• 2010-11-29

    مۇزىكا دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ھاياتى كۈچكە ئېگە قىلىشنىڭ يوللىرى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

     

    نۇرئامىنەم ئوسمان

    (يەكەن ناھىيە بازار مەركىزى مەكتەپتىن )

    يېڭى دەرس ئىدىيىسى بويىچە تۈزۈلگەن مۇزىكا دەرس ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، يېڭىچە مائارىپ قارىشى ،ئوقۇتۇش قارىشى ۋە ئوقۇتۇش نىشانى تىكلەندى.ئوقۇتۇش جانسىز ھالەتتىكى بىلىم يەتكۈزۈشتىن ، بىلىمنى ئاساس قىلغان ھالدا ،ئىقتىدار ، ھىسسىيات، پوزىتىسىيە ۋە قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرىدىغان ، ئەتراپلىق ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىشقا ئۆزگەردى.ھەمدە ھېسسىيات ، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى نىشانى مۇزىكا دەرس نىشانىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى.مۇزىكا دەرسىگە نىسبەتەن ئىيتقاندا،ئۇنىڭ تەلىم تەربىيە ئۈنۈمى ساغلام خاراكتىر يېتىلدۈرۈش، كىشىلىك پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، ھېسسىياتنى تاۋلاش،ئوقۇغۇچىلارنى مۇزىكىغا قىزىقتۇرۇش ،تۇرمۇشنى سۆيىدىغان قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ.شۇڭا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى مۇزىكا ئوقۇتۇشىنىڭ مول ھېسسىياتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ ۋە ئىگەللەپ مۇزىكا ئوقۇتۇشىنى ئوقۇغۇچىلارغا گۈزەللىك ھېس قىلدۇرىدىغان ۋە گۈزەللىكنى بايقىتىدىغان جەريانغا ئايلاندۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى مۇزىكا پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇپ مۇزىكا بىلەن بىر گەۋدە قىلىش كىرەك.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىش ،ھېس قىلىش ۋە باشتىن كۆچۈرۈش جەريانىدا قىزىقىش، تەسىرلنىش،ھاياجانلىنىشتەك تۈرلۈك ھېسسىياتىنى قوزغاپ ، مۇزىكا دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ھاياتى كۈچكە تولدۇرۇش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىزدىنىشكە توغراكىلىدۇ.

    1.ئەركىن ، ئازادە ،ئىناق دەرسخانا كەيپىياتىنى يارىتىپ ئوقۇغۇچىلارنى جىم ئولتۇرغۇزۇپ دەرس ئۆتۈشتەك باشقۇرۇش تىپىدىكى ئوقۇتۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ، جەلپ قىلىش تىپىدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش جەريانىغا ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش كىرەك.

    ئىلگىرىكى مائارىپ قارىشىنىڭ تەسىرىدە ئوقۇتقۇچىنى مەركەز قىلىش كۈچلۈك بولغاچقا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەمىشە يۇقىرى تۆۋەن بولاتتى ، ھەتتا بەزىدە قارمۇ-قارشى ھالەت شەكىللىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىدى. بۇخىل ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارنى قانداقمۇ ئەركىن ئازادە ھالدا ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىش قىلىشقا يېتەكلىگىلى بولسۇن.ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ئوقۇتقۇچى ئۆزىنى چوڭ تۇتىۋالماي ئوقۇغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولغان مۇناسىۋەت ئورناتسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىغا ، قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلسا ، ئەركىن ئازادە ۋە ئىناق بولغان دەرسخانا كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

    2. ئوقۇتۇش قارىشىنى ئۆزگەرتىپ يېپىق ھالەتتىكى ئوقۇتۇشتىن، ئوچۇق ئوقۇتۇشقا ئۆتۈش.

    ئىمتىھان مائارىپى شارائىتىدا، مۇزىكا ئوقۇتۇشى دەرسخانا ، دەرسلىك، يەتكۈزۈش ، مەشق قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. بۇنداق ئوقۇتۇش جەريانى دەرسلىك كىتاپتىكى بىلىملەرنى ئەينەن تەكرارلاش. مەشقنى ئۆلۈك ئېلىپ بىرىش بولۇپ قالاتتى .

    3. ئۇقۇتۇشنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ ، ئوقۇتقۇچى ئۆگىتىشتىن ، ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشكە بەكرەك ئەھمىيەت بىرىش كىرەك .ئوقۇتۇش جەريانى بولسا ئۆگىتىش بىلەن ئۆگىنىش ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان جەريان . ئەگەر بۇخىل تەسىر كۆرسىتىش مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا ئوقۇتقۇچى  بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

    4. ئوقۇتۇش ئۈستىدە ئويلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىپ ، ئوقۇغۇچىلاردىن زارلىنىشتىن كۆرە كۆپرەك ئۆزى ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن ئىزدىنىش لازىم . ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى بىر خىل ئۆگىنىش شۇنداقلا كەسپى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.ئىلگىرىكى ئوقۇتقۇچىلار كۆپىنچە چەكلىك تەجرىبىگە تايىنىپ ئاددى، تەكرارئوقۇتۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن . ئۇلار شەخسى تەجرىبىسىنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش بىلەنلا توختاپ قالغان بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە نىسبەتەن قايتا ئويلىنىش تەھلىل قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس. يېڭى دەرس قارىشىدا ئوقۇتقۇچى چوقۇم توختىماستىن ئۆزى ئۈستىدە ، ئوقۇتۇش ھەرىكىتى ئۈستىدە ئويلىنىپ تۇرىشى ، ئۆزىنىڭ تەلىم تەربىيە ئوقۇتۇش قىلمىشىغا ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كىرەكلىكى تەكىتلىنىدۇ.

    ئۆزىنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئورنىغا قويوپ تۇرۇپ ئوقۇتۇشقا باھا بىرىش ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنكاسى ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ئۈستىدە ئويلىنىش كىرەك. دىمەك يېڭى دەرسنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىدىيىسى يېڭى بولۇش ، ئۇسۇلى يېڭى بولۇش ، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇشى كىرەك . ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئەڭ زورچەكتە ئىشقا سېلىپ ، ئۆزگىرىشچانلىققا ، جانلىقلىققا ، تەسەۋۋۇرغا ئېگە بولۇش كىرەك. 

     

     

    分享到: