-
2010-10-03
«تىل-ئەدەبىيات ئۇنۋېرسال ئۆگۈنىشى توغرىسىدا تەتقىقات » تېمىسىنى باشلاش دوكىلاتى - [تىما تەتقىقاتى]
تىما تەتقىقاتى ئىلىپ بىرىش بىزنىڭ مىللىي مەكتەپلىرىمىزدىكى بىر ئاجىز ھالقا، بۇنداق بولىشى بىزنىڭ نۇرغۇن مەكتەپ باشقۇرچىلىرىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ تىما تەتقىقاتى ئىلىپ بىرىشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونىشى يىتەرلىك ئەمەس ياكى تىما تەتقىقاتىنى قانداق ئىلىپ بىرىشنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن كەڭ ئۇستازلارنىڭ تىما تەتقىقاتى ئىلىپ بىرىشتا تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولىشىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ تىمىنى يوللىدىم. ئەلۋەت، ئۇستازلارنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىدا ئازراق پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
«تىل-ئەدەبىيات ئۇنۋېرسال ئۆگۈنىشى توغرىسىدا تەتقىقات» تېمىسىنى باشلاش دوكىلاتى
ماھىبەدەر مەخمۇت (ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوقوتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)
ئۆمەرجان توختى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن)
1. تەتقىقات تېمىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى
1) مەزكۈر تېمىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
مەملىكىتىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاساسىي مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندىن كىيىن، مەملىكىتىمىز مائارىپىنىڭ تۈزۈلمىسى، شەكلى، مائارىپنى باشقۇرۇش، دەرسخانا ئوقوتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. ھەر قايسى پەن ئوقوتۇشىدىمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس كىلىدىغان ئۆلچەم ۋە دەرسلىكلەر تۈزۈلۈپ، قوللىنىشقا باشلىدى. بۇ ئۆلچەم ۋە دەرسلىكلەردە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنى ياخشى مەدەنىيەت تەربىيسىگە، ئىلىم-پەن تەربىيىسىگە، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا، ھەمكارلىق ئىڭىغا، كەڭ نەزەرگە ۋە ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلىپ تەربىيلەش ئىدىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئىدىيەلەرنى قانداق قىلغاندا ئوقوتۇش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيىنى تىخىمۇ ۋايىگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟ بۇ، ھەممىمىزنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم بىر مەسىلىدۇر. جۈملىدىن «تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش بىزدىن يېڭىچە ئوقوتۇش كۆز قارىشىغا ئىگە بولىشىمىزنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى تىل-ئەدەبىيات ئوقوتۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.
لىكىن، نۆۋەتتە باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، بولۇپمۇ تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى لايىھىلەش، تەشكىللەش، يولغا قويۇش ۋە باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە تۆۋەندىكىدەك بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا:
(1) دەرسخانىنى مەركەز قىلىش، دەرسلىكنى ئاساس قىلىش، بىلىمنىڭ سىسىتېمىلىقلىقى ۋە مۇكەممەللىكىنى زىيادە تەكىتلەش، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال قابىلىيىتىنى يىتىلدۈرۈشكە سەل قاراش، ئوقوغۇچىلارنى دەرسلىكتىن ئىبارەت تار دۇنيا بىلەن چەكلەپ قويۇش، ئوقوغۇچىلار بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئايرىۋىتىش، تىل ئەدەبىيات ئوقوتۇشى بىلەن تۇرمۇشنىڭ باغلىنىشىنى ئايرىۋىتىش. بۇ ئەھۋاللار تىل-ئەدەبىيات ئوقوتۇشىنى ئوقوغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، تۇرمۇشتىن تىل-ئەدەبىيات ئۆگىنىش، تىل-ئەدەبىياتنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشقا توسالغۇ بولماقتا.
(2) بىر قىسىم ئوقوتقۇچىلار ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى تىل ئەدەبىيات ئوقوتۇشىنىڭ «قوشۇمچە مەزمۇنى»، «بىزىكى» دەپ قاراپ، ئوقۇتۇشتا ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى يولغا قويۇشقا ئىتىبارسىز قارى