-
2010-10-03
«تىل-ئەدەبىيات ئۇنۋېرسال ئۆگۈنىشى توغرىسىدا تەتقىقات » تېمىسىنى باشلاش دوكىلاتى2 - [تىما تەتقىقاتى]
6. تىما تەتقىقاتىدىكى ئاساسىي ئۇسۇللار
1) يازما ماتىرىياللارنى توپلاش ئۇسۇلى
تىمىنى تەتقىق قىلىشتىكى مەزمۇنغا ئاساسەن باشقا ئۆلكە، رايۇنلارنىڭ «ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش تەتقىقاتى» غا ئائىت يازما ماتىرىياللارنى، ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ھەم توپلاپ، ئۇلارنى تۈرگە ئايرىپ يىغىنچاقلاش، تەھلىل قىلىپ تاللاش ھەمدە ئەمەلىي ئەھۋال ۋە ئوقوتۇش قانونىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈش.
2) تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
پاكىتنى تەكشۈرۈش ۋە پىكىر ئىلىش تەكشۈرۈشىنى ئىلىپ بىرىش، شۇنداقلا ئەھۋالىغا قاراپ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ۋە مەىسۇس تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىل سىستىمىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش شەكلىگە قارىتا ئەتىراپلىق تەكشۈرۈش ۋە ئىگىلەش ئىلىپ بىرىش كىرەك.
3) ھەركەت تەتقىقات ئۇسۇلى
ئەمەلىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقوغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقوتۇش تەتقىقات خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوقوتۇش جەريانىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىش. تېما تەتقىقاتىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تەتقىقات گۇرپىسىدىكى ئەزالارنى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن ئەمەلىيەتتتىن ئۆتكۈزۈش، بىر تەرەپتىن تەتقىق قىلىششقا يىتەكلەش. پۈتكۈل تەتقىقات جەريانىدا ئەمەلىي ھەركەت بولۇش، ئەمەلىي تەتقىقات بولۇش، ھەركەت جەريانىدا تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش،ھەرىكەت جەريانىنى تەتقىقات جەريانىغا ئايلاندۇرۇش. ئوقۇتۇش جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى ئۇزلۇكسىز بايقاش، تەتقىق قىلىش، ئويلىنىش، ئەمەلىي مەسىلىلەرگە دىياگنۇز قويۇش ئاساسىدا تەتقىقات لاھىيىسىگە قارىتا تۈزۈتىش ئېلىپ بىرىش، پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش ھەمدە تەھلىل قىلىش، قاايتا ئويلىنىش داۋامىدا ئۇزلۇكسىز خۇلاسە چىقىرىپ تۇرۇش.
4) مىسال تەتقىقاتى ئۇسۇلى
ئوقۇتۇش تەتقىقاتى جەريانىدا تىپىك ئوقۇتۇش مىساللىرىغا دىققەت قىلىپ، مىساللاردىن ئورتاقلىقنى بايقاش، ئورتاقلىقتىن تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋىرسال ئۆگىنىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېپىپ چىقىش، تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋىرسال ئۆگىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىش ئەندىزىسى ئۇستىدە ئىزدىنىش.
5) تەجرىبىنى خۇلاسىلاش ئۇسۇلى
تەتقىقات جەريانىدىكى تەجرىبە–ساۋاقلارنى ئۆز ۋاختىدا خۇلاسىلاش، تەتقىقات داۋامىدىكى ماتىرىياللارنى دەل ۋاختىدا توپلاش، ئۈنۈملۇك ھالدا يىغىنچاقلاش، ئومۇملاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ۋە تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىلمى ئاساستا ئېچىپ بېرىش، ئەڭ ئاخرىدا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە تەتقىقات دوكىلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش.
7. تەتقىقات نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى
مەزكۇر تېما تەتقىقاتى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات گورۇپپىسىنىڭ باشلامچىلىقىدا، تارماق تىمىلارنى ئۇستىگە ئالغان ھەر قايسى رايۇن ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىلىرى ۋە مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى ئاساسىدا ئېلىپ بىرىلىدۇ.
مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى تۆۋەندىكى شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
1) تەتقىقاتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ماتىرىياللىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىسى توپلىمى (باشقۇرۇش تۈزۈملىرى، ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى، ئوقۇتۇش لايىھىسى توپلىمى، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى سىنئالغۇ پىلاستىنكىسى، مىساللار تەتقىقاتى توپلىمى، قايتا ئويلىنىش خاتىرىسى توپلىمى، باھالاش سىستىمىسى، تەتقىقات دوكىلاتى)
2) ئەۋرىشكە تىپىدىكى نەتىجىلەر (ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، ئوقۇتۇش پىلاستىنكىلىرى، ئوقۇتۇش كومپىيۇتىر دىتالى، رەسىملەر)
3) تەتقىقات دوكىلاتى
8. تەتقىقاتنى يولغا قويۇش قەدەم باسقۇچى
1) تەييارلىق باسقۇچى: (2005-يىل 5-ئايدىن 2006-يىل 9-ئايغىچە)
تەتقىقات تىمىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە دەلىللەش.
باش تەتقىقات گورۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىش.
تارماق تىمىلارنى بەلگىلەش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ھەر قايسى رايۇنلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە تارماق تىمىنى ئىلتىماس قىلىش، تارماق تىمىلارنى ئۇستىگە ئالىدىغان ئورۇنلارنى بىكىتىش.
نەزىرىيە ئۆگىنىشىگە تەييارلىق قىلىش، تەتقىقات پەرىزىنى شەكىللەندۇرۇش، پۈتكۇل تەتقىقاتنىڭ نىشان سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ۋۇجۇتقا چىقىرىش.
تىما تەتقىقاتىنى باشلاش يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۇش؛ تىما تەتقىقاتىنىڭ پىلان لايىھىسىنى بىكىتىش ۋە تىما تەتقىقاتىنى باشلاش يىغىنى ئېچىش.
2) تېما تەتقىقاتىنى يولغا قويۇش باسقۇچى: (2006-يىل 10-ئايدىن 2009-يىل 2-ئايغىچە)
بىرىنچى قەدەم: تېما تەتقىقاتىغا قاتنىشىدىغان مەسئۇل خادىملار ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش.«تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە» ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇنىۋىرسال ئۆگىنىشنىڭ ئۇقۇمى، ماھىيىتى، ئالاھىدىلىكى، يولغا قويۇش ۋە باھالاش ھەققىدىكى ئىدىيىلەر تەربىيىلەش مەزمۇنى قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى قەدەم: تارماق تېمىنى ئۇستىگە ئالغان رايۇنلاردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋىرسال ئۆگىنىشىگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە پوزىتسىيىسى ئۇستىدە راي سىناش ۋە تەكشۇرۇش ئېلىپ بىرىلىدۇ. تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىدىيە بىرلىككە كەلتۇرۇلىدۇ.
ئۈچىنچى قەدەم: باش تەتقىقات تېمىسى ۋە تارماق تەتقىقات تېمىسىنى يولغا قويۇش لايىھىسىگە ئاساسەن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا بىرلەشتۇرۇپ ئۇنىۋىرسال ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش.
ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى يولغا قويۇشتا ئوخشاش بولمىغان ئۆگىنىش باسقۇچىنىڭ نىشان تەلىپى بويىچە ئوخشاش بولمىغان مەزمۇن ۋە شەكىللەر ئارقىلىق يولغا قويۇلىدۇ. يولغا قويۇشتا يەنە ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ جىسمانىي-پىسخىكىلىق تەرەققىياتى ۋە تىل تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇش، ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئۆگىنىش مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ساپاسىنىڭ ئومومىيۈزلۈك يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش ئۇسۇللىرى:
(1) ئۆگىنىش شەكلىدە پائالىيەتچانلىق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.
پائالىيەت-شەكىل بولۇپ، نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاستىسى، ئوقوغۇچىلارنى پائالىيەت ئارقىلىق تىل-ئەدەبىيات ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پائالىيەت پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈرۈلىدۇ. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان پائالىيەت سىرتقا ئىپادىلىنىدىغان مەشغۇلىيەتچان پائالىيەت (قول سىلىپ ئىشلەش) بىلەن ئىچكى يوشۇرۇن بولغان كۆز قاراش خاراكتىرلىك پائالىيەتنى (مىڭە ئشلىتىش) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پائالىيەت ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئوقوغۇچىلارنىڭ مىڭىسى، قولى، كۆزى، ئىغىزى ھەركەتلەندۈرۈلۈپ، ھەر قايسى سەزگۈ ئەزالىرى زىچ ماسلاشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: سۆزلەپ بېقىش، يېزىپ بېقىش، سىزىپ بېقىش، قوراشتۇرۇپ بېقىش، تىزىپ بېقىش، ئۆلچەپ بېقىش، كىسىپ بېقىش، ئىيتىپ بېقىش، سەكرەپ بېقىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقوغۇچىلار «ئىشلەش جەريانىدا ئۆگىنىش»، «ئۆگىنىش جەريانىدا ئىشلەش» كە يىتەكلىنىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئۆگىتىش بىرلەشتۈرۈلىدۇ.
(2) پائالىيەت مەزمۇنىدا پەن خاراكتىرى گەۋدىلەندۈرىلىدۇ.
تىل-ئەدەبىيات ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئادەتتىكى پائالىيەتكە ئوخشىمايدۇ،شۇڭا بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بىرىشتا تىل بىلىملىرىنى (ھەرپ، سۆز، جۇملە، پارچە، ئەسەر) ئۆگىتىپ، تىل قابىلىيىتىنى (ساۋات چىقىرىش قابىلىيىتى، يېزىقچىلىق قابىلىيىتى، ئاغزاكى ئالاقە قابىلىيىتى) يىتىلدۇرۇش ئاساسى مەزمۇن ۋە ئوبىكىت قىلىنىدۇ. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق تىل ئالاقىسى، تىل جۇغلانمىسى مەشقى ئېلىپ بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات قابىلىيىتى تەرەققى قىلدۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى تۇرغۇزىلىدۇ.
(3) پائالىيەت داۋامىدا سۇبيىكتىپلىق گەۋدىلەندۇرۇلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيىكتىپلىق رولى جارى قىلدۇرۇلمىغان پائالىيەت ئۈنۈمسىز پائالىيەت ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا، تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋىرسال ئۆگىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتكە ئۆزلىكىدىن قاتنىشىش، پائالىيەتنىڭ مەزمۇن ۋە شەكلىنى ئۆزى مۇستەقىل تاللاش، پائالىيەتنى ئۆزى تەشكىللەپ، ئۆزى ئۇرۇنداش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار «ئۆز مىڭىسى بىلەن ئويلاش، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۇش، ئۆز قولى بىلەن ئىشلەش»كە يىتەكلىنىدۇ.
(4) پائالىيەتنىڭ تۈرى ۋە شەكلىدە كۆپ خىللىق گەۋدىلەندۈرىلىدۇ.
پائالىيەت تۈرى جەھەتتە تىل-ئەدەبىيات ئاساس بىلىمىگە مۇناسىۋەتلك پائالىيەتلەر: ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش قاتارلىق ئاساس ماھارەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر؛ باشقا پەنلەر بىلەن ئۆزئارا كىرىشتۇرۇلگەن پائالىيەتلەر ئېلىپ بىرىلىدۇ.
پائالىيەت شەكلىدىن ئېيتقاندا، شەخسنىڭ يەككە پائالىيىتى، كىچىك گۇرۇپپىلار بىرلىك قىلىنغان پائالىيەت، سىنىپ كوللىكتىپى بىرلىك قىلىنغان پائالىيەتلەر ئاساس قىلىنىدۇ. بىرىنچى بىلىم جۇغلاش تىپىدىكى پائالىيەتلەر. بۇ خىل تىپتىكى پائالىيەت تىل-ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ، مەخسۇس تىمىدىكى مۇنازىرە، رەسىم كۆرگەزمىسى، قانۇنىيەتنى ئۇستىلىق بىلەن تېپىش، مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنى، مەسلىھەت بىرىش پونكىتى، رادىئۇ ئاڭلاش ۋە تېلىۋىزۇر كۆرۇش، لىكسىيە ئاڭلاش، تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاش ( ئاپتۇر ھەققىدىكى ھىكايىلەر)، كىتاپ ۋە گىزىت-ژورنال ئوقۇش تەسىراتى ئۇستىدە پىكىرلىشىش، ئۆگىنىش ئۇسۇلى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، ماھارەت كۆرىسىتىش تىپىدىكى پائالىيەتلەر. بۇ خىل تىپتىدىكى پائالىيەتلەردە ئوقوغۇچىلارنىڭ سەنئەت ساپاسىنى يىتىلدۈرۈش ۋە يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق شەكىللىرىدىن تىكىست دراممىسى ئويناش، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىگە باھا بىرىش، تۈرلۈك گىزىتلەرنى ئىشلەش، بالىلار شېئىرلىرىنى يېزىش ياكى ئەسەرلەرنى ئۆزگەرتىپ يېزىش قاتارلىقلار بار. ئۈچىنچى، قىزىقارلىق تىپتىكى پائالىيەتلەر. بۇ تىپتىكى پائالىيەتلەردە ئاساسلىقى ئوقوغۇچىلارنى قىزىقارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش ئارقىلىق بىلىمنى ئاشۇرۇش، تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇ تۈرلۈك ھەرپ ئويۇنى، تىپىشماق تىپىش، زىھىن سىناش مۇسابىقىسى، دوست تىپىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆتىنچى، ئەمەلىي مەشغۇلات تىپىدىكى پائالىيەتلەر. بۇ تىپتىكى پائالىيەتلەردە ئوقوغۇچىلارنىڭ تىل- ئەدەبىيات دەرسخانىسىدا ئۆگەنگەن ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارەتلىرنى دەرستىن سىرتقى ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىدە جانلىق قوللىنىشقا يېتەكلەيدۇ، بۇ ئاساستا ئوقوغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئاساس قىلنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسلىق ئەۋرىشكە يېغىش، ئىلمىي تەجىرىبە ئىشلەش، ئەمەلىي ئورۇننى تەكشۈرۈش، بىر نەرسە ياساس، ئىكىسكۇرسىيە قىلىش، زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىدۇ.
تەتقىقات قەدىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلىشى ئۈچۈن يەنە قەرەرلىك ھلدا باسقۇچلۇق تەتقىقات خۇلاسە يېغىنى، پىكىر ئالاماشتۇرۇش يىغىنى، مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. مۇھاكىمىلىك دەرس ئۆتۈش، ئوقۇتۇش ئىلمىي ماقالىسى يېزىش، ئوقوتۇش لايىھىسىنى باھالاش، تارماق تىمىلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان رايۇن ۋە مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبە ۋە تەتقىقاتىنى تەكشۈرۈش، يىتەكچىلىك قىلىش، يولۇققان مەسىلىلەرگە قارىتا تەربىيلەش ئىلىپ بىرىش، قەرەرلىك ھالدا تەتقىقات ئوبىيىكىتلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ سىتاستىكا قىلىش، تەجرىبە ۋە تەتقىقات خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم ماتېرىياللارنى يىغىپ، رەتلەپ ئۆز ۋاقتىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇش قاتارلىق ئىشلار ماس قەدەمدە ئىشلىنىدۇ.
3) تىما تاتقىقاتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە باھالاش باسقۇچى: (2009-يىلى2-ئايدىن 2009-يىلى 9-ئايغىچە)
سانلىق مەلۇماتلار ۋە باشقا ماتېرىياللارنى بىر تەرەپ قىلىش، تەتقىقات نەتىجىسىنى رەتلەش.
تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە تەتقىقات نەتىجىسىنى نامايان قىلىش كۆرەك پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش.
تەتقىقاتنى ئاخىرلاشتۇرۇش دوكىلاتى يېزىش.
تەتقىقاتنى ئاخىرلاشتۇرۇش باھالىشى ئىلىپ بىرىش.
خۇلاسىلاش.
9. تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشىنى باھالاشتا ئاساس قىلىنىدىغان نوقتىلار
ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئوقۇتۇش نىشانى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا ھەر جەھەتتىن تەلەپلەرنى قويغان بولۇپ، ئۇ تەلەپلەر ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ مەزمۇنلىرىنى بەلگىلىگەن. «تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى» دە، ئۇنۋېرسال ئۆگىنىش نىشانى ئۈچ باسقۇچلۇق ئۆگىنىش نىشانى بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى باھالاشتا يۇقۇرىدىكى ئۈچ باسقۇچلۇق ئۆگىنىش نىشانىدىكى تەلەپلەر ئاساس قىلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى باھالاشنىڭ مەزمۇنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش پائالىيىتى جەريانىدىكى پۈتكۈل ئىپادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشى كىرەك. كونكېرت قىلىپ ئىيتقاندا، باھالاشتا نەزەرگە ئىلىنىدىغان نوقتىلار ئاساسەن تۆۋەندىكىچە:
پائالىيەت جەريانىدىكى ھەمكارلىق پوزۇتسىيىسى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسى.
پائالىيەت جەريانىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلىلەرنى بايقىغان-بايقىيالمىغانلىقى، ئىزدەنگەن-ئىزدەنمىگەنلىكى.
مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پائال تۈردە ئۇچۇرلارنى يىغقان-يىغمىقانلىقى، ماتېرىياللارنى رەتلىگەن-رەتلىمىگەنلىكى.
دەرس ئىچى-سىرتىدا توپلىغان ماتېرىيالارغا ئاساسەن، ئۆز پەرەزلىرى ياكى نوقتىئىنەزەرلىرىنى شەكىللەندۈرگەن-شەكىللەندۈرمىگەنلىكى.
تىل-ئەدەبىيات بىلىملىرى ۋە قابىلىيىتىنى ئۇنىۋىرسال ئىشلىتىش ئىپادىسى.
ئۆگىنىش نەتىجىسىنى نامايەن قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش.
تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋىرسال ئۆگىنىشىنى باھالاشتا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ:
1) ئىپادىلەش خاراكتىرلىك باھالاش
ئىپادىلەش خاراكتىرلىك باھالاشنىڭ شەكىللىرىدە ئېغىزچە ئىپادىلەش ماھارىتى، مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش، ئاددىراق تەتقىقات دوكىلاتىنى يېزىش، تىل-ئەدەبىيات بىلىملىرى ۋە قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي مەسىلىەرنى ھەل قىلىش اتارلىق جەھەتلەردىن باھالاش ئېلىپ بىرىلىدۇ.
2) ئۆسۇپ يىتىلىش خاتىرىسى ئارقىلىق باھالاش
ئۇنىۋىرسال ئۆگىنىشتىكى ئۆسۇپ يىتىلىش خاتىرىسى ئارقىلىق باھالاش جەدىۋىلى
10. تېما تەتقىقاتىنىڭ تەشكىلى ۋە باشقۇرۇلۇشى
مەزكۇر تېما تەتقىقاتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق مائارىپ ئىلمى تەتقىقات ئورنى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، باش تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ تەشكىللىشىدە ئېلىپ بىرىلىدۇ.
1) تەتقىقات تېمىسىنىڭ خاراكتىرى
مەزكۇر تەتقىقات تېمىسى جۇڭگۇ مائارىپ جەمىيىتى باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ مائارىپ ئىلمى تەتقىقات تۈرى بولغان «باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋىرسال ئۆگىنىشىتوغرىسىدىكى تەتەتقىقات»تۇر.
2) باش تېما تەتقىقات گورۇپپىسى ۋە تارماق تېما تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى
باش تېما تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەجرىبە تەتقىقاتىنى لاھىيىلەش، يولغا قويۇش تەدبىرلىرىنى بەلگۇلەش ۋە ماكرولۇق يىتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. رايۇنلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تەجرىبە تەتقىقات ئېلىپ بىرىشقا قاتنىشىدىغان رايۇن ۋە مەكتەپلەرنى بەلگۇلەش ھەم پۈتكۇل تەجرىبە تەتقىقات جەريانىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ ھەم مەسئۇل بولىدۇ. باش تەتقىقات تېمىسىغا مەسئۇل بولغۇچى ماھىبەدەر مەھمۇد.
