-
2010-06-01
ئۈنۋېرىسال ئەمىلىيەت پائالىيىتى دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
بۇئايشەم مەمەت
(يەكەن ناھىيە ئىشقول ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
ئۈنۋېرىسال ئەمىلىيەت پائالىيىتى دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىۋاستە تەجرىبىسى ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تۇرمۇشى بىلەن ئىجتىمائى تۇرمۇشىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ بىلىمنى ئۇنۋېرسال ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىدىغان دەرس شەكلى بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبىسى ۋە تۇرمۇشىنى يادرو قىلغان بىر خىل ئەمىلىيەت خاراكتىرلىك دەرس . بۇدەرىس يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە يىقىندىن ماسلىشىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى ئىقتىدار،قابىلىيەت يىتىلدۈرىشىگە ۋە ئىنسانىي ئەخلاق پەزىلەت يىتىلدۈرىشىگە ياردەم بىرىدۇ. شۇڭا بۇدەرىسنى ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيىتىگە قانداق يىتەكچىلىك قىلىش دەرىسنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇش بولماسلىقىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىغا قانداق يىتەكچىلىك قىلىش كېرەك ؟
( 1 ) ئوقۇتقۇچى دەرىسنىڭ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشى كىرەك.بۇ دەرىسلىكتە ھەقىقى مەسىلىلەر ، ھەقىقى ئەھۋاللار مەسىلەن : سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، مۇھىت بۇلغىنىشى ، قاتناش مەسىلىسى، ئۆرپ-ئادەت ، تۈرلۈك ئىجتىمائى ئىشلار ، ھادىسىلەر ئۈستىدە توختىلىدىغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار بۇ دەرىسلىكتە يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۈگەنگەن يەككە پەنلەردىكى بىلىملەرنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ ئۆز تەجرىبىسى ، مۇستەقىل پائالىيىتى ۋە ئىزدىنىشى ئاساسىدا ھەل قىلىدۇ. ھەل قىلىش جەريانىدا بەزىدە ئوقۇغۇچىلاردا ئاسانلا دەرىستىكى بەزى مەزمۇنلار ئىنتايىن ئاسان ،بىلىدىغان ، ئۇششاق ، ئەرزىمەس نەرسىلەردەك تۇيغۇ شەكىللىنىپ قالىدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسخانىدىكى كەيپىياتىنى كۈزىتىشكە ماھىر بولۇپ ، سەۋىرچانلىق بىلەن ئۇنۋېرسال ئەمىلى پائالىيەت دەرىسىنىڭ ئەتراپتىكى دەرىس بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىشىگە ياردەم بىرىدىغان دەرىس ئىكەنلىكىنى ، دەرىسنىڭ ئۇنۋېرساللىقى، پائالىيەتچانلىقىدىن ئىبارەت خاراكتىرىنى چۈشەندۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ئادىمىيلىك جەھەتتىن تەربىيلەشتىكى ئاساسلىق نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كىرەك.
( 2) ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلىشتا توغرا بولغان ئوقۇتۇش قارىشى شەكىللەندۈرىشى كىرەك. ئۇنۋېرسال ئەمىلى پائالىيەت دەرىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئەمىلىيىتى داۋامىدا بىۋاستە تەجرىبە توپلاش ،ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىنى يەكۈنلەش ، تۇرمۇشنى كۈزىتىش، ئىزدىنىش ، تەتقىق قىلىش، يىڭىلىق يارىتىش روھىنى يىتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ ، ئوقۇتقۇچى بىلىمنى زورمۇزور تاڭماسلىقى ،ئوقۇغۇچىلارنى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشقا، شەيئىلەرنى كۈزىىشكە ، ئۇلاردىن بىۋاستە يەكۈن چىقىرىشقا يىتەكلىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئىزدىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بىرىشى كىرەك . مەسىلەن، «ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىتنى چۈشىنىڭ» دىگەن دەرىسنى ئۆتۈشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلىشتا ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى مەكتىۋىنىڭ مۇھىت ئەھۋالىنى كۈزىتىشكە يىتەكلىشى ، ئوقۇغۇچىلار كۈزىتىپ بايقىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن تىخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ ، مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالى بارمۇ -يوق؟، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ سەۋەبى، ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇلاھىزە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ بىقىشىغا يىتەكلىسە بۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى تەدرىجى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.
( 3) ئوقۇتقۇچى دەرىسخانىدا دەرىس بايلىقلىرىنى ئىچىشقا ماھىر بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنى مول بىلىم مەنبەسى بىلەن تەمىنلىشى كىرەك. ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيەت دەرىسلىكى ئاساسلىقى پائالىيەت لاھىيىسى بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىدا ئىزدىنىش ، يىڭىلىق يارىتىش روھى بولمىسا دەرىس بايلىقىنى ئاچالمايدۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىشىگە تەسىر يىتىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى كۆپلەپ ماتىريال كۆرۈپ، تۇرمۇشنى كۈزىتىپ ئەتراپتىكى دەرىس بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا رەڭدار ۋە مول مەزمۇنلۇق ئاساسى پائالىيەت بىلەن جانلىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۈگۈنۈش مەنزىرىسىنى لاھىيىلەپ بەرگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈگۈنۈش پوزىتسىيىسىنى شەكىللەندۈرىشىگە، ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشقا ، مول بىلىم بىلەن ئۇچرىشىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. مەسىلەن ، شىنجاڭ تىز تائاملىرى ۋە چەتئەل تىز تائاملىرى دىگەن دەرىستە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ تائام مەدىنىيىتى ، تۇرمۇشىمىزدىكى تائاملار توغرىسىدا ئالدىن ئىزدىنىپ كىلىشكە يىتەكلەپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئى قىزغىنلىقى ئاساسىدا تىز تائاملارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قانداق تىز تائاملارنىڭ بارلىقى ، شىنجاڭنىڭ خەلىقئاراغا داڭلىق قانداق تىز تائاملىرىنىڭ بارلىقى ، ئوزۇقلۇق قىممىتى، تىز تائاملارنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى توغرىسىدىكى بىلىملەر ھەققىدە كۈزىتىش ، ئىزدىنىش، ئىكىسكۇرسىيە قىلىش ، زىيارەت قىلىش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دەرىسنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى يورۇتۇپ بىرىش لازىم .
( 4 ) ئوقۇغۇچىلارنى ئىجات قىلىشقا ، يىڭىلىق يارىتىشقا يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم. ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرىسىنى ئۈنۈملۈك ئىلىپ بىرىشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىڭىلىق يارىتىش روھىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپا پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ، گۇرۇپپا يىغىنلىرىنى ئىچىشقا ، پىكىر بايان قىلىشقا يىتەكلەش ،ئىجادىيەت خاراكتىرلىك پائالىيەتلەردە ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشقا ، ئاساسىنى چۈشەندۈرۈشكە يىتەكلەش، كىچىك گۇرۇپپىلارنى ئاساس قىلىپ پائالىيەت لاھىيەسى تۈزۈشكە ، تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا قاتنىشىشقا يىتەكچىلىك قىلىش لازىم.
( 5 ) ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ تەشكىللەپ دەرىسنىڭ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم .ئۇنۋېرسال ئەمىلىيەت پائالىيىتى دەرىسى ئوقۇغۇچىلار تەجرىبىسى ئاساسىدا قانات يايدۇرىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى دەرىسنىڭ ئۇنۋېرساللىقى ، پائالىيەتچانلىق خاراكتىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىش ئۈچۈن شۇ سائەتلىك دەرىسنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ، خاراكتىرىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش ، ئىكىسكۇرسىيە قىلىش، زىيارەت قىلىش، تەسىرات يىزىش ، ئىجادىيەت پائالىيىتى ، كۆرگەزمە پائالىيىتى ، ئەمگەك تىخنىكىسى ، مەھەللە مۇلازىمىتى ، تەشۋىقات پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسكە بولغان قىزىقىشى تىخىمۇ ئاشىدۇ، ھەر كىم ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان پۇرسەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئىشىپ ، ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۈگىنىدۇ. تۇرمۇشنى چۈشىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۈگىنىشنىڭ ھەقىقىي خوجايىنلىرىغا ئايلىنىپ دەرىسنىڭ ئۈنۈملۈك بولىشى ئىشقا ئاشىدۇ.
دىمەك: ئۇنۋېرسال ئەمىلىيەت پائالىيىتى دەرىسىنى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئاچىدىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچى تەشكىللىگۈچى، يىتەكلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۈگىنىشى، بىرلىكتە ئىزدىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشىگە پائال يىتەكچىلىك قىلىشى كېرەك .