-
2010-07-11
ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشتا ئوقوغۇچىلارنى باھالاش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش كىرەك - [تەسىرات]
ساپا مائارىپى كەڭ مائارىپچىلار ئۈچۈن ئىيتقاندا ئانچە يېڭى ئۇقۇممۇ ئەمەس. جوڭگو مائارىپىدا ساپا مائارىپى شۇئارىنى توۋلاۋاتقىنىمىزغا خىلى ئۇزاق بولۇپ قالدى. لىكىن ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇۋاتقان مائارىپچىلاردىن ساپا دىگەن نىمە؟ ساپا مائارىپىنىڭ ھەقىقى مەنىسى نىمە؟ سىز ساپا مائارىپىنى قانداق يولغا قويىۋاتىسىز؟- دەپ سورىغىنىمىزدا بىز قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئىرىشەلىشىمىز ناھايىتى قىيىن. مىنىڭچە ئەمەلىيەتتە مائارىپنى ساپا مائارىپى، ئىمتىھان مائارىپى ...... دەپ ئاتاش تولىمۇ بىمەنىلىك دەپ قارايمەن. چۈنكى مائارىپنىڭ مەقسىدى ئادەم تەربىيلەش، ئوقوغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت. لىكىن بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغىنى دەل بىزدە ھەققىي مائارىپ مەقسىدىنىڭ كەم بولغانلىقىدا. خوش، ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەك، زامان تەرەققىي قىلۋاتىدۇ، دەۋىرنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىگە قويغان تەلىپىمۇ ماس ھالدا يۇقۇرى بولىۋاتىدۇ. مائارىپ مۇقىم ئەندىزە ئىچىدە تۇرىدىغان ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس. ئۇ دەرۋىرنىڭ تەلىۋىنى ئەكس ئەتتۈرىشى، دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا تەرەققىي قىلىپ ئۆزىنىڭ تەربىيلەش مەقسىدى ۋە نىشانى تەڭشەپ تۇرىشى كىرەك.
ئادەم تەربىيلەش ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش 21- ئەسىر مائارىپىنىڭ مۇقەررەر تاللىشى بولۇپ قالدى. پەن مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى تەرەققىي تاپقۇزۇش سىتىراتىيىگىيىسى مائارىپنى جەمئىيەتنىڭ ئەتىراپىدىن جەمئىيەتنىڭ مەركىزىگە يۆتكىدى. لىكىن ئاتالمىش «ساپا مائارىپى» خۇددىي « پويىز ۋوگزالغا كىرگەندە ئاۋازى ياڭراق بولغىنى بىلەن مىڭىشى ئاستىلايدۇ» دىگەندەك ئىش بولىۋاتىدۇ. ھەممە ئادەم ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرەيلى دەپ جار سالغىنى بىلەن، ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەي ساپا مائارىپىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. مۇتەخەسىسلەر، مائارىپنى باشقۇرغۇچىلاردىن تارتىپ ئاساسىي قاتلامدىكى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىمىزغىچە «ئىمتىھان مائارىپى» نى ئەيىپلەۋاتىمىزيۇ، لىكىن ئۇنىڭغا يۇۋاشلىق بىلەن ئەمەل قىلماي ئامال يوق. نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى، نوپۇسنىڭ زىيادە كوپ بولىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بىسىمىنىڭ چوڭ بولىشى قاتارلىق سەۋەپلەر. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى «ئىمتىھان مائارىپى» نىڭ دۆلىتىمىز مائارىپىدىكى ئاساسى ئورۇندا تۇرۇش مەسىلىسى ئۇنداق ئاسان ھەل بولمايدۇ. ھازىر مودا بولىۋاتقان «بۈگۈنكى ياخشى ئۆگىنىش، ئەتىدىكى خىزمەت قىلىش ئۈچۈندۇر» دىگەن سۆز بەلگىلىك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، لىكىن ئەمەلىيەتتە راستىنى ئىيتقاندا ئىش «بۇگۈنكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، ئەتىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن» بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنى تاللاشتىنمۇ ياخشىراق، ئۈنۈملىك باھالاش ئۇسۇلىنى تاپالمىدۇق. ئەمەلىيەتتە ساپا مائارىپىدا ئىمتىھان يەنىلا مەۋجۇت بولىدۇ، ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بەلكىم بىزنىڭ ھازىرقى ئىلىۋاتقان ئىمتىھانلىرىمىزدىن قىيىنراق بولىشى مۈنكىن.
تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ مائارىپىدا ئۆگىنىش مەزمۇنى( ئۆگىنىش جەريان) ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ئوخشاش ئىتىۋار بىرىلىدىكەن، شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملاپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىرىشىكەن ۋاقتى دەل ئۇلارنىڭ ئەڭ خۇشاللىنارلىق ۋاقتى دەپ قارالسا، بىزدە ئىش دەل ئۇنىڭ ئەكىسىچە، يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى تاماملىشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ، پەقەت ئىمتىھان نەتىجىسى ئىلان تاختىسىدا يۇقۇرى نۇمۇر بىلەن ئىلان قىلىنغاندىلا بۇ ئەڭ خۇشاللىنىارلىق پەيت ھىساپلىنىدۇ. بىزگە ئوخشاش ئىقتىسادى تەرەققىي تاپمىغان، نامرات رايۇنلاردا تىخىمۇ شۇنداق.
ئىمتىھاننى ئوقۇتۇش ئۈنىمىنى تەكشۇرۇش، ئىمتىھان نۇمۇرىنى ئوقوغۇچىلارنىڭ «ياخشى-ناچار» لىرىنى تاللاشنىڭ بىردىن-بىر ئۆلچىمى قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىمتىھان ئۇنچە گۇناھكار نەرسىمۇ ئەمەس. كۈندىلىك ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىمىزدە ئىمتىھان بولمىسا بولمايدۇ. ئىمتىھان مەكتەپ ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ خۇلاسىسى. ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىكى بىر ۋاستە. لىكىن ئۇ بىردىن-بىر ۋاستە ئەمەس. ئىمتىھانسىز مائارىپنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىمتىھانى قانداق ئىلىش مەسىلىسى. ئۇنداق بولغان ئىكەن ئىمتىھاننى ساپا مائارىپى ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلدۇرۇش كىرەك؟ مانا بۇ كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك مەسىلە. ئىمتىھاننى ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كىرەك.
1. ئىمتىھان مەزمۇنى پەقەت ئىگىلىگەن بىلىمنىڭ سانىنىلا تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلماستىن، بەلكى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى، ساپاسىنى باھالاشنى ئاساس قىلىش كىرەك. بۇ يەردە ساپا دىگەن سۆزگە ئۆزەم بەك چوقىنىدىغان چۈشەنچىنى يېزىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم (ساپا ئوقوغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ بەرگەن، ئۆگەتكەن نەرسىلەرنى ئۆز مىڭىسىدە پۈتۈنلۈي ئۇنۇتقاندا، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ھەركەتتىن ئىبارەت.) بۇ ئىمتىھان سۇئاللىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلۈك ھالدا يادىلاپ ئۆگەنگەن بىلىمىنى سىناش تىپىدىن ئوقوغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تىپىگە ئۆزگىرىشىنى، ئۆلچەملىك جاۋابنىلا ئاساس قىلمايدىغان مەزمۇنلارنى كۆپەيتىپ، ئوقوغۇچىلارغا تەپەككۈرىنى جارى قىلدۇرىدىغان بوشلۇق يارىتىپ بىرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئىمتىھان سۇئاللىرىنى لاھىيىلىگەندە باشقا پەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ توغرا يۆلىنىشلىك تەپەككۈر قىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىشىمىز كىرەك.
2. ئىمتىھان شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى كۆپ خىل قىلىش كىرەك. ھەممە پەندە ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى قەغەزچە ئىمتىھاننى ئاساس قىلىۋالماستىن، ئوچۇق ئىمتىھان، يۈزتۇرانە ئىمتىھان (ئىغىزچە ئىمتىھان)، نەخ مەيداندا مەشغۇلات قىلىش، ئۇنۋېرسال دوكىلات يىزىش قاتارلىق ئىمتىھان ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كىرەك.
3. ئىمتىھان نەتىجىسىنى باھالاشتا 100 نۇمۇرلۇق ئۆلچەم بويىچە باھالاشنى ئازلىتىپ، دەرىجە بويىچە باھالاشنى كۆپەيتىش كىرەك. بەزى پەنلەردە لاياقەتلىك ياكى لاياقەتسىز دەپ ئىككى ئۆلچەم بويىچە باھالاش قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئوقوغۇچىلار بىرىنچى قىتىملىق ئىمتىھاندا تەلەپكە يىتەلمىسە ئۇنىڭغا يەنە كۆپ قىتىم پۇرسەت بىرىپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتسە باشقىلارغا ئوخشاشلا ياخشى قىلالايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرىشىمىز كىرەك. مۇشۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككى، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە ئىمتىھان ئالىمىز، نەتىجىنى ئىلان قىلىمىز، ئىمتىھان قەغىزىنى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بىرىمىز، لىكىن ئوقۇغۇچىلاردىن شۇ قىتىملىق ئىمتىھاندىكى خاتالاشقان، نۇمۇر كەتكۈزۈپ قويغان جايلارنى قايتىدىن تولۇقلاپ ئىشلەشكە سەل قارايمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە بىز يۇقىرىدا ئىيتقان «ئىتىھان مائارىپى» نىڭ گەۋدىلىك بىر تەرىپىدۇر. دىمەك، ئىمتىھاننىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئوقۇتقۇچىلارغا بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلارنى ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن. ئەمما، ئىشنى ئاسان پۈتتىرىمەن دەپ ئىمتىھان شەكلىنىڭ ئاددىي، ئىمتىھان ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىي بولماسلىقىنى قوغلىشىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئىمتىھان ئۆلۈك يادىلاپ ئۆگەنگەنلەر پايدا ئالىدىغان، ئىجاتچانلىق روھىنى جارىي قىلدۇرغانلار، يېڭىچە پىكىر قىلىدىغانلار بىسىمغا ئۇچىرايدىغان بولۇپ قالىدىكەن، «ساپا مائارىپى» دىن ئىغىز ئاچمىساقمۇ بولىدۇ.
ئومومەن قىلىپ ئىيتقاندا، ساپا مائارىپى يەنى نۆۋەتتە يولغا قويىلىۋاتقان دەرس ئىسلاھاتى بىزنىڭ مائارىپىمىزدا ئىلىپ بىرىلغان بىر قىتىملىق چوڭ ئىسلاھات. يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكەن ئىمتىھان مائارىپىغا بولغان جەڭ ئىلان قىلىش. يېڭى دەرسنىڭ يولغا قويىلىشى مائارىپ ئىسلاھاتىغا، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىغا چىتىلىدىغان زور ئىش. شۇڭا ئۇ ھۆكۈمەت ھەركىتىگە ئايلىنىشى، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ توغرا قوللىشىغا ئىرىشىشى كىرەك. ئۇندىن قالسا، كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى مائارىپ قارىشىمىزنى يېڭىلاپ، نەزەر دائىرىمىزنى كىڭەيتىپ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، جەمئىيەت رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.