تارماق تېمىنى ئۇستىگە ئالغان ھەر قايسى رايۇن ۋە مەكتەپلەر مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تۈزۈش ۋە كونكىرتتەجرىبە تەتقىقاتىنى لايىھىلەش،يىتەكچىلىك قىلىش، يولغا قويۇش ۋە خۇلاسىلاش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. ھەر قايسى رايۇن ۋە مەكتەپلەردىكى تارماق تېما گورۇپپىسىغا بىر ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىمى ياكى ئوقۇتقۇچى مەسئۇل بولۇپ،تەجرىبە تەتقىقاتىغا كونكىرت يىتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە باش تەتقىقات گورۇپپىسى مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىشلىرىنى ئىشلەيدۇ.
تەتقىقات گورۇپپىسى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى مەسلىھەتچىلىككە، يىتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
تەتقىقات گپرۇپپىسى«شىنجاڭ مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقات تورى»(新疆教育教学研究网) (http://www.jksedu.com)،«شىنجاڭ ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشى» ژورنىلى، «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى ۋە «شىنجاڭ مائارىپ گىزىتى» قاتارلىق گىزىت-ژورناللار ئارقىلىق تەتقىقات ئىشلىرى ئۇستىدە ئۇچۇر بىرىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش،تەجرىبە تەتقىقات خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش ئىشلىرىنى ئىشلەپ تۇرىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر يىلى بىر –ئىككى قىتىم تەجرىبە تەتقىقات خىزمىتى ئۇستىدە مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىللەپ، تەتقىقات نەتىجىسى ۋە تەجرىبىلەر ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلىدۇ ھەمدە مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش لاھىيىسى، ئوقۇتۇش ئانالىزى، تەجرىبە دوكىلاتى، ئىلمى ماقالىلەر توپلىمىنى تۈزۈپ نەشىر قىلىپ تۇرىدۇ.
3) تېما تەتقىقاتىغا قاتناشقان ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىلىرى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۇرلۇك ئىشنى ئەستايىدىل ئىشلىشى كېرەك.
(1) تەجرىبە تەتقىقات رەھبەرلىك گورۇپپىسىنى قۇرۇش ھەمدە مەزكۇر تەتقىقات خىزمىتىنى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت پىلانىغا كىرگۇزۇش. تەجرىبە تەتقىقات ئېلىپ بىرىلىۋاتقان مەزگىلدە رەھبەرلىك گورۇپپىسىدىكىلەر ۋە تەتقىقاتچى خادىملار تەجرىبە ئېلىپ بىرىلىۋاتقان مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبە تەتقىقات خىزمىتىگە قارىتا دائىم يىتەكچىلىك قىلىش، تەكشۇرۇش،ھەيدەكچىلىك قىلىش،تەھلىل قىلىش،باھالاش ئېلىپ بىرىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ تەجرىبە -تەتقىقات جەريانىدىكى قىينچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بىرىشى كېرەك .
(2) تەجرىبە ئېلىپ بىرىلىدىغان مەكتەپلەرنى كۆڭۇل قويۇپ تاللاش.
(3) قوشۇمچە تەتقىقات –خادىملىرىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە تەكلىپ قىلىش.
(4) تەجرىبىنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى تەجرىبە ئېلىپ بىرىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەتقىقات تېمىسىنىڭ مەزمۇنى، نىشانى، قەدەم باسقۇچلىرى ۋە يولغا قويۇش لايىھىسى ھەققىدە تەربىيىلەش.
(5) پۈتۈن كۈچ بىلەن تەجرىبە قىلىدىغان مەكتەپلەرنى ئۇچۇر ۋە ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەش.
(6) بەلگىلىك مەبلەغقە كاپالەتلىك قىلىش.
4) تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى
(1) رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى:
(2) مۇتەخەسىسلەر گورۇپپىسى:
(3) تەتقىقات گورۇپپىسى:
11. تېما تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ خام چوتى
1) تەييارلىق خىزمەتلەر يۇەن
2) تەجرىبە تەتقىقاتىنى يولغا قويۇش يۇەن
3) تەتقىقاتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە باھالاش يۇەن
مەبلەغ مەنبەسى
1) تېما تەتقىقاتىنى تەستىقلىغان ئورۇن
2) ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ تەتقىقات ئورنى
3) ئۆزى مەبلەغ توپلاش
12. پايدىلىنىدىغان ماتىرىياللار
13. باش تېما تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ ئىش تەخسىماتى