• 2010-05-28

    تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ تىل ۋە ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رولى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

    غۇنچەم ئۆمەر

    (يەكەن ناھىيە گەيشەڭ مەكتەپتىن )

    تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنڭ تىل-تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رولى تۆۋەندىكىچە:

    1.تىل-ئەدەبىيات بىلىمى ئوقۇتۇشىنىڭ رولى

    تىل-ئەدەبىيات بىلىمى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمىنى چۈشىنىش ۋە بىلىمنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىشى نىشان قىلىنىدۇ. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە، ئامالنىڭ بارىچە ئوقۇغۇچىلارنى پىكىر قىلىش، مۇھاكىمە، مۇلاھىزە، مەشق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارغا بۇ جەھەتتە ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىل، تەپەككۇر قۇۋۋىتىنى ئېچىش ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ناھايىتى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ.

    تىل-ئەدەبىيات بىلىمى ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئانا تىلىنىڭ قانۇنىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرگىلى، ئۇنىىڭ قائىدىلىرىنى ئىگىلىتىپ، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدارىنى ئاڭلىق تۈردە تەرەققىي قىلدۇرغىلى، ئۇلارنى تىلدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇنى جانلىق، ئوبرازلىق، مەنتىقىلىق تەسىرلىك، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىشلىتەلەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

    بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا نوقۇل ھالد تىلدىكى ئۇقۇملاشقان، قېلىپلاشقان قائىدە-قانۇنىيەتلەر، ئاتالغۇلار، سۆز-ئىبارىلەرنى بىلدۈرۈشنىلا مەقسەت قىلماي، ھەربىر ئۇقۇم ۋە سۆز-ئاتالغۇ، ئىبارىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، مەنە ئىپادىلەش دائىرىسى، تەسىرى، ئۈنۈمى، رولى قاتارلىقلارنى مىللەتنىڭ ئېتنىك ئادەتلىرى، ئەنئەنىسى، ئۆتمۈشى، تارىخى، مەدەنىيىتى، پەن-تېخنىكىسى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە كەلگۈسىگە باغلاپ مەنبەلىك چۈشەندۈرۈشى لازىم.

    تىل-ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ئۇقۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېىتلدۈرۈش ۋە ئەقىلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى بىلەن بىردەك بولغاچقا، تىل-ئەدەبىيات ئۇقۇتۇشىنىڭ ئاساسى نىشان بولغان ئاڭلاش، ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدارىمۇ يەككە-يېگانە ئەمەس، بەلكى بىرلىككە كەلگەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدىغىنى- تىل قائىدىسى بىلەن پىكىر قىلىش قانۇنيىتىدۇر. تىل، تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنىلا تىلنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى بىلىش. چۈنكى ماھىيەتنى چۈشەنمىگەندە، قانۇنىيەتنى توغرا ئىگىلىگىلى، قانۇنىيەتنى توغرا ئىگىلىمىگەندە، پىكىرنى مەقسەتلىك، چۈشنىشلىك، مەزمۇنلۇق ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ.

    ئادەتتىكى ئوقۇتۇش باسقۇچىدا، تىل-ئەدەبىيات پېنى باشتىن-ئاخىر تىل-ئەدەبىيات بىلىمى تەربىيىسىگە دائىر مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. گەرچە ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىشنى ئۆگىنىشىدە بىردىنبىر ئالدىنقى شەر تبولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تىل قابىلىيىتى ۋە ئەقىلىي ئىقتىدار يېىتلدۈرۈشتىكى رولى يەنىلا مۇھىم. مەدەنىيەت جەھەتتە مەلۇم تەربىيىگە ئىگە بولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تىل-ئەدەبىيات بىلىمىنى ئوقۇتۇش ئۇلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئەقلىي تەپەككۇر قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىلىق. شۇڭا تىل-ئەدەبىيات بىلىمىنى ئوقۇتۇشىدا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەزمۇنىغا بولغان چۈشەنچە ئېنىق بولۇشى لازىم.

    تىل-ئەدەبىيات بىلىمى يېزىق بىلىمى، سۆزلۈك بىلىمى، ئوقۇش-يېزىش بىلىمى، ئەدەبىي بىلىم ۋە تىل بىلىمىدىن ئىبارەت مەزمۇنلارنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ.

    (1)يېزىق بىلىمى

    يېزىق-تىلنى خاتىرىلەيدىغان قورال. ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش، مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى رولى ناھايىتى زور. يېزىق ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتنى ئېنىق، توغرا، چىرايلىق يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

    (2)سۆزلۈك بىلىمى

    سۆزلۈك- تىلنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇش، سۆزلۈكتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش- تىل ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى. سۆزلۈك ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلۈككە دائىر بەزى ئاساسى بىلىملەرنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش جەھەتلەردە مول مەزمۇنلۇق ئاممىباب سۆزلەردىن پايدىلىنىپ مەقسەتنى ئىپادىلەيدىغان، سۆز توپلاش، قوبۇل قىلىش، چىقىرىش قاتارلىقلاردا ئۇنى تاللاپ جايىدا ئىشلىتەلەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

    (3)گىرامماتىكا بىلىمى

    ئۇنى ياخشى ئۆگىنىش تىلنى توغرا چۈشىنىش ۋە توغرا ئىشلىتىشتىكى مۇھىم ھالقا، شۇنداقلا لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ۋاستىىسى. گىرامماتىكا ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا گىرامماتىكىلىق ئاساسىي بىلىملەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، جۈملە تەكىبى ۋە جۈملە ۋە جۈملە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر چۈشەندۈرۈلىدۇ. گىرامماتىكا ئوقۇتۇشى تىل بىلىمى ئوقۇتۇشىدىكى يادرولۇق، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش تەس دەپ قارايدىغان قىىسم. لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىپ گىرامماتىكا ئاساسى بولمىسا، باشقا بىلىملەرنى ئۆگىنىشى، چۈشىنىشى، ئىشلىتىشى ۋە ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

    (4)ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش بىلىمى

    تىل-ئەدەبىيات بىلىمى ئوقۇتۇشى تۈپ ئاساسىدىن ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەشكە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئاساسى بىلىملەرنى ئۆگىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى ۋە زېھنى قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ بىلىملەر ئاساسەن يېزىقچىلىق ئىلمى نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى ئاساسىدا يەتكۈزۈلىدۇ. شۇڭا نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشقا يېتەكلەش لازىم.

    (5)ئەدەبىيات بىلىمى

    تىل-ئەدەبىيات بىلىمى ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنىڭ تاللىنىشى، تەرتىپى ئىلمىيلىق ۋە  سىسىتېمىچانلىققا ئىگە. ئۇنىڭدا سۆزلىنىدىغان تىل-ئەدەبىيات بىلىمى ئاددىيىلىقتىن- مۇرەككەپلىككە، ئاساندىن-قىيىنغا ئۆتۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ ھەم تىل بىلىمىنىڭ قۇرۇلمىىسغا ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەھەتتىكى پىسخىك ھالىتىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. لېكىن بۇنى ئۆلۈك ھالدا چۈشىنىۋالماي، ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ تەربىيىلەش ئوبيىكتىنى چىقىش قىلىپ، مەزمۇن دائىرىسىنى زۆرۈر تېپىلغاندا تەڭشىسە ۋە ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

    (6)ئەدەبىي تىل ئىلمى

    ئەدەبىي تىل-ئورتاق تىل ئاساسىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، قېلىپلاشقان، سىستېمىلاشقان، نەشىر-ئەپكار، رادىئو-تېلېۋىزىيىدە بىردەك قوللىنىلىدىغان تىل. ظذ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا ئىگە. تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلدا سۆزلەش، ئەدەبىي تىلدا يېزىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىنى بەدىئىيلەشتۈرۈشى، تللانغان تىل بىلىمىگە ئىگە بولۇشى، مېغىزلىق، ۋەزنىلىك سۆزلىشى، سۆزلىگەنسېرى جانلىق، چۈشىنىشلىك، جەلپ قىلارلىق، ئاز ۋە ساز، ئاۋازى يېقىملىق بولۇشى كېرەك.  

    2.ھەر خىل ژانىردىكى ماقالە-ئەسەرلەرنى ئوقۇتۇشنىڭ رول

    1) تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يەنە ئەدەبىيات بىلىمىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيىۋى ئەھميىتى زور، ئىستېتىك قىممىتى يۇقىرى، بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە ھەر خىل ژانىردىكى ماقالە-ئەسەرلەر بېرىلگەن. ئۇلارنى ئوقۇتۇش جەريانى ئاددىي بىر جەريان بولماستىن، بەلكى ئۇ ئوقۇغۇچىلاردا توغرا پەننىي قاراش، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەت قارىشى، ئىلغار كىشىلىك قاراش، توغرا تۇمۇش قارىشى، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش قارىشى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

    ئوقۇتقۇچى ھەر خىل تېكىسىت ۋە باشقىلارنى ئوقۇتۇش داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر قىلىشقا، ئادەم، ۋەقە، مۇھىت، شەيئى، ھادىسە، مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە، مۇلاھىزە قىلىشقا يېتەكلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى ھېسىيات جەھەتتىنمۇ تەربىيىلەيدۇ. تېكىستلەرنىڭ تەھلىلى، كۆنۈكمە ۋە ماس قەدەمدىكى مەشقلەر، ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىياتى، تىل-يېزىقى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى، ۋەتىنىگە، ئانا يۇرتىغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ ئۇلارنىڭ ئادەتلىنىپ قالغان ياكى ئادەتلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان بىر خىل رامكا ئىچىدىكى تار دائىرىدە بىلىم قاچىلاش تونۇشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىجادچانلىق روھىنى يېتىلدۈرىدۇ.

    2)تىل-تەپەككۇرنىڭ بىۋاستە ئىزھارى، ئەدەبىيات-پىسخىك ھەرىكەتنىڭ بىۋاستە نامايەندىسى. ئەدەبىياتنىڭ تۈپ مەقسىىتىمۇ قانداقتۇر ئوبيىكتىپ شەيئىلەرنى ۋە ئادەملەرنى تەسۋىرلەپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ۋاستە قىلىپ، ئالدى بىلەن ئاپتورنىڭ روھىي ھالىتى، پىرسوناژلارنىڭ روھى ھالىتى ئارقىلىق دەۋرنىڭ، مىللەتنىڭ روھى ھالىتىنى ئېچىپ بېرىشتىن ئىبارەت. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بىر پارچە ئەسەرنى تەھلىل قىلىش ئەسەردىكى پىرسوناژنىڭ، جۈملىدىن ئاپتورنىڭ روھىي ھالىتىنى قېزىپ، ئۇنى ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر، ھېس قىلدۇرۇش، ئەسەردىكى ئادەم، ۋەقە، شەيئىلەرنى، ئىجتىمائىي، تارىخى مەسىلىلەرنى، ھەر بىر مەنزىرە ۋە روھىي ھالەتنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئىنسان ئالىيجانابلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان گۈزەل مەۋقەگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىشتا ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر بۇ تەرەپلەر نەزەرگە ئېلىنماي، ئەسەرنىڭ ۋە سىياسى، ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىلا نەزەرگە ئېلىنىدىكەن، ئۇ ھالدا، ئەدەبىياتنىڭ ماھىيەتلىك تەرىپى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلەشمىگەن بولىدۇ.

    3)ئەدەبىيات ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي رولى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىش ۋە بىلىش، ئۇنىڭدىن تەربىيە قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىجادىي پىكىر يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. شۇڭا ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئەدەبىيەتنىڭ ئىجتىمائىي رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇنى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي تونۇتۇش ۋە ھېس قىلدۇرۇش زۆرۈر.

    ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولى ئۇنىڭ بىلىم بېرىش رولى، تەربىيىۋى رولى ۋە ئىستېتىك رولى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.

    (1)ئەدەبىياتنىڭ بىلىم رولى

    مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى مەلۇم ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ كونكرىت ئەھۋاللىرىنى تەسۋىرلىگەنلىكتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى بېيىتىشقا ياردەم بېرىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر قايسى دەۋرنىڭ كونكرىت، جانلىق تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ۋە خىلمۇ-خىل شەخسلەرنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى مول ھېسسىي بىلىشكە ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئىلگىرىكى جەمئىيەت ئەھۋالىنى، شۇ جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى مىللەت، خەلق ۋە ھەر خىل تەبىقە، قاتلاملاردىكى كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىياپىتىنى، ئالاھىدىلىكىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ ۋە خاتىرىسىگە ئورنىتىدۇ. شۇڭا ئەدەبىياتنىڭ بىلىم بېرىشتىن ئىبارەت رولى ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلىك تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا، ئىزدىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى باشقىلاردىكى ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆگىنىپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئۆز شارائىتىنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئويناپ، رېئاللىقنى ۋە ھاياتنى چۈشىنىش ۋە بىلىش جەھەتتىكى ئەقىلىي ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    (2)ئەدەبىياتنىڭ تەربىيىۋى رولى

    ئەدەبياتنىڭ ئىدىيىۋى-تەربىيىۋى خاھىشى ئومومەن قائىدە سۆزلەش، مۇنازىرە قىلىش ياكى ۋەز-نەسىھەت قىلىش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى يازغۇچىنىڭ شەيئى، ۋەقە ياكى پىرسوناژلار ھەققىدىكى كونكىرت تەسۋىرلىرى ئارقىلىق تەبىي يوسۇندا ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل روھىي قىياپىتى، ئىدىيىۋى ھېسىياتى، خاراكتىرى، ئەخلاق-پەزىلىتى، مىجەز-خۇلقى قاتارلىقلارنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىجابىي رول ئويناپ، ئۇلارغا نېمىنىڭ ياخشى ۋە مەدھىيلەشكە ئەرزىيدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، مۇئەييەن ئىجتىمائىي غايىنى سىڭدۈرىدۇ.

    (3)ئەدەبىياتنىڭ ئىستېتىك رولى

    بىز ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان ۋە ئۇنىدىن زوقلانغىنىمىزدا، ھېسىياتىمىزمۇ ئەسەردىكى ۋەقەنىڭ خاراكتىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە، مەنزىرە-مۇھىتىنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئۆزگىرىپ بارىدۇ، بىز بۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالىمىز ۋە قانائەت ھاسىل قىلىمىز. بۇنداق ھوزۇرلىنىش ۋە قانائەت ھاسىل قىلىش جەريانىغا روھىي كەيپىيات، سېزىم جەھەتتىكى خوشاللىق تۇيغۇسى سىڭگەن بولىدۇ. مانا بذ، ئەدەبىياتنىڭ ئېستېتىك رولى ۋە كۆڭۈل ئېچىش رولىنىڭ ئىپادىلىنىشى. ئومومەن، ئەدەبىي ئەسەرلەر كىشىلەرنى خوشال قىلىش، شادلاندۇرۇش ياكى ئېچىندۇرۇش، غەزەپلەندۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەردە مۇئەييەن تەسىرات ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ خىل ئېستېتىك تۇيغۇ ئوقۇغۇچىلاردا گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىش، زەرىل نەرسىلەرگە بولغان غەزەپ-نەپرەت ھېسىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پەرق ئېتىش، باھا بېرىش، زوقلىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    分享到: