• 2010-11-15

    «گۈزەل شىنجاڭ – مىۋە-چىۋە ماكانى» نىڭ دەرس ئايانى - [ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت]

    3-يىللىق 1-قىسىم شىنجاڭ ئۇنۋىرسال ئەمەلىيەت پائالىيتى دەرىسى «گۈزەل شىنجاڭ – مىۋە-چىۋە ماكانى» نىڭ دەرس ئايانى

    قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە سايباغ يىزا قولچى باشلانغۇچ مەكتەپ  ئوقۇتقۇچىسى:

     تۇرسۇنگۇل پازىل

    مەن ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق 1-قىسىم شىنجاڭ ئۇنۋىرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسىنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ – مىۋە-چىۋە ماكانى» دىگەن دەرسنىڭ دەرس بايانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

    باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن يىللىق باسقۇچىدىكى ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ تەبىئەتكە يىقىنلىشىشىنى، جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىدىغان ھەم بىۋاستە تەجرىبە قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، تونۇشۇش، بايقاش، ئىزدىنىش تەتقىق قىلىش ۋە مەسلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش پوزىتسىيىسىنى شەكىللەندۇردىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بايقىشىمىزغا ياردەم بىرىدىغان ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلاندۇرۇشنى مەخسەت قىلغان.

    مىنىڭ بۇدەرسنى ئۆتۈشتىكى مەخسىدىم:

    ئوقۇغۇچىلارنى مىۋىلەر توغرىسىدىكى ئۇقۇملارنى ئىگەللىۋىلىش يەنى مىۋىلەرنىڭ نامىنى، چىقىدىغان ئاساسلىق ئورنى، شىپاھلىق رولى، پىشىش مەزگىلى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن مۇئەييەن بىلىمگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

    دەرىس تىمىسى : گۈزەل شىنجاڭ – مىۋە-چىۋە ماكانى  

    دەرىس مەزمۇنى :مېۋە –چېۋە ماكانى(2-سائىتى)

    دەرسىمىنىڭ مۇھىم نوختىسى: مىۋىلەرنىڭ نامىنى ،چىقىش ئورنىنى ،پىشىش مەزگىلىنى ھەمدە مىۋە –  چىۋىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردائىستىمال قىلىپ بىرىشنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىگەللىتىش .

    قىيىن نوختىسى :مىۋىلەرنىڭ شىپالىق رولىنى بىلدۇرۇش ،بىلەن بىرگە شىنجاڭنىڭ نىمە ئۇچۇن مىۋە –چىۋە ماكانى بولۇپ ئاتالغانلىقىنى بىلدۇرۇش .

    جەريان  ۋە  ئۇسۇل :1.قەدەمدە: ئوقۇغۇچىلاردىن  <ساۋاقداشلار  سىلەرنىڭ  بىغىڭلاردا  قايسى  خىل  مىۋىلەر بار ؟ قايسى  خىل مىۋىلەر پىشتى ؟

    يۇقارقى  سۇئاللارنى سوراش ئارقىلىق يىڭى   دەرسكە باشلاپ   كىرىمەن . ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن جاۋاپ بىرىدۇ.

    2.قەدەمدە : مەن سىلەرگە شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىدىن ئىلىپ كەلدىم كۆرۈپ بېقىشنى خالامسىلە ر؟ ( مىۋە –چىۋىلەرنىڭ نامى ۋە كۆرۇنىشى كومپىيۇتېر ئىكىرانى ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ .

    بۇسۇئالنى  سوراشتىكى مەخسىدىم ئوقۇغۇچىلاردا كۈزتىش ئىختىدارىنى يىتىلدۇرىش ھەمدە مىۋىلەرنىڭ نامىنى بىلىش ئارقىلىق  يىڭى ئۆتمەكچى بولغان دەرىسكە ئاساس سىلىش .

    3.قەدەمدە : تۆۋەندىكى مىۋىلەرنى كۆزىتىپ بىقىڭلار.

     ئىكراندا  ھەر خىل  مىۋىلەرنىڭ  رەسىملىرىنى   كۆرسىتىمەن    بۇنداق   قىلشىمدىكى  مەخسەت ئوقۇغۇچىلاردا كۇزتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش ،ھەمدە مىۋىلەرنىڭ شەكلىگە قاراپ تۇنيالايدىغان ھالەتنى يىتىلدۇرۇش.

    4.قەدەمدە : بىز بىرلىكتە بۇ مىۋىلەرنىڭ تەمىنى تىتىپ باقساق قانداق؟

    ( ئۈزۈم ،ئالما ،ئانار ،قوغۇن ،ئەنجۈر ،ياڭاق) قاتارلىق مىۋىلەركۆرسەتمە قىلىنىدۇ ۋە ئاساسلىق قىلىپ چۇشەندۇرلىدۇ .

    يۇقارقى   مىۋىلەرنىڭ  تەمىنى  سىناپ كۆرۇشكە يىتەكلەيمەن ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا مىۋىلەرنىڭ نامى ،تەمى،  پىشدىغان ۋاقتى ،ئاساسلىق  چىقىدىغان  ئورنى ، بۇ  مىۋىلەرنىڭ  شىپاھلىق رولى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بىلىمىنى مۇستەھكەملەش ئىلىپ بارىمەن.

