• 2010-11-29

    مۇزىكا ئوقوتۇشىنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەقلى بۇلىقىنى ئېچىشتىكى رولى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

     

    خانقىز ئابلىز

    (قاغىلىق ناھىيلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپتىن )

    مۇزىكا ئوقوتۇشى ، ئەمىلىيەتچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك ئوقۇتۇش پائالىيتى بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئەمىلىيەتچانلىقى مۇزىكا ئوقوتۇشىنىڭ ئاساسى، يەنى مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئاساسى خۇسۇسىيتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. مۇزىكا سەنئىتىدە – مۇزىكا ئىجاد قىلىش، مۇزىكا ئورۇنداش، شۇنداقلا مۇزىكىدىن ھوزۇرلىنىشنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە خىلمۇ- خىل ئەمەلىي پائالىيەتلەر بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، بىز مۇزىكا ئوقوتۇش پائالىيتىنى كۈزەتكىنىمىزدە ئوقوغۇچىلارنىڭ  ناخشا ئېيتىشى، ساز چېلىشى، ئىجاد قىلىشى، مۇزىكىدىن ھوزۇرلىنىشى، 2- دەرسخانا پائالىيتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمىلىي پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ.

    مۇزىكا ئوقوتۇشى يۇقۇرىدىكى ئەمىلىي پائالىيەتلەردىن ئايرىلسا، ئوقوغۇچىلارنى ھەقىقىي تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. شۇڭا مۇزىكا ئوقوتۇش پائالىيەتلىرىدە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەمىلىيەتكە قاتنىشىشى ، مۇزىكىدا ئىپادىلەنگەن ھېسىياتنى سېزىشى، شۇنداقلا ئىپادىلەپ بىرەلىشى ھەمدە مۇزىكا ئىستىتىكىسىنى ھېس قىلىش، ئىپادىلەش ۋە ئۇنىڭدىن زوقلىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

    ئىلگىرى مۇزىكا ئوقوتۇشىنى قوشۇمچە پەن دەپ سەل قاراپ، مۇزىكا ئوقوتۇش پائالىيەتلىرىدە سەنئەت ئەمىلىي نەتىجىسىگە ئېتىبار بېرىلىپ، مۇزىكا سەنئەت ئەمىلىيتى جەريانىنىڭ تەربىيۋى قىسمىغا ئېتىبارسىز قاراپ كەلگەن. بۇرۇنقى ئوقوتۇش مەقسىتىدە ئوقوتقۇچى مەركەز قىلىنغان. يەنە كىلىپ، ئۇ ئوقوتقۇچىنىڭ «ئوقوتۇش» تىن ئىبارەت نوقتىسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئوقوتۇش قىياسى مەلۇم ئوقوتۇش مەزمۇنى ئارقىلىق، ئوقوتقۇچى ئوتتۇرغا قويغان مەلۇم تەربىيۋى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا «ئوقوغۇچىنى مەركەز قىلىش»،«ئوقوتقۇچى يېتەكچى ۋە يول كۆرسەتكۈچى»گە ئايلاندى. شۇنداقلا مۇزىكا ئوقوتۇشىنىڭ ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تەبىئەتتىكى گۈزەل شەيئىلەرگە بولغان ئېنتىلىشى ۋە ھەۋىسىنى كۈچەيتىش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سۆزى، ھەركىتى، مۇھىتى، شۇنداقلا قەلبى گۈزەل بولۇشتىكى بۈيۈك رولى جۇلالىنىىپ ھەر ساھە، ھەر قايسى كەسپتىكىلەرنىڭ كۈچلۈك رىقابەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. شۇنداقلا مۇزىكا ئوقوتۇشىنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى، زىھنى، ئىجادچانلىقى قاتارلىقلارغا كۆرسىتىدىغان ئاكتىپ تەسىرىنى ھېس قىلدۇردى .

    مەن نوقتىلىق قىلىپ، مۇزىكا ئوقوتۇشىنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەقلى بۇلىقىنى ئىچىشتىكى رولى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويىمەن.

     

     

    分享到: