېزىپ قالساڭلار Windows دىكى ئۇيغۇرسوفت دۇكىنىدا ئېلان قىلىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.
تور بېكەتلىرىڭىزدە بىرنەچچە ئاي بولسىمۇ Windows 8 توغرىسىدا تەشۋىق قىلالامسىز-يوق؟ Microsoft بىزدىكى يۇمشاق دېتال قىزغىنلىقىنى بىر كۆرۈپ باقسۇن، قېنى مەرھەمەت .

مەنبە:http://www.alimahat.com/?p=2246



   ئۆزەمنىڭ شەخسەن كۆز قارىشىم :  ئەڭ ئالدى بىلەن شۇنداق ساختا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ تارقىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىم ، كۆڭلۈڭىزگە ئاللاھ ئىنساپ بەرسۇن . بۇ دېگەن خەقنىڭ ھەققىنى يىگەنلىك بۇلىدۇ ، بۇنداق قىلمىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .

   ئانا تىلىمىزنى قوللىنىمىز دەپ يوغان قىزىل خەتلىك قىلىپ رەسىم ئىشلەپ چ چ توپلىرىدا بىر ئادەم تارقىتىپ قويسا ھەممەيلەن بەس بەستە تارقىتىمىزيۇ ، نىمىشقا ئۆز ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ باقمايمىز ؟ مۇشۇ چ چ دىگەن نەرسىگە ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بۇلىدىغان ( ئىسمى ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ ) بىر يۇمشاق دېتال چىققاندا ھەممەيلەن خوش بۇلۇپ شۇنىڭغا ئۆگەنگەن ، بىراق ئۇ دېتالنىڭ ئېقتىدارى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقى ، بۇلۇپمۇ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى 1 % مۇ قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن تور ئالاقە قۇرالىدا ئانا يېزىقنى ئىشلىتىشتە زور چەكلىمىگە ئۇچىراپ كەلدۇق . ( ئەمىليەتتە ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان دېتاللارمۇ بار ، بىراق بىزگە مۇشۇ چ چ نىڭ يۇقۇپ قالغان كىسىلى بار ) . مانا بۈگۈنگە كەلگەندە يۇمشاق دېتالنىڭ ئاتا شىركىتى مىكروسوفىت يېڭى سېستىمىسىنى بازارغا سېلىپ ، بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىمۇ قوللايدىغان بىر كومپىيۇتىر سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بەرسە ، يوغان ئىش قىلغاندەك 248 يۈەن خەلىق پۇلىغا چىدىماي ، ئۆز ئالدىغا تەرجىمە قىلىۋالغان تىل بولىقىنى تور بىكىتىگە قۇيۇپ تارقىتىۋاتقانلار باركەن . مەنمۇ يېقىندا مۇشۇ سېستىمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشتىم ، كۆپ ئەمەس 248 يۈەن . ھازىر قىممەت كۆرۈپ سېتىۋالمىسىڭىز كېيىنچە تېخىمۇ ئۆسۈپ كەتسە ئۇ چاغدا تېخىمۇ سېتىۋالالمايسىز .
   خۇلاسە : بۇنداق ناچار قىلمىشلار تۈپەيلى ، بىزنىڭ ئانا يېزىقىمىزنىڭ Windows 8 دىن Windows 9 غا كۆچەلمەي توختاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئاز تولا كۈچ چىقىرىپ قۇيايلى دېمەكچىمەن .

   مۇمكىن بولسا 1 - 2 ئايغىچە مۇنبىرىمىزنىڭ مەلۇم جايىغا مۇشۇ سېستىمىنىڭ سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ... دېگەندەك مەزمۇندا بىرەر پارچە رەسىم شەكلىدە ئېلان ( شۇ رەسىمنى چەكسە مۇشۇ ھەقتىكى تېمىغا ياكى ئالىم ئەھەت ئاكىمىزنىڭ بىلوگىدىكى ماس تېمىغا ئۇلىنىدىغان قىلىپ  ) قۇيۇپ قويساقمىكىن دەيمەن . مەزكۇر پىكىرگە نىجات باشچىلىق باشقا مۇنبەر باشلىقلىرى ۋە ئەزالار قانداق قارايدىكىن .

زەرەپشان يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 20:36:13

زادى بەك كۆچۈرمىچى، يالغانچى خەخلەر جىق... بولۇپمۇ مۇشۇ تور بىكەت ئاچقانلارنىڭ ئىچىدە،..

ياندىكى ئېلاننى چەكسىڭىز كىنو قاتماي قويۇلىدۇ...
ياندىكىنى ئېلاننى چەكسىڭىز تىز قويۇلىدۇ...
ئۇ ئېلانلارنىڭ بەزىلىرى بەيدۇ تورىنىڭ تېتىقسىز، ماز جىنسى ئېلانلىرى تېخى... ئۆچۈرۈش كۆزنىكىنى باسسا ئېلان ئېچىلىۋالغان ئىشلارمۇ بار...
خەخنى موتورولا قىلغۇچە بىر لىللا گەپ قىلىپ راس گەپنى قىلسا چەكمەيدىغانلارمۇ چېكىدۇ مېنىڭچە...

ئەمدى ئالىم ئەھەت ئالىمىمىز قاقشىغان ماۋۇ ئىشقا نىمە دەرمىز....؟ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغىرلاشقا ھەجەپ ئۇستىكەنمىز زادى....!!!

مىراس يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 20:36:44

قوللايمەن لىكىن مۇنبەر سەل بىنۇرمال تۇرامدۇ نىمە

totti يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 20:38:24

تەشۋىق قىپ ئىلان قويۇشنى ئويلاشقان بىراق ، ئالىم ئەھمەد ئاكىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمىگەچ قويماي تۇرغان ھىلىمۇ كىچىكمەيمىز !!

missi2 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 20:41:07

ئورتاق كۈچ چىقىرايلى ، يىراققا نەزەر تاشلاپ ئۆملىشەيلى قىرىنداشلار

eliborisi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 20:43:30

ھىلىمۇ windows xp ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس 2001 - يىلىنى ھېساپ قىلساق نەق 11 يىل بوپتۇ . ئازراق تەرەقى قىلىش كىرەك .. مەن windows 7 ئىشلىتىۋاتىمەن ، windows 8 نى مۇشۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تارقىتىلغاندا ئىشلىتىمەن دەپ ساقلىغانتىم ،خۇدا خاھلىسا بۇنىمۇ سىتىۋىلىپ ئىشلىتىمەن ،ھەم مەكتەپ كومپىيۇتىرلىرىغا مۇشۇنى قاچىلاپ ئوقۇغۇچىلىرىمغا windows 8 مۇھىتىنى تونىتىمەن .. يىڭى نەرسىنىڭ بىزگە ئىلىپ كەلگەن خۇشاللىقىمۇ يىڭىچە بولىدۇ ..

باھادىر يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 20:43:49

بۇ تىمىنى كۆرۈپ ئىچىم بىر خىللا بوپ قالدى ، مەن ئۆزۈم ھازىر كۆزنەك 8 نى ئۇيغۇرچە ھالەتتە ئىشلىتىۋاتىمەن . ئىشلەتكەندە ئۆزۈمنى بىسىۋالالمىغان ھالدا ھاياجانلىنىپ كىتىمەن . مەنمۇ تېخمۇ كۆپ دوستلىرىمغا تەشۋىق قىلىمەن . بولسا مىكروسوفت ئورگان تەرەپ بىزنىڭ ئۇيغۇرچە سىستېمىغا بولغان قىزغىنلىقىمىزدىن سۆيۈنۈپ كەتسۇن .

تۇمشۇق يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 20:51:33

قېتىمىزدا مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆپلىگىنى زە

salkin007 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 21:05:11

ھەي  ئەجەپ بىر  قىسىملا  بوپ  قالدىمما   
     ئارىمىزدا  بۇنداق  ئامانەتكە  خىيانەت  قىلدىغان   ئەقلىنى ، دىلىنى  پۇل  ئېلىپ  كەتكەن  بۇنداق  رەزگى   ئەخلەتلەر  كۆپىيىپ  كەتتى  
  مىكروسوفىت شىركىتى ،  ئاشۇ  ئالىم ئەخەت  ئاكىمىزنىڭ  تىرىشىشى  ۋە  10 مىليۇن ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ  تەشنالىقى  ئۈچۈن    ياسىغان  نەرسىسىنى  بىز  قەدىرلەش  كېرەك  تۇرۇپ  يەنە   ھەر  خىل پايدا  ئېلىش يولىغا كىرۋاغانلارنىڭ  ھالىغا  ۋاي

salkin007 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 21:07:54

  بولسا  نىجات  ئەپەندىمنىڭ  بۇنى  ئېلان  قىلىپ  قويىشىنى ئۈمۈد  قىلىمەن  
       ئەڭ ئاددىيسى  بۇ  جان  يېزىقىمىز  بولمىغان  بولسا     مۇنبىرىمىز  بارىلىققا  كېلەلمەيتى

سۈبھى يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 21:10:52

ھەي توۋا............     دەي دېسەم......   مۇشۇ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ھە.....      دەپتىغۇ....بىزنىڭ يېزىقىمىزنىڭ تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلمىگەن...زاڭزۇ،موڭغۇللارنىڭكىگە يەتمەيدۇ دەپ!؟      ئەجىبا ئۇلار ئۆز مەئپەئەتىگە ئالدىرىغانىلقنىڭ  شۇ بىر توپ ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئارقىدا قېلىشقا  ئالدىرغانلىقىنى ھېس قىلىلمىغانمىدۇ؟؟   توۋا دەيمەن توۋا ھېي....

salkin007 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 21:11:48

   ئاشۇنداق  مۇناپىقلارنىڭ  ئۈستىدىن  بىر  ئەرىز  قىلىپ  تويغىزىپ  قويسا  كۆرەتتى  ۋۇ  شەرەپسىزلە  
بەت: [1] 2 3
: 【 ئالىم ئەھەت 】مەن نىمە كويدا سىلەر نىمە كويدا ؟