ئۇستاز يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 01:52:00

رەسىم يوللاش تەس ئەمەس

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
يېقىندىن بۇيان دىيارىمىز پۇتبولچىلىقى كۈندىن كۈنگە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، جاي-جايلاردا ھەر خىل مۇسابىقىلەر، بىرلەشە مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ.
مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالار ئۆز رايۇنىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ۋاقتىدا يېزىپ باشقا جايلاردىكى ئەزالارنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ. مۇسابىقە ئەق مەيدان رەسىملىرى بىلەن تەمىن ئىتىشى يىتەرسىز بولىۋاتىدۇ.
رەسىنلەرنىڭ بولماسلىقىدىكى بىر سەۋەپ ئەزالار رەسىمگە تارتقان بولسىمۇ رەسىمنى قۇيۇدىغان بوشلۇق تاپالمىغاچقا. رەسىمنىمۇنبەرگە يوللاشقا ئامالسىز قېلىش ئەھۋاللىرى ساقلانماقتا.
شۇ ۋەجىدىن كەمنە.بوشلۇق سېتىۋېلىپ مەخسۇس رەسىم يوللاش بېتى قۇرۇپ قويدۇم. كەڭ ئەزالارنىڭ باشقىلارغا تۇنۇشتۇرماقچى بولغان رەسىملىرىنى شۇ بەتكە يوللاپ رەسىم ئادرىسىنى ئېلىپ، تۈرلۈك خەۋەرلەرنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىپ يوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

رەسىم يوللاش بوشلىقىنىڭ سىغىمى 5000mb بولۇپ، ھازىرچە كەڭ ئەزالارنىڭ پايدىلىنىشىغا يىتىپ ئاشىدۇ.
بوشلۇق ئىشەنچىلىك، رەسىملىرىڭىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك بىرەلەيمەن.
رەسىم يوللاش بېتىغارەسىم يوللىغاندا رەسىملەرنى ماس بولغان تۈرلەرگە يوللاپ، ئازراق رەسىم توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىپ قۇيۇشۇڭلارنى سۇرايمەن.
رەسىم يوللاش بېتىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن رەسىملەرنى تەستىق ئارقىلىق چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن بولۇپ، مەن 24 سائەت ئىچىدە رەسىملەرنى تەستىقلاپ قۇيۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن.
رەسىم يوللاش شۇنچە ئاسان تۇرسا يەنە نىمىگە قاراپ تۇرۇمىز.
رىسىم يوللاش بېتىنىڭ ئادرىسى
http://kumluk.vi.yax.la

مەنبەسى: پۇتبولچى تورى

زەردار يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 01:57:59

بەك ياخشى ئىش بولدى ، بولۇپمۇ مۇشۇ دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىغا ئائىت ،يۇرت-يۇرتلاردىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرى ،مەكتەپلەر پۇتبولى توغۇرلۇق رەسىملەرنى تارتىپ يوللاشنى بىلەلمەي گاڭگىراۋاتقان دوستلىرىمىزغا بىر ياخشى ئىش قىلدىڭىز

ئۇستاز يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 02:05:12

باشقۇرغۇچىلار بولسا ما تىمىنى كۆپچىلىك كۈرۈپ بولغۇچە يۇرۇتۇپ قويساڭلا. دىيارىمىزدىكى تۈرلۈك بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭبۇ رەسىم بېتى ئارقىلىق مۇنبەرگە چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

بېرنابۇ يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 02:06:05

بۇرۇنراق مۇشۇنداق ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلغان بولسىڭىز تۇنجى قېتىم رەسىملىك تېما يوللىغان ۋاقتىمدىكىدەك قىينىلىپ كەتمەستىم، تەشەككۈر سىزگە! ئىشلار بارا-بارا ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، ياخشى ئەھۋال.

ankar528 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 02:07:00

ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپىلسىز !
خەنچە تور بەتلەرگە رەسىم يوللاشنى ئۇقمايدىغانلار ئەمدى بۇ ئۇيغۇرچە بوشلۇققا بىمالال يوللىيالايدىغان بولدى

باشئەگىم يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 03:24:52

ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ، مەنمۇ ئىلگىرى ئاۋۋال رەسىمنى مۇنبەر ئالبۇمىغا ساقلىۋېلىپ ئاندىن يوللايتىم ، ئۇنىڭدا ھەر قېتىمدا ئاران ئۈچ پارچىلا يوللىغىلى بولۇپ سەل قولايسىز ئىدى .

mafia يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 07:22:52

رەخمەت ئۆگۇنۋلدۇق

muhammad114 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 08:11:02

5 گىگابايت كەن ....سۈرەتلىكمۇ بىمالال پاتىدىكەن. مەندە بىر سىن ماتىريال باتى يوللىغۇم كىلىۋاتىدۇ جۇما....

ئەلقۇت يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 09:42:52

بەك ياخشى بۇلدى ،سىز دىگەندەك قىيلىنپتۇرۇاتۇق ،رەخمەت سىزگە،

تۇران يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 10:10:34

بەكلا ياخشى خەۋەركەن.ھەقىقەتەنمۇ رەسىم يوللاش سەل ئاۋارچىلىق ئىدى.جاپا چىكىپسىز!

نىدا يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 11:30:22

ياخشى   بوپتۇ   

مەنزىل يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 11:39:53

كاتتا ئىش بوپتۇ، سىن ھۆججىتىنى يوللىغىلى بۇلامۇ؟
بەت: [1] 2
: رەسىم يوللاش تەس ئەمەس