• 2010-11-15

    «سۇداقاينىتىپ پىشۇرۇلىدىغان قىيمىلىق تائاملار»دەرسىنىڭ دەرس ئايانى - [ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت]

    كونا شەھەر ناھىيە زەمىن تەڭرىتاغ باشلانغۇچ مەكتەپتىن

    تۇرسۇنگۇل ئەمەت

    6-يىللق سىنىپقا ئۆتۈلگەن ئۇنۋرسال ئەمەليەت پائالىيەت دەرسنىڭ دەرس ئايانى

    پائالىيەت تىمىسى ؛سۇدا قاينىتىپ  پىشۇرلىدىغان قىيمىلىق تائاملار

    بۇ دەرس باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق ئۇنۋىرسال ئەمەلىيەت دەرسلىكىنىڭ 10-دەرسى بولۇپ ،

    بۇ دەرس شەكل جەھەتتە پائالىيەت دەرس شەكلىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ.

    پائالىيەت ئورنى ؛مەكتەپ پائالىيەت ئۆيى

    پائالىيەتنى لايھەلەشتىكى يىتەكچى ئىددىيە  ؛

    ئوزۇقلىنىش –بارلىق جانلىقلارنىڭ تۇپ بىيولوگيىلىك ئىھتىياجلىرىنىڭ بىرى .ئادەملەر ئۇچۇن ئىلىپ ئىيتقاندا ،ئوزۇقلىنىش –قورساق تويغۇزۇشتىن ئىبارەت ئىپتىدائى مەنىدە چۇشىنىلسە ،ئۇ مەدىنيەت دائرسىگە كىرمەيدۇ ،بىراق ،ئىنسانلار ئوزۇقلىنىشنى قورساق تويغۇزۇش مەنىسىدىن ئاللىقاچان ھالقىتىپ ،تۇرلۇك تائام تۇرلىرىنى ئىجات قىلىپ ،تائام يىيىشنى ئاددى ھالەتتىكى ئوزۇقلىنىش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن سەنئەت دەرىجىسىگە ،مەدەنىيەت دەرىجىسىگە كۉتۇردى .

    تائاملار ئىتلىدىغان ئاساسىلىق خۇرۇچ (ماتىريال )غا ئاساسەن ،ئۇن تائاملىرى ،گۇرۇچ تائاملىرى،گۆش تائاملىرى ،قىيمىلىق تائاملار ،قورۇما تائاملار ......دىگەندەك تۇرلەرگە، پىشۇرۇش ئالاھىدىلكىگە ئاساسەن ،سۇدا پىشۇرلىدىغان تائاملار ،قاقلاپ پىشۇرلىدىغان تائاملار، دۇملەپ پىشۇرلدىغان تائاملار ...قاتارلىق تۇرلەرگەبۉلنىدۇ .ئىتىش ۋاقتىعا ئاساسەن ،ئادەتتىكى تائاملار ۋە تىز تائاملار...دىگەن تۇرلەرگە، خۇرۇچنىڭ ئاز –كۆپلۇكىگە ئاساسەن، ئاددى خۇرۇچلۇق تائاملار ،مۇرەككەپ خۇرۇچلۇق تائاملار ...دىگەندەك تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ.

    ئۇيغۇرلارنىڭ تائام مەدەنىيىتى ئالاھىدە تەرەققى قىلغان بولۇپ،تائاملىرنىنڭ تۇرلىرى كۆپ ،تەمى ياخشى ،ئوزۇقلۇقى مول .

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىدە قاقلاپ پىشۇرۇلىدىغان تائاملار ،ئۇن تائاملىرى ،قىيمىلىق تائاملار، مۇرەككەپ خۇرۇچلۇق تائاملار ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ .

    جەمىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلشىعا ئەگىشىپ ،كىشىلەرنىڭ ئائىلىدە تاماق ئىتىپ يىيىش ۋاقتىمۇ قىسقىراپ كتۋاتىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل تەييار تاماق خۇرۇچلىرى بارلىققا كىلشى بىلەن  ئۆزى قول سىلىپ تاماق ئىتىدىغانلار ئازىيىپ كىتۋاتىدۇ .

    كىشلەر ئائىلىدە تاماق ئىتىشنى ئاۋارىچىلىك دەپ قاراپ كۆپىنىچە رىستۇران ،ئاشخانىلاردا تاماق يەيدىغان ئادەت يىتلدۇرۋاتىدۇ ،بىراق ئاشخانا تائاملىرىنىڭ سۇپىتى ياحشى بولسىمۇ ،يەنىلا ئۆيدە ئەتكەن تاماقلارنىڭ تەمىگە يەتمەيدۇ.باھاسىمۇ قىممەت .تائام تەييارلاش بىر خىل ئجادىيەت،بىر خىل ھوزۇرلىنىش . .مەيلى قانداق ئۆزگۇرۇشلەر بولشىدىن قەتئىنەزەر ،ئائىلىلەردە تاماق ئىتىپ يىيىش –ئائىلىدىكى ئەنئەنىۋى قائىدە ،ئۇيەنىلا ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىدۇ .

    ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر كۆپنىچە ئاتا-ئانىلار بالىلارىنىڭ ئۈگۈنۈشىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ ،ئۇلارغا ئائىلىدە مۇۋاپىق ئائىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتى يارتىپ بەرمەيۋاتىدۇ .

     شۇڭا كۆپ سانلىق ئوغۇچىلار ئارسىدىمۇ مۇستەقىل تاماق ئىتەلەيدىغانلار ناھايىتى ئاز . شۇڭا بۇنداق ئەمەلىيەت پائالىيەت دەرسلىرىنى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلى قول سىلىپ ئىشلەشكە يىتەكلەپ ،ئوقۇغۇچىلاردا بەلگىلىك تائام ئىتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇلۇپ ،ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئىھتىياجىنى قانائەتلەندۇرۇشتىن ھوزۇر ھىس قىلىدىغان روھنى يۇقىرى كوتۇرۇش كىرەك .

    مانا  بۇ نۇقتا پائالىيەتنى لايھەلەشتىكى ئاساسى ئىددىيە.

    سائەتلىك ئاساسى تىما پائالىيىتى ‹‹چۆچۈرە ئىتىش››

    بۇ قىتىمىقى ئاساسى تىما پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى ؛

    1)چۆچۈرە ئىتىش قەدەم باسقۇچلىرىنى ئگەللىۋىلىش ئاساسىدا چۆچۇرە ئىتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش .

    2)چۆچۈرە ئىتىشنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق قول سىلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بەلگىلىك تۇرمۇش ئىقتىدارى ھازىرلاش .

    3)تام ئىتىشتىن ،باشقىلار ئۈچۈن مۈلازىمەت قىلىشتىن ھوزۇر ھىس قىلىدىغان روھنى يىتلدۈرۈپ ،ئاتا –ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ،بەلگىلىك ئىقتىسادى ئاڭ تىكلەش .

    بۇ دەرسنى ئۆتۇشتىن بۇرۇن مەن ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا كىتەرلىك خۇرۇچلارنى ئاتا ئانلىرىدىن سوراپ كىلىشكە ئورونلاشتۇردۇم .

    دەرىس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى گورۇپپىلارغا ئايرىپ گورۇپپىلار بويىچە پائالىيەتكە يىتەكلىدىم .

    پائاليەتنى باشلاشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلاردىن قىيمىلق تائاملاردىن قايسىلىرىنى بىلدىغانلىقىنى،بۇلارنىڭ قانداق پىشۇرۇلدىغانلىقىنى سوراپ چىقىپ ،قىيمىلىق تاماقلار ھەققىدە چۇشەنچە بەردىم .

    بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا قىيمىلىق تاماقلارنىڭ پىشۇرۇلۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئىگەللىتىپ ،قىيمىلىق تاماقلار ئىچىدىكى كۆپىنىچە ئادەملەر ياخشى كۆرىدىغان، سۇدا پىشۇرىلىدىغان  قىيمىلىق تاماقلاردىن چۆچۈرە ئىتىشنى ئۈگۈنىدىغانلىقىمىزنى سۆزلەپ يىڭى دەرسكە باشلاپ كىردىم.

    ئالدىن تەييارلانغان خۇرۇچلارنى تونۇپ بىقىشقا يىتەكلىدىم .(ئۆزۇم توك قازنىنى تەييارلىۋالدىم .)

    تەييارلىۋالغان خۇرۇچلارنى ئۈچ تۈرگە بۆلۈپ چۈشەندۇردۇم .)بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق چۇشەندۇرگەندە ئوقۇعۇچىلار ئاسان ئەستە قالدۇرالايدۇ )

     سۈيىگە كىتەرلىك خۇرۇچلار ؛سوغۇق سۇ ،سوڭەكلىك گۆش ،چامغۇر ئاش كۆكى ،تۇز ،شوخلا .

    قىيمىسىغا كىتەرلىك خۇرۇچلار .قوي گۆشى ،پىياز ،زىرە –قارمۇچ ،تۇز .

    جىلتىسىگە كىتەرلىك خۇرۇچلار .ئۇن ،تۇز ،تۇخۇم .

    تاماق ئىتىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلى يىتەكلەش بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپتىن تاماق تەييارلاش قەدەم –باسقۇچلىرىنى سۆزلىگەچ بىر تەرەپتىن ئۆزۇم ئۈلگە كۆرسىتىپ ماڭدىم .

    سۇيىنى تەييارلاشتا ئۆزۇم ئۇلگە كۆرسىتىپ چۇشەندۇرمەن .

    قىيما قىلىش باسقۇچىدا ئوقۇعۇچىلارنى ئۆزى قول سىلىپ ئىشلەشكە يىتەكلەيمەن . بۇ جەرياندا ئوقۇعۇچىلارنىڭ  ياخشى قىلالمىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ تۈزىتىپ بىرىمەن .

    خىمىر تەييارلاش باسقۇچىدا بىر تەرەپتىن سۆزلەپ چۇشەندۇرگەچ،بىر تەرەپتىن ئوقۇعۇچىلارنى ئەمەلى قول سىلىپ .ئشلەشكە يىتەكلەيمەن . حىمىر يىيىش ۋە جىلتە كىسىش قاتارلىق باسقۇچلارنى ئوقۇعۇچىلار بىلەن بىللە ئىشلەيمەن .بۇ نىڭدىكى مەقسەت  ئوقۇغۇچىلارنى چۆچۈرە ئىتىش جەھەتتە بەلگىلىك ئەمەلى  تەجىربىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭغا بىرلەشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا تاماق تازلىقغا دىققەت قىلىش  ،تاماق ئىتىش جەريانىدا ئۆز بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش توغرىسىدا تەربىيە ئىلىپ بارمەن .

    سۈيىنى تەييارلاش ،قىيما تەييارلاش  .خىمىر تەييارلاش،      خىمىرنى  يىيىش ،جىلتە كىسىش ،چۆچۈرە تۈگۈش قاتارلىق ھەممە باسقۇچلار تۈگىگەندىن كىيىن چۆچۈرنى بىرلىكتە  قازانغا سالمىز  ، بۇجەرياندا  ئوقۇغۇچىلار ئۆز تۈگكەن چۆچۈرىلەرنى كۆرۇپ بەزلىرى خۇشال بولسا ،بەزلىرى ياخشى قىلالمىغانلىقىدىن خىجىللق ھىس قىلىشى مۇمكىن  .مەن بۇنىڭغا بىرلەشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا بىر ۋاخلىق تاماقنى تەييارلاشنىڭ  ئۈنچە  ئاسان  ئەمەسلىكىنى شۇڭا ئاتا –ئانىلارنىڭ قەدرىگە يىتىش،ئۇلارنىڭ ئەجرىگە لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرۇش  لازملىغىنى تەكىتلەپ ئۆتىمەن   .

    تاماق پىشقاندىن كىيىن ئۇلارنى ئۆز ئەمگەك مىۋىسىنى تىتىپ بىقىشقا ئورۇنلاشتۇرمەن.بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى  ئۆز ئەجرىدىن خۇشاللىق  ھىس قىلىشقا يىتەكلەيمەن .

    ئوقۇغۇچىلاردىن بۇنىڭدىن باشقا چۆچۈرلەرنى يەپ باققان باقمغانلىقىنى سوراپ  ،چۆچۈرىنىڭ ئۆزى ياقتۇردىغان ھەر خىل كۆكتاتلاردىن ئىتىلسىمۇ بولدىغانلىقىنى ،شۇڭا ئاتا –ئانىلىرىمىز ھىرىپ –چارچىغاندا بىر ۋاخ ئوخشىغان چۆچۈرە تەييارلاپ ئۇلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىشنى ،تاماق تەييارلاشنى خۇشاللىق دەپ ھىس قىلىشنى بۇ ئارقىلق باشقىلارنىمۇ خۇشاللىققا ئىرشتۇرۇشنى تەكتلەپ دەرسنى ئاخىرلاشتۇرمەن  .

    بۇ بىر قىتىملىق چۆچۈرە ئىتىشتىن ئىبارەت ئەمەلىيەت  پائالىيەت دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار تاماق تەييارلاشنىڭ بىر خىل  خۇشاللىق، بىر خىل ھوزۇر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇ، ئۇلار ئۆزى قول سىلىپ ئىشلەپ  ، ئۆز ئەمگەك مىۋىسىدىن زوقلىنىش ۋە باشقىلارنىمۇ خۇشاللىققا ئىرشتۇرۇش لازىملىغىنى چۇشنىۋالدۇ .ئۆزىدە بەلگىلك تاماق ئىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىعان بولدۇ .

    分享到: