• 2010-11-29

    باشلانغۇچ مەكتەپ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

     

    مەستۇرە سەزگۇر

    (  يەكەن ناھىيە   گەيشەڭ مەكتەپتىن   )

       بالىلارگۈزەللىك، ئويۇن، چۆچەك، مۇزىكا، رەسىم خىيال ئجادىيەت ئالىمىدە  ياشاشلىرى كىرەك.

                             - ۋ، ئا، سوخۇملىنىسكىي.

      گۈزەل-سەنئەت ئىنسانىيەت جەمئيىتىدە يىزىق پەيدابولۇشتىن ئاۋۋال مەيدانغا كەلگەن ئالاقە قۇرالى بولۇپ، ئۇ كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق ھوزۇر ئالىدىغان بىر خىل تەسۋىرىي سەنئەت.

     رەسسام-مۇئەييەن ماددىي ماتىرىيالنى شەكىل يارىتىش ۋاستىسى قىلىپ تەبىئەت دۇنياسى ۋەئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىرى ۋەئىدىيىۋى- ھىسياتىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق كىشىگە ئىستىتىك زوق بېغشلىغۇچى، ھەقىقىي مەنىدىكى گۈزەللىك ، ئالىجاناپلىق، ئىنسانپەرۋەرلىككە يىتەكلەيدىغان ئاڭنى تونۇشقا يېتەكلىگۈچىدۇر.

     گۈزەل-سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي جەمئيىتىمىزدە ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن چوڭ. بولۇپمۇ مەكتەپ ئەخلاقىي- تەربىيە خىزمىتىدە ئۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

     كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ۋە جەمئىيەتكە بولغان تونۇشىنىڭ چۇڭقۇرلىششىغا ئەگىشىپ ھازىر، گۈزەل-سەنئەت مائارىپىغا خەلىقئارا مائارىپ ساھەسىدىمۇ كۈنسايىن ئەھمىيەت بەرمەكتە.

     گۈزەل-سەنئەتنى چۈشىنىش ھەمدە بەلگلىك ئېستېتىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەدەنىيەت ساپاسى  بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

     «بالا ئېمىتىۋاتقان ئانا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئككى خادىمى» _ دەيدۇ ۋېكتورھىيۇگو.

     باشلانغۇچ مەكتەپ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى گۈزەل- سەنئەت مائارىپنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىي،شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئېستېتىك ئىڭى ۋە گۈزەللىك قارشىنى يېتىلدۈرۈشىگەئاساس سالغۇچى مۇھىم باسقۇچ.

     ھازىرقى زامان مائارىپ قارشىدا، بالىلارنى تەربىيىلەشتە (تەربىيە-بالا تۇغۇلۇپ 3-كۈنى باشلانسا  2كۈن كىچىككەنلىك بولىدۇ) دەپ قارىلىدۇ.

     بالىلار ئوقۇش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپلا ئۇلاردا گۈزەللىك قارشى ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ گۈزەل نەرسىلەر بىلەن كۆرۈمسىز سەت نەرسىلەرنى پەرىقلەندۈرۈش ئېڭى خېلىلا كۈچلۈك بولىدۇ.

     ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەرخىل ھادىسە ۋە شەيئىلەرگە قىزىقىش نەزىرى بىلەن قارايدۇ ۋە ئۆزىگە خاس تەپەككۈرى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.

      رەسىم سىزىش يەنى(شەكىل) يارىتىش بالىلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئەركىن  يېزىقتۇر. بالىلار رەسىم تىلى ئارقىلىق ئۆزھىسياتىنى ۋەتەپەككۇرىنى، ئەڭ ئەركىن ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ.

    گۈزەل-سەنئەت دەرسى ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان دەرسلەرنىڭ بىرى، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ۋە تەييارلىق سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ھەتتا بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنىڭ تەربىيىلىنش ئەھۋالىنى كۈزىتىپ سېلىشتۇرغاندىمۇ رەسىم سىزىشقا قىزىقىدىغان ۋە شەكىلنى خىلى قاملاشتۇرۇپ سىزالايدىغان بالىلارنىڭ ساۋات  چىقرىش ئۈنۈمىمۇ كۆرىنەرلىك تىزبولىدىكەن.

     يىشى كىچىكرەك بالىلارنى كۆپرەك رەسىم سىزىشقا تەشكىللىگەندە ۋە ئىزلاپ سىزىش مەشىقىگە يېتەكلىگەندە بالىلارنىڭ قولى قەلەم تۇتۇشقا ۋە قەلەمدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشقا تەدىرىجىي ماسلىشىدۇ.

    بالىلار رەسىم ئجادىيىتىنىڭ پۈتۈن جەريانى، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى، ئجادىيەت ئقتىدارىغا قارىتا ئەڭ ئەمەلىي ۋەكونكىرېت بىر سىناق.

     بۇئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە گۈزەللىك ئېڭى جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى  جارى قىلدۇرۇش جەريانى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

    گۈزەل-سەنئەت دەرسى مەكتەپلەردىكى ھەرقايسى پەن دەرىسلىكىگە چىتىشلىق ۋە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئاساس سېلىش ۋە تولۇقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ.

    ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى گۈزەل-سەنئەت دەرىسلىكىدىكى زوق ئىلىش دەرسىدىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزنىڭ ۋە چەت ئەلنىڭ نادىر گۈزەل- سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى تەسىرات سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كۆز قارشىنى ۋە ھىسياتىنى ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.

    نادىرئەسەرلەرنى كۆزىتىش ۋە چۈشۈنۈش ئارقىلىق ئەسەرلەرنىڭ كېلىش مەنبىيىگە تارىخى ئارقا كۆرىنىشىگە قىزىقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نەزەردائىرسىنى كېڭەيتىپ، تارىخقا ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىغا، تاشقى دۇنياغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.

     ھەرخىل ماتىماتىكىلىق ۋە گئومىتىرىك شەكىللەرگە نىسبەتەن بالدۇر تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگەقىلىپ، ئۇلارنىڭ شەكىللەرنى ئۆز-ئارا قوراشتۇرۇش، بىرىكتۈرۈش ۋە شەكىللەردىكى نىسبەت مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرىلىدۇ.

     تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك- تۈمەن ھادىسىلەرنى ۋە ئۆزگىرىشلەرنى باش تىما قىلىپ ئجادىي رەسىم سىزدۇرۇىش ئارقىلىق، تەبىئەت ھادىسلىرىنى ۋە  تەبىئەتنى چۈشىنىشكە نىسبەتەن قىزىقىشى يىتىلىدۇ.

     ئادەم رەسىمىنى سىزش ئارقىلىق ئادەم بەدىنى ئاناتومىيىسىگە نىسبەتەن دەسلەپكى چۈشەنچەھاسىل قىلسا، جانلىقلار ۋە ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى سىزىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈزىتىش ۋە بايقاش ئقتىدارى ئۆزلىكىدىن يېتىلىدۇ.

     ھەر خىل قول-ھۈنىرى ياساش ۋەھۈنەر-سەنئەتتىن زوق ئىلىش دەرسى ئارقىلىق، ئۇلارنى يەرلىك مەدەنىيەت ۋە خەلىق ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن تونۇشتۇرۇپ،ئۆز مەدەنىيىتىدىن زوقلىنىش ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە ، بۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئجابىي ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە راۋاجلاندۇرىدىغان، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەيدىغان ياخشى ئەخلاقىي-پەزىلىتىنى يىتشتۈرۈش مەخسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.   رەسىم ئجادىيىتى داۋامىدا تەدىرىجىي يىېتىلىپ ئىزدىنىش ۋە ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئاەىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.

     شۇنداقلا ئجادىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسىي ۋە مەنىۋىي روھىيەتنىڭ جەۋھىرى ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا بىلىپ يىتىدۇ.

     گۈزەل-سەنئەت مائارىپى دەل مۇشۇنداق ئارتۇقچىلىقلارغا ئېگە بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارنى تەبىئەت، ۋە جەمئىيەتتىن ئېستېتك زوق، سەنئەت ئەسەرلىرىدىن بەدىئىي زوق ئالالايدىغان ھەمدە بۇ ئارقىلق گۈزەللىك  بىلەن رەزىللىكنىڭ پەرقىنى ھەققىي ھېس قىلالايدىغان ‹ھېسياتلىق ئادەم›لەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قۇرال پەنلەردىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. 

     ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ئۈچۈن ئويلىنىشى لازىم.

     تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىدا گۈزەل-سەنئەت مائارىپى ئاللىبۇرۇن تىگىشلىك ئورۇنغا ۋە ئىتىبارغا ئېرىشىپ بولغان بولۇپ ئۇلارگۈزەل-سەنئەتنىڭ يۇقۇرقىدەك ئەۋزەللىكلىرىدىن تولۇق پايدىلىنپ  گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى ئارقىلىق بالا تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغان.

    نۆۋەتتە يولغا قويۇلۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىكى گۈەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كەڭ ۋە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلىشى ، ئولارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى تىرىشىپ يېتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىشنى ئاساسىي ئىسلاھات نىشانى قىلغان مائارىپ بولۇپ، زامان تەقەززاسىنى گەۋدىلىك ئىپادىلەپ بەردى.

    گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشىغا ۋە گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇلغان تەلەپمۇ كۈنسايىن كۈچىيىپ ۋە كونكىرتلىشىپ بېرىلۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتتە ، يەنە بىر قىسىم مەكتەپلەردە گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشىنىڭ تەلىم-تەربىيە پائالىيتى جەريانىدا ئۆتەيدىغان پايدىلىق رولىغا سەل قاراش ، ۋە دەرسنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى توغرا تونۇماسلىق ۋە چۈشەنمەسلىك مەسسللىرى ھېلى ھەم مەۋجۇت.

    مائارىپتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى- ئوقۇتقۇچىغا ھۆرمەت تۇرغۇزۇشتا .

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە كەسپىي ساپاسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىددىيسىنىڭ تىكلىنىشىگە تۈنجى ئاساسنى يارىتىپ بىرىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئوقۇتقۇچىلاردا ھەقىقىي ، چىن ھەم گۈزەل قەلىپ بولغاندىن باشقا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىنى تەربىيلەپ يىتەكلىيەلەيدىغان قابىلىيەت ۋە پەزىلەت بولۇشى لازىم.

    كۈچلۈك كەسپىي ئاساسقا ئىگە بولغاندىن سىرىت ھاياتقا ، تۇرمۇشقا ، ئىنسانغا پەلسەپىۋى چۇڭقۇرلۇقتىن  نەزەر سالالايدىغان سەۋەىيە بولۇشى كېرەك.

    ئونىڭدىن باشقا يەنە مول تەسەۋۋۇر، ئۆتكۈر پىكىر، ھەم كۈچلۈك كۈزۈتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن سىرىت مۇستەھكەم ئېتقاد ھەم ئالىي پەزىلەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.

    يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەر بىزنىڭ بايقىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا  بىز يېڭىلىق يارىتىشىقا ئىنتىلىدىغان ھاياتى كۈچىمىزنى تۇرغۇزۇپ، گۈزەل-سەنئەت مائارىپىمىزنى يېڭى ئەسىرگە خاس ھاياتىي كۈچكە ئېگە قىلىشىمىز لازىم

     .

     

    分享到: