• 2010-11-29

    گۈزەل-سەنئەت دەرسىدە خەتتاتلىق ئوقۇتۇشىنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىق لازىم - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

     

    مەمەت ئېزىز كىبىر

    (قاغىلىق ناھىيىلىك  باغۋەنچىلىك مەيدان مەكتەپتىن)

      ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ياشىغان تارىخى دەۋرىدە ، مەدەنىيەت ساھەسىدە پارلاق نەتىجىلەرنى يارىتىپ،ئېلىمىز مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.شۇنداقلا خەتتاتلىق سەنئىتى بىز ئۈچۈن ئازبولمىغان قىممەتلىك يادىكارلىقلارنى قالدۇردى.خەتتاتلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يازما  يادىكارلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن،ئۇزاق تارىخقا ۋە ئۆزگىچە ئالاھىىدىلىككە ئىگە ، ئەنئەنىۋى سەنئەت تۈرىنىڭ بىرى.          

     تارىخقا نەزەر سالغىنىمىزدا  ئىلىم-پەن، ھۈنەر-سەنئەت ۋە باشقا  جەھەتلەردىمۇ   شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ئىجادچان خەلقىمىز ، خەتتاتلىق  سەنئىتىگە ئالاھىدە   ئىتبار بىلەن قارىغان  ۋە  ئۇنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن راۋاجلاندۇرغان ئىدى. مەتبەئە   كەشىپ قىلىنمىغان ئەينى دەۋرلەردە خەتتاتلىقنىڭ رولى چوڭ ئىدى.خەتتاتلىق ئەينى دەۋردە  ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ  ئىجادى  ئەسەرلىرىنىڭ بىزگىچە  يېتىپ كېلەلىشىدەكۆۋرۈكلۈك  رولىنى  ئوينىغان بولسا،مەتبۇئات تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۆزىنىڭ رولىنى  يوقاتماستىن  يۈكسەك مەنىۋى -مەدەنىيەت يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا  رېئال ئەھمىيەتكە  ئىگە  بولماقتا. چۈنكى  ئۇ  كىشىلەرنىڭ  دىققىتىنى  جەلپ قىلىش،چاقىرىق قىلىش،تەربىيىلەش،   كىشىلەرگە  گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىش ۋە كىشىلەرنى ئەستايىدىل بولۇشقا ئۈندەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.               

     ئۇزاق تارىخقا  ئىگە «ئۇيغۇر خەتتاتلىقى» ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆركەم  نەپىس خەت شەكىللىرى ۋەكۆپ  خىل نۇسخىلىرى، تاۋلانغان  ۋە  ھېكمەتكە تولغان  مەزمۇنلىرى بىلەن خەلقىمىزگە ئېستېتىك زوق ۋە مەنىۋى تەربىيە بەخش ئېتىپ كەلدى.

     «ئۇيغۇر خەتتاتلىقى»كۆپ خىل مەزمۇن ۋە شەكىلگە ئىگە بولۇپ،ئۇنىڭ تارقالغان دائىرىسى ۋە ئىشلىتىش ئوبىكتى ئىنتايىن كەڭ.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقىمىز ئارىسىدا ،  خەتتاتلىققا قىزىقىش قىزغىنلىقى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ خەتتاتلىققا ھەۋەس قىلغۇچىلار كۈنسايىن كۆپەيدى . نەتىجىدە مەخسۇس ھۆسنخەت يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى خەتتاتلار،ھۆسنخەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان  ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرى  بارلىققا  كېلىپ ، ئۇيغۇر ھۆسنخەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

     خەتتاتلىق بۇرۇن ئەمىلى ئىشلىتىش يەنى ئىستېمال قىممىتىگىلا ئىگە ئىدى. ھازىر كىشىلەرگە ئېستېتىك لەززەت بېرىدىغان سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندى.خەتتاتلىقتا ھەرخىل كۆرگەزمە مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈشتىن سىرت، گېزىت-ژۇرناللاردا ئالاھىدە سەھىپىلەرگە ئىگە بولدى.