                               ئۈزۈم

    ساۋاقداشلار سىلەر ئۈزۇم يىيىشنى ياخشى كۆرەمسىلەر ؟مەن ئېلىپ كەلگەن ئۈزۇمنى يەپ بېقىشنى خالايدىغانلار بارمۇ؟سىلەربۇ ئۈزۈمنى يىگەندىن كىيىن نىمىنى ھىس قىلدىڭلار ؟ئۈزۇم قايسى پەسىلدە پىشىدۇ ؟شىنجاڭنىڭ قايسى جايلىردىن ئۈزۈم كۆپ چىقىدۇ ؟ئۈزۈمنىڭ شىپالىق رولىنى بىلەمسىلەر ؟ئۈزۈم ھەققىدە چۇشەنچىمىزنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇچۇن ئىكىرانغا قاراپ باقايلى؟(كومپىيوتېردىن كۆرسىتىلىدۇ .)

    ئالما

    ساۋاقداشلار مەن سىلەرگە يەنە قانداق مىۋە تەييارلاپ كەلگەندىمەن ؟كۆرۇشنى خالايدىغانلار بارمۇ ؟ئالمىنىڭ رەڭگىگە قاراپ تۇرگە ئايرىپ باقىدىغانلار بارمۇ ؟مەن بۇ ئالمىنى سىلەرگە بەرسەم سىلەر قانداق يىيىشنى ئويلاۋاتىسىلەر ؟(بۇ سۇئالنى قويۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مىۋىلەرنى يىگەندە يۇيۇپ ،ئاقلاپ يىيىش توغرىسىدىكى قارىشىنى يىتىلدۇرىمەن )

    ئانار

    ساۋاقداشلار سىلەرنىڭ بەرگەن جاۋابىڭلاردىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم ، شۇڭا مەن سىلەرگە تەيياللاپ كەلگەن يەنە بىر خىل  مىۋىنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن .قىنى قايسى ساۋاقداش بۇ مىۋىنىڭ نامىنى ماڭا دەپ بىرىدۇ ؟ يەپ باقىدىغانلارمۇ بارمۇ ؟بۇ ئانارنى يەپ نىمىنى ھىس قىلدىڭلار ؟(بۇ سۇئالنى سوراش ئارقىلىق ئانارنىڭ ئاچچىق ئانار ۋە تاتلىق ئانار دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلدىغانلىقىنى ئىگەلىتىمەن )

    (قوغۇن ،ئەنجۈر ،ياڭاق )قاتارلىق مىۋىلەرمۇ يۇقارقى ئۇسۇللار ئارقىلىق چۇشەندۇرلىدۇ )

    5.قەدەمدە  : مىۋىلەرنى ھۆل قۇرۇقلۇق دەرىجىسى بويىچە تۈرگە ئايرىپ باقايلى.

    مىۋىلەرنى  تۇرگە  ئايرىپ  چىقىشقا   يىتەكلەيمەن  ،بۇ  ئارقىلىق  ئوقۇغۇچىلارنىڭ   پەرىق   ئىتىش  ،سىلىشتۇرۇش   ، كۇزتۇش  ئىقتىدارنى  يىتىلدۇرۇشكە ئاساس سالىمەن.

    بۇ جەريانغا  ساۋاقداشلار -قاراڭلار بۇ مىۋىلەرنىڭ قايسىللىرى ھۆل مىۋە ،قايسىللىرى قۇرۇق مىۋىگە كىرىدۇ ؟بۇلاردىن باشقا يەنە سىلەر قانداق ھۆل ۋە قۇرۇق مىۋىلەرنى بىلىسىلەر ؟

     (يۇقارقى سۇئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى بىلىدىغان مىۋىلەرنى تۈرگە ئايرىپ  چىقىپ  ، جاۋاپ بىرىشكە يىتەكلەيمەن )

    6.قەدەمدە : ئوقۇغۇچىلارغا  شىنجاڭدا  چىقىدىغان  مىۋىلەرنى  تۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مېۋە –چىېۋە ماكانى  ئىكەنلىگىنى  ھىس قىلدۇرمەن .

     (ساۋاقداشلار بىز يۇقىردا شىنجاڭدىن چىقىدىغان ناھايىتى كۆپ مىۋىلەر بىلەن تونۇشۇپ ئۆتتۇق .ئۇنداق بولسا ئويلاپ بېقىڭلار- شىنجاڭنى نىمە ماكانى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ ؟)

     ( ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۇشەنچىسىگە ئاساسەن جاۋاپ بىرىشكە يتەكلەيمەن ۋە ئاخىرىدا        ئوقۇغۇچىلار جاۋابىنىڭ  قانداق بولغانلىقىنى  ئىكراندا كۆرسىتىش ئارقىلىق خۇلاسە قىلىپ بىرىمەن .)

    7-قەدەمدە ؛مىۋىلەرنى قايسى ۋاقىتتا يىسە ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش ، قەدىرلەش  قارشىنى يىتىلدۇرىشكە ئاساس سالىمەن ،ھەمدە مۇشۇ سائەتتە ئۆزلىرىنىڭ قانداق بىلىملەرنى ئۈگىنىۋالغانلىقىنى مۇستەھكەملەش

    ئوچۈن مەن ئوقۇغۇچىلاردىن (ساۋاقداشلار سىلەر مۇشۇ سائەتتە قايسى خل مىۋىلەر ھەققىدىكى بىلىمگە ئىگە بولىۋالدىڭلار ؟ ماڭا دەپ بىرىدىغانلارمۇ بارمۇ ؟)دىگەن سوئالنى سوراش ئارقىلىق قايسى خىل مىۋە ھەققدە بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىگەللەپ كۆرىمەن ھەمدە  ئۇگەنگەن بىلىملىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە سۆزلەپ بىرىش تاپشۇرقىنى بىرىش ئارقىلىق دەرسىمنى تاماملايمەن

    分享到: