-
2010-06-27
مىللى مائارىپىمىزنىڭ مائارىپ تەتقىقاتى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبى نىمە؟ - [مائارىپ ئىسلاھاتى]
مىللى مائارىپىمىزنىڭ مائارىپ تەتقىقاتى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبى نىمە؟
جاۋاپ: بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.1-مائارىپ تەتقىقات خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللاپ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك ئەمەس.
2-مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس تارماقلارنىڭ فونكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشى يېتەرلىك ئەمەس. مائارىپ تەتقىقات مەركەزلىرىمۇ تەتقىقات خارەكتىرىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىشقا ئېتىبار بەرمەيدۇ.
3- ئۇزۇن يىللىق مائارىپ تەجرىبىسىگە ئىگە مائارىپچىلارنىڭ چە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىلمى قاراشلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنىشى، ئومۇملاشتۇرۇلۇشى يېتەرلىك ئەمەس.
4-مائارىپ خىزمىتى بىلەن ئالدىنقى سەپتە ئىشلەۋاتقان كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش روھى كەمچىل.
مەن يۇقۇرىدا ساناقلىق بىرقانچە كىشىنىلا زىيارەت قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى بىلەن مائارىپىمىزدىكى قىسمەن بولسىمۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەر ئالدىغا قويالىدىم، دەپ قارايمەن.
مائارىپ نەتىجىسى دەرھاللا ، ھەتتا بىرقانچە يىلدىمۇ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، تەسىرى زور. شۇ سەۋەپتىن، ئۇنىڭ ئىجابى تەسىرى كۆرۈلگەندە بىر دۆلەتنى، بىر مىللەتنى كۈچلەندۈرىۋەتكىدەك قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەكسىچە مەغلۇپ بولغان مائارىپ بىر مىللەتنى ۋەيران قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى پات پات ئوپىراتسىيە قىلىپ، مەسىلىنى بايقاپ تۇرۇش، مەسىلە كۆرۈلگەن ئىكەن ئۇنى ئېتىراپ قىلىش، ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش زۆرۈر. مەسىلەن: تەجرىبە سىنىپ ھادىسىسىگە نىسبەتەن زىيارەت ئوبىكىتلىرى ئاساسەن بىردەك قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دىمەك، بۇ بىزنىڭ قايتا ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلە. بۇنىڭغا ئوخشاش بىزنىڭ ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ، ئەستايىدىل تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. بۇلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش- مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جۇڭگو مائارىپىنىڭ تەكشى يۆلىنىشتىكى ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئىنتاھىن پايدىلىق. بۇ ئارقىلىق پۇتكۈل جەمئىيەت ئاممىسىنىڭ ئومۇمى ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، «مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز» دەپ جار سېلىشقا ھەقلىقمىز.