• 2010-11-15

    سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇلىدىغان قىيمىلىق تائاملار - [ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت]

    كونا شەھەر ناھىيە زەمىن تەڭرىتاغ باشلانغۇچ مەكتەپتىن

    تۇرسۇنگۇل ئەمەت

    دەرىس ئۆتۈلىدىغان سىنىپ: 6-يىللق سىنىپ

    دەرىس تۈرى: شىنجاڭ ئۇنۋرىسال ئەمەلىيەت پائالىيەت دەرسى

    دەرىس تىمىسى: سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇلىدىغان قىيمىلق تاماقلار  تاماقلار

    ئوقۇتۇش نىشانى

    بىلىم نىشانى ؛قىيمىلق تاماقلارنىڭ پىشۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوحشاش بولماسلىقىغا قاراپ ھوردا پىشۇرۇلىدىعان قىيمىلىق تاماق ،سۇدا پىشۇرىلىدىغان قىيمىلىق تاماق ،مايدا پىشۇرىلىدىعان قىيمىلىق تاماق ،قاقلاپ پىشۇرۇلىدىعان قىيمىلىق تاماققا بۉلىنىدىعانلىقىنى بىلۋىلىش .

    سۇدا پىشۇرلىدىغان قىيمىلىق تاماقلاردىن چۆچۈرە ئىتىش قەدەم –باسقۇچلىرىنى بىلۋىلىش.

    ھىسيات پوزتىسيە، قىممەت قاراش نىشانى؛

    ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىش  ،ئۉزى قول سىلىپ مۇستەقىل ئشلەش ،ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۇزۇشكە جۇرئەت قىلىش ،تاماق ئىتىشنىڭ بىر خىل ھوزۇر ئىكەنلىكىنى چۇشىنىش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .

    ئىقتىدار نىشانى؛

    ئۆزى قول سىلىپ ئىشلەپ بىر قىتىملىق ئەمەلى تاماق ئىتىش پائالىيىتىگە قاتنىشپ ،ئۉز ئەمگەك مىۋسىدىن ئۉزىنىمۇ ،باشقىلارنىمۇ ھوزۇرلاندۇرالايدىغان بولۇش .

    مۇھىم نۇقتا ؛قىيمىلىق تاماق ئىتىشتىكى قەدەم –باسقۇچلارنى چۇشەنگەن ئاساستا چۆچۈرە ئىتىشنى ئۈگۈنۈۋىلىش .

    قىيىن نۇقتا ؛قىيىمىلق تاماقنىڭ قىيمىسىنى تەڭشەش ۋە جىلتە تەييارلاش،تۈگۈش  .

    دەرىس شەكلى ؛ئەمىلى پائالىيەت شەكلىدە ئىلىپ بىرلىدۇ .

    يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش

    ساۋاقداشلار سىلەر ئۇنۋىرسال ئەمەلىيەت پائالىيەت دەرسىنى ياخشى كۆرەمسىلەر ؟(ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بىردۇ. )

    ھەممىمىز ئۇنۋىرسال ئەمەلىيەت پائالىيەت دەرىسىنى ياخشى كۆرمىز ،بىز بۇ دەرىسكە قاتنىشىپ ئۆزىمىزدە بەلگىلىك ئەمەلى ئىقتىدار ۋە ماھارەت يىتلدۇرەلەيمىز ،شۇنداقمۇ ؟

    ساۋاقداشلار ،سىلەر قىيمىلىق تاماقلارنى يىيىشنى ياخشى كۆرەمسىلەر ؟ئۇنداقتا قانداق قىيمىلىق تاماقلارنى بىلسىلەر ؟

    ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بىرىدۇ .

    (مانتا ،گۆشنان ،سامسا، چۆچۈرە،تۇگرە)

    ئۇنداقتا ،سىلەر قىيمىلق تاماقلارنى يىيىشنى ياخشى كورەمسىلەر ؟(ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بىرىدۇ )

    بۇلارنىڭ پىشۇرۇلۇش ئۇسۇلى ئوخشاشمۇ؟  (ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بىردۇ ،ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەيدۇ)

    (ئوخشاش ئەمەس ،مانتا ھوردا پىشۇرۇلىدۇ ،گۆشنان مايدا پىشۇرۇلىدۇ ،سامسا ئوتتا قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ ،چۆچۈرە ،تۈگرە سۇدا پىشۇرۇلىدۇ )

    ئۇنداقتا بىز بۇ سائەتتىكى ئاساسى تىما پائالىيىتىمىزدە سۇدا پىشۇرۇلىدىغان قىيمىلىق تاماقلاردىن چۆچۈرە ئىتىشنى ئۇگۇنىمىز ،سىلەرمۇ مەن بىلەن بىللە قول سىلىپ بىرلىكتە ئۇگۇنۇشنى خالامسىلەر؟

    ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇل

    دەرىس تىمىسى دوسكىغا يىزلىدۇ .

    سۇدا قاينىتىپ  پىشۇرلىدىغان قىيمىلق تائاملار

    ساۋاقداشلار ،قايسىڭلار چۆچۈرە ئىچىشنى ياخشى كۆرسىلەر ؟

    (ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بىرىدۇ)

    شۇنداق،  چۆچۈرە كۆپىنچە كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆردىغان تاماقلىرىنڭ بىرى .

    ساۋاقداشلار ،سىلەر ئائىلىدە ئاپاڭلار ئەتكەن چۆچۈرەىنى ئىچىپ باققانمۇ ؟

    ئۇنداقتا چۆچۈرە ئىتىشكە قانداق خۇرۇچلار لازىم بولدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟

    چۆچۈرە ئىتىشكە كىتەرلىك خۇرۇچلار ؛

    سۈيىگە كىتەرلىك خۇرۇچلار ؛سوغۇق سۇ ،سوڭەكلىك گۆش ،چامغۇر ئاش كۆكى ،تۇز ،شوخلا .

    قىيمىسىغا كىتەرلىك خۇرۇچلار  قوي گۆشى ،پىياز ،زىرە –قارمۇچ ،تۇز .

    جىلتىسىگە كىتەرلىك خۇرۇچلار .ئۇن ،تۇز ،تۇخۇم .

    ئالدى بىلەن كىتەرلىك خۇرۇچلارنى تەييارلىۋالمىز .ئاندىن چۆچۈرە ئىتىشنى باشلايمىز . چۆچۈرە بەش باسقۇچقا بۆلۇپ ئىتىلدۇ .

    بىرىنچى باسقۇچتا چۆچۈرەنىڭ سۇيىنى تەييارلايمىز .سىمزرەك قوي گۆشىدىن ئستىمالىمىزغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئىلىپ سوڭەكتىن گۆشنى شىلىپ ئالىمىز .(سۆڭەكنى گۆشتىن تولۇق شىلىپ ئىلۋەتمەسلىك كرەك )،سۆڭەك پارچىلانعاندىن كىيىن قازانغا سىلنىدۇ ،ئادەمنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ قازانغا مۇۋاپىق سوغۇق سۇ قۇيۇلىدۇ ،ئوت يىقىلىدۇ،سۇس ئوتتا قاينىتىلىدۇ  ،قازان قاينىغاندىن كىيىن ،مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سىلىنىپ ئازراق پىياز ،پەمىدۇر ئۇششاق توغراپ سىلنىدۇ ،ئستىمال قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىعا ئاساسەن ئازراق كۆكمۇچ چاناپ سىلىنسىمۇ،ياكى ئازراق چامغۇر،سەۋزە ،ياڭيۇ ئۇششاق توغراپ سىلنسىمۇ بولدۇ.(بىر تەرەپتىن چۇشەندۇرلۇپ ،بر تەرەپتىن ئەمەلى كۆرسىتىلدۇ،)

    ئككىنچى باسقۇچ ؛ چۆچۈرەنىڭ خىمىرىنى تەييارلاش .

    تاماق يىگۇچىلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن مۇۋاپىق  ئۇن ئىلىنىپ ،ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سىلىنىپ،سوغۇق سۇدا چىڭراق قىلپ يۇغۇرىمىز .

    خىمىرغا بىرەر تۇخۇم قۇيۋەتسەك خىمر تەملىك بولۇپلا قالماستىن ،خىمىرنى يايغاندا يىرتىلپ كەتمەيدۇ ،چۆچۈرەنى قازانغاسالغاندا چۆچۈرە ئىزلىپ كەتمەيدۇ . خىمىرنى يۇغۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئاشتاختا ئۈستىگە قويۇپ نوغۇچ بىلەن يايىمىز .يايغاندا بەك نىپىز ياكى بەك قىلىن بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك .خىمىرنى يىيىپ بولغاندىن كىيىن كۆپ قىسمىنى تۆت چاسا شەكلىدە كىسۋالمىز ،ئاز بىر قىسىمىنى ئۈگرە كىسىش ئۈچۈن ئىلىپ قويمىز .كىسىلگەن جىلىت بىلەن ئۈگرىنى قۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن داكا بىلەن ئوراپ قويمىز .(ئەمىلى كۆرسىتىلدۇ،ئوقۇغۇچىلارمۇ بىرلىكتە ئىشلەيدۇ.)

    پائالىيەتكە بىرلەشتۈرۈلۈپ تەربىيە بىرلىدۇ .

    تاماق ئەتكەندە تازلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلشىمىز كىرەك .بۇنڭدىن باشقا كۆيۇپ يارلىنىشتىن ساقلىنىش كىرەك . ئۈچۈنچى باسقۇچتا ؛ چۆچۈرەنىڭ قىيمىسىنى  تەييارلاش ؛

    شىلىپ ئالغان گۆشنى ئۈششاق توغرايمىز .ئاندىن گۆشنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىچىلىك پىيازنى چاناپ گۆشكە قوشمىز ،ئۈستىگە ئازراق زىرە ،قارىمۇچ،تۇز سىلپ تەكشى ئارلاشتۇرمىز .شۇنىڭ بىلەن قىيما تەييار بولغان بولدۇ . (ئوقۇغۇچىلار ئەمەلى مەشققە يىتەكلىنىدۇ،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئشلەيدۇ  )

     تۆتىنجى باسقۇچتا ؛تەييارلانغان جىلىتنى سول قولمىزغا ئىلىپ ،ئوتتۇرسىغا مۇۋاپىق مىقداردا قىيما سالمىز ،ئاندىن ئىككى قولمىز بىلەن جىلتىنى قاتلاپ ،باش بارماق ۋە كۆرسەتكۇچ بارمىقىمىز بىلەن چۆرىسىنى چىڭ بىسپ يىپشتۇرمىز ،ئاندىن جىلتىنىڭ يىپشتۇرۇلعان قىسمىنى ئۈستىگە قايرىپ قاتلاپ ،ئوڭ –سول ئىككى ئۇچنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى ئىگىپ بىر بىرىگە يىپشتۇرمىز ،شۇنىڭ بىلەن چۆچۈرە تۇگۇلۇپ بولغان بولدۇ .

    (تۇگۇش ئۇسۇلى بويىچە ئوقۇغۇچىلار تۇگۇپ بىقىشقا يىتەكلىنىدۇ.)

    بەشىنچى باسقۇچتا ؛پىشۇرۇش

    يۇقۇرقى مەشغۇلاتلار ئاخىرلاشقىچە چۆچۈرىنىڭ سۇيى داۋاملىق قايناۋىرىدۇ ،چۆچۈرە تۈگۈلۈپ بولغاندىن كىيىن ئوتنى كۈچەيتىپ قازانغا ئالدى بىلەن چۆچۈرىنى سالمىز ،چۆچۈرەلەرنىڭ بىر –بىرىگە چاپلىشپ قالماسلىقى ئۈچۈن چۆمۈچنىڭ كەينى بىلەن بىر نەچچە قىتىم ئارلاشتۇرمىز .چۆچۈرە بر –ئىككى قاينىغاندا ئۈگرىنى سالمىز ،ئاخىرىدا قازانغا ئاش كۆكى سىلىپ ئاشنى ئۇسسۇيمىز .

    ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئەمگەك مىۋىسىنى تىتىپ بىقىشقا تەكلىپ قىلمەن . (ئۆزىمىز قول سىلىپ ئەتكەن تاماق باشقىچە تەملىك بولىدىغۇ دەيمەن.)

    چۆچۈرە ئىچكەندە ئادەم تەرلەپ راھەت ھىس قىلدۇ.ئادەتتە كىشلەر بۇنى ‹‹ئسسىق باستى ››ئاش دىيشىدۇ . چۆچۈرە –ئادەم ھىرىپ –چارچىغاندا ھاردۇقنى چىقىرىدۇ ،مىجەزنى تەڭشەيدۇ ،زۇكام بولغاندا ئىچسە زۇكامنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ .

    بىز بۇ دەرىستە گۆشتە قىيما قىلىنغان چۆچۈرە ئىتىشنى ئۈگۈنۈۋالدۇق .ئۇنداقتا گۆش ئشلەتمەي تۇرۇپمۇ يەنە قانداق كۆكتاتلاردىن چۆچۈرە تۈگۈشكە بولدۇ؟

     يىڭى چىققان بىدە كۆكىدە كۆك چۆچۈرىسى تۇگۇشكە بولىدۇ ، ،قىزىل بۇغداچتا قىزىل بۇغداچ چۆچۈرىسى تۈگۈشكە بولىدۇ ،يىسۋىلەك بىلەن تۇخۇمدا قىيما قىلپ تۇخۇم چۆچۈرىسى  تۇگۇشكە بولىدۇ .

    سىز يەپ باققانمۇ ؟(ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بىرىدۇ.)

    ساۋاقداشلار ،بىز بۇ بىر سائەتتە چۆچۈرە ئىتىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق .

    تاماق ئىتىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك ھەم جاپالىق ،بۇ بىر سائەتلىك دەرىس ئارقىلىق ئاپىلىرىمىزنىڭ بىر ۋاخلىق تاماققا قانچىلىك ئەجىر سىڭدۇردىغانلىقنى چۇشنىپ يەتتىققۇ دەيمەن .

    ،ئائىلىگە قايتىقاندىن كىيىن ئۈگەنگنىڭلارغا ئاساسەن  چۆچۈرە تۇگۇپ ئۇلارنى ئەمگەك مىۋەڭلەردىن بەھرىمان بولۇشقا تەكلىپ قىلڭلار .

    قىلالامسىلەر ؟

    دوسكا لايھىسى ؛سۇدا قاينىتىپ  پىشۇرۇلىدىغان قىيمىلىق تائاملار

    چۆچۈرە ئىتىش

    بەش باسقۇچقا بۆلۇپ ئىتىلىدۇ .

    1-چۆچۈرىنىڭ سۈيىنى قاينىتىش

    2- چۆچۈرىنىڭ خىمىرىنى تەييارلاش

    3- چۆچۈرىنىڭ قىىيمىسىنى تەييارلاش

    4-چۆچۈرە تۈگۈش

    5-پىشۇرۇش

    ئوقۇتۇش ،ئۈگۈنۈش قوراللىرى ؛گۆش ،زىرە –قارمۇچ ،تۇز ،ئۇن ،توك قازىنى ،پىچاق ،پىياز ،شوخلا ،ئاش كۆكى ،ئاش تاختا

    تاپشۇرۇق ؛ئۆزەڭلار مۇستەقىل قول سىلىپ چۆچۈرە ئىتىپ ئاتا-ئانىڭىزنڭ باھاسىنى ئاڭلاپ بىقىڭ .

    دەرىستىن كىيىنكى ئەسلىمە ؛

    分享到: