-
2010-08-11
باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا دەرسىدىن خاتىرە - [چەتئەل مائارىپى]
ئالدىنقى يازمىدىكى بىرىنچى دەرسنىڭ ئەھۋالىدىن ئازراق خاتىرە قالدۇرغان ئىدىم. دەرس ئىنگىلىز تىلىدا بولۇپ، ئىكراندا خەنزۇچە تەرجىمىسى بىرلگەن، خەنزۇچە ئوقۇپ چۈشىنىشتە قىينالساڭلار، دەرستە نىمىلەر دىيىلگىنى بىلىپ باقاي دىسەڭلار تۆۋەندىكى خاتىرەمنى كۆرۈپ بىقىڭلار.
كۆپچىلىك تەييارلىنىڭلار!
مەن سىلەرنىڭ ئىسمىڭلارنى چاقىرغاندا، نەرسە-كىرەكلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇپ كىيىم-كىچەك قويىدىغان جايغا قويۇڭلار. ھەر قىتىمدا بىردىن بىر ئىشىكتىن چىقىپ كىرىسىلەر. كىيىم-كىچەكلىرىڭلارنى ئاۋۇ تەرەپكە ئىسىپ قويۇڭلار. ئاندىن تۈنۆگىنكى دەرسنى داۋاملاشتۇرىمىز، كۆپچىلىك ھاۋا رايىغا مۇناسىۋەتلىك ھىكايە يازىسىلەر. شىرەدىكى قەغەزگە ئىسمىڭلارنى يېزىڭلار. دىققەت! سىلەر يازماقچى بولغان ھىكايە چوقۇم ھاۋارايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قار، گۈلدۈرماما، چاقماق چىقىش قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك بولسۇن. تۆۋەندە بىز سىلەر ھىكايە يېزىش جەريانىدا كىرەكلىك بولغان سۆزلەرنى كۆرۈپ بىقىڭلار. «قار» توغرىسىدىكى سۆزلەر. ئەگەر «قار» نى يازماقچى بولساڭلار تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئىشلەتسەڭلەر بولىدۇ. قار ئوت-چۆپ ئۈستىگە چۈشىدۇ. قار ناھايىتى سوغۇق. قار سۇغا ئايلىنالايدۇ. قار يەر يۈزىگە چۈشىدۇ. قار يەنە بوشلۇقتا ئۇچقۇندايدۇ. قار ناھايىتى ئاستا چۈشىدۇ. قار ئۇچقۇندايدۇ، ئۇ ناھايىتى سىلىق-سىپايە كىلىدۇ. سىلەر جەمئىي قانچە جۈملە يازىدىكەنسىلەر؟ شۇنداق بۇنىڭدىن كۆپرەك يازساڭلارمۇ بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئىككى جۈملىدىن كەم بولمىسۇن.
تۆۋەندە چاقماق چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. چاقماق دەل-دەررەخلەرنى سۇندۇرىۋىتەلەيدۇ؛ توك سىلىملىرىنى ئۈزىۋىتىدۇ؛ چاقماق ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ جىسىملارغا زەربە بىرەلەيدۇ. چاقماق رەڭلىك بولىدۇ؛ نۇر چىقىرىدۇ؛ رەسىم سىزالايدۇ، يەنى يىلانغا ئوخشايدىغان شەكىللەرنى سىزالايدۇ؛ بۇنىڭدىمۇ ئەڭ ئازبولغاندا ئىككى جۈملە يېزىشىڭلار كىرەك.
تۆۋەندە گۈلدۈرمامىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. گۈلدۈرماما كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىدۇ؛ ئۇ ئاسماندا غايەت زور پارتىلاش ئاۋازىنى چىقىرىدۇ؛ گۈلدۈر-گۈلدۈر قىلىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ؛ گۈلدۈرماما يۆتكىلىپ تۇرىدۇ؛ جەمئىي قانچە جۈملە يازىدىكەنمىز؟ ئاز بولغاندا ئىككىنى.
سىلەر يۇقۇردىكى تەبىئەت ھادىسلىرىدىن خالىغان بىرىنى تاللاپ يازساڭلار بولىدۇ. ھىكايىنى يېزىشتىن ئىلگىرى، قەغەزگە ئاۋال ئىسىمىڭلارنى يېزىۋىتىڭلار. مەن ئىلگىرى دائىم سىلەردىن ھىكايىنىڭ ئاپتۇرنىڭ كىملىكىنى سورايتىمغۇ؟ مانا بۈگۈن سىلەر دەل ئۆزۈڭلار يازغان ھىكايىنىڭ ئاپتورى بولىسىلەر؛ سىلەر يازماقچى بولغان سۆزلەر دوسكىدا بار، مەن يەنە سىلەرگە مۇنۇ سۆزنى يېزىپ بىرەي « ligtning ». ئاۋال ئىككى جۈملىنى يېزىپ بولۇپ ئاندىن رەسىم سىزىڭلار. تىمىنى ئۆزۈڭلار تاللاپ بىكىتسەڭلار بولىدۇ. تىمىنى ئەڭ بىشىغا يېزىڭلار. بىرىنجى قۇرغا يازساڭلارمۇ بولىدۇ. بىز جىكنىڭ يازغان جۈملىسىنى كۆرۈپ باقايلى، ھە، ئۇنىڭ يازغان ھىكايىسىنىڭ تىمىسى «قار» ئىكەن. تىمىنىڭ ئاستىغا بىر تال سىزىق سىزىپ قويۇپتۇ، بۇ تىما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قەغەزنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يېزىپتۇ، بۇ ئۇنىڭ ئاپتۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سىز بۇ يەرگە ئايرىم-ئايرىم يازسىڭىز بولىدۇ، گۈلدۈرماما غايەت زور گۈلدىرلىگەن ئاۋازنى چىقىرىدۇ. گۈلدۈر-گۈلدۈر قىلغان ئاۋازنى چىقرىدۇ. ئەمما سىز بۇ ئىككى جۈملىنى بىر يەرگە يازسىڭىز بولمايدۇ. ئەيلىس سىز نىمىلەرنى يېزىۋاتىسىز؟ گۈلدۈرماما، قار، چاقماق چىقىش قاتارلىقلار ئىچىدىن قايسىنى تاللىدىڭىز؟ چاقماق چىقىشنى يېزىۋاتىمەن. چاقماق تورغرىسىدا سىز تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يازسىڭىز بولىدۇ. چاقماق دەل-دەررەخلەرنى سۇندۇرىۋىتەلەيدۇ؛ توك سىلىملىرىنى ئۈزىۋىتىدۇ؛ چاقماق ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ جىسىملارغا زەربە بىرەلەيدۇ. چاقماق ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ جىسىملارغا زەربە بىرەلەيدۇ. چاقماق رەڭلىك بولىدۇ؛ نۇر چىقىرىدۇ؛ سىز قايسىنى يازدىڭىز؟ چاقماق چىقىشنى يازدىم. ئۇنداق بولسا سىز چاقماق چاققاندا ئۇنىڭ نۇر چىقىرىدىغانلىقىنى يېزىڭ. سىز يازغان بۇ يەر قەغەزنىڭ ئەڭ ئۈستى تەرىپى، ئاستى تەرىپى ئەمەس. تىنىش بەلگىللىرىنى يېزىشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭلار. مەسىلەن چىكىت، ئۈندەش بەلگىسى دىگەندەكلەر. جۈملە تاماملانغاندا جۈملە ئاخىرىغا جۈملە بەلگىسىنى قويۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭلار. جىكنىڭ يازغان جۈملىسىنى ئوقۇپ باقايلى، ئۇنىڭ يازغان تىمىسى «قار» ئىكەن. ئۇ مۇنداق يېزىپتۇ، قار يەر يۈزىگە چۈشىدۇ، بوشلۇقتىن لەيلەپ چۈشىدۇ، ئەڭ ئاستىغا ئۇ يازغۇچى جىك دەپ يېزىپتۇ. بۇ يەردىكىلەر تىنىش بەلگىللىرى. سىلەر جۈملىلەرنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن ئىككى پارچە رەسىم سىزىڭلار، جۈملىنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن رەسىم سىزىشقا باشلىساڭلار بولىدۇ. (ئوقۇتقۇچى ئارىلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىش ۋە سىزىش ئەھۋالىنى كۈزىتىدۇ؛ ياردەمچى ئوقۇتقۇچىمۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ يېزىش ۋە سىزىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ).
يېزىپ بولغاندىن كىيىن بىر قىتىم ئوقۇپ چىقىڭلار. قاراپ بىقىڭلار ئۆزۈڭلار يازغان جۈملىلەر قىزىقارلىق بولۇپتىمۇ؟ بۇ مەيجنىڭ يازغان جۈملىسى، ئۇنىڭ تىمىسى «قار»، ئۇ مۇنداق يېزىپتۇ: قار ئوت-چۆپ ئۈستىگە چۈشىدۇ، بوشلۇقتا لەيلىيەلەيدۇ. ئۇ ئەڭ ئاستىغا ئۆزىنىڭ ئىسىمىنى يېزىپتۇ. ئۇ رەسىم سىزىشقا تەييارلىنىپتۇ، ئۇنىڭ يازغان جۈملىلىرى ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپتۇ.
سىز ئاۋال قارنىڭ ئۇچقۇندايدىغانلىقىنى يېزىڭ، بۇ بىر جۈملە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئاخىرىغا جۈملە بەلگىسىنى قويۇڭ. ئاندىن بۇ يەرگە قار مۇنداق قىلالايدۇ دىگەن سۆزلەرنى يېزىڭ. ئارقىدىنلا قار بوشلۇقتا لەيلىيەلەيدۇ دىگەننى يېزىڭ. يەنە بەش مىنۇت ۋاقىت قالدى. جۈملىنى تىزدىن يېزىڭلار. ئۇنىڭدىن كىيى بىز ھىساب دەرسى ئۆگىنىمىز.
قار قانداق جايلارغا چۈشىدۇ؟ (ئوقۇتقۇچى ۋە ياردەمچى يەنە بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئارلاپ يۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ) (دوسكىدىكى كۆرسەتمە ماتىرىياللارنى يۆتكەپ، بىر قانچە سۆزنى دوسكىغا يازىدۇ) ئەمدى بىر مىنۇت ۋاقىت قالدى. بولدى ئەمدى قەلەملىرىڭلارنى قەلەم قۇتاڭلارغا سىلىڭلار. ئەيلى يۇغۇشتۇرۇپ بولدى، ناھايتى ياخشى.
سائەت 8:30 ماتېماتىكا دەرسى باشلىنىدۇ.
ھە بۇ يەرگە قاراڭلار بىز ساناپ باقايلى. بۈگۈن بۇ يەردە قانچە ساۋاقداش تاماق يەيدۇ؟ قىز ۋە ئوغۇل ساۋاقداشلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ سانى قانچىلىك؟ سەتنى سىز كۆپچىلىككە قانچە ئىكەنلىكىنى دەپ بىرەلەمسىز؟ ئوغۇللار ئورنىڭلاردىن تۇرۇڭلار بىز سىلەرنى ساناپ باقايلى. تەييارلىنىپ بولدىڭلارمۇ؟ قاراڭلار ئوغۇللارنىڭ ئومومىي سانى جەمئىي 12 نەپەر ئىكەن. ماۋۇ نىمە بەلگە؟ قوشۇش بەلگىسى. قوشۇش دىگىنىمىز ئەسلىدە بار بولغان نەرسىلەرگە يەنە باشقا نەرسىلەرنى بىرلەشتۈرگەنلىك بولىدۇ. تۆۋەندە بىز قىز ئوقوغۇچىلارنىڭ سانىنى ساناپ باقايلى. نىك سىز سىنىپىزدىكى قىز ئوقوغۇچىلارنىڭ سانىنى دەپ بىرەلەمسىز؟ قىز ئوقوغۇچىلار ئورنىڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئالدى بىلەن بىز ساناپ باقايلى. قاراڭلار ماۋۇ ئىپادىگە، 12 ئوغۇل ساۋاقداشقا + 9 نەپەر قىز ساۋاقداش يىغىندىسى قانچە بولىدۇ؟ يىغىندىسى زادى قانچە بولىدۇ؟ قايسىڭلار دەپ بىرەلەيسىلەر؟ توغرا 21 بولىدۇ. جىشى سىز دوسكىغا چىقىڭە، چۈشتە ئىسسىىق تاماق يەيدىغان ساۋاقداشلار ئورنىڭلاردىن تۇرۇڭلار. قىنى بىز ئۇلارنىڭ سانىنى كۆرۈپ باقايلى. (ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاچ سانايدۇ، دوسكىغا چىقققان جىشى سىزىقچە سىزىپ تۇرۇپ سانايدۇ) جەمئى 14 نەپەر ئىكەن، ساۋاقداشلار بىرەر مەسىلىنى بايقىدىڭلارمۇ؟ بىز نىمە مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. كىت سىز چۈشتە نىمە تاماق يەيسىز؟ سوغۇق كالا گۆشى يەيدىغان ساۋاقداشلار قولۇڭلارنى كۆتۈرىڭلار! مارى سىز چۈشتە ئىسسىق تاماق يەمسىز؟ سوغۇق كالا گۆشى يەيدىغان ساۋاقداشلار ئورنىڭلاردىن تۇرۇڭلار. (ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ، ئوقۇغۇچى دوسكىغا سىزىقچە ئارقىلىق خاتىرىلەيدۇ) ھە قاراڭلار ئۇلارنىڭ سانىنى كۆرۈپ باقايلى. 5،6،7 جەمئى 7 نەپەر ئىكەن.
14كە 7 نى قوشسا قانچە بولىدىغانلىقىىنى بىلەمسىلەر؟ جەمئىي قانچە بولىدۇ؟ تەيلىر . 14 دىن باشلاپ يەنە 7 نى سانىساق بولىدۇ. ھە ئۇنداق بولسا بىز ساناپ باقايلى. مانا ماۋۇ 14 ، 1، 2، 3، 4، 5 ، 6، 7 ، ھە جەمئىي 21 بولىدىكەن. بىزنىڭ سىنىپتا ئەمەلىيەتتە قانچە ساۋاقداش بار ئىكەن؟ 27 نەپەر. زادى قانچە ئوقوغۇچى بار؟ 27 ئەمەس، بىر ئوقوغۇچى قايتىپ كەتكەن. 26 نەپەر بولىشى كىرەك. 26 ئىچىدىن بۈگۈن كەلمىگەن ساۋاقداشنى ئىلىۋەتسەك ، بۈگۈن كىم كەلمىدى؟ توغرا بەشەيلەن كەلمىدى. 26 دىن 5 نى چىقىرىۋەتسەك قانچىسى قالىدۇ؟ قايسىڭلار جاۋاب بىرىسىلەر؟