     گۈزەل-سەنئەت  دەرسى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋداللىق ۋە خاسلىقىنى  تاكامۇللاشتۇرۇش، كىشىلەرگە گۈزەللىك بەخش ئېتىش ،ئېستېتىك زوق بېغىشلاش ،ئەقلى  قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ تەربىيىلەش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇپ ، «ئۇيغۇرخەتتاتلىقى»مۇشۇگۈزەل-سەنئەت دەرسىدىكىچاقناپ تۇرغان مەرۋايىت .شۇڭا  گۈزەل-سەنئەت  ئوقۇتقۇچىلىرى  خەتتاتلىق سەنئىتىگە ئالاھىدە  ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

     ھازىر ئوقۇتقۇچىلىرىمىز  «ئۇيغۇر خەتتاتلىق»  دەرسىنىڭ رولىنى تېخى  تولۇق  چۈشۈنۈپ بولالمىدى. خەتتاتلىق  دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېستېتىك تۇيغۇسىنى  يۈكسەلدۈرۈپ، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ،سىزىش ۋە چۈشىنىش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

     ساپا مائارىپى  يولغا قويۇلۇپ  يېڭى دەرس ئىسلاھاتى چوڭقۇرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ،گۈزەل-سەنئەت دەرسلىكىدىكى «ئۇيغۇر خەتتاتلىق»   ئوقۇتۇشى ، نۇرغۇنلىغان  ئاسايىشلارغا  ۋە قوللاشقا  ئېرىشكەن  بولسىمۇ ، لېكىن ئوقۇتۇش  سۈپىتى جەھەتتە نەتىجە  كۆرۈنەرلىك بولمايۋاتىدۇ.چۈنكى:

    1   .ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ۋاقتىدا ساۋات چىقىرىشغىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئۇلارنىڭ خېتىنىڭ سۈپىتى،ئىملا قائىدىسى قاتارلىقلارغا سەل قارايدۇ.

    2 .قىسمەن  مەكتەپلەردە  مەخسۇس  گۈزەل-سەنئەت   ئوقۇتقۇچىلىرى  كەمچىل  بولۇپ،گۈزەل-سەنئەت دەرسى ، دەرس ئاز ئوقۇتقۇچىلارغا ياكى سىنىپ   مۇدىرلىرىغىلا  يۈكلىنىپ قېلىپ بۇ دەرسنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قارالدى.

     3  .بىرقىسىم گۈزەل-سەنئەت  ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ  رەسىم  سىزىش، لاھىيلەش  قاتارلىقلاردا  ئارتۇقچىلىقى   بولسىمۇ، خەتتاتلىق سەۋىيىسى ناھايىتى تۆۋەن ،ئۇيغۇر تىلى     ئىملا قائىدىسى توغرىسىدىكى بىلىمى كەمچىل.

     يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن گۈزەل-سەنئەت دەرسىدىكى «ئۇيغۇر خەتتاتلىق»ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس.

      ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ  مەكتەپ  ۋاقتىدا قايسى خىل ئۇسۇلدا ساۋاتى چىققان بولسا تاكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولماستىن شۇپىتى مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ.

      مۇشۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش  ۋە گۈزەل -سەنئەت  ئوقۇتۇشى  نىشانىنى   تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ زۇرۇرتەقززاسىدۇر . بۇنىڭ ئۇچۇن :

     1.ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ، ئالى مەكتەپتە ئۆگىنىپ كەلگەن بىلىمىنىلا دەستەك قىلىپتۇرىۋالماستىن ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كۆپلەپ قوشۇمچە ماتېرىياللارنى كۆرۈش ، شۇ ئارقىلىق كەسپى سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆستۈرۈپ تۇرۇش كېرەك .

     

    分享到: