-
2010-11-29
ھەجىۋىي رەسىمنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئوقوتۇشىدىكى رولى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيتى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ئابلەتجان ئەخمەت
( يەكەن بازار مەركىزى مەكتەپتىن)
ھەجىۋىي رەسىم – ئاددىيلاشتۇرۇش، مۇبالىغە قىلىش،شەكىل ئۆزگەرتىش،ئوخشۇتۇش،سىمۋول قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، جانلىق يىغىنچاق ،ئىخچام سىزىقلارئارقىلىق تۇرمۇشتىكى بىرقىسىم ئىشلارنى كۈلكىلىك،قىزىقارلىق ئىپادىلەپ بىرىدىغان كىشىلەردىكى ناچار ئىللەتلەرنى ئېچىپ تاشلاپ ، تەربىيەگە ئىگە قىلىدىغان رەسىم تۈرى.
ھەجىۋىي رەسىمنىڭ خام ماتىرىيال مەنبەسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ ھەجىۋىي رەسىمگە خام ماتىرىيال بولىدىغان قىزىقارلىق ۋەقەلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يەرلىرىدە،بولۇپمۇ مەكتەپ تۇرمۇشىدا داۋاملىق ئۇچىراپ تۇرىدۇ.ئۇ مەيلى چوڭلار ياكى كىچىكلەرنى بولسۇن،ھەر قانداق ئادەمنى ئۆزىگە ئاسانلا جەلىپ قىلىۋالىدۇ . ئۇنىڭ كىشلەرنى قىزىقتۇرشى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىخچام ،يىغىنچاق كۆرۈنۈش ئارقىلىق جەمىيەتتە ساقىلىنىۋاتقان ھەرخىل نامۇۋاپىق ئىشلار ئەكىس ئەتتۈرلىدۇ . ياش ئۆسمۈرلەر ھەجىۋىى رەسىملەرگە بەكرەك قىزىقىدۇ. ھەجىۋىى رەسىمنىڭ ياش -ئۆسمۈرلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. بىز دائىم جەمىيەت، ئائىلە ۋە مەكتەپتە بالىلارنىڭ نىمىلەرنىدۇر سىزىۋاتقانلىقىنى ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىز ئوقوغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا مەدەت بىرىپ قوللاپ ، ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا شارائىت ھازىرلىساق ،ئۇلارنى دەل ۋاقتىدا يىتەكلىسەك ئوقوغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ،تەپەككۇر قىلىش،ئىجات قىلىش ۋە رەسىم سىزىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىشكە ، گۈزەللىك قارشىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشىگە،تەبىئەتنى سۆيۈش ، ھەرخىل رەسىملەردىن زوقلىنىش ھىسىياتىنى كۈچەيتىشگە پايدىسى بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ھەجىۋى رەسىم دەرسىنى ئۆتۈشتىن ئاۋال ئوقوغۇچىلارنى ئۆزلىرىدە ساقلىنىۋاتقان يامان ئىللەتلەرنى ئىلگىرى ئۇچىراتقان قىزىقارلىق ئىشلار ھەمدە جەمىيەتتىكى ناچار قىلمىشلارنى سۆزلەشكە ، ناچار ،يامان ئىللەتلەرنى قانداق قىلغاندا تۈزەتكىلى بولىدىغانلىقى توغىرسىدا پىكىر بايان قىلىپ بېقىشقا تەشكىللىشى .ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆزى قايناق تۇرمۇش كۆرۈنۈشىنى ئەستايىدىل كۆزۈتۈش ،تەھلىل قىلىش ، پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قەلەم تەۋرىتىپ سىزىپ چىققان ئىخچام ،جانلىق ، مەزمۇنى چۇڭقۇر ،شەكلى ئاددىي ، ئوقوغۇچىلارغا تەربىيۋى ئەھمىيتى بولغان ئۇلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ، ناچار ئادەتلىرىنى تۈزۈتىشىگە ياردىمى بولىدىغان ، رەسىملەرنى سىزىپ چىقىپ ئۈلگە كۆرسىتىشى لازىم .بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى شۇ بىر سائەتلىك دەرس تىمىسىنى ئالاھىدە تەھلىل قىلىشى ، سىنىپ ئىچىدە بالىلارنى قانداق قىزىقتۇرىمەن، قايسى نىشان بويىچە يىتەكلەيمەن ، نىمىنى ئاساس ، نىمىنى قوشۇمچە قىلىمەن ؟ بۇدەرسنى بالىلارغا ئۆتۈشتىكى مەقسەت مۇددىئا نىمە ؟ دىگەننى ياخشى ئويلاپ ، دەرسنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق باشلاپ ، بالىلارنى قايىل قىلىپ ، دەرىسكە ئىنتىلىدىغان قىلىش لازىم .شۇنداق قىلغاندا ھەجىۋىي رەسىمنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ، ئۇنى قانداق سىزىش توغىرسىدىكى بىلىملەرنى ، ئوقوغۇچىلار ئاسانلا ھېس قىلىپ چۈشىنەلەيدۇ.
مەكتەپ ئىچىدە بالىلار تاملارغا خەت يىزىپ ، رەسىملەرنى سىزىدۇ ،.پارتا-ئۇرۇندۇقلارغا ھەرخىل نەرسىلەرنى ئويۇپ، قالايمىقان جىجىلايدۇ.گۈل-گىياھلارنى ئۈزىدۇ،بىز مۇشۇنداق ناچار ئىللەتلەرگە نىسبەتەن يۈز تۇرانە تەربىيە قىلغاندىن كۆرە ، ئۇلارغا ئۈن تىنسز تەر بىيە بىرەلەيدىغان، ئۇلارنى خىجىل قىلىدىغان ،ناچار ئىللەتلىرىنى تۈزۈتىشكە ياردىمى بولىدىغان، تەربىيەگە ئىگە قىلىدىغان ھەجىۋىي رەسىملەرنى سىزىپ ، مەكتەپتىكى تەشۋىقات دوسكىلىرىغا چاپلاپ كۆرسەتسەك ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ . ئۇقۇتقۇچى ، ئوقوغۇچىلار ئىچىدىكى مۇشۇنداق ناچار ئىللەتلەرنى ئاساسى تىما قىلىپ ، بالىلارنى ھەجىۋىي رەسىم سىزشىقا يېتەكلىشى كىرەك ، شۇنداق قىلغاندا ، بالىلارنى رەسىم سىزىشقا قىزىقتۇرغىلى ۋە تەربىيلىگىلى بولىدۇ.ئەمما ئوقۇغۇچىلارنى ھەجۋى رەسىم سىزغاندا بىر-بىرىنى مازاق قىلىدىغان رەسىملەرنى سىزماسلىق توغىرىسدا تەربىيە بىرىش لازىم .
بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەجىۋى رەسىم سىزىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرسەك ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقوغۇچىلارنى تەربىيگە ئىگە قىلالايمىز .
历史上的今天: