-
2010-06-28
مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۈرسىتىۋاتقان ئامىللار - [تەرمىلەر]
مائارىپ تەرەققىيادىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان ئامىللار كۆپ تەرەپلىمە بۇلۇپ ئاساسلىغى يىغىنچاقلىغاندا تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت
1)مائارىپ تۈزىلمىسىنىڭ قاتماللىغى:-ئىسلىھات ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە كۈرۈنەرلىك ھالدا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ بەلگۈلۈك نەتىچىلەر قولغا كەلدى .شۇنىڭغا ماس ھالدا مائارىپ سېسىتمىسىدىمۇ تۈرلۈك تۈزۈلمە ئىسلاھاتلىرى بۇلۇپ ئۆتتى.لىكىن بۇ ئىسلاھاتلار مائارىپ ساھەسىدىكى تۈپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىدى،مەيلى مائارىپ ئاپىرات ئىسلاھاتى بولسۇن ،مەيلى مائارىپ ئىشتات ئىسلاھاتى بولسۈن،مەيلى كەسپىي ئۇرۇنلارنىڭ ئىسلاھاتى بولسۇن مەسىلىنى تۈپ نىگەىزىدىن ھەل قىلالمىدى .مۇشۇنداق رىياللىق ئاستىدا بىز يۇقارقى مەغلۇپ بولغان ئىسلاھاتلارنى كۆككە كۈتۈرۈپ ئالەمشۇمۇل غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق دەپ تىللاردا داستان قىلدۇق.
ئىسلاھاتلارنىڭ مەغلۇپ بۇلۇشنى تۈۋەندىكى پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاش مۇمكىن.بۇ ئىسلىھاتلار مائارىپىمىزنىڭ قۇرۇلما جەھەتتە شەھەردە ئۇقۇتقۇچى كۆپ بۇلۇش ،يېزىدا يىتىشمەسلىك،شەھەرنىڭ شارايىتى ياخشى بۇلۇش يېزانىڭ شارايىتىنى ئويلاشماسلىق ياكى ئاز ئويلىشىش،شەھەرنىڭ پاراۋانلىغى ياخشى بۇلۇش يېزىدا بولماسلىق…قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىدىمۇ؟زادى مائارىپ تۈزىلمىسىدە قانچىلىك ئۆزگىرىش بولدى؟بۇ ھەممىمىزگە ئايان ،مۇباغىلىلاشتۇرۇپ ئېيتىسام يۇقارقىدەك تۈزۈلمىدە ئۆزگىرىش ياسايدىغان يېڭى ئىسلاھاتلار تۈزۈلمىنى ئىسلا قىلالمايلا قالماي ئاددىسى شەھەردىكى بىر ئۇقۇتقۇچىنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ يېزىدىكى جاپالىق ئورۇنلارغا يوتكىيەلمىدى.
تۈزۈلمىمىزدىكى يۇقارقى پەرىقلەر داۋاملىق ساقلىنىپ تۈرسا مېمىلىكتىمىز مائارىپ تەرەققىيادىنى بوغۇپ قۇيىدىغان بىر مەسىلە بۇلۇپ قالىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار بۇ مەسلىگە جىددى مۇئامىلە قىلىپ ،مائارىپىمىزدىكى بۇ خىل ئۈزۈكچىلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرشىشى،تۈزىلمىدىكى قاتماللىقنى تۈگىتىپ تۈزىلمىدە يېڭىلىق يارتىشى لازىم.
2)مائارىپنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تەقسىماتچىلىق:-مېمىلىكتىمىز مىقياسىدا ئۈزۈلمەي ئېلىپ بېرىلۋاتقان ئىسلاھاتلارنىڭ يادۇرىسى بولسا ئىقدىسادى قۇرلۇش ئىسلاھاتى بۇلۇپ بۇنىڭدا ھۇكۈمىتىمىز ئالەمشۇمۇل مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ،باشقا ساھەلەردىكى غايەت زور بوپىنى چۆرۈپ تاشلاپ ،ھۇكۈمەت ھەركىتىنى تىزلەتكەن بولسىمۇ ،مائارىپتىن ئىبارەت غايەت زور بوپىنى ئۇنداق ئاسانلىقچە چورۇپ تاشلىيالمىدى.چورۇپ تاشلىيالمايلا قالماي يەنە بىر تەرەپتىن ھۈكۈمىتىمىز غايەت زور ساندىكى مەبلەغ بىلەن مائارىپىمىزنى قوللاپ تەرەققىيات جەھەتلەردە بەلگۈلۈك نەتىچىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ يەنە بىر ئاجىزلىغى كەڭ خەلق ئاممىسىنى مەكتەپلەرنىڭ (ئالى-ئوترا دېرىجىلىك)چاڭگىلىغا تاشلاپ بەردى.بۇنىڭ بىلەن مائارىپىمىزنىڭ ئالى قىسىمى بولغان بۇ بۆلەكنى ھەم ھۈكۈمەت باقىدىغان ھەم خەلق باقىدىغان بۆركتىكى ياققا ئوخشىتىپ قويدى.
يۇقارقىدەك تەڭپۇڭسىزلىق مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىغا بوسۇپ كىرىپ،ئىشلىسىمۇ-ئىشلىمىسىمۇ ياغنىڭ ئىچىدىكى بورەكتەك خاتىرجەم ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، مەكتەپلەر ئىچكى قىسىمىنىڭ ھەركىنى خۇنىكلەشتۈرۈپ مەكتەپلەرنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۇپ قويدى .بۇنىڭ بىلەن سوتسىيالىزىمنىڭ<< ئەمگىگىگە قاراپ تەقسىم قىلىش>> پىرىنسىپ ئەمىللەشمەيلا قالماي،ئاز ئىشلىگەنلەر كۆپ ئالىدىغا كۆپ ئىشلىگەنلەر ئاز ئالىدىغان مائارىپ تەقسىماتچىلىغىنى شەكىللەندۈردى(بۇنداق دىيىشىمدىكى ئاساس قەيەردە قىيىنچىلىق كۆپ بولسا شۇ يەردە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسى ھىساپسىز،يەنە شۇ يەرنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى نامرات،ئىشەنمەيدىغانلار بولغىنىدا مەمىلىكەت ئارلاپ تەتقىق قىلىپ كۈرەسىلەر،بۇ ئۈزەمنىڭ سۇبىكتىپ ھىسىياتىم ئەمەس كۆپ يىللىق تەكشۈرۈشىمنىڭ ئاساسى)
بۇنداق تەقسىماتچىلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىغىنى بوغۇپ قۇيۇپ كۆپ ساندىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىر خىل سۇلغۇن ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەردە ئىشلار كۈڭۈلدىكىدە يۈرۈشمەيدىغان ھالەتلەر شەكىللەندى بۇنداق بۇرۇختۇملۇق پۇتكۈل مەمىلىكەت مىقياسىنى قاپلاپ، مائارىپمىزنىڭ سۈپەت جەھەتتىن تەرەققى قىلىشىنى بۇغۇپ قويدى.
يۇقارقى مەسىلىنى ھەل قىلىمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم مائارىپنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىقدىسادى تەرەققىيات ئىسلاھاتىنى رەھمسىزلەرچە ئېلىپ بېرىپ مائارىپ ساھەسىدىكى تەڭ تەقسىماتچىلىقنى ئۈزۈل-كىسىل يۇقۇتۇشىمىز لازىم.ئىككى كاسا بۇلۇپ قالغان بۇ ئالتۇن تاۋاقنى چۇل-چۇل قىلىپ چېقىپ تاشلاپ ،ئىشلىگەنلەر كۆپ ئالىدىغان ئىقدىسادى قۇرۇلمىنى رۇياپقا چىقىرىشىمىز لازىم.
3)مائارىپ سىياسەتلىرى ۋە قانۇن نىزاملىرىنىڭ يۈرۈشمەسلىگى:-دۆلىتىمىز دۆلەتنى قانۇ ئارقىلىق ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئوترىغا قويغاندىن كىيىن مېمىلىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دايىمى كومىتىتى قانۇن چىقىرىش سالمىغىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ۋاختى ئۆتكەن ،يېڭى سىياسەت ۋە زامانغا پۇتلىكاشاڭ بولغان كونا قانۇنۇن بەلگىلىمىلەرنى ۋە قانۇنلانى تۈزۈتۇپ قانۇنلارغا تۈزۈتۈش كۈرگۈزۈش سالمىغىنى ھەقىقى رەۋىشتى كۈچەيتتى.بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت يۇلىغا مېڭىپ قانۇن تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا يېڭى سەھىپە ئاشتى.
دۆلەتنى قانۇن بۇيۇچە باشقۇرۇش دىگەنلىك ماھىيەتتە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى قانۇن،نىزانلارغا تايىنىپ باشقۇرۇش دىگەنلىك.مۇشۇ نوختىدىن قارىغاندا مائارىپقا مۇناسىۋەتلىق قانۇن نىزاملارمۇ قانۇن.نىمە ئۈچۈن بۇ قانۇنلارغا تايىنىپ ئىش بىجىرگىلى بولمايدۇ؟بۇ قانۇننى زادى كىم ئىجرا قىلىدۇ؟ئەدلىيە تارماقلىرىدا بۇ قانۇننىڭ ئورنى نىمە ئۈچۈن تۈۋەن؟بۇ مەسىلىلەرنى قۇشۇپ تەھلىل قىلغاندا دۆلىتىمىزدە مائارىپ قانۇنلىرىنىڭلا ئەمەس بەلكى مائارىپنىڭمۇ ئورنى تۈۋەن ئىكەنلىگىنى كۈرىۋالغىلى بۇلۇدۇ.
بۇنداق نۇپۇزدىن ئايرىلىپ قالغان قانۇننىڭ خەلق ئىچىدە ئۇمۇملىشىش دەرجىسى تۈۋەن بۇلۇپ كەڭ ئاتا-ئانىلار مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنىڭ گىپى بولسا مىيىغىدا كۈلۈپ قۇيۇپ ،نەزەرگە ئىلماي ، پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدۇ.رىياللىق مۇشۇنداق بولغاچقا مەكتەپلىرىمىزدە ئۇقۇشتىن توختىۋالغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۈندىن -كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.
مەن تايىنىدىغان قانۇن تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا تايانساقمۇ تايانمىغاندەك تۇيغۇ بىرىپ تۈرغان قانۇنلىرىمىزنىڭ ئاشۇنداق يۇمشاقلىغىدا دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرىنىڭمۇ بەلگۈلۈك تەسىرى بار دەپ ئويلايمەن.چۈنكى يۇقۇرىدىن مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ كەلسە ئاشۇ يىمشاق قانۇنلار دەرھال قۇپىدۇ،ئۇلار كەتكەندە يەنە يىمشايدۇ.بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى مائارىپ سىپىمىزگە يۇشۇرۇنۇپ كىرۋالغان،ئالدامچىلىق،شەكىلبازلىق ۋە قىزىل كۆزلىك،بىيرۇگىراتلىق قاتارلىق ئىللەتلەر مائارىپ سىياسەتلىرى ۋە قانۇن -نىزاملىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قۇيۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ.
بۇنداق ئەھۋاللار داۋاملىق يامراپ كەتسە بىزنىڭ مائارىپنى<،دۇنياغا،كەلگۈسىگە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا >>يۈزلەندۇرىمىز دىگەن شۇئارىمىز قۇرۇق شۇئارغا ئايلىنىپ قالىدۇ .شۇنىڭ ئۇچۇن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ،ھۈكۈمەت تەبىر قوللىنىپ مائارىپىمىزغا يۇشۇرۇنۇپ كىرۋالغان تۈرلۈك ئىللەتلەرنى تۈگۈتۈپ مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيادىنى قولغا كەلتۈرىشى كېرەك.
