-
2010-05-28
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھىمىيەت بېرىش توغرىسىدا - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
گۈلبوستان ئابدۇرېھىم
(قەشقەر ۋىلايەتلىك تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
تىل ماھارىتى-دەرسخانا ئوقۇتىشىدىكى ئاساسىي ماھارەتلەرنىڭ بىرىدۇر،بولۇپمۇ ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدا تىل ماھارىتىگە قويۇلغان تەلەپ ناھايىتى يۇقىرى.دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈش ئاساسەن ئوقۇتقۇچىنىڭ تىلى ئارقىلىق ئورۇنلىنىدۇ،بۇ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇھىم بولغان ئاساسىي ماھارەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئوقۇتقۇچىنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقىتدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس ئاڭلاش كەيىپىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن،بەلكى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى تىل ماھارىتى جەھەتتكى تەربىيلىنىشنى كۈچەيىتىشى،تىلنىڭ ئىپادىلەش سەنئىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش لازىم.
ئۇنداقتا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى تىل ماھارىتىنى قايىسى تەرەپلەردىن يېتىلىدۈرىشى كېرەك؟
1.تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشنىڭ ئاخىرىقى مەقىسىدى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش،ئوقۇش،سۆزلەش،يېزىش قابىلىيتىنى يېتىلىدۈرۈشتىن ئىبارەت.بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى تىلنىڭ پەيدابۇلۇش تەرەققىي قىلىش قانۇنىيتىنى،تىلشۇناسلىق نەزەرىيىسى،لوگىكا ئىلىمى قاتارلىقلارنى بىرقەدەر چوڭقۇر ئىگەللەپ ئوقۇتۇش ئىھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشى،ئۆزى ئۆتىۋاتقان تىل بىلىملىرىگە پىششىق بولۇپ ،دەرسلىكىنى چوڭقۇرئىگىللىششى قائىدىلىك سۆزلەپ تىل ئىشلىتىش جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇشى لازىم.چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچنىڭ سۆزدىن دەرس ئاڭلاپ قالماستىن يەنە ئوقۇتقۇچىدىن سۆزلەشنى ئۈگىنىدۇ.شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسنىڭ سۆزلەش قابىليىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنش ئۈلگىسى بولۇشى، رۈشەن تەربىيۋىلككە، كۈچلۈك قوزغىتشچانلىققا،يۈكسەك ئىلىمىلىككە،ھەققىي قاراتمىلققا، بىۋاستە كۆرۈشچانلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك.
ئوقۇتقۇچى كۆپ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىشى يەنى تەسىرلىك بايان قىلش ،جانلىق تەسۋىرلەش،تەپسىلىي تەھىلىل قىلىپ دەل جايىغا تەككۈزۈپ مۇھاكىمە قىلش، ئىخچام،يىغىنچاق،يول-يولى بىلەن ئېنىق چۈشەندۈرۈش قاتارلىقلار.شۇئارقىلىق ھەر-خىل ئوخىشمىغان ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئوقۇتۇش ئوبىيكتىغا ماسىلىشىپ ئوقۇتقۇچى تىلى ئوقۇغۇچى تىلنىڭ ئۆرنىكىگە ئايلىنالايدۇ.
2.ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇش ئارقىلىق تىل ماھارىتىنى يېتىلىدۈرۈش.
ئەدەبىي ئەسەر تىل سەنئيتىدىن ئىبارەت. مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر تىل ئۈگۈنىشنىڭ مۇھىم يولى.ئوتتۇرامەكتەپلەرنىڭ تىل ئەدەبىيات دەرسىلكىگە نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەر كىرگۈزۈلىگەن،تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسلىكتىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي،تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەنى ئوقۇپ ئۇنىڭىدىكى چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە سۆزجۈملىلەر، گۈزەل تەسىۋىرلەردىن ئۈزۈندە ئېلىپ خاتىرە يېزىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىل ماھارىتىنى يېتلىدۈرۈشى كېرەك.
3.يادىلاش ئارقىلىق تىل ماھارىتىنى يېتلىدۈرۈش .
يادىلاش-ئوتتۇرامەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئاساسىي ماھارىتى. تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى قولىدىن كىتابنى چۈشۈرمەي ئوقۇغانىدىلا ئاندىن نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتەلەيدۇ.شۇنداقلا ھازىرقى ئوقۇتۇشقا لايىقلىشالايدۇ،ئەگەر مەلۇم مىقىداردىكى ئەسەرنى ئوقۇمىغاندا،بىلىم كۆپەيمەيدۇ.ئەگەر يادىلاشنى كۈچەيتىمىگەنىدە ئوقۇتۇش داۋامىدا ئىشەنىچلىك نەقىل كەلتۈرۈپ توغىرا ئىشلىتەلمەيدۇ.شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسلىكتە يادىلاش بەلىگلەنگەن ھەممە مەزمۇننى،دەرسلىككە ئالاقىدار بىلىملەرنى،ئەنئەنىۋى داڭلىق ئەسەرلەرنى يېڭى نەشىر قىلنغان.بىرقىسم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يادىلىۋېلىش كېرەك.يادىلاشتا چۇقۇم چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشقا ۋە توغرا ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مەسىلەن:8-يللىق 2-قىسم ئەدەبىيات دەرسلىكگە مەرھۇم يازغۇچى،شائىر ئابدۇرېىم ئۆتكۈرنىڭ‹‹قاشتېشغا مەدھىيە››دېگەن نەسىرى شېئىرى كىرگۈزۈلگەن .ئوقۇتقۇچى بۇئەسەردىكى ئوبرازلىق تەسۋىرلەر،رەڭدار ئىستىلىستىكلىق ۋاستىلەرنى يادىلۋالسا ئوقۇتۇش داۋامىدا ئۇنى ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى يېتەكلىيەلەيدۇ.ھەم يادىلىۋالغان مەزمۇنلارنى خېلى ئۇزاق ۋاقتقىچە توغرا ،پىششىق ئىشلىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش كەيىپىياتىنى ئۈزلۈكىسز راۋاجلاندۇرۇپ،دەرسخانا ئوقۇتىشىدا بەلىگلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.
4.قىلېپلاشتۇرۇلغان تەلەپپۇز بىلەن دەرس سۆزلەش ئارقىلىق تىل ماھارىتىنى يېتلىدۈرۈش.قىلېپلاشتۇرۇلغان بولۇش دېگىنىمىز : گىرامماتكا ۋەتەلەپپۇز جەھەتتكى قىلېپلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.مەسلەن : تاۋۇش چىقىرىش ئۆلچەملىك بولۇش،سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇزقىلش جۈملە گىرامماتكىغا ئۇيغۇن بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئوقۇتقۇچنىڭ تىلى بىرخىل ئۆلچەم بولۇپ،ئوقۇغۇچى تىلىنى يېتلىدۈرۈشكە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا تىلى گىراماتكىغا ئۇيغۇن بولمىغانلىقى،سۆز خاتالىقى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرس ۋاقتىدا يەرلىك شېۋىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىمەستىن ئورتاق ئەدەبىي تىل بىلەن سۆزلىشى تاۋۇش ، ئىنتۇناتىسيە،سۆزلۈك گىرامماتىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك ئۆلچەمگە يېتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك.
تىلنىڭ رىتىملىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئاۋازىنى تېكىستىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بىردەم كۆتۈرۈپ بىردەم چۈشۈرۈپ ئۆزگىرىشچان ئاھاڭ بىلەن سۆزلىشى ،تىلىنىڭ رىتىملىقلىقى كۈچلۈك بولۇشى لازىم. ئەگەر ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتكەندە،تىلغا ئەھمىيەت بەرمەي ئاۋازىنى ھەددىدىن تاشقىرى يۇقىرى تېز قويىۋەتسە،بىرگەپنى قايتا-قايتا تەكىرارلاۋەرسە ئېقىن سۇدەك باشتىن ئاخىر بىرخىل ئىنتۇناتسىيىدە سۆزلىسە ياكى قۇرۇق گەپ ساتسا ئۇھالدا ئوقۇغۇچىلار روھى جەھەتتە چارچاش ھېس قىلىدۇ.ھەتتا ئوقۇتقۇچىدىن بىزار بولىدۇ-دە،دەرسخانا كەيپىياتىغا تەسىر يىتىپ ، ئوقۇش نەتىجىسى چۈشۈپ كېتىدۇ.شۇڭا ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى بارلىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى تىل ماھارىتىنى ئەدەبىيات كەسپىي ماھارىتىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى سۈپىتىدە تونۇپ، تىل ماھارىتىنى ئۈزلۈكىسز تىرىشىپ ئۆستۈرىشى لازىم.