• 2010-08-09

    ئامىرىكىغا چىقىپ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىرىنى ئاڭلىغىڭىز بارمۇ؟ - [چەتئەل مائارىپى]

    ئامىرىكىغا چىقىپ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىرىنى ئاڭلىغىڭىز بارمۇ؟

    ماتېماتىكا دەرسىدىكى چۈشەندۈرگۈچىنىڭ سۆزىنىڭ تەرجىمىسى

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم!

    تۆۋەندە كۆرمەكچى بولغىنىڭلار ئامىرىكىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ماتېماتىكا دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ سىن فىلىمى. كۆپچىلىكنىڭ بۇ دەرسلەرنى تىخىمۇ ياخشى كۆرۈپ چۈشىنىشى ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن ئامىرىكىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاددىغىنە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.

    1. ئامىرىكىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتۇش مەزمۇنى بىر قەدەر ئاددىي بۈلۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ماتېماتىكا ئوقتۇشى بىلەن سىلىشتۇرغاندا، مەزمۇنلارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىزدىن بىر ئىككى يىللىق تۆۋەن تۇرىدۇ.

    2. ئامىرىكىدا ماتېماتىكىلىق ئاساسىي ئۇقۇملار، ئاساسىي قانونىيەتلەرنى ئۆگىنىش بەك تەكىتلىنىدىغان بولۇپ، گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئىقتىدارى ۋە ماتېماتىكىلىق ئىدىيىسىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىلسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماتېماتىكىلىق ئاساسىي ئۇقۇملار، ئاساسىي قانونىيەتلەرنى ئۆگىنىشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ. چۈنكى، ئاساسىي ئۇقۇم ۋە ئاساسىي قانونىيەتلەرنى ياخشى بىلگەندىلا، ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە ماتېماتىكا بىلىملىرىنى تىخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنەلەيدۇ.

    3. ئوقۇتۇش مەزمۇنى تۇرمۇشلاشتۇرۇلغان. ئامىرىكىنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تىنىدىكىكى ئەزالار، تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك يولۇققان مەسىلىلەر، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار بىۋاستە ئۇچىرشالايدىغان مىساللارنى كۆپلەپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىدۇ.

    4. ئوقۇتۇش شەكلى كۆپخىللاشقان. بىزدىكىگە ئوخشاش ئوقۇتقۇچى سۆزلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگىنىنى ئاڭلايدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۇلاردىمۇ بار، لىكىن ئانچە كۆپ ئەمەس. ئادەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ئۇسۇل بولسا ئامال قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى قول سىلىپ ئىشلەش ۋە ئۆزى ئىشلەش جەريانىدا ماتېماتىكىلىق بىلىملەرنى بايقاشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىلەرنىڭ جاۋابلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسەن بىۋاستە دەپ بەرمەيدۇ، ئوقۇغۇچىلار جاۋابنى كۆپلەپ مەشىق قىلىش، ئۆزى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق بايقايدۇ ياكى تىپىپ چىقىدۇ. بەزىدە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئويۇنى ۋە ئوقۇغۇچىلار مۇسابىقىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىلىپ بارىدۇ.

    5. مەشىقلەندۈرۈشنىڭ سانىىغا ئانچە ئەھمىيەت بىرىلمەيدۇ، ئەمما مەشىقلەندۈرۈشنىڭ سۈپىتىگە بەك ئەھمىيەت بىرىلىدۇ. ئامىرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ئانچە ئىغىر ئەمەس، بولۇپمۇ ماتېماتىكىدا شۇنداق. تەقلىدىي سۇئاللارنى كۆپلەپ ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل ناھايىتى ئاز ۋە يوق دىيەرلىك. ئاساسلىقى كۆپخىللاشقان مەشىقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىگە يارىدەم بىرىلىدۇ.

    قىنى ئەمىسە، تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىلاردىن كۆرۇپ باقايلى.

     

    باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسى

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىرامما تەييارلىشى

    باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ماتېماتىكا دەرسى

    باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىق ئەدەبىيات دەرسى

    باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق ئەدەبىيات دەرسى

    باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق ماتېماتىكا دەرسى

     

     

     

    分享到: