پۇتبول يوللانغان ۋاقتى 2007-7-17 20:04:09

ئىككىنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى

http://sports.tom.com/uimg/2006/1/12/changjie/haibao_32096.jpg
1932-يىلى ئىتالىيە ئاخىرى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ساھىپىخانىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. موسسولىنىمۇ ئۆزىنىڭ رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ دۆلەت كۇچىنى كۆرسىتىش ئۇچۇن بۇ پائالىيەتكە كۆپ ئەھمىيەت بەردى، ئىتالىيەبىرىنجى قېتىملىق ساھىپخانىلىق ھوقۇقىنى ئالالماي نارازىلىق بىلدۇرۇش ئۇچۇن ئۇرۇگىۋايغا بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى ، بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۇچۇن ئۇرۇگىۋايمۇ ئىتالىيەگە كېلىشنى رەت قىلدى .
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغان 32كوماندىدىن 16كوماندىنى تاللاپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش ئۇچۇن تۇنجى قېتىم ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۇزۇلدى.
16كوماندا تاللاپ چىقىرىلغاندىن كىيىن 1934-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۇنى ئىككىنجى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تاللاش مۇسابىقىسى باشلاندى .مۇسابىقىنىڭ بېشىدىن تارتىپلا شاللاش تۇزۇمى ئېلىپ بېرىلدى ، شۇڭلاشقا دۇنيانىڭ يېرىمنى بېسىپ ئىتالىيەگە كەلگەن ئارگىنتىنا ۋە بىرازىلىيە كوماندىلىرى بىرنىنجى مەيدان مۇسابىقىدىلا ئۇتتۇرۋەتكەچكە ئامالسىز قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى .يەنە ئافىرىقىغا ۋەكىل بولغان مىسىر كوماندىسى بىلەن شىمالى ئامىرىكىغا ۋەكىل بولغان ئامىرىكا كوماندىسىمۇ بىرىنجى مەيدان مۇسابىقىدە شاللىنىپ كەتتى ،شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ماھىيەتتە ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە ئايلاندى .
بىرىنجى مەيدان مۇسابىقە ئىسپانىيە بىلەن بىرازىلىيە
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U370P427T9D48F259DT20060220194509.jpg
ئىككىنجى ئايلانما مۇسابىقىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۇشكە تىگىشلىكى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى . 5-ئاينىڭ 31-كۇنىدىكى مۇسابىقىدە،بۇ مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى ، ئىككى تەرەپ ئاخىرى 1:1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى . ئىككى تەرەپتىن 11ئادەم يارىلاندى ، ئۇلار ئامالسىز ئەتىسى يەنە بىر مەيدان ئويناشقا مەجبۇر بولدى .ئىككىنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسى دادىللىق بىلەن يېڭى ماھىرلارنى ئىشلەتتى ھەمدە مىئاززانىڭ كىرگۇزگەن بىر توپىغا تايىنىپ 1:0نەتىجە بىلەن رەقىبىنى شاللاپ چىقىرىۋەتتى .
مۇسابىقىدە ئاخىرى كۈچى قالماي ،ئايلىنىپ قالغان مىئاززا
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U370P427T9D45F259DT20060220193823.jpg
بۇ ئۇنىڭ چىرايلىق چۇشكەن رەسىمىكەن
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U370P427T9D39F259DT20060220190853.jpg
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئىتالىيە ،گىرمانىيە ، چېخ ۋەئاۋىستىرىيە كوماندىلىرى كىردى .، بۇ چاغ دەل ھېتلىر بىلەن موسسولىنىنىڭ بىرلەشكەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بەك ئۇچراشقۇسى بارئىدى .لېكىن چېخ كوماندىسى گىرمانىيە كوماندىسى بىلەن قەيسەرلەرچە ئېلىشىپ ئاخىرى 3:1 نەتىجە بىلەن گىرمانىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى فاشىستلارنىڭ يىغىلىش سورۇنى قىلىپ قويۇشتىن ساقلىدى .
مۇسابىقىدىن بۇرۇن چىخ كوماندىسى بىلەن گىرمانىيە كوماندىلىرىنىڭ كاپىتالىنلىرى كۆرۇشمەكتە.
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U355P427T9D89F259DT20060220225345.jpg
6-ئاينىڭ 10-كۇنى رىم شەھرىدە ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن چىىخ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلاندى . موسسولىنى نەق مەيدانغا كېلىپ مۇسابىقىنى كۆردى . 29دۆلەتتىن كەلگەن 250 مۇخبىر بۇ چوڭ يىغىلىشتىن خەۋەر بەردى .بۇ مەيدان مۇسابىقە بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ۋاراتارى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە بولۇپ بۇلار ھەمدە ئىككىلىسىلا ئۆز كوماندىلىرىنىڭ كاپىتانى ئىدى .مۇسابىقە باشلىنىپ 70مىنۇت بولغاندا چىخ كوماندىسى بىر توپ ئۇرىۋالدى ، ئىتالىيە كوماندىسى رەقىبىدىن جىق مۇسابىقە ئوينىغاچقا كۇچى قالمىغان ئىدى ، لېكىن 87-مىنۇت بولغاندا ئارگىنتىنادىن ئىتالىيەگە يۆتكىلىپ كەلگەن ئورسى ئىتالىيە ئۇچۇن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۇردى ھەمدە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ۋاقىت قوشۇلغان مۇسابىقىگە ئەكىردى. ۋاقىت قوشۇلغان مۇسابىقىدە سىچىياۋىيو مىئاززانىڭ بەرگەن پاسىنى ئېلىپ قارشى تەرەپنىڭ بېكىدىن ئالداپ ئۆتۇپ ھەل قىلغۇچ توپنى كىرگۇزدى ،ئىتالىيە دۇنيا چىمپىيونى بولدى .
مۇسابىقە ئالدىدىكى چىخ كوماندىسى
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U355P427T9D85F259DT20060220222259.jpg
ئىتالىيە كوماندىسى
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U370P427T9D38F259DT20060220190646.jpg
تېرنىرى بوززو بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U370P427T9D36F259DT20060220185334.jpg
ئىككى ئۇلۇغ كوماندا باشلىقى ۋاراتار پىلانىكا بىلەن كۇنبى
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U370P427T9D37F259DT20060220190321.jpg
پىلانىكانىڭ توپ توسقان كۆرىنىشى
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U370P427T9D47F259DT20060220194542.jpg
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U370P427T9D35F259DT20060220184421.jpg
چېخ كوماندىسىنىڭ بىرىنچى توپنى ئۇرغان ۋاقتى
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U370P427T9D43F259DT20060220193306.jpg
ۋاقىت قوشۇلغان مۇسابىقىنىڭ ئالدىدىكى ئىتالىيە كوماندا ئەزالىرى
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U370P427T9D44F259DT20060220193523.jpg
ئەزالىرى بىلەن غەلبىنى تەبىرىكلەۋاتقان بوزۇ
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U370P427T9D41F259DT20060220192148.jpg
ئاددى -ساددا مۇكاپاتلاش مۇراسىمى
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U355P427T9D87F259DT20060220222607.jpg
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە چېخلىق نىيېدلى ،گىرمانىيەلىك كونەن ، ئىتالىيەلىك سىچىياۋىيولار ھەربىرى 4توپتىن ئۇرۇپ ئالتۇن ئۆتۇكنى كىيدى .
نېيىدلى (ئوتتۇرىدىكى)
http://image2.sina.com.cn/2006/h/legends/U370P427T9D72F259DT20060220205728.jpg
كونەن
http://image2.sina.com.cn/2006/h/legends/U370P427T9D57F259DT20060220201952.jpg
سىچياۋىيو
http://image2.sina.com.cn/2006/h/legends/U370P427T9D70F259DT20060220213221.jpg
ئاۋىستىرىيىلىك شىندىلىر ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر بولدى
http://image2.sina.com.cn/2006/h/legends/U370P427T9D58F259DT20060220202252.jpg
چېخلىق ۋاراتار پىلانىكا ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاراتار بولدى
http://image2.sina.com.cn/2006/h/legends/U370P427T9D64F259DT20060220203746.jpg
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U370P427T9D55F259DT20060220212057.jpg
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى بەزى ئىشلار :
بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئىتالىيە رادىئو ئىستانسى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلىپ ئاڭلىتىلدى .
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئىتالىيە ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ بىر قانچە ئەزالىرىنى ئۆزى ئۇچۇن مۇسابىقە ئويناشقا سالدى ، بۇنىڭ ئىچىدە مونتى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئوخشاشمىغان ئىككى كوماندا ئۇچۇن ئىككى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىغان پۇتبولچى
مونتى
http://image2.sina.com.cn/2006/h/legends/U370P427T9D33F259DT20060220180230.jpg
يەنە بىر ئارگىنتىنالىق ئورسى ئالدىنقى رەت ئوڭدىن بىرىنچىسى
http://image2.sina.com.cn/2006/h/legends/U370P427T9D71F259DT20060220205318.jpg
موسسۇلىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ كۆك رەڭگىگە بەك ئامراق بولغانلىقى ئۇچۇن ئىتالىيە كوماندىسىنى كۆك رەڭلىك كىيىم كىيىشكە بۇيرىدى ، بۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
موسسۇلىنى ئىتالىيە كوماندىكىسىلەر بىلەن بىللە
http://image2.sina.com.cn/2006/h/p/U355P427T9D88F259DT20060220224309.jpg
بۇ مۇسابىقىدىن كىيىن دۇنيا پۇتبول بىرلەشمىسى رىپىرلانى چوقۇم دۇنيا پۇتبول بىرلەشمىسى بىكىتىش ، بىر پۇتبولچى چوقۇم بىرلا دۆلەت ئۇچۇن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش كېرەك دەپ قارار چىقاردى .

                            ماڭا رەھمەت ئېيىتماي تۆۋەندىكى ئىلاننى بىر قېتىم چىكىپ قويساڭلارلا كۇپايە

زەردار يوللانغان ۋاقتى 2007-7-18 01:02:10

كۆپ رەخمەت سىزگە.ئېلاننىمۇ چىكىۋەتتىم.

anwar369 يوللانغان ۋاقتى 2007-7-17 20:46:41

رەسىمىبىلەنقوشۇپ   ياخشىقىپسىز......................

يۇرۇڭقاش يوللانغان ۋاقتى 2007-7-17 22:31:56

ئېلاننىمۇ چەكتىم ، سىزگىمۇ رەھمەت !!
يەنە بىر نادىر تىما يوللاپسىز !!

☆taxna☆ يوللانغان ۋاقتى 2007-7-18 22:33:44

ھە~~~~

intezar11 يوللانغان ۋاقتى 2007-7-18 23:24:13

نادىر تىما ئىكەن!!!

يۇرۇڭقاش يوللانغان ۋاقتى 2007-7-19 01:51:15

3- نۆۋەتلىكى قاچان چىقىدۇ ئاداش ؟؟
ماڭىمۇ بىرەتال سان بىرەمسە؟-يا

zero888 يوللانغان ۋاقتى 2007-8-19 12:54:56

كۆپ رەخمەت سىزگە،بولسا بۇندىن كىينمۇمۇشۇنداك تېمېلانىكوپلاپيوللاپ تۇرىشڭزنىۇمڭتكىلمىز!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ershiden يوللانغان ۋاقتى 2007-8-19 23:14:55

بۇ مەزمون 7 جى قەۋەتتىكى zero888 نىڭ 2007-08-19 12:54 دە يوللىغان يازمىسى“”:
كۆپ رەخمەت سىزگە،بولسا بۇندىن كىينمۇمۇشۇنداك تېمېلانىكوپلاپيوللاپ تۇرىشڭزنى ئۈمۈد كىلىمـەن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

henre يوللانغان ۋاقتى 2008-2-27 01:11:13

كۆپ رەخمەت سىزگە،بولسا بۇندىن كىينمۇ مۇشۇنداك تېمېلانى كوپلاپ يوللاپ تۇرىشڭزنى ئۈمۈت قىلمەن

kusani يوللانغان ۋاقتى 2008-2-27 15:37:10

بۇنىڭ دىن كېيىن كوپەرەك ئەۋەتە سىز.

美丽的伊宁 يوللانغان ۋاقتى 2008-5-27 21:15:00

مۇشۇنداق ياخشى خەۋەرلەردىن داۋاملىق يوللاش كىرەك!!!
بەت: [1] 2 3
: ئىككىنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى