• 2010-05-30

    «مۇزىكىدىن ھوزۇرلاندۇرۇش» دەرىسىنى ئوتۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاراكتىرى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

    تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ «مۇزىكىدىن ھوزۇرلاندۇرۇش» دەرىسىنى ئوتۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاراكتىرى

    ئىلھامجان مەمەت

    (پوسكام ناھىيە يىما يىزا ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇزىكا بىلىملىرىنى تولۇقلاش ۋە نەزەر دائىرسىنى كىڭەيتىش جەھەتتە ئىن«مۇزىكىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇش» دەرىسى مۇزىكا دەرىسىنىڭ مۇھىم بىر تۇرى بولۇپ، ئۇ تايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ مۇزىكا دەرىسى ئۆتۈلىدىغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە بۇ خىل دەرىس تۇرىنى تەسىس قىلىش، يالغۇز مۇزىكا دەرىسىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەقلىي، زېھنىي كۈچىنى ئىچىش ۋە ئاشۇرۇشتا ئاجايىپ زور رول ئوينايدۇ. ھازىر بۇدەرىس تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ مۇھىم بىر دەرىس تۈرى قىلىپ بىكىتىلدى.

    مۇزىكىدىن ھوزۇرلانمايدىغان ھىچقانداق كىشى يوق. بىراق جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ مۇزىكىلىق ھىسياتى ۋە ئىشتىياقى بىر خىل بولمايدۇ. جۈملىدىن بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان     40 نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭمۇ مۇزىكىلىق ئشتىياقى ۋە ھەۋىسىنىڭ بىر خىل بولۇشى مومىكىن ئەمەس. چۈنكى، بەزىلىرى كىلاسسىك مۇزىكا ئەسۋاپلىرى بىلەن ئورۇندالغان ناخشا – مۇزىكىلارنى ئاڭلاشقا ئامىراق بۇلسا، بەزىلىرى زامانىۋى مۇزىكا ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇندالغان ناخشا – مۇزىكىلارنى ئاڭلاشقا خۇشتار. بەزىلىرى ئۆزمىللتىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاشنى خالىسا، بەزىلىرى چەتئەللەرنىڭ مۇزىكىلىرىغا ھەۋەس قىلىدۇ.ھازىرچە مانا بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىنى بىز خاتا دەپ ئىيتالمايمىز. ئەمما، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر – بىرىنى چەتكە قىقىش ياكى بىر – بىرىنى خالىماسلىقنىڭ ئۆزى ئەۋەتتە بىر چوڭ خاتالىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ، ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ خىلمۇخىل ئوخشىمىغان مۇزىكىلىق شارائتىنىڭ، ئوخشىمىغان دۇنىيا قارىشىنىڭ تەسىرى يۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن ناتوغىرا ئىدىيىسىنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇنداق ئىكىەن، مەلۇم بىر سىنىپتا ياكى بىر سورۇندا ئولتۇرغان كىشىلەرگە مەلۇم بىرلا خىل مۇزىكا نۇسخىسىنى ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «ئوخشاش دەرىجىدە ھوزۇرلىنالايدۇ» دەپ قاراش، ھازىرقى مۇزىكا تەربىيمىزنىڭ ئاساسى ۋە كشىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مېتافىزىكىلىق قاراش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. مانا بۇ«ھوزۇلاندۇرۇش» دەرىسى خاراكتىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەيلى خالىسۇن، خالىمىسۇن، ئوخشاشلا مەجبۇرىي ئوسۇلدا مىللىتىمىزنىڭ، مەملىكىتىمىزنىڭ ۋە دۇنىيا مىقياسىدىكى خىلمىۇخىل مۇزىكا شەكىللىرى ۋە نۇسخىلىرىدىن بەھىىرىمەن قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرسىنى كىڭەيتىپ، ھەرخىل مۇزىكىلاردىن ھوزۇرلنالايدىغان ۋە ئۇنى چۈشىنەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭىلاشقا، كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇزىكىلىق ھىسيات تەربىيسىنى ئاساس قىلغان «مۇزىكىدىن ھوزۇرلاندۇرۇش» دەرىسىنىڭ خاراكتىرى دەسلەپتە مەلۇم بىر مەزگىلگىچە «مەجبۇرىيەت» تىن ئىبارەت بولىدۇ. كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش سەۋىيسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تەدىرىجىي ھالدا ھەقىقىي ھوزۇرلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ.

    «مۇزىكىدىن ھوزۇرلاندۇرۇش» دەرىسى كەڭ ئوقۇغۇچى، ئاڭلىغۇچىلارنى بىرقەدەر كەڭ دائىرلىك مۇزىكىلىق بىلىم ۋە مۇزىكىلىق ھىسيات بىلەن تەربىيلەپ، سوتسىيالىستىك ئاڭغا ئىگە مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنداقلا، مەلۇم بىر خىلنىلا بىلىپ باشقىسىنى بىلمەيدىغان، ئۆزىنىڭكىنىلا چۈسىنىپ باشقىلارنىڭكىنى چۈشەنمەيدىغان قالاق مۇزىكىلىق ھىسياتنى ۋە تار مەھكىمىچىلىكنى يوقىتىشقا ياردەم بىرىدۇ.

    مۇنداق دىسەك، كىشىلەردە: «ئۇنداق بولسا بىزنىڭ مىللىي غورۇرىمىز نەگە كەتتى؟ » ، « بىر مىللەتنىڭ ئادىىمى يەنە بىر مىللەتنىڭ مۇزىكىسىدىن ھوزۇرلىنىش مۇمكىنمۇ؟ » دىگەن سۇئاللار تۇغۇلوشى مۇمكىن، بۇنداق قاراشلار توغرا ئەمەس. چۈنكى خۇددى ئۆتمۇشتىكى ئاتاقلىق مۇتەپەككۇرلىرىمىز ئوزۇن يىللىق تارىخي تەجىربىلەرنى يەكۇنلەپ ئوتتۇرغا قويغان «ئۆزگىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۆزىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس» دىگەن پەلسەپىۋىي ئىددىيە باشقا ھەرقانداق ساھاگە ئىنتايىن باپ ۋە مۇھىم بولغۇنىدەك، بىزنىڭ مۇزىكا ساھەمىزدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز پەقەتلا باشقىلارنىڭ ئاتۇقچىلقلىرىنى ھەقىقىي كۆرەلىگەن چىغىمىزدىلا، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى تۈزىتىپ، ئارتوقچىلىقلىرىمىزنى بېيىتىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تىخىمۇ زور توھپىلەرنى يارىتالايمىز.

    ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇزىكا بايلىقىمىز ئىنتايىن مول، ئوموملىشىش دائىرسى ئىنتايىن كەڭ، يالغۇز ئون ئىككى مۇقامنى ئىلىپ ئىيىتساقلا، ئۇھازىر پۇتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كلاسسىك مۇزىكا تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتتى ۋە پارلاق نۇرنى چاچماقتا. بىراق، بىزنىڭ كىيىنكى دەۋىرلەردىكى مۇزىكا تەرەققىياتىمىز بىر قەدەر ئاستا بولدى. بولۇپمۇ ئورۇنداش تىخنىكىمىز ھىلىمۇ باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ ئارقىدا تۇرىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا باشقىلارغا كۆز سالماي، ئارتوقچىلقلىرىنى قوبۇل قىلماي، ئۆزىمىزنىڭ كونا مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىياتلارغا ئىرىشىشىمىز مۇمكىنمۇ؟!... ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. مىسالغا ئالايلۇق: تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە مەخسۇس مۇزىكا كىچىلىكى ئۆتكۈزىدىغان سورۇنلار بولۇپ، بىرنەچچە سائەتلىك سىفونىيەلەرنى كىشىلەر ئۈن-تىنسىز، پۈتۈن زىھنى ببلەن ئاڭلىشىدۇ. ئەگەر تاماشىبىنلارنىڭ كۆپچىلىكىنڭ بىرەر يىرىم سائەت بېرىلىپ ئاڭلىيالىشى ناتايىن. ناۋادا باشقا بىر سەھنىدە دارامما ياكى ناخشا-ئوسسۇل قويۇلىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ بىلىتىنىڭ باس-باس بولۇشى تەبئىي ئەھۋال. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، خەلقىمىزنىڭ يۇقىرقىدەك بىرنەچچە تۈرلەردىن باشقا تۈرلەر بىلەن بولۇپمۇ سىمفونىك ئەسەرلەر بىلەن ئاساسەن دىگۈدەك تونۇشلىقى يوق. بونى قانداق قىلىش كىرەك؟  ئەلۋەتتە، بۇنى ئەۋلادلىرىمىزغا مەكتەپتىكى چېغىدىنلا باشلاپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى چۈشىنىش قابىلىيىتىنى يىېتىشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

    分享到: