-
2010-07-20
ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقوغۇچىلار يۈكىنىڭ يىنىك ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدى. - [مائارىپ ئىسلاھاتى]
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئىسلاھاتى ئىلىپ بىرىلغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، دەرس ئىسلاھاتى ئىلىپ بىرىلغاندىن كىيىن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقوغۇچىلاردا يېڭى دەرسكە نىسبەتەن قانداق تەسىراتلار بولدى؟ بۇ ھەقتە بىر ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 151 نەپەر ئوقۇتقۇچى، 821 نەپەر ئوقوغۇچىغا قارىتا بىر قىتىملىق سۇئال- جاۋابلىق تەكشۇرۇش ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئىسلاھاتىدا ئوقوغۇچىلار ئاۋال ھىس قىلغىنى دەرسلىكتىكى ئۆزگۈرۈش بولدى
1. سىز يېڭى دەرسلىككە قانداق قارايسىز؟
%38 ئوقوغۇچىنىڭ قارىشىچە يېڭى دەرسلىكتە بىلىمنىڭ چىتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئەمما ئىنچىكە ئەمەس؛ % 6 .17 ئوقوغۇچىنىڭ قارىشىچە ھەر قايسى پەنلەرنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان؛ %36.4 ئوقوغۇچى «يېڭى دەرسلىك يېڭى، ئىجادىي تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىقتىدارىمىزنىڭ يۇقۇرى كۆتىرىلىشىگە پايدىلىق» دەپ قارىغان؛ %8.1 ئوقوغۇچى «ئۆزلىكىمىزدىن ئۆگىنىشكە پايدىلىق» دەپ قارىغان.
2. يېڭى دەرسلىكنى ئۆگىنىشكە ماسلىشالىدىڭىزمۇ؟
%4.6 ئوقوغۇچى پۈتۈنلەي ماسىلىشالىدۇق دەپ قارىغان؛ %74.2 ئوقوغۇچى ئاساسى جەھەتتىن ماسلىشالىغان؛ %18.8 ئوقۇغۇچى ئانچە ماسلىشالمىغان؛ %2.5 ئوقوغۇچى پەقەتلا ماشلىشالمىغان.
يېڭى دەرس ئۆلچىمىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن يېڭى دەرسلىكتە تۈزىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىگىشلىك جايلار بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلار ئومومىي جەھەتتىن رازى بولغان، بولۇپمۇ «ئىزدىنىش، كىڭەيتىش، بۇ باپتىن ئەسلىمە» قاتارلىق سەھىپىلەرنى ناھايىتى ياقتۇرغان.
ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى بۇ قىتىمقى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى
3. سىز ياقتۇرىدىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلى قايسى؟
%13 ئوقۇغۇچى «ئۆزۈم ئالدىن ئۆگىنىش ۋە تەكرار قىلىش» دەپ تاللىغان؛ %29.1 ئوقوغۇچى«تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش» نى تاللىغان؛ %38.6 ئوقۇغۇچى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تاللىغان؛ %19.3 ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ بەرگەن تەييار بىلىمىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.
4. تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش دەرىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا قانداق قارايسىز؟
%58.4 ئوقوغۇچى «ياخشى كۆرىمەن» دەپ تاللىغان؛ %15.7 ئوقوغۇچى «بۇ دەرستە نىمىلەرنى ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز، بۇ دەرسنى تەسىس قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دەپ تاللىغان؛ %14.4 ئوقوغۇچى «تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشساق يىنەكلەپ قالىدىكەنمىز ياكى ئوينىۋىلالايدىكەنمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن؛ %11.2 ئوقوغۇچى «بۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىلەن مۇناسىۋىتى چوڭ ئەمەس ئىكەن. بەك ئەھمىيەت بىرىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.
5. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئىسلاھاتىغا كىرگەندىن كىيىن، سىزنىڭچە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قانداق بولىۋاتىدۇ؟
%49.5 ئوقۇغۇچىنىڭ قارىشىچە «ئوقۇتقۇچى سۆزلەشنى ئاساس قىلىش، مەشىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش»؛ %24.7 ئوقۇغۇچى «قوزغۇتىشنى ئاساس قىلىش، دائىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش» دەپ جاۋاب بەرگەن؛ %12.9 ئوقۇغۇچى « كىچىك گۇرپىلار بويىچە مۇھاكىمە قىلىشنى ئاساس قىلىش، مۇھاكىمىگە ئوقۇتقۇچىمۇ قانتىنىشىش، يىتەكچىلىك قىلىش» دەپ جاۋاب بەرگەن؛ %12.7 «ئوقۇتقۇچى سۆزلەشنى ئاساس قىلىش، ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ بەرگىنىلا ئۆگىنىش» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئوقۇغۇچىلار ئومومىيۈزلۈك تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش قاتارلىق ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى ياقتۇرغان، ئوقۇتقۇچىلارمۇ مۇشۇنداق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆگەندى دەپ قاراپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن ئاساسىي جەھەتتىن رازى بولغان.
ئوقوغۇچىلارنىڭ باھالاشنى ئىسلاھ قىلىش، ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان قارىشى
6. سىز ئەڭ ياختۇرغان باھالاش ئۇسۇلى قايسى؟
%9.8 ئوقۇغۇچى «سىناق ۋە ئىمتىھان» دەپ تاللىغان؛ %34.5 ئوقۇغۇچى «كۈندىلىك كۈزىتىش» دەپ تاللىغان؛ %13 ئوقوغۇچى «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئارقىلىق باھالاش» نى تاللىغان؛ %17 ئوقوغۇچى «باشقىلار» نى تاللىغان.
7. سىزنىڭچە ئوقۇتقۇچىلار سىزگە قانداق باھا بىرىشى كىرەك؟
%60.8 ئوقۇغۇچى «كۆپ خىللاشقان باھالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى، ئىمتىھان نەتىجىسىنىلا باھالاش ئاساسى قىلىۋالماسلىقى كىرەك» دەپ قارىغان؛ %21.8 ئوقۇغۇچى « ئوقۇش نەتىجىسىنى ئاساس، باشقا تەرەپلەرنى قوشۇمچە قىلىش كىرەك» دەپ تاللىغان؛ %15.7 ئوقوغۇچى « ئۆگىنىش نەتىجىسى بىلەن ئىقتىدارنى ئايرىپ باھالاش كىرەك» دەپ تاللىغان؛ %1.7 ئوقۇغۇچى «باشقا ئۇسۇللار» نى تاللىغان.
8. سىزنىڭچە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىڭىز كەسىپكە ھۆرمەت قىلامدۇ؟
%0.8 ئوقۇغۇچى «ھۆرمەت قىلمايدۇ» دەپ تاللىغان؛ %3.9 « ئانچە ھۆرمەت قىلمايدۇ» دەپ تاللىغان؛ %43.5 ئوقۇغۇچى «خىلى ھۆرمەت قىلىدۇ» دەپ تاللىغان؛ % 51.4 ئوقۇغۇچى «كەسىپنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ» دەپ تاللىغان.