مائارىپى بىلەن ساقچىسى زەئىپلەشكەن دۆلەت مەڭگۈ تەرەققى قىلالمايدۇ
4)مائارىپقا بولغان تۇنۇشنىڭ ئوخشىماسلىغى:-21-ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن دۇنيادا پەن-مەدىنىيەت بىلىملىرنىڭ تەرەققىيادى ئىنتايىن تىز بولدى .دۇنيا <<بىلىم ئىگىلىگى>> دەۋرىگە قەدەم قويدى.دۇنيادا قايسى مىللەتنىڭ قۇلىدا بىلىم،پەن-تېخنىكا بولسا شۇ مىللەت تەبىي ھالدادۇنيادا باشقۇرغۇچىغا ئايلىنۋاتىدۇ.قايسى مىللەت ئارقىدا قالسا شۇ مىللەت باشقۇرۇلغۇچىغا ئايلىنىپ، دۇنيادا ئورنى تۈۋەن بۇلىۋاتىدۇ.بۇ رەھمىسىز رىياللىق ھەرقايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەردىن تىرىشىپ پەن-مەدىنىيەت بىلىمىنى ئىگەنلىمىسە شۇ مىللەت ۋە شۇ دۆلەتنىڭ شاللىنىپ قالىدىغانلىغىنى بىزگە بىلدۈرۈپ تۈرىۋاتىدۇ.مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە قايسى دۆلەت ۋە قايسى مىللەت بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسا شۇ مىللەت ۋە دۆلەت دۇنيادىكى كەسكىن رىقابەتتە شاللىنىپ كەتمەيدۇ.مېمىلىكتىمىزدىكى ئالدىن كۈرەر كىشىلەر بۇ نوختىنى زېرەكلىك بىلەن تۈنۇپ يىتىپ ،<<دۆلەتنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققى قىلدۇرۇش سىتىرادىگىيەسى>>ۋە <،مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇش سىتىرادىگىيەسى>>قاتارلىق بىر قاتار سىتىرادىگىيەلەرنى ئوترىغا قۇيۇپ ،مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى ۋە مىللەتنى گۈللەندۇرۇش يۇلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ،يۇقىرى-تۈۋەننىڭ مائارىپقا كۈڭۈل بۈلۈش دەرجىسى ئوخشاش بولمايۋاتىدۇ.
بىز مەرگەزنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى يۇقارقى ھەل قىلغۇچ ئىككى سىتىرادىگىيەسىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق ئۇنىڭدىن مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرغاندىلا ئاندىن بىر تۈركۈم پەن-مەدىنىيەت خادىملىرىنى(ئىختىساسلىق)يىتىشتۈرۈپ چىقىپ ،دۇنيانىڭ خىرسى ۋە رىقابىتىگە بەرداشلىق بىرىپ دۆلىتىمىزنى تەرەققى تاپقان كاپىتالىستىك دۆلەتلەر بىلەن پەن-تېخنىكا جەھەتتە كۈچ سىنىشالايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ پۇتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئادەمدەك ياشاش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتكىلى بولىدىغانلىغىنى كۈرىۋالالايمىز.ئەمىليەتتە بۇنداق نەتىچىنى قولغا كەلتۈرۈش بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى مەسىلە بولماستىن يۇقىرى-تۈۋەن بىردەك ھەركەتكە كەلگەندىلا ئاندىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدىغان ھەم جاپالىق ھەم شەرەپلىك مەسىلە.بۇنىڭ ئۈچۈن چۇقۇمكى ھەممە ئادەم ئۆز زىممىسىدكى مەسئۇليىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ مائارىپنى قوللىشى ۋە بۇ جەھەتتىكى تۇنىشىنى ئوستۈرۈشى كېرەك.
ئەمىليەتكە قارايدىغان بولساق مەرگەزنىڭ مائارىپ توغرىسىدكى سىياسەتلىرى شۇنداق ئايدىڭ،تۈنۇشى شۇنداق يۇقىرى بولىۋاتىدۇ.بىراق تۈۋەندىكى ئەھۋال ئۈنىڭ ئەكسىچە بۇلۇپ ،بەزى رەپپەرلەرنىڭ مائارىپ قارىشى تۈۋەن،مائارىپىنىڭ بايلىق يارتىدىغان ئالتۇن ئاچقۇچ ئىكەنلىگىگە بولغان ئىشەنچىسى سۇس بۇلىۋاتىدۇ .بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ماھىيەتتە ئاساسى مائارىپنىڭ تەرەققىيادىنى بۇغۇپ قۇيۇپ،مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيادىغا رۇشەن توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.
مائارىپقا بولغان تۇنۇشىمىشنى يۇقۇرى-تۈۋەن چۇقۇم يۇقىرى كۈتۈرۈپ مائارىپنى بىرىنچى قول رەھپەر تۇتۇش كېرەك دىگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ ،مائارىپ تەرەققىيادىنى ئىلگىرى سۈرمىسەك رىقابەتتىن ئۈزۈپ چىقىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.
评论