-
2010-06-01
ساغلاملىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىشتا ، نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ساغلاملىق تەربېيسى – ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام تەرەققى قىلىشنىڭ موھىم ئاساسى. ئۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ۋە بەدەن ساپاسى جەھەتتىن ئومومىيۈزلۈك ماس تەرەققى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق ئېچىپ، ساغلام بەدەن ۋە ياخشى بولغان خاراكتىر -مىجەزىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، «ساغلام تەندە ، ساپ ئەقىل» دىگەن چوڭقۇر ھېكمەتنى قالدۇرغان. بىز ياش- ئۆسمۈرلەرنى كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولسۇن دەيدىكەنمىز، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، ساغلاملىق جەھەتتە مۇئەييەن بىلىمگە ئىگە قىلىشىمىز، ئۆز بەدەن ساپاسىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق كىشلەردىن بولۇپ چىقىشىتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا ئەتراپلىق بىلىم بېرىشىمىز لازىم. ئۇنداق بولسا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ساغلاملىق تەربىيسى ئېلىپ بىرىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟
1. تەشۋىق- تەربىيە سالمىقىنى زورايتىپ، ساغلاملىق تەربىيسىنىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدا ئوينايدىغان رولىنى تولۇق تونۇش كىرەك. يەنى «مەكتەپلەرنىڭ تازىلىق خىزمەت نىزامى»، «يىمەكلىكلەر تازىلىق قانۇنى»، «يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن نىزاملارنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىش بىلەن ھەقىقى ئەمىلىيلەشتۈرۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «ئوقوغۇچىلارنىڭ بەدەن ساغلاملىق ئۆلچىمى» نى پائال ئەمىلىيلەشتۈرۈپ، ساغلاملىق نەزىرىيسى ۋە كۆزقارشىنى ئىزچىل تۈردە مۇستەھكەملىشىمىز لازىم.
2. ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر ساغلاملىق دەرىسىنى تەسىس قىلىشتا پىلان، دەرىسلىك، ئوقۇتقۇچى، دەرىس سائىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمىلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
3. ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار دەرسلىكتىن (بىر تۇتاش دەرىسلىك ۋە يەرلىك دەرىسلىك) تىن تولۇق پايدىلىنىشى، ئۆز يېرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارغا تازىلىق ئادىتى ۋە ياخشى بولغان پىسخىك پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش تەربىيسى ئىلىپ بىرىش لازىم.
4. «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ساغلاملىق تەربىيسىنىڭ ئاساسى تەلەپلىرى» گە ئاساسەن، مەكتەپلەر ئايدا بىر قېتىم، ئىمكانىيەت بولسا ھەپتىدە بىر قېتىم ، تازىلىق خىزمىتى مەخسۇس تېمىسىنى ياخشى تاللاپ، مەزمۇنى ساغلام، شەكلى كۆپ خىل، ئەمەلىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان ساغلاملىق تەربىيسى پائالىيتىنى كۈچەيتىش لازىم.
5. ئوقوغۇچىلارنىڭ بەدەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ساغلاملىق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، باھالاش ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق ، ئوقوغۇچىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك، تىراخۇما، چىش چىرىش كىسىلى، قان كەملىك قاتارلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان كىسەللەرگە قارىتا تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش قاتارلىق نۇقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
6. ئوقوغۇچىلارغا قەرەرلىك ھالدا ئەيدىز كىسىلى، زەھەر چەكلەش، ياشلىق مەزگىلىدىكى فىزولوگىيە ۋە گىگىنا تەربىيسى، پىسخىك ساغلاملىق، يېمەك- ئىچمەك تازىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە مەخسۇس لىكسىيە ئۇيۇشتۇرۇش لازىم. لىكسىيە مەزمۇنى ئىلىمىي، چۈشىنىشلىك، تولۇق، ئوقوغۇچىلار ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشى لازىم.
7. ساغلاملىق تەربىيسىنى ئېلىپ بىرىشتا، نۇقۇل ھالدا ساغلاملىق دەرسىگىلا تايىنىۋالماي، بەلكى سىنىپ يىغىنى، ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى، ھەرقايسى پەنلەر ئوقۇتۇشى، جۈملىدىن تەنتەربىيە، ئەمگەك تېخنىكا دەرىسى، قارا تاختاي گىزىتى، ئىتىتپاق- پىئونېرلار پائالىيتى قاتارلىق ۋاستىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شەكلى ۋە مەزمۇنى كۆپ خىل، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ يەنىمۇ ياخشى بولغان چارە- تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم.
قىسقىسى، بىز پارتىينىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە تەلىم- تەربىيە ئوبىكىتىلىرىنىڭ ئومومى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇلارغا مۇكەممەل بولغان پەن- مەدەنىيەت بېلىملىرىنى بېرىش بىلەن بىرگە، زۆرۈر بولغان سەھىيە ساغلاملىق تەربىيە مەزمۇنلىرىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ماس قەدەمدە تەڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتىشىمىز لازىم.