سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «wordpress قىستۇرمىسى» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

wordpress قىستۇرمىسى

ئىجادىي قىستۇرما Wp-Aptor يازما ئاستىدا ئاپتورنىڭ باش رەسىمى ۋە تەرجىمىھالىنى كۆرسىتىش

بەزىدە بلوگىمىزدىكى يازمىلارغا يازمىنىپ ئاپتورى ھەققىدە ئازراق ئىزاھات بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدەك كۆپ ئاپتورلۇق بلوگلاردا بۇ ئىشنىڭ تەقەززاسى تېخىمۇ كۈچلۈك. ئۆزۈمنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبلىرىدا مەن كەڭ بلوگداشلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يازمىدا ئاپتور ئۇچۇرى چىقىپ تۇرىدىغان ئىقتىدارنى قوشقان ھەمدە بلوگىمدا بۇرۇن «wordpress دا يازما ئاستىغا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى قوشۇش ئۇسۇلى» ناملىق يازما ئېلان قىلىپ بۇ تېخنىكىنى كەڭ بلوگداشلارغا تونۇشتۇرغان. ئەمما، كود بىلەن ھەل بولىدىغان بۇ تېخنىكىنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى سەل يۇقىرى بولغاچقا، بىر قىسىم يېڭى بلوگداشلارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. نەچچە كۈنلۈك ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ تېخنىكىنى ئىجادىي قىستۇرمام Wp-Aptor ئارقىلىق ھەل قىلدىم. يەنى، Wp-Aptor قىستۇرمىسى ئارقىلىق يازمىلاردا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىماھالىنى كۆرسۈتۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ!...

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress قىستۇرمىسى

WP-beFont ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى

مەزكۇر قىستۇرما تەدبىركار تەرىپىدىن بىر قوللۇق ياسالغان ئىجادىي قىستۇرما بولۇپ. WordPress نىڭ 3.5.1 نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى نەشىرىدە ئاپتوماتىك قوشۇلىدىغان JS كىرگۈزگۈچ ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، WordPress نى بۇ يېڭى نەشىرگە كۆتۈرگەندە گەرچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى نورمال بولسىمۇ، بىراق باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنمەيدۇ. ناۋادا WordPress 3.5.1 نى يېڭىدىن قاچىلىساق، ئۇنداقتا فونت ۋە كىرگۈزگۈچ ھەر ئىككىسى چىقىرىپ تاشلانغان. گەرچە بۇ يىراقنى كۆزلىگەندە ئاقىلانە تاللاش بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنى نورمال ئۇيغۇرچە ئىشلەتكۈسى بار تورداشلار ئۈچۈن ھېچقانداق تاللاش يولى قويۇلمىغان. مەزكۇر قىستۇرما شۇ ئېھتىياج تۈپەيلى ياسالغان بولۇپ، ئېھتىياجى بار تورداشلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress قىستۇرمىسى

wordpress يان بۆلەككە php كود قۇشۇش قىستۇرمىسى wp-php-widget

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك WordPress نىڭ ۋىجېت(widget) رايونىغا تېكىست قوشۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق HTML كودى قوشقىلى بولسىمۇ، ئەمما PHP قوللىمايدىغان بولۇپ، يان بۆلەككە مەلۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كەتكەن PHP كودىنى قوشۇش ئۈچۈن يان بۆلەك ھۆججىتى بولمىش sidebar.php نى تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان قىستۇرما دەلWordpress نىڭ ۋىجېت(widget) رايونىنى PHP تونۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يىنىك تىپتىكى قىستۇرما.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress قىستۇرمىسى

Spam دېگەن نېمە؟ WordPress نىڭ Akismet قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن قۇتۇلۇش

WordPress ئىشلىتىۋاتقان بلوگگېرلارغا مەلۇمكى، WordPress نى قاچىلاپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، زور مىقداردا SPAM(ئەخلەت باھا) نىڭ بلوگقا يامغۇردەك يېغىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ئۇچۇرلارنى تاللاپ ئۆچۈرۈشمۇ بەك قولايسىز بولۇپ، ئادەتتىكى بۇ خىلدىكى باھالارغا SPAM بەلگىسى قويۇپ قويساق، كېلەر قېتىمدا شۇ ئابونتتىن كەلگەن باھالارنى ئاپتوماتىك سپەملەر قاتارىغا قوشۇۋېتىدۇ. بىراق، بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەرگىزمۇ ھەقىقى ئادەم بولماستىن، بەلكىم مەخسۇس تۈزۈلگەن پروگرامما ئارقىلىق يوللىنىدىغان بولغاچقا، ھەر قېتىمدا بۇ باھالارغا سپەم بەلگىسى قويۇش ئاقىلانە ئۇسۇل ئەمەس. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟

تۇلۇق ئوقۇش