• 2010-07-20

    ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقوغۇچىلار يۈكىنىڭ يىنىك ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدى.2 - [مائارىپ ئىسلاھاتى]

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇا نەكتەپتىكى ئۈچ يىللىق ھاياتىغا بولغان تەسىراتى

    9. سىزنىڭچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ھاياتىڭىز قانداقراق بولدى؟

    %11 ئوقۇغۇچى «ئۆگىنىش پائالىيىتى كۆپ خىل، مول مەزمۇنلۇق» دەپ قارىغان؛ %7.7 ئوقوغۇچى «ئازادە ۋە خۇشال-خۇرام، ئانچە ئىغىر بىسىم يوق» دەپ تاللىغان؛ %71.5 «ئازراق جىددىيلىشىش بار، زورىغا ماسلىشىپ كىتىۋاتىمەن» دەپ تاللىغان؛ %9.9 ئوقۇغۇچى «ئىنتايىن جىددىيلىشىپ، كۈنلىرىم پىلانسىز ھالدا چىچىلاڭغۇ ئۆتىۋاتىدۇ» دەپ تاللىغان.

    10. سىزنىڭ كۈزىتىشىڭىزچە ساۋاقداشلىرىڭىز قانداقراق؟

    %34.5 ئوقۇغۇچى «ئۆگىنىشتە بارغانسىرى ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەۋاتىدۇ، بارغانسىرى ئۆگىنىشكە قىزىقىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن؛ %31.4 ئوقۇغۇچى «ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ھىچقانچە ئۆزگىرىش يوق» دەپ قارىغان؛ %32.7 ئوقۇغۇچى» ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتە بارغانسىرى قىيىنلىنىپ كىتىۋاتىدۇ، بارغانسىرى ئۆگىنىشتىن رايى يىنىپ كىتىۋاتىدۇ» دەپ قارىغان؛ %1.8 ئوقۇچى «باشقىلار» دەپ قارىغان.

    ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى «جىدىيلىك» ھىس قىلغان، تولۇق 1-يىللىقتا ئۆگىنىدىغان پەنلەر نىسبەتەن كۆپ، تولۇق 2-يىللىقتا سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ۋە تولۇق 3-يىللىقتىكى تەكرار، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى كۈتىۋىلىش بىسىمى زور دەپ قارىغان. گەرچە دەرسلىك ئالماشقان بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئازراق ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتىن ھىچقانچە خۇشاللىق ۋە ئازادىلىككە ئىرىشەلمىگەن.

    يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ئوقۇتقۇچىلارغا نىمىلەرنى ئىلىپ كەلدى؟

    11. يېڭى دەرس ئوقۇتۇشىدا، سىز يولۇققان ئەڭ زور قىيىنچىلىق نىمە؟

    %70 ئوقۇتقۇچى نىڭ قارىشىچە ئوقۇتۇش مەزمۇنى نىسبەتەن كۆپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش تەس؛ %25 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە دەرسلىكنىڭ قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ئەمەس، سىستىمىلىق ئۆگىنىشكە پايدىسىز؛ %5 ئوقۇتقۇچى دەرسلىكتىكى مەزمۇنلار ناھايىتى قىيىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسىغا بولغان تەلەپ بەك يۇقۇرى دەپ قارىغان.

    يېڭى دەرسلىكتە قىيىن مەسىلىلەر نىسبەتەن ھەل قىلىنغان بولۇپ، دەرسلىك بۆلەك شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقققان، پەنلەرنىڭ ئەسلىدىكى سىستىمىسى بۇزۇپ تاشلانغان. ئەمما كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار دەسلىكتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن ئاساسىي جەھەتىتىن ماسلىشىپ كىتەلىگەن.

    12. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەڭ پايدىلىق بولوغىنى نىمە؟

    %69.5 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە ئوقۇتقۇچىلار ئارسىدىكى ئۆز ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش؛ %9.3 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە سىرتقا چىقىپ تەربىيلىنىش؛ %10 ئوقۇتقۇچى« مۇتەخەسىسلەرنىڭ يىتەكچىلىك قىلىشى» دەپ قارىغان؛ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەس مىساللىرى ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىش، مەخسۇس تىمىلىق مۇھاكىمە قىلىش دەپ قارىغان.

    ئوخشاش پەن ئوقۇتقۇچىلىرى كوللىكتىپ دەرس تەييارلاپ، مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىپ، دەرس تەييارلاش ماتىرىياللىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئوقۇتۇشى ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىغا زور ياردىمى بولغان. گەرچە ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئىسلاھاتى بويىچە ئىلىپ بىرىلغان ھەر خىل تەربىيلەشلەردىن ئانچە رازى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار تەربىيلەشنى رەت قىلمىغان، تەربىيلە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ ئان-مۇنچە ئىچىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

    13. ئۈچ ئۆلچەملىك نىشان ئىچىدە سىز قايسى نىشانغا بەك كۆڭۈل بۆلىسىز؟

    %50 ئوقۇتقۇچى «بىلىم ۋە ئىقتىدار» نى تاللىغان؛ %35 ئوقۇتقۇچى «جەريان ۋە ئۇسۇل» نى تاللىغان؛ %9.3 ئوقۇتقۇچى «ھىسىيات پوزۇتسىيە ۋە قىممەت قارىشى» نى تاللىغان؛ پەقەت %4.7 ئوقۇتقۇچى «ھەممىسىگە تەڭ ئەھمىيەت بىرىش» نى تاللىغان.

    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ھىسىيات ۋە قىممەت قارىشى» ئۆلچىمىگە ئەھمىيەت بىرىشى يىتەرلىك بولمىغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ ئۆلچەمگە يىتىش ناھايىتى قىيىن تۇيۇلغان.

    14. سىزنىڭچە دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۇسۇلىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار قايسى؟

    %23 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «دەرس ۋاقتى زىچ»؛ %63 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەن»؛ %6 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «ئوقۇتۇش شارائىتى ناچار»؛ %4 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق»؛ %4 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسى يىتىشمەيدۇ».

    دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش يىتەرلىك ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلار كۆپىنچە سىرتقى سەۋەپنى باھانە قىلىپ، ئۆزىدىكى سەۋەپلەر ئۈستىدە ئويلانمىغان. بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ يىتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش ئىڭىنىڭ كەمچىللىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.

    15. سىزنىڭچە ھازىرقى خىزمەت مىقدارى مۇۋاپىقمۇ؟

    %29.8 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە خىزمەت مىقدارى ناھايىتى يۇقۇرى، يۈك ئىغىر؛ %34.4 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە خىزمەت مىقدارى ئىغىر، ئەمما ماسلىشىپ كەتكىلى بولىدۇ. %35.7 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە خىزمەت مىقدارى ئاساسى جەھەتتىن نۇرمال.

    يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مىقدارى ئاشقان، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەپتىلىك دەرس نۇرمىسى 15 سائەتتىن ئاشىدۇ. جاڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان لايىھىسىدە، تولۇق ئىككىنچى يىللىقتا «كىچىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» غا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەتئەل تىلى ۋە ئىككى پەننىڭ تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرسى توختىتىلغانلىقتىن، ئوقۇغۇچىلار قالغان زۆرۈرۈ ئوقۇلىدىغان 4 پەننىڭ تەكرارى (يەنى فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، تارىخى، سىياسەت، جۇغراپىيە قاتارلىق پەنلەردىكى تاللاپ ئوقۇيدىغان مەزمۇنلاردىن باشقا 4 زۆرۈرۈ ئقۇشلۇق) بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن، تەكرارلاش دەرسىنى ئۈستىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەپتىلىك دەرس نۇرمىسى بەزىلەرنىڭ 50 سائەتتىن ئىشىپ كەتكەن، بۇ ئىككى ئاي داۋام قىلغان.

    16. ئوقۇتقۇچىلار ئاساسلىق بىسىملار قايسى جەھەتتىن كىلىۋاتىدۇ؟

    %80.4 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «ئىمتىھان نەتىجىسىنى زىيادە قوغلىشىش خاھىشى»؛ %8.5 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باشقۇرىشىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى»؛ %8.5 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «يېڭى دەرس ئوقۇتىشىنىڭ تەلىپى بەك يۇقۇرى»؛ %2.6 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنىڭ يىتىشمەسلىكى».

    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئىسلاھاتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىدا يېڭىلىنىش پپەيدا قىلغان. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئىزدىنىپ ئۆگىنىشىگە ئەھمىيەت بەرگەن. ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھادىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن سىلىشتۇرۇپ باھالاش نەتىجىسىدە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نۇمۇرغا زىيادە ئەھمىيەت بەرگەن، ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاز بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە سەل قارالغان، دەرس ئىسلاھاتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان، ھەم دەرس ئىسلاھاتى ئىلىپ بىرىش ھەم ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زىھنى قۇۋۋىتىنى كۆپلەپ سەرىپ قىلغان، خىزمەت ۋاقتى ئۇزىراپ، كىچە-كۈندۈز دىمەي ئىشلەپ ھىرىپ چارچىغان.

    分享到: